Google نىڭ بۇ تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋېلىڭ، بەك پايدىلىق
Google (گۇگول، گۇگۇل، گوگلې، جوجل....) دىن رەسىم ئىزدەش تولىمۇ قولايلىق. ئەمما تېخىمۇ قولايلىق يەنە بىر ئۇسۇل بار. ئۇ بولسىمۇ:
سىزدە بىر پارچە رەسىم بار، ئەمما ئۇ رەسىم كىچىك ھەم تۇتۇق. سىز مۇشۇ رەسىمنىڭ چوڭ ھەم سۈزۈك نۇسخىسىنى تاپماقچى، رەسىمنىڭ ئىسمىنى بىلمەيسىز (ياكى رەسىم ئىسمىگە ماس كېلىدىغان ھالقىلىق سۆز بەك ئومۇمىي بولۇشى مۇمكىن.)
تېخىمۇ كونكىرىتلاشتۇراي:
shah_senem دېگەن بۇ قىز بالىنىڭ تۆۋەندىكى رەسىمى تولىمۇ چىرايلىق ئىكەن.
ئەمما بۇ رەسىم كىچىك ھەم تۇتۇق بولغاچقا، كۆزنىڭ پىشتى ئۆلمەيدۇ. بۇ رەسىمنىڭ يوغان نۇسخىسىنى تاپىمەن دەپ، توردىن «قارا كىيىملىك ساھىبجامال» دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز، لەيدى غاغانىڭ رەسىملىرى چىقىپ بىزار قىلىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ، ھالىقىلىق سۆز بىلەن رەسىمنى ئىزدەپ تاپماق بەك تەس. ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز.
ئاۋال shah_senem نىڭ ئاۋۇ رەسىمىنى كومپيوتېرغا چۈشۈرىمىز.
ئاندىن: https://www.google.com.hk/imghp?hl=en&tab=wi
ئاۋۇ توربەتنى ئاچىمىز. Google نىڭ باش بېتىنى ئېچىپ،Images نى بېسىپ، رەسىم ئىزدەش بېتىگە كىرىمىز. خەنسوچە بولسا تۇ پىيەن دېگەننى بېسىڭ.
رەسىم ئىزدەش بېتىدىكى ئىزدەش رامكىسىغا قارىسىڭىز، ئوڭ تەرىپىدە بىر كامېرانىڭ سۈرىتى بار. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدىكى قىزىل رامكىغا ئوخشاش:
شۇ كامېرانىڭ سۈرىتىنى چەكسىڭىز، گۇگولغا رەسىم تور ئادرېسىنى كىرگۈزۈش ۋە كومپيوتېردىن رەسىم يوللاش بېتى ئېچىلىدۇ. سىز بايىقى كىچىك رەسىمنى مۇشۇ ئورۇندا گۇگولغا چىقارسىڭىز، ياكى شۇ كىچىك رەسىمنىڭ ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىزلا بولدى.
ئاندىن گۇگول سىزگە شۇ رەسىمنىڭ توردا بار بولغان بارلىق نۇسخىسىنى تېپىپ بېرىدۇ. ئارىسىدىن ئۆزىڭىزگە ئەڭ يارىغاننى تاللاپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: shah_senem نىڭ ئەسلىدىكى 160 *190 كەڭلىكتىكى رەسىمىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىگەن ئىدۇق، تۆۋەندىكى رەسىمىدىكىدەك مۇشۇ رەسىمنىڭ 126 پارچە نۇسخىسىنى تاپتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ كەڭلىكى 386 × 569 ئىكەن. خېلى چوڭ.... باشقا بەتلەردە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭلىرى بولۇشى مۇمكىن.
