akimarzigul يوللانغان ۋاقتى 2012-6-19 21:49:14

ئېينىشتىيىننىڭ لوگىكىلىق خاتالىغى

     http://www.cnki.com.cn/Article/CJFDTotal-ZDWY201206211.htm

‹بۇ ماقالە 2012-04-03مەركەر دەرىجىلىك ژورنال ‹جوڭگۇ تاشقى سودىسى›دا ئاشكارە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تور ئادىرسى.بۇ ژورنال دۇنيادىكى 170دۇلەت ۋە رايونغا ئاشكارە تارقىتىلىدۇ›.   بۇ ماقالىدىكى ئاساسى كۇزقاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇچىلارنى شىنجاڭ تىببى سىر بىو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى www.tibbisir.com باش  دىرىكتورى  ئابدۇل ئەزىز مەمەت ئەپەندىمنىڭ ‹تىببى سىر›ۋە ‹مىرزات ›ماركىلىرى   12000يۇئەن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. -

          يىتەكچىلەر:شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتى  مۇدىريەت رەئىسى،دوتسىنىت، غۇپۇر يۇنۇس، {شىنجاڭ  ئۇنۋېرستېتى  ئىلمى ژورنىلى}نىڭ  مۇئاۋىن باش تەھرىرى،دوتسىنىت ئابدۇروسول كىچىك ئاخۇن.   ئاپتورلار 1 ،ھاكىم غېنى ،ئابدۇلئەزىز مەمەت  ،ئادىل مەمەت ، تۇردى ئۇمەر،ئارزىگۇل قېيىم         ئاساسلىق مەزمونى؛‹1› 1905-يىلى ‹تار مەنىدىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى› ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، پۇتۇن دۇنيادا بۇ نەزىريەنى يەنىمۇ ئىلگەرلەپ چۇشەندۇرۇدىغان  كىتاپتىن 900پارچىدىن كۇپەرەگى  نەشىر قىلىنغان بولۇپ‹دالى كارنىگنىڭ{ مەشھۇر شەخىسلەر} ناملىق كىتاۋى› ،ئېينىشتىيىننىڭ ئەينى ۋاقتدىكى سۇزىگە ئاساسلانغاندا،بۇ كىتاپلارنى يازغۇچىلار نىسپىلىك نەزىريەسىنى چۇشەنمىگەن،كىتاپنى قارىسىغا يازغان،پەقەت 10دىن 12.5كىچە ئادەم ئېينىشتىيىننىڭ بۇ نەزىريەسىنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۇشۇنەلىگەن .    ‹2›-‹ تار دائىردىكى نىسپىلىك نەزىريەسى› نىڭ 1-مەزمونى بولغان‹ جىسىم نۇر تېزلىگىدە ھەرىكەت قىلغاندا ماكان قىسقىراپ ،زامان ئۇزىرايدۇ› پىرىنسىپى بىلەن ‹ جىسىملار ھەرىكەت تېزلىگىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن جىسىمنىڭ ماسسىسى ئېشىپ بارىدۇ› نەزىريەسى بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.  {3}  ئېينىشتىيىن 1905-يىلى‹تار مەنىدىكى نىسپەلىك نەزىريەسى›دە  ئوتتۇرغا قويغان بىر ئولچەملىك  ماكان- ۋە بىر ئولچەملىك زامان   قارىشىنى 1916-يىلى  ئوتتۇرغا قويغان‹كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى› تامامەن  ئىنكار قىلغان،     {4}ماسسا -ئېنىرگىيە فورمۇلىسى ‹E = mc2›   دىن كۇرۇشكە بولۇدىكى،نيوتون بارلىق ماددا شەكىللىرىنى ماددىنىڭ مىخانىك شەكلىگە يىغىنچاقلىغان بولسا،ئېينىشتىيىن بارلىق ماددا شەكىللىرىنى ماددىنىڭ فىزىكىلىق ياكى خىمىيەلىك  شەكلىگە يىغىنچاقلىغان.         

{5}-1905-يىلى ئېينىشتىيىن {تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}ئوتتۇرغا قويۇلغاندا ،ئالىملار  خاتا ھالدا نيوتوننىڭ مۇتلەق ماكان -زامان قارىشى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى دەپ قارىغان،لېكىن ئېينىشتىيىندىن كېيىن ئىسپاتلانغان قاراش مىكرو زەرىچىلەر دائىرسىدە بولۇپ،نيوتوننىڭ  مۇتلەق ماكان-زامان   قارىشى بىلەن مۇناسىۋىيى يوق.                              

    ھالقىلىق سۇزلەر ؛ نيوتون ،   ئېينىشتىيىننىڭ ۋە سىتىفون خوكنىڭ  ماددىنى مۇئەييەن بىرلا خىل شەكىلگە يىغىنچالاش لوگىكىسىدىكى ئوخشاشلىق ،  ماركىسىزىمنىڭ {بىرنىڭ ئىككىگە بۇلۇنۇش پىرىنسىپى}نى دۇنيا بويىچە ئورتاق  پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئۇزگەرتىشنىڭ زۇرۇرلىگى.   .بۇلار  تۇۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل.

‹1› بىز ئادەتتە پەلسەپە كىتاپلىرىدا،  تەبىى پەن بىلەن ئىجتىمايى پەندىكى  ماددا ئۇقۇمىنى بىر خىل ئەمەس،   دىگەن  ئۇقۇمنى تەكرارلاپ تۇرىمىز. لېكىن بۇنى 1905يىلى ئېينىشتىيىن ئىنكار قىلغان،يەنى ئۇ {تار  مەنىدىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى}نى چۇشەندۇرۇش ئۇچۇن {قوش كېزەكلەر سەپسەتىسى}نى  ئوتتۇرغا قويغاندا ،ئادەم ئولتۇرغان فوتون راكىتاسىنىڭ نۇر تېزلىگىگە يېقىن سۇرئەتتە ھەركەت قىلغاندا ،   راكىتا ئىچىدىكى جانلىقلارنىڭ  ئۇمۇرىنىڭ ئادەتتىكىدىن ئۇزۇن بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان، ،مانا بۇ دۇلىتىمىزدىكى تۇنجى پادىشاھ  چىنشىخۇئاڭدىن باشلاپ ئىزلەپ كېلىۋاتقان   قېرىماسلىقنىڭ يەنە بىر يېڭى رېتسىپىنىڭ تېپىلغانلىغىنىڭ ئىسپاتى.لېكىن بۇنى تىببى ئىلىم ھەر ۋاقىت ئىنكار قىلىدۇ،   

  ‹2›       ئېينىشتىيىن 1905-يىلى  {تار دائىردىكى نىسپىلىك نەزىريەسى} نى ئوتتۇرغا قويغاندا ،ئالەم راكىتاسىنىڭ  سۇرئىتى نۇر تېزلىگىگە يېقىنلاشقاندا ، ئالەم راكىتاسى ۋە  ئىچىدىكى بارلىق جىسىملارنىڭ  نيوتون ئوتتۇرغا قويغان    ماسسىسى{ يەنى زىچلىغى بىلەن ھەجىمى}نىڭ ئېشىپ بارىدىغانلىغىنى ئەستىن چىقىرىپ قويغان،بۇ قاراش ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ .مەسلەن ،جىسىمنىڭ تېزلىگى نۇر تېزلىگىگە يېقىنلاشقاندا ، راكىتانىڭ ماسسىسى ۋە راكىتا ئىچىدىكى بارلىق جىسىملارنىڭ ماسسىسى ئەسلىدىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.باشقا ئامىللارنى دىمەي تۇرايلى ،ئادەمنىڭ 0.5كىلوگىراملىق يۇرىكى ئەسلىدىكىدىن  70-80ھەسسە  يوغىناپ  كېتىدۇ.يەنى 30-40كىلوگىرامغا چوڭلايدۇ،بۇنى ئېينىشتىيىن فورمۇلىسى M1=M/√[1-(v/c)^2   ئارقىلىق ھىساپلاپ چىققىلى بولىدۇ.

