‹‹ئۈزۈلمەس مىلودىيە ›› نى ياخشى كۆرىمەن[ناخشا-مۇزىكا]
جوڭگو ئۇيغۇرچە تورىدىكى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىدىكى ئۇزۇلمەس مىلودىيە پروگراممىسىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.
6-ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى ماۋۇ ناخشا ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئىلگىرى ئانچە بىلىنمىگەن ئىكەن. بۇگۈن ئاڭلاپ ، تولىمۇ تەسىر قىلدى. سىلەرمۇ ئاڭلاپ بېقىڭلار:
http://www.uycnr.com/wqhg/yyyy/
46-مىنوتلۇق يېرىدىن باشلاپ ئاڭلاپ بېقىڭ ، ئەسلى مۇشۇ يەرگە ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى بىرمۇ بىر يازاي دېگەن ، لېكىن ۋاقت چىقىرالمىدىم.
... ئانا تىلىمىز بولمىسا ، مىللىتىمىز نەدە ، ئانا تىلىمىز بولمىسا ، زۇۋانىمىز نەدە ؟ ، ئانا تىلىمىزنى قوغداش بىز ئۈچۈن بەخىت ...
ئانا تىلىم ...
ئاخىرىدا سىلەردىن بىر ياردەم سورايمەن. مۇشۇ <ئۇزۇلمەس مىلودىيە > نىڭ ھەر سانىنىڭ ئەسلى ھۇججىتىنى قانداق چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟ ساقلىۋىلىپ يانفوندا ئاڭلاش خىيالىم بارئىدى. ئۈنگە ئىلىش دېتالى بىلەن ئۈنگە ئالساق ، ئازتۇلا گىژ-گىژ ئاۋاز قۇشىلىۋالىدىكەن.
بۇ تېمىنى كومپىيوتېر ۋە ئىنتېرنېت بىلىملىرى سەھىپىسىگە يوللاشتىكى مەقسەت يوقۇرىدا ئېيتىلغان ياردەم ئۈچۈندۈر. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
مەنمۇ بۇ پىروگىراممىنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن . ھەممە پىروگىراممىسى بەك يىقىملىق .بەزى رادىئو ئىستانسىلىرىدەك ، قەتئي قۇرۇق گەپ ساتمايدۇ.ھەممىسى يېڭىلىق،يېڭى مەزمۇنلار بەك ئېسىل... سىز idmدىگەنچۈشۈرگۈنى ئىشلىتىپ بېقىڭ بەلكىم شۇ چۈشرەلىشى مۇمكىن مەنمۇ رادىيۇدىن دائىم مەركەزدىن كەلگەن سادانى ئاڭلايمەن ،،دۇكاندا ئىشى قىلغاندا ،ئېتىزدا ئىشى قىلغاندا رادىيۇنى يىنىمدىن ئايرىمايمەن ،ئاغىنىلىرىم مىنى قېرى بۇۋايدەك مىجەزىڭ بار دەپ زاڭلىق قىلىپ كىتىدۇ تىخى ،،،،مەن چاتىقىم يۇق ئاڭلاۋتىمەن،،
http://lab.uyghurdev.net/UycnrMediaUrl/
مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانزىسىنىڭ ياخشى پىروگراممىلىرى جېق.
مەن ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيقۇدىن مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانزىسىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئويغۇنۇپ، كەچتە ئۇخلىغاندا يەنە شۇ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانزىسىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇخلايمەن.
جاھان ئەينىكى
ئۈزۈلمەس مىلودىيە
مەشھۇر شەخىسلەر
تۇرمۇش
ئەدەبى ئاڭلىتىش
سىرلىق ئارخىپ
...
ئىشقىلىپ ھەممە پىروگراممىسى ياخشى.
ئۆيدە رادىئو ئاڭلايدىغانلار رادىئونىڭ ياخشىسىنى ئېلىڭلا. سونىي، فىلىپلارنىڭ سائەتلىك رادىئولىرى بار ئاۋاز سۈپىتى بەك ياخشى چىقىدۇ. بۇ يەرگە قاراپ بېقىڭ
C:Documents and SettingsAdministratorLocal SettingsTemporary Internet Files
4- قەۋەتتىكى sarwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆيدە رادىئو ئاڭلايدىغانلار رادىئونىڭ ياخشىسىنى ئېلىڭلا. سونىي، فىلىپلارنىڭ سائەتلىك رادىئولىرى بار ئاۋاز سۈپىتى بەك ياخشى چىقىدۇ.
مەن دەل رادىئونىڭ ياخشىسىدىن بىرنى ئالاي دېگەن ، رادېئو تىپى، ساتىدىغان تور بەت ئادرىسى بولسا تەمىنلىسىڭىز. رەخمەت . ھېلىقىدەك چەتنىڭ قانالىرىنى تارتالايدىغانلىرى قانداق؟
4- قەۋەتتىكى sarwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىلئاۋۇ توربەت بەك قۇلايلىقكەن .
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. بۇنى ئەسلى ئۆزەم چۈشۈرگىلى ياساپ قويغان ئۆتكەن يىلى. ھېچكىمكە دىمەي ئىشلىتەرسىلەر.
http://lab.uyghurdev.net/UycnrMediaUrl/
سىز دېگەن ماۋۇ بەت پەقەت ئىچىلمىدى.