ئاندىن بۇنداق چوڭ رەسىملەر ئارقىلىق، رەسىمنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ ۋە كۆزنىڭ پىتىمۇ ئۆلىدۇ. مەسىلەن يۇقىرىدىكى رەسىمدە چىرايىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. گۇگولدىن ئىزدىگەن رەسىمدە پەرق ئەتكىلى بولدى:
------------------
گەپنىڭ قىسقىسى گۇگولغا رەسىم كىرگۈزۈپ تۇرۇپ، شۇ رەسىمنى ياكى شۇ رەسىمدىكى ئادەم چۈشكەن باشقا رەسىمنى، مەنزىرىسى شۇ رەسىمگە ئوخشايدىغان باشقا رەسىمنى، كىيىم - كېچەكلىرى ياكى چىرايى ئوخشايدىغان باشقا ئادەملەرنىڭ رەسىمىنى ئىزدىگىلى بولىدۇ. (يۇقىرىلارنىڭ ھەممىسىنى تاللغىلى بولىدۇ. )
چۈشەندۈرۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بىر توردىشىمىزنىڭ باش سۈرىتى مىسال قىلىندى. توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
@bilkanمەندە بىر مۇزىكا بار، بەك مۇڭلۇق، لېكىن ئورۇنلىغۇچى، مۇزىكىنىڭ نامى دېگەندەك ئۇچۇرلار يوق، توردىن چۈشۈرۈۋالغان، تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى قانداق تاپقىلى بولار؟ شۇ مۇزىكىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەمدىم

@nasin
قايسى توردا كۆرگەن؟ قىسقا ئۇچۇردا دەڭە بولمىسا{:92:} 维普 دىگەن تور بەتتىن ئىزدىسىڭىز چىقىدىكەن. 医学图像检索 دەپ كىرگۈزسىڭىز 35-قاتاردىكىسى شۇ. مىنىڭ تاپقىنىم 《重庆工学院学报:自然科学版》 2008年第22卷第8期 دە ئىلان قىلغىنى ئىكەن.

دەششەتكەن.... ئاۋۇ كامىرا گوگىلنىڭ تور كۆرگۈسىدىلا چىقىدىغان ئوخشايدۇ ھە ؟ maxthon2.5 دا كۆرۈنمىگەنتى google chrome دا ئاچسام كۆرۈندى مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم IE, FIREFOX لار ئىدى، ھەر ئىككىلىسىدە بارغۇ ئۇ كامىرا، گۇگول ئۇنداق شەخسىيەتچىلىك قىلماس.
لېكىن بولىدىغان تېخنىكىكەن بۇ، بىرھون بۇرادەرگە رەخمەەەەەەەەەەەەەەەت!{:92:} بۇ خىل تېخنىكا تېخى تولۇق پىشىپ يىتىلمىدى. گوگۇلمۇ پەقەت ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان سۈرەتلەر بولسا ئاندىن ئىزدەپ تاپالايدۇ. بەيدۇنىڭ چىقارغىنىمۇ بار ئۈنۈمى تېخىمۇ ناچار. بۇ خىل تېخنىكىنىڭ ئەسلى مەقسىدى مۇنداق: بىز ئوباما زۇڭتۇڭ چىققان بارلىق سۈرەتلەرنى ئىزدىمەكچى (رەسىمنىڭ ئىسمىغا قاراپ ئەمەس، بەلكى مەزمۇنىغا قاراپ) ،بىزدە پەقەت ئوبامانىڭ بىر كىچىك باش سۈرىتىلا بار، بىز شۇ سۈرەتنى كىرگۈزىمىز، ئاخىرىدا ئوبامانىڭ يۈزى چىققانلىكى (چوڭ كىچىك، يانتۇ، مايماق، ئىگىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇرەككەپ كۆرنۈشنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ) بارلىق سۈرەتلەرنى تېپىپ بىرىدۇ. مەن ئالدىنقى شىركەتتە ئىشلەۋەتقان ۋاقىتىمدا چوڭ تىپتىكى فىلىم ئامبىرى (مەسىلەن، يۇكۇ، تۇدۇ دىگەندەك 100 مليونغا يېقىن فىلىم بار فىلىم ئامبىرى دىگەندەك) دىن كىرگۈزۈلگەن سۈرەتكە ئوخشىشىپ كىتىدىغان كۆرۈنۈش چىققان فىلملەرنى، شۇ كىرگۈزگەن سۈرەت چىققان كۆرۈنۈشنىڭ فىلىمدىكى ئورنىنى ئىزدەپ تاپىدىغان سىستىمىنى يېرىم يىلدەك تەتقىق قىلىپ باققان.