بۇنداق بولغاندا ھەرقانداق بىر دوختۇر راكىتا ئىچىدىكى  بۇ ئادەمنىڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغانلىغىنى سىزگە كەسپى ئەخلاق نۇختىسىدىن ئېيتىپ بېرىدۇ. لېكىن{ تار  مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى} دە بولسا،راكىتا ئىچىدىكى بۇ   ئادەم ناھايىتى ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇدۇ دەپ قارايدۇ.  بۇنى نوختىغا   ئېينىشتىيىنلا ئەمەس،بەلكى پۇتۇن دۇنيادىكى نەچچە مىليون   فىزىكلىرىنىڭ سەل قارىغانلىغىنى چۇشۇنۇش ناھايىتى تەس.   نىسپىلىك نەزىريەسى{ تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى }ۋە {كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}دەپ ئىككى خىلغا بولىنىدۇ،  شۇنداقلا بۇ نەزىريە بىلەن كۇۋنت مىخانىكىسى ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ  ئىككى ئاساسى تۇۋرىكى دەپ قارىلىدۇ . كۇرۇشكە بولۇدىكى تىببى ئىلىم بىلەن‹ تار  مەنىدىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى›نىڭ لوگىكىسى يەنە زىت كېلىدۇ.بۇنى بايىقى فورمۇلا ئىسپاتلايدۇ.     

