ئەتىدىكى مۇسابىقە توغرىسىدا
بىرنەچچە كۈندىن بىرى دەپ ئۆتكۈنىمىزدەك مۇسابىقە ۋاقتى ئالدىغا بىركۈن ئىلگىرىگە سۈرۈلدى . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب قارىشى تەرەپنىڭ پىكىرى بويىچە ھەم تاڭزۇڭزا بايرىمى توغرا كىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بولۇپ قالدى .
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك ، مۇسابىقە قىستاپ كەلدى . تۆۋەندە دەپ ئۆتۈشكە كىرەكلىك بىرنەچچە تەۋسىيە ھەم ئەسكەرتىش بار :
1- بىلەت مەسىلىسى : مۇسابىقە ئەسلى پىلاندىن بىر كۈن ئالدىغا سۈرۈلگەنلىكى سەۋەبلىك بىسىلىپ بولغان بىلەتنى قايتا ئىشلىتىشكە ئامال بولماي ، بىلەتنى قايتا بىسىشقا توغرا كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن بىلەت كىچىكىپ قالدى . لىكىن بىلەت سانى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىسىلىش ئاستا بولاپ قالدى ، لىكىن بىلەت بۇگۈن جىددى ھالدا داۋاملىق بىسىلىپ تارقىتىلىدۇ . شۇڭا كۆرۈش قىزغىنلىقى بار قىرىنداشلارنىڭ ئۈمۈدسىزلەنمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمىز . بىلەت تاپالمىغانلارئەتە مۇسابىقە مەيدانىغا بارسىڭىز بىلەت تاپالايسىز .
2- مەستانىلەر سەمىگە : مۇسابىقە داۋاملىشىپ بۇگۈنگىچە كەلدى ، بۇ جەرياندا كوماندىمىزنىڭ ھەرخىل نەتىجىسىگە بىز گۇۋاھ بولدۇق .
تەنتەربىيە لاتارىيەسى مەبلەخ سىلىپ تەشكىللىگەن كوماندىمىز تارقىلىپ ئارىدىن 4-5 يىل ئۆتۈپ كەتتى ، بۇ جەرياندا مەستانىلەر ئاز بولمىغان ئارزۇلارنى ئۈمۈدلەرنى كۈتتى . ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بىزنىڭ يەنە كوماندىمىز بار بولدى. كوماندىنىڭ تەشكىللىنىپ بىرلەشمىگە قاتناشقىنىغا تىخى يىرىم يىلمۇ بولمىدى ، ئەزالىرىمىزنىڭ بىرلەشمىگە بولغان تەجىرىبىسى ناھايىتى تۆۋەن، كوماندىمىز تىخى بالاھالەتتە، شۇڭلاشقا نەتىجىنىڭ ھەر خىل بولۇشى تەبىئىي .
شۇڭا كەڭ مەستانىلەركوماندىنىڭ ھەرخىل نەتىجىگە نىسبەتەن ئىدىيەسىدە تولۇق تەييارلىق بولسۇن . ئالدىنقى مەيدانلاردا كۆرۈلگەن ، رىپىرنى ھاقارەتلەش ، بالىلارغا بىسىم قىلىپ قالايمىقان توۋلاش ، كوماندىمىزنىڭ نەتىجىسى ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا مۇسابىقە ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن مەيداننى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كىتىدىغان ، چىدىماس ، ۋىجدانسىز ئىشنى قىلمىساق ، شۇنداقلارنى كۆرگەن ھەربىر مەستانا بولسا شۇلارغا چىرايلىق چۈشەندۈرسە . ئاندىن بولسا تىگىمىزگە قويۇپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئىلىپ كىرگەن قەغەز قاتالىق نەرسە كىرەكلىرىمىزنى ئامال بار ئۆزىمىز ئىلىپ چىقىپ كەتسەك .
يەنە بىرگەپ ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئەتە جوڭگۇ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىرىمۇ مۇسابىقە مەيدانىغا كەلگۈدەك شۇڭا ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىق ، ئۆت يۈرەك مەستانىلەر ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويايلى . مەيداننىڭ ئىچى سىرتىدا توۋلايدىغىنىمىز پەقەت كوماندىمىز ئۈچۈن ياڭرىغان ھۇررا ساداسىلا بولسۇن ، قالايمىقان تىل ئاھانەت ھەم شوئارلاردىن ساقلىنايلى !!!
كەڭ مەستانىلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا چۈشەنچىسىنىڭ ئىنىق بولۇپ كىتىشى ، ھەم كوماندىمىز ئۈچۈن بۇتىما يىزىلدى ، بولسا بۇجەھەتتىكى تەشۋىقاتلار ئامال بار تىز سۈرئەتتە ھەرقايسى مۇنبەرلەرگە يوللانسا دىگەن ئۈمۈددىمىز .
بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : پۇتبول كۇلۇبى ئىھتىياج تۈپۈيلى كۆچۈرۈپ كىلىندى .
ۋاي ۋوي، بېلەت توغىرسىدىكى گەپنى بالدۇرراق قىلماي، ئەتە دەتتىكام دەپلا نېمە كۆرسەك ئەرگوڭدا كۆرىدىغان ئىشمىكىن، مەيداننىڭ يېنىدىكى تۇڭگان مەسچىتى جامائىتىمۇ ھەيران قالىدىغان بولدى، تارىخىمىزدىكى ئەڭ كۆپ جامائەت بىلەن جۈمە ئوقىدۇق دەپ{:92:} شۇنى دەيمەن ،ئۆمرۈمدە تۇڭگان مەسچىتىدە ناماز ئوقۇپ باقماپىتىكەنمەن.ئەتە كىرىپ ئۆتەپ باقاي. ماڭا بىلەت ساتقان قىزىل كۆزبىز لۇتۇن شىركىتىدىن ھەرقىتىم بىزگە 20 مىڭ بىلەت بىرەتتى
شۇنى ساتاتتۇق
ماقىتىم 1000 تال بىلەت تەقسىم قىلىپتۇ بىلەت ئاز
9000 مىڭ بىلەت تارقىتپتۇ دەپ يۈرتتى ئىككى سەئەتنىڭ ئالدىدا
م
شۇنداق قىلىپ بارىدىغان بولدۇڭلىما @goodluck جان
تورخانىدا ئولتۇرسام ،تورخانىغا 30 كويلۇق بېلەتنى 50 كويغا ساتىمىز دەپ كەپتۇ ھۇررادىكىلەر.
4- قەۋەتتىكى malchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنداق قىلىپ بارىدىغان بولدۇڭلىما @goodluck جان
ئەتە ئەھۋالغا بىر قاراپ باقاي ئاداش، مۇمكىن بولسىلا بارىمەن.
6- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى malchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنداق قىلىپ بارىدىغان بولدۇڭلىما @goodluck جان
ئەتە ئەھۋالغا بىر قاراپ باقاي ئاداش، مۇمكىن بولسىلا بارىمەن.
مومكىن بولۇپ قالسا تېلېفۇن چالاسىلە
ھەر خىل سەۋەپلەرنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ قويغىنىڭلارغا رەھمەت . دەتتىكام دەپ بىلەت تاپالمىساڭلار مۇسابىقىگە ئۇدۇللا بېرىڭلار ،
ئەتە مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەيداننى ئىچۋىتىدۇ بۇنىڭغا ئىشىنىڭلار چۈنكى سىلەر خىبىيغا ئەمەس شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بەرگىلى بارىسلەر ،
شۇنداقتىمۇ بىلەت ئىلىشقا تېرىشايلى..
ئەتە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۇتۇشى ۋە تەڭلىشىشىغا كىم دو تىكىدۇ ،
مەن يېڭىش تەرەپتارى ئەتە راست ھەممەيلەن دوپپا كىيىپ بارامدۇق؟
شۇ يەردىكى تۇڭگان مەسچىتىنڭ دوپپىسىنى كىيىپ چىقىپ، مۇسابىقىدىن كېيىن ئەكىرىپ قويساقمۇ بولامدۇ؟{:92:}
10- قەۋەتتىكى aybaltaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەتە راست ھەممەيلەن دوپپا كىيىپ بارامدۇق؟
مەسە _كالاچ كىيىپ ،بەللەرگە پوتا چىگىپ بارايلى...ھەيۋەت كۆرىنىدۇ ...ھۇررا
10- قەۋەتتىكى aybaltaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەتە راست ھەممەيلەن دوپپا كىيىپ بارامدۇق؟
مەسە _كالاچ كىيىپ ،بەللەرگە پوتا چىگىپ بارايلى...ھەيۋەت كۆرىنىدۇ ...ھۇررا
7- قەۋەتتىكى malchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
6- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى malchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنداق قىلىپ بارىدىغان بولدۇڭلىما @goodluck جان
ئەتە ئەھۋالغا بىر قاراپ باقاي ئاداش، مۇمكىن بولسىلا بارىمەن.
مومكىن بولۇپ قالسا تېلېفۇن چالاسىلە
باردىغان بولساڭلار ئۆھۆ دەپ قۇيۇڭلار بىللە بارمىز، تېخچە بىلەت ئالالمىدىم ، نەدە ساتىدىكەن؟ ھە ئۇنداق بولسا بۈگۈن مەن بالدۇرراق بىرىپ تەنتەربىيە سارىينىڭ ئالدىدا تۇڭگان دوپپىسى ساتسام بولغۇدەك
مەن ساتقان دوپپىدىن بىرەدىن بولسىمۇ ئېلىپ قوياسىلە جـــــــــــــــــــــــــــــــــــۇمـــــــــــا