ھەم كىچىكرەك بىر demo سىستىمىسىنىمۇ يېزىپ باققان. ئەمما ئەڭ يېڭى ئىلمى ماقالىلەردىن، ھەم گوگۇل، بەيدۇدەك نەچچە يۈز دوكتۇر تەتقىقاتچىلىرى بار شىركەتنىڭ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىدىن ھىس قىلغىنىم ئۈستىدە ئېيقىنىمدەك بۇ تېخنىكا تېخى پىشىپ يىتىلمىدى. چوڭ تىپتىكى سۈرەت ئامبىرىدىن ئوخشىشىپ كىتىدىغانراق سۈرەتلەرنى تېپىش توغرىلىق دەرىجىسى تېخى 50% گە بارمايدۇ. پەچەت ھۆنەركەنغۇ

رەھمەت... گوگولنىڭ بۇ ئىقتىدارى يوق ۋاقىتتا مەن http://www.tineye.com/ بۇنى ئىشلىتەتتىم. بۇنىڭدا ئادەتتە تورغا ھېچقانداق چىقىپ باقمىغان رەسىملەرنى تاپالمايدۇ. دىمەك سىز تۇنجى بولۇپ چىقارغىنى بولسىزدە كېينى بىرسى شۇنى ئىزدەپ قالسا شۇنى تېپىپ بېرىدۇ. www.tineye.com دەيدىغان بىر تور بىكەت بار، مەخسۇس رەسىم ئارقىلىق رەسىم ئىزلەيدىغان، مەن ئىشلىتىپ باققان، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. ماۋۇ تېمىنى ساقلىۋالاي، دەھشەت ئاقىدىغان ھۆنەر ئىكەن بۇ ئۆتكەندە زۇلىپقار بارات ئاغىنىمىز سەن نىمە قىلالايسەن دىگەندە ئارتۇق گەپ قىلمىغان ، بۈگۈن بۇ تىما جايىدا چىقىپتۇ . بۇ خىل ئۇسۇلنى بىز سۆرەت مەزمۇنى ئارقىلىق ئىزدەش دەپ ئاتاپ قۇيىمىز . مەن بۇ يىل 9 ئاي كەلسە مۇشۇ توغرىسىدا تىما ئىشلەۋاتقىلى نەق ئۈچ يىل بۇلىدۇ . ناسىن دىگەندەك بۇ تېخنىكا تېخى پىشىپ يىتىلمىدى . مەن قىلىۋاتقان تارماق تىما جىگەر قاپلىق قۇرتىنىڭ CT رەسىمىنى ئاپتۇماتىك ئىزدەش . يەنى قۇلىڭىزدا جىگەر قاپلىق قۇرتىنىڭ CT رەسىمىدىن بىر پارچە بولغان ئەھۋال ئاستىدا سىز بۇ رەسىمنى كىرگۈزۈپ دوختۇرخانىنىڭ ياكى مەلۇم قىسمى توردىن مۇشۇ رەسىمگە ئوخشاش رەسىمنى تېپىپ چىقالايسىز . بىز ياساپ چىققان سېستىمىنىڭ مۇۋەپىقيەتلىك بۇلۇشى 82% دىن ئاشىدۇ ، پەن تېخنىكا نازارىتىدە دوكلات بەرگەندىمۇ نەق مەيداندا كۆرسۈتۈپ بەرگەن . تېخنىكا پىشىپ يىتىلسە باشقا ساھەلەرگە كىڭەيتىشكە بۇلىدۇ . توردىن基于内容的医学图象检索ئىزدىسەڭلار بىر يەردىن مىنىڭ ھەقىقى ئىسمىم چىقىدۇ {:92:}
2- قەۋەتتىكى ansariyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋۇ كامىرا گوگىلنىڭ تور كۆرگۈسىدىلا چىقىدىغان ئوخشايدۇ ھە ؟ maxthon2.5 دا كۆرۈنمىگەنتى google chrome دا ئاچسام كۆرۈندى
مەنمۇ شۇنى ئىشلىتىمەن،مىنىڭكىدە باركەن رەھمەت