‹3›-{تار  مەنىدىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى}نى خاتا دىيىشىمىزنىڭ  2-  سەۋەبى،   ئېنگىلسنىڭ   {ھەركەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نى تەتقىق قىلش جەريانىدا  ،{ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى } نىڭ بەزى ئاساسلىق مەزمونلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقتۇق .{ھەرىكەتنىڭ ئاساسى شەكىلىىرىنى}نى ئېنگىلىس19-ئەسىرنىڭ 40يىللىرى ئۇتتۇرغا قۇيغان بولۇپ ،بۇلار مىخانىك ھەرىكەت،فىزىكىلىق ھەرىكەت،خىمىيەلىك ھەرىكەت ،بىولوگىيەلىك ھەرىكەت ۋە ئىجتىمايى  ھەرىكەت قاتارلىق 5خىل ھەرىكەت شەكلى بولۇپ،بۇ   ھەرىكەت  شەكىللىرى  ئاددىدىن مۇرەككەپكە قاراپ تىزىلغان  ،يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەرىكەت شەكلى  بولغان ئىجتىمايى ھەرىكەت شەكلى،بىولوگىيەلىك ھەرىكەت قاتارلىقلار  تۇۋەن دەرىجىلىك ھەرىكەت شەكلى بولغان مىخانىك ھەرىكەت ،فىزىكىلىق ھەرىكەت ۋە خىمىيەلىك ھەرىكەت شەكىللىرىدىن تەرەقى قىلىپ كەلگەن،ھەم بۇ ئاددى ھەرىكەت شەكىللىرىنى  ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ.تۇۋەن دەرىجىلىك ماددا ۋە ھەرىكەت شەكلى  يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەرىكەت ۋە ماددا  شەكلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەقى قىلىشىدىكى ماددى ئاساس. شۇنىڭ ئۇچۇن ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك شەكلىنى تۇۋەن دەرىجىلىك شەكلىگە يىغىنچاقلاپ قويۇشقىمۇ ،شۇنداقلا تۇۋەن دەرىجىلىك  ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكلىنى  يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەرىكەت شەكلىگە  كۇتۇرۇشكىمۇ بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل قاراش  نيوتون قانۇنلىرى پەيدا بولۇپ ،170يىلدىن كېيىن ئېنگىلس تەرىپىدىن   ئوتتۇرغا قويۇلغان،بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا   نيوتون قانۇنلىرى تەڭرىنى ئاساس قىلغانلىغى،يەنە كېلىپ ئىجتىمايى ھەرىكەتنى مىخانىك ھەرىكەتكە يىغىنچاقلىغان بولغانلىغى ئۇچۇن،ئەسلىدىكىدىن  ئۇچ قانۇن تەرەقى قىلىشى كېرەك ئىدى،چۇنكى   ، مىخانىك ھەرىكەت چۇشەنچىسى بىلەن ئىجتىمايى ھەرىكەتنى چۇشەندۇرگىلى بولمايدۇ چۇنكى مىىانىك ھەرىكەت جانسىز جىسىملارنىڭ ھەركىتى،ئىجتىمايى ھەرىكەت بولسا ئاڭنىڭ يىتەكچىلىگى ۋە رول ئوينۇشۇ نەتىجىسىدە بولىدىغان ھەرىكەتتۇر.لېكىن  ئېينىشتىيىن بولسا بۇنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ،ھازىرقى زامان ئالىملىرى بولسا،تەجىربىلەرگە ئاساسەن چىقىرىلغان ئاساسى زەرىچىلەرنىڭ يىمىرلىشىگە ئاساسەن چىققان نەتىجىلەرگە ئاساسلىنىپ،ئادەم ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇدۇ دەپ قارايدۇ،ئاساسى زەرىچىلەر ئاساسەن بىر خىلدىن يەنە بىر خىلغا ئۇزگۇرەپ تۇرۇدۇ، يۇقۇرى تېزلىكتە ھەرىكەت  قىلغاندا بولسا،بۇ خىل ئۇزگۇرەشنىڭ سۇرئىتى ئاستا بولىدۇ،ئادەممۇ تۇغۇلۇش،ئۇسۇپ يېتىلىش،قېرىش ،ئۇلۇش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۇرۇدۇ،ئېينىشتىيىننىڭ ۋە ھازىرقى زامان نوپوزلۇقلىرىنىڭ دىيىشىچە ،ئادەممۇ يۇقۇرى سۇرئەتتە ھەرىكەت قىلغاندا،ئۇنىڭ قېرىشى ئاستىلايدۇ دەپ قارايدۇ،لېكىن ئادەم بەدىنىنىڭ ھەركەت جەريانىدا ھەسسىلەپ چوڭلايدىغانلىغىنى   نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.      ‹E = mc2›   بۇ فورمۇلا ئارقىلىق قۇياشنىڭ ئېنىرگىيەسىنى ،ئاتوم بومبىسىنىڭ ئېنىرگىيەسىنى چۇشەندۇۇرگىلى بولىدۇ.لېكىن ماسسىنىڭ كۇرسۇتۇدۇغىنى خۇددى نيوتون بارلىق جىسىملارنى مىخانىك سائەتكە يىغىنچاقلىغان بولسا،ئېينىشتىيىن ئاتومنىڭ يادروسىغا  ياكى ئاتومغا يىغىنچاقلايدۇ . بىلىشىڭئىز كېرەككى ،ئاتوم بىلەن ئادەم ۋە ھايۋانات پەرق قىلىدۇ،بۇلارنىڭ كۇچىنى ئاتوم بومبىسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىسىڭئىز بولمايدۇ. بىز بۇ مەقالىدە ‹تار  مەنىدىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى›نىڭ ئاساسى لوگىكىلىق خاتالىغىنى مۇزاكىرە قىلىمىز.        بۇ  ئۇچ مەزموندىن تۇزۇلگەن.         1- جىسىم نۇر تېزلىگىدە ھەركەت قىلغاندا ،ماكان قىسقىراپ ،زامان ئۇزىرايدۇ .        2-   جىسىملار ھەركەت تېزلىگىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ،ماسسىسىنىڭ ئېشىپ بارىدۇ ،بۇنى تۇۋەندىكى فورمۇلا ئارقىلىق ھىساپلاپ چىققىلى بولىدۇ.    M1=M/√[1-(v/c)^2-       3-  مەزمون   ئېنىرگىيە   ۋە  ماسسا  مۇناسىۋىتى، E = mc2           5- بىز ماقالىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىمۇ 1-ۋە 2-مەزمون بىر -بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ دىگەن.    ‹جىسىم دەپ قارالغان بۇ ئادەم  } نۇر تېزلىگىدە ھەركەت قىلغاندا دىگەن مەزموندىنلا كۇرگىلى بولىدىكى ،ئادەممۇ بىر جىسىم ،فىزىكا جىسىم دەيدۇ ،ماركىسىزىم ماددا دەيدۇ.ئەمىليەتتە بۇ بىر گەپ.  نىسپىلىك نەزىريەسىنىڭ 2-پىرىنسىپىدا بولسا،ھەرىكەت جەريانىدا ماسسا ئېشىپ ماڭىدۇ. بۇ قانۇننى توغرا دەپ قارىغان ۋاختىمىزدا نىسپىلىك نەزىريەسىنىڭ 1-مەزمونىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇمىز.چۇنكى  ماسسىسى بولمىغان فوتون نۇر تېزلىگىدە ھەرىكەت قىلالىغان بىلەن ئىنسانلار نۇر تېزلىگىدە ھەركەت قىلالمايدۇ.چۇنكى بۇ جەرياندا ئادەمنىڭ ماسسىسى چوڭلايدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ دىگىنى ئەگەر ئىلىم- پەن تەرەقى قىلىپ ئىنتايىن يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەندە،  ئۇ نۇر تېزلىگىگە يېقىن تېزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلالايدۇ،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلغۇچى ماددىدا  ماكان {شۇ ماددىنىڭ ئۇزۇنلۇغىلا قىسقىرايدۇ، ئىگىزلىك ۋە كەڭلىكتە ئۇزگۇرۇش بولمايدۇ}، دەپ قارايدۇ، ئەمىليەتتە بولسا،بۇ ئىگىزلىك بىلەن كەڭلىك ماكانغا تەۋە  بولۇپ،ماكاننىڭ يەنە ئىككى  ئالاھىدىلىگەدىن ئىبارەت،بۇ نوختىغىمۇ فىزىكلار سەل قارىغان. ،زامان بولسا -مۇشۇ جىسىم ئىچىدىكى ۋاقىت ئاستا ئۇتۇدۇ. فىزىكا ئالىملىرى ھازىرقى زامان پەن -تېخنىكىسىنىڭ  تەرەقى قىلىشىغا،  تەجىربە ئۇسكۇنلىرىنىڭ  ئىلغارلىشىشىغا  ئەگىشىپ ئېلىپ بارغان نۇرغۇن قېتىملىق  تەجىربىلەر،  { تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}نىڭ  2-مەزموننىڭ توغۇرلىغىنى مەلۇم جەھەتتىن  دەلىللىگەن ،يەنى پىروتوننىڭ تېزلىگى نۇر تېزلىگىگە يېقىنلاشقاندا  ،ئۇنىڭ ماسسىسى ئەسلىدىكىدىن 100ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.  