ياۋۇرپا لوڭقىسى مۇسابقىسى سەككىز كۈچلۈك كوماندا ئايرىمىسى
بۈگۈن كەچ ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن كىيىن ياۋۇرپا لوڭقىسىنى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى سەككىز كۈچلۈك كوماندىلاربارلىققا كەلدى.
ئا گۇرۇپ ئەھۋالى:(چېخ ،گىرىتسىيە)
رۇسيە بىرىنجى مەيدانداچېخ كوماندىسىنى 4-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغاندا بۇ يىلىقى رۇسىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىگە قايىل بولماي تۇرالمىغان ئىدۇق،ھەم بۇ گۇرپىىدىن رۇسيە كوماندىسنى چوقۇم بىرىنجى بولۇپ ئۈزۈپ چىقىدۇ دېگەن ئىدۇق كېم بىلسۇن توپ دىگەن يۇملاق نەرسە ئىكەنلىكىنى ،90 مېنۇت مۇسابىقە ئىچىدە ھەرخىل ئىھتىماللىقنىڭ يۈز بىردىغانلىقىنى يەنە بىر قىتىم ئىسپاتلاپ بەردى،
ئاخردا بۇگۇرپىدىن كۆلەلىگىنى رۇسلار ئەمەس بەلكى ئاشۇلارغا ئىچىنشىلىق ئۇتتۇرۋەتكەن چېخ كوماندىسى بولدى ،خوش رۇسيە چوشقىلىرى يەنە تۆت يىلدىن كىيىن كۆرۈشەمىز.
ب گۇرۇپپا ئەھۋالى(گىرمانىيە ،پورتۇگالىيە)
بۇ گۇرپىدىكى ئەھۋال ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ،ئەزەلدىن ئىپادىسى مۇقىم كىتىپ بارغان گوللاندىيە كومادىسى ،گىرمانىيە بىرلەشمە مەرگىنى خونتىلار ،ئىنگلاد بىرلەشمە مەرگىنى ۋانپىرىس يەنە روبىن ۋە سىنىيدىر ،ۋەندىرۋات قاتارلىق كۇزىر توپچىلىرغا ئىگە تۇرۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى 2008 - يىلدىكى فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى كىلونلاپ بەردى،كىم ئويلىغان دەيسىز چېمپىيۇنلۇق نىسپىتى ئالدىنقى ئورۇندىكى كوماندىنىڭ بىر مەيدانمۇ ئۇتالماي ئېچىنشلىق شاللىنىپ كىتىدىغىننى ،خەيرى خوش روبىن يشىل مەيدان كۆز يىشىڭغا ئىشەنمەيدۇ تۆت يىلدىن كىيىن كۆرۈشەمىز خۇدايىم بۇيرىسا .
س گۇرۇپپا ئەھۋالى:(ئىسپانىيە ،ئېتالىيە)
بۇ گۇرۇپتىن چىقىشمۇ ئاۋۇ ئىككى كوماندىغا نىسپەتەن ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى،بىرنجى مەيدان مۇسابىقىدىكى ھۇجۇمچىسىز سەپ شەكلى ئارقىلىق كىشلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان ئىسپانىيە ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سەتچىلىككە ئارلىشىپ قالغان كىشلەر گۇمانى نەزەر بىلەن قارغان ئىتالىيە كوماندسى قولنى قولغا تۇتىشىپ گۇرپىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك چىقتى
د گۇرۇپپا ئەھۋالى:(ئىنگىلاد ،فىرانسىيە )
ياۋورپا لوڭقىسى باشلىنىپ بولغىچە ئاساسلىق ئادەملىرىدىن بىر نەچچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىنگىلاد ،ئەزەلدىن ئىپادىسىنى تاپالماي قالغان فىرانسىيە كوماندىسى ئاخىر بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق گۇرپپىدىن چىقتى ،
فىرانسىيە كوماندىسنىڭ ئاخرقى مۇسابىقىلىرگە ئامەت تىلەيمەن
ماۋۇ قىزىقارلىق فۇرمۇلاغا دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟
دۇنيا لوڭقىسىدا 2-بولغان كوماندىنىڭ 2يىلدىن كىيىنكى ياۋروپا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى..
1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى 2-سىئىتالىيە
1996-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىداكىچىك گورپىدىلا شاللانغان...
98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 2-سى بىرازىلىيە
2000-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىبىلەن گىرام مۇناسىۋىتى يوق
2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 2-سى گىرمانىيە
2004-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا كىچىك گورپىدا شاللانغان
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى 2-سىفىرانسىيە
2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىداكىچىك گورپىدىلا شاللانغان
2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى 2-سىگوللاندىيە
2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىداكىچىك گورپىدىلا شاللانغان
ئەجىبا گوللەندىيە كوماندىسى بۇ قانۇنيەتكە چۈشۈپ قالدىمۇ؟!
سەككىز كۈچلۈك كوماندىنىڭ گۇررۇپپىغا ئايرىلىش ئەھۋالى :
6-ئاينىڭ 21-كۈنى پەيشەنبە 12:45 پورتۇگالىيە - چېخ
6-ئاينىڭ 21-كۈنى پەيشەنبە 12:45 گىرمانىيە - گىرىتسىيە
6-ئاينىڭ 21-كۈنى پەيشەنبە 12:45 ئىسپانىيە - فىرانسىيە
6-ئاينىڭ 21-كۈنى پەيشەنبە 12:45 ئىتالىيە - ئىنگىلاد
6- ئاينىڭ 27 - كۈنى12:45پورتۇگالىيە بىلەن چېخنىڭ ئۇتقىنى ئىسپانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئۇتقىنى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ
6- ئاينىڭ 28- كۈنى12:45گىرمانىيە بىلەن گىرتسىيەنىڭ ئۇتقىنى ئىتالىيە بىلەن ئىنگىلادنىڭ ئۇتقىنى بىەلن مۇسابىقىلىشىدۇ
قېىنى قايسى كوماندا ئەڭ ئاخرقى قىتىمغىچە كۈلەلەيدۇ ،تۆت يىل ئاۋالقى ياۋۇرپا ،ئىككى يىل ئاۋالقى دۇنيا چېمپىيۇنى ئىسپانىيە كوماندىسى داۋاملىق زومىگەرلىك ئورنىدا ئولتۇرالامدۇ ،ۋە ياكى شاھلىق ئورنىغا تەھدىد ئىلىپ كىلەلەيدىغان كوماندىلار قايسىلار ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈپ باقمايمىزمۇ؟
گىرمانىيە {:92:} گىرمانىيەنىڭ پورتۇگالىيگە قانداق ئۇتتۇرۋەتكىننى كۆرۈسلەر ھەل قىلغۇچتا

گىرمانىيە ئككىنچى
پورتىگالىيە ئۈچىنچى
ئەنگىلىيە تۆتىنچى بۇلىدۇ
ھې ھې دەپ قويدۇم باللا
لىكىن يەنىلا شۇنداراق بۇلىدۇ
ئىسپانىيە چوقۇم چېمپىيون
1- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىسپانىيە چوقۇم چېمپىيون
ھەي سەن پۇتبولنى بىلەمسە؟






چەمپىيۇن قاندىشىمىزئارىئان قانلىقگىرمانلاررر .....!!!!! دانيە ئۇتتۇرىۋەتتى، ئەمدى كۆرگۈم كەلمىدى. گېرمان چېمپىيۇن بولاپتۇ! كەچ سائەت ئوندا قويغان بولسا گەپ يوق كۆرەلەيتتىم. ھەي !!!!!!!مۇسابىقە ۋاقتى.....



