Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 11:26:11

70- يىللاردىكى يېزىقلىرىمىزدىن ئۆرنەكلەر

مەن ئەسلىدە تۆۋەندىكى ئىككى كىتاپنى سايىلەپ، ئېلكىتاپ ياساپ ئەزىز دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى ئۇزۇندىن بىرى نىيەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم، نىيىتىمگە يارىشا، ئازراق بوش ۋاقتىمدا بۇ كىتاپنى ئىشلىمەكچى بولۇپ، كىتاپنى قايتا بىر ۋاراقلاپ كۆرگەندىن كېيىن، بىردىنلا بۇ كىتاپلاردىن ئېلكىتاپ ئىشلەشكە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئەينى دەۋردىكى تىل-يېزىقىمىزنىڭ ئومومىي ھالىتىنى، تەشۋىقاتلىرىمىزنىڭ مەزمۇنى بىلەن دەۋىر شارئىتىنى چۈشۈنۈشكە مەلۇم پايدىسى بولار دېگەن نىيەتتە، ھازىرقى كىشىلىرىمىزگە كېرىكى ئانچە بولمىسىمۇ، لىكىن تېپىش تەس بولغان بۇ كونا كىتاپلىرىمدىن بىر، نەچچە  كۆرۈنۈش ھوزۇرىڭىزلارغا سۇنغۇم كەلدى.
































تۆۋەندىكى بۇ ۋاراقتىن پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ ئەينى چاغدا  قانچىلىكلىكىنى بىلىۋالىشىڭىز مۇمكىن.



2- كىتاپ:





تۆۋەندىكى خەتلەرنى ئوقۇيالايدىغانلار بارمىكىن(مەن 1-،2-دىن باشقىسىنى ئوقۇيالمىدىم، ئەرەپچىمىكىن دەپمۇ ئويلاۋاتىمەن، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا ئەرەپچە خەت نېمىشقىلا دەپمۇ ئويلۇدۇم):


























تورداشلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، 2- كىتاپتىنمۇ ئۆرنەكلەر بېرىلدى.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 12:17:40

ئەرزىيدىغان - ئەرزىمەيدىغان دەپ گەپ بولمايدۇ. ئىشلەپ قويغۇلۇق. كىتاب دېگەننىڭ ۋاقتى ئۆتكەنچە قىممىتى ئاشىدۇ؟

مەسىلەن گۇننار ياررىڭ دېگەن ئادەم نېمە ئىش قىلغان؟

ئۇنىڭ قىلغانلىرى: خەق نېمە دېسە شۇنى يازغان. ئۇنىڭ يازغانلىرى قارىماققا ھەممىسى قىممىتى يوق قۇرۇق گەپلەر..... ئەمما ئۇ شۇ ئارقىلىق ئەينى دەۋردىكى تىلىمىزنى خاتىرلەپ قويغان.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 12:24:48

ئىزدىنىش بىلەن بىلىكنىڭ رەسىم كودى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا رەسىم بار تېمىلارنى ئۆز-ئارا كۆچۈرگىلى بولمايدۇ. سىز ئاۋۇ رەسىملەرنى بىردىن-بىردىن قىستۇرۇشىڭىز كېرەك!

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 12:41:42

رەھمەت  \"\"

ۋاختىڭىز يەتسە كىتاپلىرىڭىزنى ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويۇڭ .

يېڭى يېزىق خەت نۇسقىسى  \"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 12:46:05

كىتاپنىڭ ئىچىگە قاراپ چىققاندىن كېيىن يۇقۇرىدىكىلەرنى يېتەرلىكمىكىن دەيمەن.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 15:14:26

10- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خۇدايا تۆۋە، مۇشۇنداقمۇ ئەبجەش يېزىقلارنى ئىشلىتىپ يۇرۇپتىمىز-ھە!

تېخى HEXIN KUQ (خېشىن كۈچ، يەنى يادرولۇق كۈچ دىمەكچى) دىگەن ئىبارىلەرمۇ يۈرۈيدۇ ئاۋۇ يەردە ئىزا تارتماي ......

نېمىسىنى ئىزا تارتىدۇ؟! ھازىرمۇ «بەنگۇڭتىڭ، گوۋۇيۈەن، جۇشى، شۇجى، زۇڭلى، فاڭجېن، لۇشىيەن، باۋئەن، جىڭلى ...» دېگەندەك تالاي گەپلەر مەردانىلەرچە گېدىيىپ تۇرسا! \"\"

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 15:17:06

خەپ!!!!!!!!!

مۇشۇ تۈركىي تىللارنى بىرلىككە كەلتۈرمەي زادى بولمىدى ..........................