بۇ دىمەكلىك  تەجىربە نەتىجىسىدە پروتوننىڭ ھەجىمى بىلەن زىچلىغى ئەسلىدىكىدىن 100ھەسسىگە يېقىن ئاشقان بولىدۇ، لېكىن ماسسىغۇ ئاشقان،ئۇنىڭ زىچلىغىنىڭ ئاشقانلىغىنى قانداق دەلىللەپ چىققىلى بولىدۇ. زىچلىقنىڭ ئېشىشىنى مۇنداق چۇشەندۇرۇمىز بىر ئىستاكان قەھۋەگە قەھۋە بىلان شىكەرنى مۇۋاپىق سالىمىز،بۇنىڭدا بۇ مۇۋاپىق زىچلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ،بۇ زىچلىقنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن داۋاملىق قەھۋە بىلەن شىكەرنى يەنە قۇيىمىز،بۇنىڭ بىلەن سۇيۇقلۇقنىڭ زىچلىغى داۋاملىق ئاشىدۇ،لېكىن نۇر تېزلىگىگە يېقىن تېزلىكتىكى بۇ پروتونغا كىم يەنە پروتوننى قۇشۇپ،ئۇنىڭ زىچلىغىنى ئاشۇرىدۇ،بۇنى قايسى فىزىكا ئالىمى بىزگە چۇشەبدۇرۇپ بىرەلەيدىكىن؟،شۇنداقلا  نۇر تېزلىگىگە يېقىن سۇرئەت بىلەن ھەركەت قىلغان زەرىچىلەرنىڭ يىمىرلىشىمۇ ئادەتتىكىدىن ئاستا بولغان. ئينىشتىيىن بۇ زەرىچىنىڭ ئورنىغا ئادەمنى ئالماشتۇرۇپ قارىغان،ھازىر پۇتۇن دۇنيانى قاپلىغان ئېينىشتىيىنچىلارمۇ بۇ قاراشتا،ئەگەر پروتون بىلەن ئادەم تەڭ يۇقۇرى سۇرئەتتە ھەركەت قىلسا قانداق بولىدۇ  ئۇنىڭ جاۋابىنىمۇ بىلىپ بولدىڭئىزغۇ دەيمەن.      ‹6› ھازىرقى كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئاستىرونومىيە ۋە ھازىرقى زامان فىزىكا ئالىمى  سىتىفون خوك ھازىرقى زامان فىزىكىسىنى تېخىمۇ تەرەقى قىلدۇرغان ئېينىشتىيىننىڭ ۋارىسى   سىتىفېن خوك يېقىندا {ئالەمگە تۇتاشقان مەخپى قۇرۇلما}دىگەن ئەسىرىدە   ،ئىنسانلار ھازىرقى ئۇچۇش تېخنىكىسىغا ئاساسلانغاندا،ھاياتلىقنى داۋام قىلغىلى بولىدىغان پلانىتقا بېرىش ئۇچۇن ھازىرقى ئۇچۇن تېخنىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، 50000 يىل ۋاقىت كېتىدىغىنىنى،ئەگەر ئانتى ماددىنى ئالەم راكىتاسىنىڭ يېقىلغۇسى قىلغاندا بولسا ،بۇنچىلىك ئارلىقنى 6يىلدا تاماملىغىلى بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان.بۇ ئالىممۇ ئادەم  نور تېزلىگىگە يېقىن سۇرئەت بىلەن ھەركەت قىلغاندا ،ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەجىمى بىلەن زىچلىغىنىڭ ئاشىدىغانلىغىنى  ئەستىن چىقىرىپ قويغان.      ‹7› - { تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}نىڭ ماكان ۋە زامان  ئۇقۇمىنىڭ لوگىكىلىق ئىلمى ئاساسى يوق.  چۇنكى نىسپىلىك نەزىريەسىدىكى ماكان-زامان بىر ئۇلچەملىك ماكان  ۋە بىر ئولچەملىك زامان قارىشى بولۇپ،   بۇ   ماركىسىزىملىق پەلسەپە ، فىزىكا ۋە ماتىماتىكىدىكى  ئوچ ئولچەملىك ماكان ۋە بىر ئولچەملىك-زامان  ئۇقۇمى بىلەن تامامەن زىت كېلىپ قالىدۇ.  ئېينىشتىيىن ئۇزىنىڭ 1916-يىلى ئېلان قىلغان {كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى }دىكى4 ئولچەملىك ماكان -زامان قارىشى بىلەن بۇ قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.بۇ خۇددى نيوتون بىرىنچى قانۇنى بىلەن فىزىكىدىكى كۇچ ئۇقۇمىنىڭ بىر-بىرىگە تامامەن قارمۇ -قارشى ئىكەنلىگى بىلەن ئوخشاش.يەنى { تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى} پەيدا بۇلۇپ تاكى ھازىرغىچە خۇددى نيوتون قانۇنلىرىنىڭ بىرەر فىزىكىچىنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسى لوگىكىنى چۇشەنمىگەندەك ،   پۇتكۇل دۇنيادىكى بارلىق ئالىملارغىچە ھىچكىم   بۇ نەزىريەدىكى زىتلىققا دىققەت قىلمىغاندەك تۇرۇدۇ.  بۇنى مۇنداق مىسال ئارقىلىقمۇ چۇشۇنىمىز:   {تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}دىكى 2 ئۈلچەم مۇنداق،يەنى {ھەركەتتىكى سائەتنىڭ ئاستىلاپ ،شىكالىنىڭ قىسقىرىشى} دىكى شىكالىنىڭ قىسقىرىشى ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقارغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ.بۇ يەردى جىسىمنىڭ كەڭلىگى ۋە ئىگىزلىگى مەۋجۇت  ئەمەس.ماكاننىڭ بىر ئۇلچەملىكلىكلىگى دەل مۇشۇ.سائەتنىڭ ئاستىلىشىش مەسىلىسى بولسا،فىزىكلار بۇنى مۇنداق چۇشەندۇرۇدۇ.يەنى بايىقى مىسال ،زەرىچىلەرنىڭ تېزلىگى تېزلەتكۇچ تەرىپىدىن تېزلىتىلگەندىن كېيىن  ئۇلارنىڭ يىمىرلىشى ئەسلىدىكىدىن ئاستا بولغان.يەنى فىزىكلار ئادەمنى ئاساسى زەرىچە دەپ قارىغان.بۇلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى تامامەن يوققا چىقارغان،ئەلۋەتتە ئادەم بەدىنىنى  بۇلسەك  ئەڭ ئاخىرى  ئاساسى زەرىچىلەرگە بۇلۇنىدۇ ،ئاساسى زەرىچىلەرنىڭ ھەركىتى فىزىكىلىق ھەركەت كاتوگىرىيەسىگە كىرىدۇ،ئىنسانلارنىڭ ھەركىتى بولسا ئىجتىمايى ھەركەت كاتوگىرىيەسىگە كىرىدۇ،يەنى فىزىكلار ئىجتىمايى ھەركەتنى فىزىكىلىق ھەركەتكە يىغىنچاقلاپ چۇشەندۇرۇدۇ،بۇ ماركىسىزىملىق  لوگىكىغا خىلاپ  .      8›-  بىز مەسىلىگە {بىرنىڭ ئىككىگە بۇلۇنىشى }بويىچە،مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە تېگىشلىگىنى مۇئەيلەشتۇرۇشىمىز،ئىنكار قىلىدىغانلىرىنى ئىنكار قىلىشىمىز كېرەك، ئېينىشتىيىننىڭ كىشىلەر تېخى بايقىمىغان ،فىزىكىغا ۋە پەلسەپەگە قوشقان توھپىسى بولسا ، ئۇ 1905 يىللىرىلا  فىزىكىدىكى ماددا قارىشى بىلەن ماركىسىزىمدىكى ماددا قارىشىنى  بىرلىككە كەلتۇرۇپ بولغان.يەنى ئالەم راكىتاسى نۇر تېزلىگىگە يېقىن سۇرئەت بىلەن  ھەركەت قىلغاندا ئېلىكتىر ماگنىت مەيدانى تەرىپىدىن كۇونتۇرول قىلىنىدىغان ئادەم بەدىنىنىدىكى سائەتنىڭ ئاستا ئوتۇدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ،مۇشۇ ئارقىلىق ئادەم ئوزۇن ياشايدۇ دەپ{قوش كېزەكلەر  سەپسەتىسى}نى ئوتتۇرغا قويغان ،بۇ تەلىمات {تار دائىردىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى}نى چۇشەندۇرۇشتە تازا ياخشى مىسال بولغان،بۇنىڭ بىلەن سان- ساناقسىز ئىلمى فانتازىيىلىك ھىكايىلەر ،كىنولار،قونچاق فىلىملەر مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئېينىشتىيىننىڭ ئەدىبى ئوبىرازى تېخىمۇ جەۋلان قىلغان،پارلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئېينىشتىيىن ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئالىمى دەپ قارالغان،يەنە كېلىپ ،نىسپىلىك نەزىريەسىگە ئاساسلانغاندا ماددىنىڭ ھامان بىر باشلىنىش نوختۇسىنىڭ بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان.بۇ نەزىريە {ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى}نىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس سالغان.بۇ نەزىريە  بىزنىڭ {ماركىسىزىملىق ماددا كاتۇگىرىيەسى-ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى } دىگەن  ئىلمى قارىشىمىزنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ناھايىتى كۇچلىك دەلىل بىلەن تەمىن ئەتكەن .                                                                             

