ئېنگىلىزچە نۇرغۇن ئۈگۈنۈش ماتېرياللىرى، ۋاقىت گېزىتى، تەبىئەت ۋە ئىلىم-پەن ژۇرنا
4يىل ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ئۆزلۈكۈمدىن ئۈگۈنۈش ۋە كىيىنكى تۇرمۇشۇمدا نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئېنگىلىزچە ئۈگۈنۈشكە ئائىت ماتېرياللارنى يىغقان ئىدىم، مانا ئەمدى ئوقۇش پۈتۈپ، بىر نەرسىلەرنى يىغۇشتۇرۇشقا كىرىشتىۇق، ئىزدىنىشكە كەلگىلى ئۇزاق بولمىسىمۇ، ئالغان نېپىم ئاز ئەمەس، شۇڭا يىغقان نەرسىلىرىمدىن تەڭ پايدىلانساق دىگەن ئۈمۈتتە، بۇ تېمىنى يوللۇدۇم.ئېنگىلىزچە نۇرغۇن ئۈگۈنۈش ماتېرياللىرى، ۋاقىت گېزىتى، تەبىئەت ۋە ئىلىم-پەن ژۇرناللىرى، يەنە بىر مۇنچە توفېل جئېريى ئىمتاھان دەرسلىرى، مەخسۇس ئىشلەنگەن تەرجىمھال خاراكتېردىكى ھۆججەتلىك فىلىم، ئامېرىكا ئەلباشلىرىنىڭ نۇتۇقى ۋە ئاۋاز ھۆججەتلىرى،.....ئىشقىلىپ نۇرغۇن نەرسىلەر بار، ۋاقتىم چىقسا ھەممىنى يوللايمەن. ئايرىم ئەۋەتسەم تور سۈرئتى ئاستا، شۇڭا مۇنۇ يەرگە يوللۇدۇم، لازىم بولسا چۈشۈرۈۋېلىڭلا كۆپچىلىك.
رەھمەت، ياخشى ماتىرىياللار باركەن
كۆپچىلىكنىڭ كومپيۇتېرىمىزدا مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى بار ماتېرىياللار بار.
ھەقسىز تور دىسكىلىرى كۆپ بولغاندىكىن يوللاپ تۇرايلى.
رەھمەت، بىر قىسىملىرىنى چۈشۈرىۋالدىم. يىغىپ-ساقلاش ئۇنىۋېرسال يىغىندى كېسەللىكى بارمىكىن مەندە، .نەدە ماتېرىيال كۆرسەم چۈشۈرىۋالغۇم كېلىدۇ دېسە....كومپۇتىرىمدىكى پ د ف لەرنىڭ جىقلىقىدىنئۆزۈممۇ كېرەكلىك نەرسىلىرىمنى تاپالماي ئاۋارە بوپ كېتىمەن.3- قەۋەتتىكى aytarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەھمەت، بىر قىسىملىرىنى چۈشۈرىۋالدىم. يىغىپ-ساقلاش ئۇنىۋېرسال يىغىندى كېسەللىكى بارمىكىن مەندە، .نەدە ماتېرىيال كۆرسەم چۈشۈرىۋالغۇم كېلىدۇ دېسە....كومپۇتىرىمدىكى پ د ف لەرنىڭ جىقلىقىدىنئۆزۈممۇ كېرەكلىك نەرسىلىرىمنى تاپالماي ئاۋارە بوپ كېتىمەن.
سىز ھەر قېتىم ماتېرىيال چۈشۈرگەندە، شۇ ماتېرىيالنىڭ ئىسمىنى چوقۇم توغرا قويۇڭ. مەسىلەن، ئەگەر مەلۇم بىر كىتابنىڭ ئىسمى: «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» بولسا، سىز ئۇ ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئېرىنمەي: «ئۆزلۈك ۋە كىملىك ئەسئەت سۇلايمان»... دېگەندەك قويۇڭ. ئاندىن خالىغان دىسكىغا تىقىۋېرىڭ. مۇشۇنداق ئىسمىنى توغرا قويۇپ ساقلىسىڭىز، رەتلىشىڭىز ھاجەتسىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە لازىم بولۇپ، ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، ھەرقانچە قالايمىقان قويغان بولسىڭىزمۇ، Windows نىڭ ئىزدەش رامكىسىغا «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ياكى «ئەسئەت سۇلايمان» دەپلا يازسىڭىز تېپىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئىسمىنى توغرا قويمىسىڭىز، ماتېرىيالنى ھەرقانچە رەتلىك يىغسىڭىزمۇ كۆپيىپ كەتسە تاپمىقىڭىز تەس!
بەزىلىرىگە ئىسىم قويۇپ ساقلايدىكەنمەن، بەزىلىرىنى قانداق چۈشۈرگەن بولسام شۇ پېتى ساقلاپ قويۇدىكەنمەن. شۇڭا ماتېرىيال ئىزدىگەندە سەل ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدىكەن. بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ ساقلاپ باقاي بۇندىن كېيىن. رەھمەت @birhonئەپەندىم. كويلاپ ئالغان كىتاپلارنى موچەنلەپ سېتۋەتتىم دېسە، ئىچىم ئاغرىمىسا ئاغرىيدۇ. ئالتە يىلنىڭ ياقى يىغقان نەرسىلىنىڭ تولالىقىدىن ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم، تاشلاي دېسە يەنە چىدىمىغان، تاشلىماي دېسە ئاۋارچىلىق.
داۋاملىق يېڭىلىدۇ تورداشلار، دىققەت قىلىڭلار جۇمۇ..@yapraq،@aytarim@bluewolf ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىش بىلوگۇمغا يوللىسام بولامدۇ؟
6- قەۋەتتىكى berna0نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كويلاپ ئالغان كىتاپلارنى موچەنلەپ سېتۋەتتىم دېسە، ئىچىم ئاغرىمىسا ئاغرىيدۇ. ئالتە يىلنىڭ ياقى يىغقان نەرسىلىنىڭ تولالىقىدىن ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم، تاشلاي دېسە يەنە چىدىمىغان، تاشلىماي دېسە ئاۋارچىلىق.
مەنمۇ سەككىز يىل جەريانىدا نۇرغۇن كىتابلارنى ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن.ياتاق كۆچمەكنىڭ تەسلىكىدە ھەممىسىنى دېگۈدەك بىر تەرەپ قىلىۋەتتىم،تۈنۈگۈن كىتابلارغا قاراپ بەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى،ئەسلى بۇلارنى ساقلاپ قويۇپ،كېيىن ئۆيدە كىتاپ ئىشكابىغا تىزىپ قوياي دېگەنتىم،ئەمما............ئاچچىقىم كەلگىنى مەكتەپتىكى قەغەز يىغقۇچىلار،كىرەكسىز ئەخلەت دېگەنتى،بۇ گەپ بەك نېرۋامغا تەگدى، ھەي كىتاپنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان ماڭنۇرلار دەۋەتتىم ئىچىمدە،نەچچە يۈزكويلۇق كىتاپنى نەچچە كويدىن ئېلىشىچۇ تېخى..كىتاپ كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىۋاتسام،تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار كۆرۈپ،نېمە دېگەن ياخشى كىتابلار ،بىزگە سېتىپ بېرىڭچۇ دېگەندە،شۇنچىلىك سۆيۈندۈم،يەنىلا قەدرىگە يېتىدىغانلار باشقىچە بولىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن تاللىۋېلىڭلار دەپھەممىسىنى بېكارغا بېرىۋەتتىم.