كىنولاردىكى كىلاسسىك مۇڭ كۈيلەر
1.
شىندلىر تىزىملىكىنىڭ مۇزىكىسى
پېرلمەن ئورۇنلىغان شىندلىر تىزىملىكىنىڭ
ئاساسلىق مۇزىكىسى مەن بىلىدىغان ئەڭ مۇڭلۇق مۇزىكىلارنىڭ
بىرى.
2.
چوپپىننىڭ بىرىنجى بايان مۇزىكىسى
"پىئانىست" دىگەن فىلىمدە چىققان مۇزىكىلارنىڭ
ھەممىسى شۇ ۋەقەلىك بولۇپ ئۆتكەن دۆلەت پولشىلىق داڭلىق مۇزىكانت چوپپنىڭ مۇزىكىلىرى
كىرىشتۈرۈلگەن، شۇ مۇزىكىلارنىڭ ئىچدە كۆرۈرمەنلەرگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر
قالدۇرىدىغىنى شەك شۈبھىسىزكى شىپروسمەننىڭ يېرىم كىچىدە گىرمان ئوفىتسىرىغا چېلىپ
بەرگەن چوپپىنىڭ بىرىنجى بايان مۇزىكىسى. شىپروسمەن ئۆزىنىڭ پۈتۈن دەرت-ئەلىمىنى
مۇشۇ مۇزىكا بىلەن
چىقىرىدۇ.
3. چايكوۋىسكىنىڭ بىرىنجى ئىسكىرىپكا كونسىرتى
2009-يىلى فىرانسىيە بىلەن روسيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئوركىستىر
ھاياتى ناملىق كىنودىن ئېلىنغان بۇ ئارىيەدە ئورۇندالغىنى چايكوۋىسكىنىڭ
ئىسكىرىپكا كونسىرتى. دەسلەپتە ئىنتايىن قالايمىقان،چۇۋالچاق باشلانغان بۇ
ئوركىستىر ئاخرىغا كەلگەنچە نوچى بولۇپ كىتىدۇ.
4. بىتخوۋىننىڭ 9-سىمفونىيسى تەقدىر
2006-يىلى چىققان "بىتخوۋىننى كوپىيلاش" ناملىق كىنودىن ئارىيە، ئۇرۇندالغىنى
بىتخوۋىنىڭ گاس بولۇپ قالغاندىن كىيىن ئىجاد قىلغان توققىزىنجى سىمفونىيىسى.
كىچىكىمىزدە دەرسلىك كىتابلاردا بىتخوۋىن گاس بولۇپ قالغان ھالەتتە ئۆزى دىرىژورلۇق
قىلىپ ناھايتى مۇۋاپپىقيەتلىك بولغان دەپ بىتخوۋىننى ئەۋلىيالاشتۇرىۋىتەتتى. بۇ
كىنودا بولسا بىر قىز ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ دىرىژورلۇق قىلىشىپ بىرىدىغان قىلىپ
چىقىرىدۇ. ئەمىليەتتە بولسا بىر گاس ئادەمنىڭ دىرىژورلۇق قىلالىشى ئەسلىدىنلا
مومكىن ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا توققىزىنجى سىمفونىيىنى رىپىتىس قىلىۋاتقاندا رىپىتىس
ئوڭۇشلۇق بولماي ئاخىرى باشقا بىر كىشى بىتخوۋىننىڭ ئورنىدا دىرىژورلۇق قىلغانكەن.
ئەمما بىر ئىش ناھايتى ئېنىق، بىتخوۋىننىڭ 9-سىمفونىيىسىنى ئاڭلىغان كىشى ئۇنىڭ
نىمە ئۈچۈن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ مۇزىكانت ئىكەنلىكىنى ھىس
قىلالايدۇ.
5. راخمانىنوف ئىككىنجى پىئانو كونسىرىتى
راخمانىنوفنىڭ ئىككىنجى پىئانو كونسىرتى نۇرغۇن كىنولاردا ئارقا مۇزىكا قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما مەن كۆرگەن فىلىملەرنىڭ ئارىسىدا بۇ مۇزىكا بىر قەدەر تولۇق ئورۇندالغىنى بولسا بىر كارتۇن فىلىم. "نودامېنىڭ مىلودىيىسى" ناملىق كارتۇن فىلىمدە مۇزىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنداپ چىقىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئۇيغۇرچە يوقمۇ؟ «شىندىلىرىنىڭ تىزىملىكى »بىلەن «پىئانست »فىلىمى مۇزىكا جەھەتتىنلا ئەمەس كىنو ۋەقەلىكى جەھەتلەردىنمۇ ماڭا بەك يارايدۇ ،يەنە كېلىپ بۇ ھەقىقىي ۋەقەگە ئاساسەن ئىشلەنگەن فىلىملەر ،شۇنچىلىك تەسىرلىك ...
1- قەۋەتتىكى ebutarikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئۇيغۇرچە يوقمۇ؟
ۋۇئەلەيكۇم ئەسسالام. توردىن تاپالىغانلىرىم مۇشۇلاركەن. سىزدە بولسا چىقىرىپ قويارسىز.
10- قەۋەتتىكى petir mantaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پىئانىستنىڭ مۇزىكسىنى ئالماشتۇرۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن كۈچلۈك شاۋقۇن ئاۋازدا مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىشىم چەكلىمىگە ئۇچۇردى ، ئاۋاز سۈپىتى يۇقۇرىراقنى تاپقىلى بولماسمۇ !؟
ماڭا ھىچقانداق بىلىنمىدىغۇ؟ كىنودا ئەمەس سەھنىدە ئورۇندالغانلىرىنى ئاڭلاي دىسىڭىز 肖邦第一叙事曲 دەپ ئىزدەپ بېقىڭ. 9-سىمفونىيەنىڭ ئىسمى شادلىق ناخشىسى. 5-سىمفونىيە ئىسمى تەقدىر.
13- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
9-سىمفونىيەنىڭ ئىسمى شادلىق ناخشىسى. 5-سىمفونىيە ئىسمى تەقدىر.
9-سىمفونىيىنىڭ مەن يوللىغان مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ، \"شادلىق ناخشىسى\" مىكىن، \"خور\" مىكىن ھىس قىلىپ بېقىڭ. ئالدىنقى 2 كىنونى كۆرەپتىكەنمەن, ئەمما 3. مۇزىكىنى بۇگۈن تېخى تولۇق ئاڭلاپ بېقىپتىمەن , كىنوسىنى ئەمدى بىر كۆرمىسەم بولمىدى...


بايا تور ئارىلاپ يۈرسەم پىئانىست دىگەن كىنودا چىققان چوپپننىڭ پىئانو مۇزىكىسى ئۇچراپ قالدى. مۇزىكىنىڭ خەنچە ئىسمى 平稳的行板与辉煌的大波兰舞曲