    ‹9›-- ئەسلى گەپكە كەلسەك،{ تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}گە ئاساسلانغاندا ،ماكان قىسقىراپ ،زامان ئۇزىرايدۇ،يەنى راكىتا  ئىچىدىكى ئادەم ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇدۇ.دىمەك ،بۇ يەردە سۇپەت جەھەتتە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان  بىرنەچچە تۇرلۇك ماددا شەكلى بار بۇلۇپ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەم راكىتاسىنىڭ ئىچىدە بۇلۇپ،ئولار ئادەم،ھايۋانات،ئۇسۇملۇك ۋە ئالەم راكىتاسىغا ۋە ئادەم ،ھايۋانات،ئوسۇملۇكلەرگە كىرەكلىك بولغان تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرى بولۇپ ، ئادەتتىكى مەيداندا تۇرۇپ قارىساقمۇ بۇنى چۇشۇنۇش ناھايىتى ئاسان.  

دىمەك ئېينىشتىيىننىڭ‹ قوش كىزەكلەر تەلىماتى›غا ئاساسلانغاندا، ئالەم راكىتاسىنىڭ ماسسىسىلا  ئەمەس ،بەلكى پرۇتون بىلەن تەڭ ماڭغان  راكىتا  ئىچىدىكى ئىنسانلار ،ھايۋانات،ئۇسۇملۇك ،ۋە باشقا تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرىنىڭ ماسسىسمۇ ئەسلىدىكىدىن  70-80ھەسسە چوڭلايدۇ، ،گەپ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئالەم راكىتاسىنىڭ ماسسىسىمۇ ئەسلىدىكىدىن چوڭلاپ كېتىدۇ،ئەجىبا راكىتا بۇزۇلماي قالۇرمۇ؟  ئالىملار پروتوننىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭلىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ،لېكىن راكىتا، ئادەم ،ھايۋانات ،ئۇسۇملۇك ۋە باشقا تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرىنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭلىغانلىغىنى   ئەستىن چىقىرىپ قويىدۇ.  ‹E = mc2› فورمۇلا {تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}نىڭ 3-مەزمونى بولۇپ، بۇ نەزىريە ئېلان قىلىنىپ 40يىلدىن كېيىن يەنى 1945-يىلى ياپونىيەنىڭ خىروسىما ئارىلى بىلەن ناگاساكى ئارىلىدا پارتىلىغان 2دانە ئاتوم بومبىسى ھاسىل قىلغان غايەت زۇر ئېنىرگىيە  بو فورمۇلىنىڭ توغۇرلىغىنى ئىسپاتلىغان. لېكىن بۇ ئىسپاتلاشمۇ  ئاتوم دائىرسى بىلەن چەكلىنىدۇ ،بايا دەپ ئوتكەندەك،ئادەم ۋە ئىنسانلارنىڭ ئېنىرگىيە كۇچىنى ھىساپلاشقا ماس كەلمەيدۇ. لېكىن ئادەم ،ھايۋاناتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماسسىسى بىر خىل بەلگە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ،ئاتوم ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ھازىرقى دۇنيادىكى ئاساسى ئېقىم بولۇپ ،بۇنىڭ يارىتىدىغان ئىقتىسادى ئۇنىمى ئىنتايىن يۇقۇرى.ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىلەنلا  نىسپىلىك نەزىريەسەنىنىڭ 1ۋە 2-مەزمونىدىكى كېلىشتۇرگىلى بولمايدىغان زىدىيەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.  بۇ مەسىلىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېنىق چۇشۇنىشى ئوچۇن،پۇتۇن دۇنياغا تۇنۇشلۇق بولغان مىسال ئالايلى،ھازىرقى {خەلق}گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بولۇپ ئىشلەۋاتقان لىاڭ خېڭ تۇزگەن ،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان {ماتىماتىكا-خىمىيە-فىزىكىدىن ئاممىباپ لىكسىيە}دىگەن كىتاپنىڭ554 بېتىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسىگە ئائىت مىسالنى كۇرەيلى.{قارىماققا ئىنتايىن,ئىشەچىسىز كۇرىنىدىغان ‹سائەتنىڭ ئاستىلپ ،شىكالىنىڭ قىسقىرىشى›،بۇ دىگەنلىك ،ھەرىكەت قىلىۋاتقاندىكى سائەت ،تىنىچ تۇرغان ۋاقىتقا قارىغاندا ئاستا ماڭىدۇ،گەز شكالىسىمۇ قىسقىراپ قالىدۇ.بىز ئادەتتە دائىم تۇۋەن تېزلىكتىكى ھەركەتتە- ئۇنى ھىس قىلالمايمىز،لېكىن، شىكالا سېكىنۇتىغا260000كىلومېتىرلىق تېزلىك{يەنى 0.87ھەسسە نۇر تېزلىگى } بىلەن ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا ،بىر مېتىرلىق گەز قىسقىراپ يېرىم مېتىر بولۇپ قالىدۇ.يەردە بىر سائەت ئوتسە،ھەرىكەتتىكى سائەت ئاران يېرىم سائەت ماڭغان بۇلىدۇ.بىر ئادەم ئەگەر فۇتون راكىتاسىغا ئولتۇرۇپ،ئالەمنى ساياھەت قىلغان بولسا،ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن  ئۇغلۇنىڭ قېرىپ ،چاچلىرىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىگىنى .ئوزىنىڭ يەنىلا ئاۋالقىدەك ياپياش تۇرغانلىغىنى كۇرۇپ ھەيران قالىدۇ.بۇنداق سىناقنى بىز  ئەلۋەتتە قىلالمايمىز.ئەمما  ئوخشاش قانۇنىيەتلىك سىناق ئارقىلىق ھەركەتتىكى سائەتنىڭ ئاستىلاپ قالىدىغانلىغانى ئىسپاتلاپ چىقىشقا تامامەن بۇلىدۇ،ئالدىنقى بىر نەچچە باپتا ،بىز ئاتۇمنىڭ رادىوئاكتىپلىغىنى سۇزلىگىنىمىزدە ،نىمىنىڭ {يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى} ئىكەنلىگىنى بىلگەنىدۇق. مەلۇم بىرخىل ئېلېمېنتار زەرىچىلەرنىڭ{ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى} ئۇزگەرمەيدۇ،شۇنىڭ  ئۇچۇن بىز ئۇنى ‹سائەت› دەپ قارايمىز،نىسپىلىك نەزىريەسىگە ئاساسلانغاندا ،ھەرىكەتتىكى زەرىچىلەرنىڭ تىنىچ تۇرغان زەرىچىلەرگە نىسپەتەن يېرىم  يىمىرلىش دەۋرى ئوزۇنراق بۇلۇشى كېرەك،تەجىربىلەر ئسپاتلىدىكى ،ئاكسېلېراتۇردىن چىققان تېزلىگى نۇر تېزلىگىگە    يېقىنلاشتۇرۇلغان زەرىچىلەرنىڭ يىمىرلىشى ھەقىقەتەن باشقا زەرىچىلەرگە قارىغاندا ئاستا بولغان.     ‹10› بۇنى بىز نەزىريەۋى  ئىدىيە جەھەتتىن تەجىربە قىلىپ  كۇرسەكمۇ بولىدۇ .ھازىرقى زامان تەجىربە فىزىكىسىنىڭ ئاتىسى گالىلېي بولۇپ ،ئۇ تەجىربىدىن ئوتكەن پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ .شۇنىڭ ئۇچۇن بىز توغرا  تاناسىپلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئالەم راكىتاسىنىڭ ئومومى قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ماددا شەكىللىرىنىڭ  ئۇزگۇرىش ئەھۋالىنى بايا دىگەندەك نەزىريەۋى فىزىكا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ھىساپلاپ كۇرەيلى  .  ئالدى بىلەن ئۇزۇنلىغى 10مېتىرلىق ئالەم  راكىتاسىغا ئالەم راكىتاسى بىلەن ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا  ماتىريالى ئوخشاش بولغان بىر شىكالە باغلايمىز.ئادەم  ئالەم  راكىاسىغا ئۇلتۇرۇپ سىكىنوتىغا  260مىڭ كىلومېتىرلىق  سۇرئەت بىلەن ئۇچقاندا ئالدى بىلەن 10مېتىرلىق راكىتا ۋە شكالە   قىسقىراپ 5مېتىر بولۇپ قالىدۇ ،بىز بۇ يەردە پەقەت شكالە قىسقىرايدۇ،راكىتا قىسقارمايدۇ دەپلا قاراپ كەلدۇق.ماكان دىگەن مۇشۇ راكىتانىڭ ئۇزۇنلىغى،كەڭلىگى ۋە ئىگىزلىگى بولۇپ ،شىكالىنىڭ قىسقارغانلىغى راكىتانىڭمۇ قىسقارغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ .بۇ راكىتا ئىگىزلىگى ۋە كەڭلىگىنىڭمۇ  كېمەيگەنلىگىنى كۇرسۇتۇدۇ.بۇ دەل ماكان قىسقاردى دىگەن سۇز.ھەم بۇ قاراش راكىتانىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغانلىغىنىمۇ ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ.سىز ئىچىگە لىق سۇ قاچىلانغان 10مېتىرلىق گۇەنزىنى سىقىپ قىسقارتىپ بېقىڭ،ئىچىدىكى سۇ نەگە  كېتىدۇ؟بۇ لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.  

ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك،راكىتانىڭ ئۇزۇنلىغىنىڭ يېرىمى  كۇيۇپ تۇگەمدۇ ياكى ئۇپىراپ كىتەمدۇ،ئىشقىلىپ،يوقاپ كېتىدۇ.بۇ ئالەم راكىتاسىدىكى ئاھەم 1يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ،ھىلىقى قېرىپ كەتكەن بالىسىنى كۇرۇپ ھەريان قالغاندا بولسا، ھەممىسى يەنىلا ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ،دىمەك ئالەم راكىتاسى ،ئىنسانلار،ھايۋاناتلار ،ئۇسۇملۇكلەر ۋە باشقا تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرى ھەم ئۇزىرايدىغان ،ھەم قىسقىرايدىغان رېزىنكىگە ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ، ئەلۋەتتە بۇ  نىسپىلىك نەزىريەسىدىن باشقا ھىچقانداق بىر لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ .     {11}مەسىلە،بىز لىئاڭ خېڭ  ئەپەندىنىڭ مىسالى بىلەن ھىساپلاپ  كۇرسەك ، ئادەم ئالەم راكىتاسىغا ئولتۇرۇپ سىكىنۇتىغا 260مىڭ كىلومېتىرلىق  سۇرئەت بىلەن ماڭغاندا ھەركەتتىكى سائەت 30 مىنۇت ماڭغان بۇلىدۇ، يەنى يەر يۇزىدىكى سائەت   1يىل ماڭسا ،ئالەم راكىتاسى ئىچىدىكى سائەت 6ئاي ماڭغان بولىدۇ،بۇ خىل ئەھۋالدا  {قوش كېزېكلەر نەزىريەسى}گە ئېلىپ كەلسەك ،ئىنىسى فۇتۇن راكىتاسىغا ئولتۇرۇپ ئالەمنى بىر ئايلىنىپ كەلسىمۇ فۇتون راكىتاسى ئىچىدىكى ۋاقىت يەر يۇزىدىكى ۋىقىتقا قارىغاندا تەخمىنەن6  ئايدىن سەل قىسقا بولىدۇ،ھەرگىز ئېينىشتىيىن دىگەندەك 25 يىل  بولمايدۇ.بۇمۇ نىسپىلىك نەزىريىسىنى بىرەر كىشىنىڭ تېخى چۇشەنمىگەنلىگىنىڭ ئەمىلى پاكىتى.ئەلۋەتتە ھازىر نۇرغۇن ئالىملار پاكىتلار ئارقىلىق   ئېينىشتىيىننىڭ بۇ قانۇنلىرىنىڭ ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى بايقىدى،بىزنىڭ ماقالىمىز بولسا ماركىسىزىملىق مەيداندا تۇرۇپ ،ئۇلارمۇ بايقىمىغان يېڭى نەسسىلەرنى بايقاش بولدى،بولمىسا باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى بۇ يەرگە كۇچۇرۇپ قويۇشنىڭ زۇرۇريىتى نىمە؟       {12}-مەسىلە :{ماسسا ۋە تېزلىك}فورمۇلىسىغا ۋە فىزىكا ئالىملىرىنىڭ پۇروتون ئۇستىدە ئېلىپ بارغان تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا ،ئالەم راكىتاسىنىڭ ئۇزۇنلىغى،كەڭلىگى ۋە ئىگىزلىگى ھەرىكەت جەريانىدا قىسقارماستىن ئۇزۇرۇشى كېرەك،چۇنكى ماسسا چوڭلىسا ئونىڭ ئوزۇنلىغى ،كەڭلىگى ۋە ئىگىزلىگى ئەسلىدىكىدىن ئېشىپ ماڭىدۇ ،ماكان  ئۇزارسا راكىتا بۇزۇلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، فوتون راكىتاسىنىڭ  نۇر تېزلىگىگە يېتىشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.     