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 15:23:55

مەدەنىيەت ئۆزدىن ئەمەس ئۆزگىدىن بولىۋاتقان مىللەتنىڭ تىلى مۇقەررەر شالغۇتلىشىدۇ. بۇ خىل يۈزلىنىشنى بۇراشنىڭ تۈپكى ئامالى شۇكى، مەدەنىيەتنىڭ قوبۇل قىلغۇچىلىرىلا بولماي، بەلكى مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچى، تارقاتقۇچى ۋە ئۇنىڭ قوبۇل قىلدۇرغۇچى بولۇش.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 16:15:25

ئۆتكەندە باشقا بىر تېمىدا سورىسام ھېچ سادا يوق ، بۇ تېمىدا يەنە سوراي شۇ ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن< كونا يېزىق>نى <يېڭى يېزىق>قا ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالغان؟يەنە نېمە ئۈچۈن يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؟مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار ئاز تولا پىكىر بايان قىلساڭلار.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 13:01:47

كىتابنىڭ ئىچىدىكى يېزىق بىلەن تېشىدىكى يېزىق ئوخشىمامدۇ نېمە.

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 13:06:03

بۇ يېزىقلارنى كۆرۈپ باشانغۇچتىكى ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمنى ئەسلەپ قالدىم . ئەڭ دەسلەپ مانا مۇشۇ يېزىقتا ساۋادىمنى چىقارغان ئىدىم . باشلانغۇچ بەش يىلنى مۇشۇ يېزىقتا پۈتتۈردۇق، تولۇقسىزدا يېرىم يىلدىن كېيىن كونا يېزىقنى ئەسلىگە كەلتۈردى .ئادەم تۇنجى قېتىم قايسى يېزىقتا ساۋادىنى چىقارسا كۆزگىمۇ شۇ يېزىق ئىسسق كۆۈنىدىكەن . بۇ گەپنى دېيىشىمدىكى سەۋەپ: مەن ۋە بالامغا قاراپ مۇشۇنداق دەۋاتىمەن . ئۆزۈم ئەينى دەۋىردىكى جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن يوقارقى يېڭى يېزىق بىلەن ساۋاد چىقاردۇم كونا يېزىقىمىزنى بولسا كيىن ئۆزلىكىمىزدىن ئۈگەندۇق،بالامنى دەسلەپتە خەنزۇچە مەكتەپكە بەرگەن ئىدىم .مانا ھازىي قوش تىلغا يۆتكەپ ئۇيغۇرچىنى ئوقۇش يېزىش جەريانىدا سۈرەت ئاستا بولسىمۇ بىراق تەپەككۈرلىرى خەنزۇچە بولغاچقا كىتابى سۆزلەرنى قىلچە چۈشەنمەيدىكەن . مەن بالىنى يالغاندىن مۇۇشنداق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ نەچچە ۋاقىراپمۇ كەتتىم .ئۆزەڭنىڭ كۈندە دەيدىغان تىلى گەپ سۆزلىرى مۇشۇ تۇرسا چۈشەنمىدىم دەپ نىمىگە خۇپسەنلىك قىلىسەن دەپ . ئەمما ھەقىقەتەن بەزى يەرلىرىنى (شۇنچە قىزىقارلىق يۇمۇر ئېيتىپ بەرسەمۇ كۈلۈپمۇ قويمايدۇ.ئەمما ئۇ يۇمۇرنى خەنزۇچىگە ئۆرۈپ دەپ بەردىمما ، بەك قىزىق ئىكەن ئاپا ، ئەمدى بىلدىم، ئاڭلاپ تۇرغىن مەن بۇلارنى ئۇيغۇرچە دەپ باقاي ،دەپ ماڭا قايتا ئۇيغۇرچە دەپ بېرىدۇ .مانا بالىنىڭ ئۈگۈنۈشى مۇشۇنداق ،بىر تىلدىكى ئادەملەر بىر بىرىمىزگە ئۆرۈپ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرىمىز )

چۈشەنمەيدىغىنىنى ھىس قىلىپ قاتتىق ئەپسۇسلاندىم . خەيريەت ھەر ھالدا ھازىرچە ئوقۇش يېزىشنى بىلىۋالدى ، تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ بولغۇچە چوقۇم ياخشى ئۈگۈنۈپ كېتەلەيدۇ .

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 13:06:06

5- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىتابنىڭ ئىچىدىكى يېزىق بىلەن تېشىدىكى يېزىق ئوخشىمامدۇ نېمە.