     بۇ ماقالىنى يېزىش جەريانىدا ياردەم قىلغان دوستلار مۇنۇلار:  ،شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم گۇيخۇا بەندىن  تەتقىقاتچى ئەكپەر، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدىن دوتسىنىت غېنى ئابدىگۇل ،شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى سېستىما ۋە ماتىماتىكا پەنلىرى  ئىنىستۇتىنىڭ    مۇئاۋىن باشلىغى،ماتىماتىكا دوكتۇرى،فرافېسسور ئابدۇرىشىت ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئۇچۇر -ئاخبارات ئىنىستىتوتىدىن دولقۇن ئابدۇللا  ،{شىنجاڭ پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلى}نىڭ  باش تەھرىرى ،فرافېسسور ئالاۋىدىن ئابدۇرېيىم  ، ئاپتونوم رايونلۇق  يېزا ئىگىلىك بانكا پارتىيە مەكتىۋىدىن ئەخمەت رەخمىتۇللا{كەلپىن}،خوتەن قاراقاش ناھىيە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن غۇجى ئابدۇللا ناسىر،بۇگۇر ناھىيە ئاق ساراي بازارلىق ھۇكۇمەتتىن زاكىر ،خوتەن ۋىلايەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئادىل مەمەت،شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ  باشلىغى،دوكتۇر، فرافېسسور  كېرېم ئېلى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك  ئۇنىۋېرستېتى كۇتۇپخانىدىن بەكرى،  شىنجاڭ تەبىى پەنلەر ئاكادىمىيىسى فىزىكا ۋە خىمىيە تەتقىقات ئورنىدىن دوكتۇر،  تەتقىقاتچى  تۇردى ئۇمەر، شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش باشقارمىسىدىن تىببى پەنلەر   ماگىستىرى پەرىدە غۇپۇر،شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتىدىن مۇنىرە غۇپۇر،شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تۇرلەر باشقارمىسىدىن باشقارما باشلىغى قاھار ياسىن، شىنجاڭ ئىجتىمايى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىقتىسات تەتقىقات ئورنىدىن فرافېسسور ئەدىلقان مامۇقان ،شىنجاڭ ئادىل -پاك ئادۋۇكاتلىق ئۇرنىدىن ئادۋۇكات ئاسىپجان ياسىن، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتىدىن دوتسېنېت  يالقۇن روزى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تەتقىقات ئورنىدىن ئىساق ئەپەندى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدىن ئادىل سىيىت،شىنجاڭ ئىيجتىمايى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىقتىسات تەتقىقات ئۇرنىدىن فرافېسسور ئەدىلقان مامۇقان،{شىنجاڭ ياشلىرى }ژورنىلىدىن ئەسەت مەسئۇت ،شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرلۇش بانكىسىدىن  ئالى مۇخبىر گۇشۇيگېن،ئۇرۇمچى شەھەرلىك  مائارىپ ئىدارىسى ئاساسى مائارىپ باشقارمىسىدىن مۇئاۋىن باشقارما باشلىغى دوتسىنىت سادىقجان سايرام،ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بانكا {شىنجاڭ يېزا پۇل مۇئامىلىسى }ژورنىلىدىن تەھرىر نىجات سوپىيوف،بىڭتۇئەن بانكىسى ئۇرۇمچى شەھەر تارمىغىدىن شۇھرەت ئابدۇقادىر ،ئۇرۇمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بۇلۇمىدىن   دوتسېنت  ئەكپەر، ئۇرۇمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بۇلىمىدىن  دوتسېنت يالقۇن،تۇلۇق ئوتتۇرا  سىنىپ بۇلىمىدىن خەنزۇ تىلى ئۇقۇتقۇچىسى مەرھابا ، خىمىيە ئۇقۇتقۇچىسى ئەلىشىر، تارىخ ئۇقۇتقۇچىسى ھەبىبە،ماتىماتىكا ئۇقۇتقۇچىسى مېھرىگۇل  ، فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى گۇلزار، ئەدبىيات ئۇقۇتقۇچىسى خۇشتار، فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى قەيسەر  ،{شىنجاڭ پەن تېخنىكا گېزىتى} تەھرىر بۇلىمىدىن سەمەتجان،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىدىن مۇھەممەت باغراش.  ياسىنجان ئابدۇشكۇر ،شىنجاڭ تېلۋىزىيەسى 9-قانالدىن ئادىلجان ئابلىمىت،تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغى ئالىم ئىمىن،تۇرپان شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ئىدارە باشلىغى  بارى، تۇرپان ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن ھەبىبۇل، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمان پونكىتىدىن ئۇسمان،تۇرپان ۋىلايەتلىك  تېخنىڭ كېڭئەيتىش پونكىتىدىن ئۇمەر،تۇرپان شەھەرلىك يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىۋى يار يېزا پونكىتىنىڭ  مۇدىرى باۋدۇن  زىياۋۇدۇن، يېزا ئامانەت كوپىراتىۋى ئايدىڭكۇل  پونكىتىنىڭ مۇدىرى ئابابەكرى،قۇمۇل شەھەرلىك خەلق ئىشلار   ئىدارىسىدىن ئابلىز ئوسمان ،تۇرپان شەھەر ئايدىڭكۇل ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەتىنياز مەڭنىك ،ئەخمەت مەمتىمىن،مەكتەپ مۇدىرى ئېلى توختىنىياز ،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇل نېجىم،سىكرىتار غېنى ئابلىمىت.ئوقۇتۇش تەتقىقات رايونىدىن مەخمۇت ھەبىبۇل ،مەمەت نىجىمدىن ،ئۇقۇتقۇچىلاردىن، باۋدۇن سىراي،نىياز ئېزىز،ئەنۋەر ئامىسلىم،غاپپار غۇپۇر،شىنجاڭ سۇ ئېلىكتىر مەكتەپتىن پەتتار مەمەت ،نېفىت دوختۇرخانىسىدىن دوختۇر ئەخمەت مەمەت،سۇ ئىشلار نازارىتىدىن ئەنۋەر ئابدۇرېيىم،شۇي موگۇ خەلق ھۇكۇمەتتىن ئادىل ياسىن ،شىنجاڭ شېنخۇا گۇروھىدىن ھامۇت مامۇت قاتارلىقلار بولۇپ ،بۇ يولداشلارنىڭ ئەمگىگىگە كوپ رەخمەت.   

                  

پايدىلانغان ماتىرياللار: {1}ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىم خەنزۇچە 89-بەت.      {2}مۇشۇ كىتاپ 78-79-بەتلەر،مۇشۇ كىتاپ 74-بەت.{100مەشھۇر شەخس-ئۇيغۇرچە 336-بەت.     ‹3›دالى كارنىگنىڭ بارلىق  كىتاپلىرى.      4 ,‹كەڭ دائىردىكى ›ۋە ‹تار  مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى›-‹ئېينىشتىيىن› بىكىتى.     ‹5›‹يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر رىتسىپلىرى› شىنجاڭ نېفىت دوختۇرىانىسى ئەخمەت  مەمەت ‹شىنجاڭ پەن -تېخنىكا سەھىيە نەشىرياتى2000-يىلى نەشىرى。      6‹ېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى  دوكتۇرلار ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى›     {7}بېيجىڭ ئىلمى مائارىپ كىنو سىتودىيەسى بىلەن  مەركىزى تېلۋىزىيە 6-قانال بىرلىشىپ ئشلىگەن  ئىلمى تەربىيىۋى فىلىم《ئالەم ۋە ئىنسانلار〉.       {8}‹ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى›،‹مىۋە قېپى ئىچىدىكى ئالەم › ئاپتورى  سىتىفون  خوك.    ‹9›يىجوڭتىئەننىڭ  ‹ئۇچ پادىشاخلىق ›قا بەرگەن باھاسى-جەمى 52 قىسىم .        ‹10›.ماركس ،ئېنگىلىس ،لېنىن ،ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى 1،2،3،4توملار.        ‹11›‹تەبىئەت دىيالىكتىكىسى›--ئېنگىلىس 1979-يىلى  مىللەتلەر نەشىرياتى يېڭى يېزىق نەشىرى       ‹12›  ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر - مەرھۇم يولۋاس راشىدىن -شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى ئەدەبىيات فاكولتىتى 2002يىلى نەشىر قىلدۇرغان.    ‹13›ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەقىياتىغا تەسىر كۇرسەتكەن 100مەشھۇر شەخىس. ئاپتورى مېخائىل خارت -ئامىرىكا -تەرجىمە قىلغۇچىلار ئازات ئالماس ،تەلئەت ئىمىن ،رىشىت ئابدۇراخمان ،تىلەك ›.2000 -يىل شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى.       ‹14›ئەڭ بۇرۇنقى 3 مىنوت - سىتىۋىن  بوگىن {ئامرىكا›‹15›-‹ماتىماتىكا -فىزىكا -خىمىيەدىن ئاممىباپ لىكسىيە›-ئاپتورى لىياڭخېڭ ،مۇھەممەتجان نۇجۇۋۇللا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.-----2012-01- ئاپتورلار ھاكىم غېنى{شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك بانكا قۇرۇلۇش يولى تارمىغى}،        ئابدۇلوئەزىز مەمەت{شىنجاڭ تىببى سىر بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئولى،باش دىرىكتور.    ،ئادىل مەمەت{شىنجاڭ فىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتى سىياسەت ۋە قانۇن پەنلىرى ئىنىستىتوتى دوتسېنتى،ماگىستېر يىتەكچىسى ›.     تۇردى ئۇمەر{شىنجاڭ تەبىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى فىزىكا  خىمىيە تەتقىقات ئورنىدىن دوكتۇر،تەتقىقاتچى }، ،ئارزىگۇل قېيىم{شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىدىن}.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 14:44:34

جوڭگۇ تاشقى سودىسى دىگىنى تېخى ئىلمىي ژورنالمۇ ئەمەسكەن.

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 07:30:36

\"\"

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 09:06:53

\"\"

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 09:19:27

«ئالەم راكىتاسى ۋە  ئىچىدىكى بارلىق جىسىملارنىڭ  نيوتون ئوتتۇرغا قويغان    ماسسىسى{ يەنى زىچلىغى بىلەن ھەجىمى}نىڭ ئېشىپ بارىدىغانلىغىنى ئەستىن چىقىرىپ قويغان»



سۇئال : ماسسا ئاشسا ، زىچلىق ۋە ھەجىم تەڭ ئاشامدۇ ؟

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 10:24:42

ئېينىشتىيىننىڭ خاتالىغىنى كۆرسىتىدىغان ماقالە تاشقى سودا ژورنىلىدا ئىلان قىلىندى دەڭ   \"\"  \"\" ،پايدىلانغان 14 مەنبەدىن فىزىكىغا ئائىت كىتاپ ئىككى، قالغانلىرى ئارىسىدا تېخى دالى كارنىگنىڭ بارلىق  كىتاپلىرى، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر رىتسىپلىرى›بېيجىڭ ئىلمى مائارىپ كىنو سىتودىيەسى بىلەن  مەركىزى تېلۋىزىيە 6-قانال بىرلىشىپ ئشلىگەن  ئىلمى تەربىيىۋى فىلىم《ئالەم ۋە ئىنسانلار، ›يىجوڭتىئەننىڭ  ‹ئۇچ پادىشاخلىق ›قا بەرگەن باھاسى، .ماركس ،ئېنگىلىس ،لېنىن ،ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەقىياتىغا تەسىر كۇرسەتكەن 100مەشھۇر شەخىس....،  چاخچاق بۇلا مۇشۇنداق بۇلا.  بۇ ماقالىنى چاخچاق سەھىپىسىگە يوللايدىغان ئىشكەندۇق.



ماقالىنى كۆرۈپ قاسىم سىدىقنىڭ شاگىرتلىرى يازغان ئوخشايدۇ دىسەم قاسىم سىدىقنىڭ شاگىرتى بۇلۇشقىمۇ شەرتى توشمايدىغانلاركەن. ئېينىشتىيىننىڭ نەزىرىيەلىرىدىن خاتالىق تاپقاننى جىق كۆرگەن، لېكىن مىدىتسىنا، بىئۇلۇگىيە، ماركىسىزىملىق پەلسەپە،  يەنە تېخى ئىستىلىكىستىلىك ۋاستىلەرگە  سېلىپ تاپقاننى تۇنجى كۆرۈشۈم. قاسىم سىدىق جېنىدا فىزىكىلىق بىلىملەرنى خېلى چۈشىنىدۇ ۋە گەرچە چوڭ نەرسىگە ئېسىلىۋالسىمۇ ئىقتىدارىنىڭ يىتىشىچە فىزىكىنىڭ گىپىنى قىلىدۇ. فىزىكىنىڭ كىتاپلىرىنى خېلى ئۇقۇيدۇ. ماقالىسىدا فىزىكىغا ياكى science قا ئائىت كىتاپلاردىن پايدىلىندۇ، تېخى ئانچە مۇنچە تەجرىبىمۇ ئىشلەۋاتىدۇ. ئېينىشتىيىنگە يېزىلغان فىزىكا ماقالىسىدا ئۈچ پادىشاھلىق بىلەن دالى كارنىگنىڭ گىپىنى قىلىپ يۈرگەننى كۆرسە فىزىكا تەتقىق قىل دىسە شۇندامۇ تەتقىق قىلغان بارمۇ دەپ قاسىم سىدىقمۇ يىغلاپ كىتىدىغان بولدى-دە.



12مىڭ كوي بەك ئەرزان بولۇپ قاپتۇ، ئۇنچىلىك پۇلغا مۇشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ، مانچە يۈزمىڭنىڭ گىپىنى قىلىڭلار دۇنياۋى نەرسىلەر بىلەن ئوينىدىغاندىكىن.


Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 11:10:06

4- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېينىشتىيىننىڭ خاتالىغىنى كۆرسىتىدىغان ماقالە تاشقى سودا ژورنىلىدا ئىلان قىلىندى دەڭ   \"\"  \"\"




\"\"\"\"\"\"

petir manta يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 11:15:59

{:92:}    سىتفۇن خۇك دەپ قۇيۇشى بار تېخى كىمكىن دەپ ئويلىنىپ كىتىپتىكەنمەن «ۋاقتنىڭ قىسقچە تارىخى » دىىگەندىن كىيىن كىمنى دەۋاتقانلىقى ئېسىمگە كەلدى

  فىزىكىنى ماركىسىزىم بىلەن شەرھىلەش فىزىكا ساھەسىدىكى يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى بوپ قالغۇسى   {:92:}

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 11:31:04

بۇ ماقالىنى چۈشەنگۈدەك كاللا مەندە يوق ئوخشايدۇ...

  لېكىن، شۇنچىۋالا دوكتور، پىروفېسسورلارنى تەشكىللىيەلىگەندىكىن، بىرەر كوررېكتورنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن. ئىملاسىنى تۈزەيدىغانغا...