ئىككىنجى رەسىمگە دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز، 1- كىتاپتىن ئۆرنەك ئالغىم كەلمىدى، چۈنكى ئۇنى كۆپۈنچىمىز ھەمىشە كۆرۈپ تۇرالايمىز ئەمەسمۇ؟

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 13:35:55

بىرىنچى كىتابنى ھازىر تېپىش تەس،بولسا ھەممە بېتىنى ئۆرنەك ئېلىپ يوللاپ قويسىڭىز،ساقلاپ قوياتتۇق

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 14:50:38

ئابدۇلھەق ھوشۇرنىڭ ئۇ كىتاۋىنى مەن نەچچە يىل ئالدىدا كۆرۈپ بولغان، ئاخرقى بەتلىرىدىكى خەتنى بولسىمۇ يوللاپ قويۇڭ، كىچىك چاغدا ئوقالماپتىكەنمىز، ئەمدى بىر ئوقۇپ باقىلى..................

شۇنىڭدىكى مەلۇم بىر ۋارىقى ئىچىدىكى ھۆسىنخەتنى ئوقىيالماي سىنىپتىكى بالىلار بىلەن «پاسكىنا داستان» دەپ ئوقۇغىنىمز ھازىرغىچە يادىمدا  {:92:}

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 15:06:19

خۇدايا تۆۋە، مۇشۇنداقمۇ ئەبجەش يېزىقلارنى ئىشلىتىپ يۇرۇپتىمىز-ھە!

تېخى HEXIN KUQ (خېشىن كۈچ، يەنى يادرولۇق كۈچ دىمەكچى) دىگەن ئىبارىلەرمۇ يۈرۈيدۇ ئاۋۇ يەردە ئىزا تارتماي ......

cartoon يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 16:58:10

مەنمۇ بۇ يېزىقىمىزنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈمەن. بەزىدە تۇرۇپ - تۇرۇپ يېزىپمۇ قويىمەن.

مۇشۇ يېزىقىمىزدىكى «ق»، «ھ»، «غ» ھەرىپلىرىنىڭ يېزىلىشىنى باشقا مىللەتلارنىڭ لاتىن ھەرىپى يېزىقىدا پەقەت ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم. بۇ ھەرىپلەرنى ئەينى چاغدا ئۆزىمىز ئىجاد قىلىۋالغانمۇ ياكى؟ مۇشۇنداق ھەرىپلەر بارمىتى...؟

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 19:05:16

@cartoon كىمىدە 500يىلنىڭ ياغىزى ئىشلىتىپ كەپتىكەنمىز.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 19:20:14

9- قەۋەتتىكى abdrttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئابدۇلھەق ھوشۇرنىڭ ئۇ كىتاۋىنى مەن نەچچە يىل ئالدىدا كۆرۈپ بولغان، ئاخرقى بەتلىرىدىكى خەتنى بولسىمۇ يوللاپ قويۇڭ، كىچىك چاغدا ئوقالماپتىكەنمىز، ئەمدى بىر ئوقۇپ باقىلى..................

شۇنىڭدىكى مەلۇم بىر ۋارىقى ئىچىدىكى ھۆسىنخەتنى ئوقىيالماي سىنىپتىكى بالىلار بىلەن «پاسكىنا داستان» دەپ ئوقۇغىنىمز ھازىرغىچە يادىمدا \"\"  

بولىدۇ، ئاشۇ مۇرەككەپ خەتلەرنىڭ ھەممىسىىنى چىقىرىپ قوياي.


ئاۋۇ \"يېڭى يېزىق\"چە يېزىلغان ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئوقۇيالمايدىغانلامۇ بارمىدۇ؟ مېنىڭچە نۇرغۇن بالىلار ئۇنى مەخسۇس ئۆگەنگەن ئەمەس، ئەمما ئوقۇيالايدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ بىز مۇشۇ ھەقتىمۇ ئويلىشىپ باقامدۇق، قانداق؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 22:01:48

10- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خۇدايا تۆۋە، مۇشۇنداقمۇ ئەبجەش يېزىقلارنى ئىشلىتىپ يۇرۇپتىمىز-ھە!

تېخى HEXIN KUQ (خېشىن كۈچ، يەنى يادرولۇق كۈچ دىمەكچى) دىگەن ئىبارىلەرمۇ يۈرۈيدۇ ئاۋۇ يەردە ئىزا تارتماي ......

\"\"


ئالامەت سۆزلەر بار كىتابلار بار. ئاللاھ نىسىپ قىلسا ساقلانمىلىرىمنى ئاشتۇرۇپ ھوزۇرۇڭلارغا مەنمۇ سۇنىمەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-22 09:50:32

9- قەۋەتتىكى abdrttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئابدۇلھەق ھوشۇرنىڭ ئۇ كىتاۋىنى مەن نەچچە يىل ئالدىدا كۆرۈپ بولغان، ئاخرقى بەتلىرىدىكى خەتنى بولسىمۇ يوللاپ قويۇڭ،..

تەلىۋىڭىزنى بەجاكەلتۈرۈپ قويدۇم.
بەت: [1] 2
: 70- يىللاردىكى يېزىقلىرىمىزدىن ئۆرنەكلەر