  دۇنياۋى ماقالە ئەمەسمۇ...

pahir يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 12:22:46

ھەي،ئىشقىلىپ نىمىشقا مۇشۇنداق ‹ئۇلۇغ› ئىشلارغىلام دىققەتنى بېرىپ،بىر يولىلام ئىلىم -پەننىڭ

چوققىسىغا چىقماقچى بۇلىدىغانسىلەر.ئىلىم-پەننىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ،‹ئۆتكۈر›

مۇبالىغە،يۇمۇرىستىك‹مىتود›لار بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ،دۇنياۋى قاراش ۋە ئىلىم پەن نەتىجىسىنى

ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى بولاتتىمۇ؟ ‹ئۇلۇغ›بۇلۇشقا مۇشۇنداقمۇ ئالدىرىغان بارمۇ ئەمدى

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 12:38:58

بىرە ئىش بوپتىما؟ \"\"

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 13:51:12

ماركىسىزىملىق پەلسەپە ۋە ئېينىشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى!!!

مۇنداق باغلىنىش چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرىۋاتىمەن.



ئالدى بىلەن ماقالىنىڭ مەزمۇنى ئەمەس شەكلى توغرىلىق بىر نەرسە دېگۈم كېلىپ قالدى. ماقالىنىڭ ئابزاسلارغا ئايرىلىشى (ئىملالارنى دېمەي تۇراي)، نەقىل ئىلىنغان مەنبەلەرنىڭ (ستاتا دەمدۇق؟) ئىنىقسىز بولۇشى، بولۇپمۇ دالىي كارنىگنىڭ بارلىق كىتابلىرى دېگەننىڭ ئۆزىلا، بۇ ماقالىنىڭ ئىلمىيلىقىنى تولىمۇ ئاجىزلاشتۇرىۋەتكەن.



ماگىستىرلىق ئوقۇشۇم جەريانىدا شۇنى ھېس قىلىپ قالدىمكى، جۇڭگودا ئالغان ئالىي مائارىپ تەربىيسي ئەقەللىيسى بىر ماقالىنى قانداق يازىدىغانلىقىمىزنى ئۆگەتمەپتىكەن. بۇ ماقالىدىمۇ شۇنداق خاتالىقلار مەۋجۇت. ماگىستىر ئوقۇش جەريانىدىكى بىر دەرستە بېرىلگەن بىر تاپشۇرۇقنىڭ ئۆزىدە 20گە يېقىن ماقالە ۋە كىتابتىن مەنبە كۆرسەتكەن ئىدىم. ئەگەر مەن ئېيتقان ھەر بىر سۆز ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسى بولماي، باشقلارنىڭ ماقالە-ياكى كىتابلىرىدىكى ئۈزۈندىلەر بولسا ۋە ئۇنى ئېنىق كۆرسەتمىسەم، ماقالەمدىكى نۇقتىئىنەزەرنى قانداق ئىسپاتلاپ چىقالايمەن؟ يۇقارقى ماقالىدە يەنە شۇ ئاجىزلىق بار.



مەزمۇن توغرىلىق ھېچنىمە سۆزلىمىدىم. گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ.



يەنە بىرسى، بۇ ماقالىمۇ (ئەگەر ئىلمىي دىيىشكە توغرا كەلسە) ئىلمىي تەجرىبە ياكى نەزەرىيەلەر بىلەن ئەمەس لوگىكا بىلەن يېزىلىپتۇ. پەقەت لوگىكا بىلەنلا بىر نەزەرىيەنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس. ئازراق كاللىمىزنى سىلكىۋىتەيلى.

ummat1989 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 15:58:32


7- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ماقالىنى چۈشەنگۈدەك كاللا مەندە يوق ئوخشايدۇ...

لېكىن، شۇنچىۋالا دوكتور، پىروفېسسورلارنى تەشكىللىيەلىگەندىكىن، بىرەر كوررېكتورنىمۇ قوشۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن. ئىملاسىنى تۈزەيدىغانغا...

دۇنياۋى ماقالە ئەمەسمۇ...



مەنمۇ دەل مۇشۇنداق دىمەكچى ئىدىم !!!


bulutt يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 22:22:57

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نى قەتئىي چۈشەنمەپتۇ.



راستلا «لەتىپە-چاقچاقلار» سەھىپىسىگە يۆتكىۋېتىدىغان تېمىكەن.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 22:47:00

بۇ تېمىنى 3 قېتىم ئوقۇمىسام چۈشەنمىگۈدەكمەن . چۈشەنمەي تۇرۇپ بىر نەرسە دىگۈم كەلمىدى .

   \"\"

abaidul يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 23:10:14

شۇنداق چۈشىنىپ باققۇم بار ئىدى، ماقالىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى، سۆز ئىشلىتىشتە مەسىلە باردەك، ھەر قانچە ئوقۇساممۇ يېرىمىغا كەلمەي بېشىدا نېمىنى ئوقۇغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمەن!

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-20 23:57:06

شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ قىلىدىغانغا ئىش تاپالمىغىنىغا ھەيران قالدىم..........

ياردەملەشكەنلەر دەپ ئىسمىنى چىقىرىپ قويغان زاتلار نىمىگە ياردەملەشكەن؟ قارىسام فىزىكىغا كەسپى جەھەتتىن ياردەم بېرەلەيدىغان بىرەسىنى بايقىمىدىم...........



خېلى بۇرۇنلا مىسرانىمغا يوللاپ قالايمىقانچىلىق چىقارغان تېمىنى ئەمدى ئىزدىنىشقا سۆرەپ ئەكىرىپ نېمىمۇ قىلارسىز............... \"\"

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 00:33:11

نىسبىلىك نەزىريەسى دىگەن ئاتالغۇدىكى « نىسبى»دىگەن سۆزگە دىققەت قىلىڭ ،قارىغاندا ئېينىشتىيىننىڭ ئەمەس ،نىيوتۇننىڭ نەزىريەلىرىنىمۇ تۈزۈك ئوقۇماپسىز ......بوپتۇ ،يازغاندىكىن ئىككى شىڭگىل گەپ قالدۇرۇپ قۇياي....ھەركەت دىگەن نىسبى بۇلىدۇ ،سىز راكىتا ئىچىدە ئولتۇرسىڭىز، راكىتا نۇر تىزلىگىدە ئۇچسىمۇ ،سىز راكىتاغا نىسبەتەن جىممممم   تۇرغان بۇلىسىز   \"\" ،سىز نۇر تىزلىگىدە ئۇچسىڭىز ،يۈرىكىڭىز سىزگە نىسبەتەن جىىىىىم   تۇرغان بۇلىدۇ.........دىگەندەك .....ماقالىڭىزدا كۆرۈلگەن بارلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئىنىقلىمىسىنى تېپپ چىقىپ ،باشقىدىن قېتىرقىنىپپپپپپپپ  ئۈگەنسىڭىز ،مۇكاپاتنى چۇقۇم ئۆزىڭىز ئالالايسىز \"\"

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 01:00:05

ئۆزڭىزمۇ چۇشەنمەي يېزۋەتكەنسىز ھە  \"\"

opengl يوللانغان ۋاقتى 2012-6-21 01:18:32

باشلىمىنى شۇنداق ھەيۋەت باشلاپسىز بولمىسا،پايدىلغانغان ماتىرياللارنى تىزىملىكىنى ئۇقۇپ كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتىمەن،ۋاي نۇمۇسلۇرۇم.سۇ بۇيىدا غەرپكە ساياھەت كام قاپتۇ سۇنۋۇكۇڭنىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم ئۇچىشى دىگەندەك،بولسا X جەڭچى دىگەن كىنودىن ئىلھام ئالسىڭىز بەكرەك ماس كەلگۈدەك. ھا ھا ھا. \"\"


دىمىسىمۇ مۇكاپات سەل چۈپەي بوپ قاپتۇ،خەلىقئارالىق تېمىدىكى نەرسىگە 12000 يۈەن دىمەي يەنە بىر نۆلنى قۇشىۋىتىڭ بولسا ئىككى تال نۆلنى.


دىسە دىمىسە ئېينشتىيىن بۇماقالنى ئېلا قىلغاندا نۇرغۇن كىشلەر چۈشەنمەپتىكەنغۇ.

بەت: [1] 2 3
: ئېينىشتىيىننىڭ لوگىكىلىق خاتالىغى