9- قەۋەتتىكى helloworldنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆتكەندە زۇلىپقار بارات ئاغىنىمىز سەن نىمە قىلالايسەن دىگەندە ئارتۇق گەپ قىلمىغان ، بۈگۈن بۇ تىما جايىدا چىقىپتۇ . بۇ خىل ئۇسۇلنى بىز سۆرەت مەزمۇنى ئارقىلىق ئىزدەش دەپ ئاتاپ قۇيىمىز . مەن بۇ يىل 9 ئاي كەلسە مۇشۇ توغرىسىدا تىما ئىشلەۋاتقىلى نەق ئۈچ يىل بۇلىدۇ . ناسىن دىگەندەك بۇ تېخنىكا تېخى پىشىپ يىتىلمىدى . مەن قىلىۋاتقان تارماق تىما جىگەر قاپلىق قۇرتىنىڭ CT رەسىمىنى ئاپتۇماتىك ئىزدەش . يەنى قۇلىڭىزدا جىگەر قاپلىق قۇرتىنىڭ CT رەسىمىدىن بىر پارچە بولغان ئەھۋال ئاستىدا سىز بۇ رەسىمنى كىرگۈزۈپ دوختۇرخانىنىڭ ياكى مەلۇم قىسمى توردىن مۇشۇ رەسىمگە ئوخشاش رەسىمنى تېپىپ چىقالايسىز . بىز ياساپ چىققان سېستىمىنىڭ مۇۋەپىقيەتلىك بۇلۇشى 82% دىن ئاشىدۇ ، پەن تېخنىكا نازارىتىدە دوكلات بەرگەندىمۇ نەق مەيداندا كۆرسۈتۈپ بەرگەن . تېخنىكا پىشىپ يىتىلسە باشقا ساھەلەرگە كىڭەيتىشكە بۇلىدۇ . توردىن基于内容的医学图象检索ئىزدىسەڭلار بىر يەردىن مىنىڭ ھەقىقى ئىسمىم چىقىدۇ
مەن ئاخىرىنى چىقىرالمىغان ئاۋۇ سىستىمىنىڭ، چۈنكى نەچچە تۈمەن، نەچچە يۈزمىڭ رەسىمدىن تەركىب تاپقان كىچىك سۈرەت ئامبىرىدىن ئىزدەش بىلەن نەچچە يۈز مىليون ھەتتا مىليارد پارچە سۈرەتتىن ياكى فىلىملەردىن تەركىب تاپقان ئامباردىن ئىزدەش ئۇسۇلى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ھازىر باشقا بىر شىركەتتە سۈرەت بىرىكتۈرۈش image stitching ،سىترولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش 3d reconstruction غا ئائىت نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن. بۇ نەرسىلەر سىلەرنىڭ تىببىي رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىشقىمۇ بەك ئىشلىتىلىدۇ. بىرەر مۇناسىۋەتلىك تۈر ئالالىساڭلار مۇزاكىرىلىشىپ بىللە تەتقىق قىلىشپ باقساق بولىدۇ.
10- قەۋەتتىكى biiganنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى ansariyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋۇ كامىرا گوگىلنىڭ تور كۆرگۈسىدىلا چىقىدىغان ئوخشايدۇ ھە ؟ maxthon2.5 دا كۆرۈنمىگەنتى google chrome دا ئاچسام كۆرۈندى
مەنمۇ شۇنى ئىشلىتىمەن،مىنىڭكىدە باركەن
IE6 دە ئېچىلمايدۇ.
بۇ ئىقتىدار چىققىلى خىلى بولغان، كىيىن بەيدۇقارىمۇ گوگىل ھاجىمنى دوراپ ئاشۇنداق ياسىۋالدى......
بەكرەك دىققەت قىلساق گوگىلنىڭ ئاشۇنداق شەكىلدە ئاۋاز ئىزدەيدىغان كارامىتىمۇ بار فەيسبوق، جوجل، لەيدى غاغا دەپ قويۇڭ

چەتنىڭ تىلى دېگەننى ژىتىۋېتىدىكەنسىز جۇما~! {:92:} {:92:} {:92:} ئاۋاز ئارقىلىق ئىزدەش بىلەن مۇشۇ 2 يېڭى ئىقتىدارىنى ئەڭ دەسلەپ گوگلنىڭ ئايفون نۇسقىسىدا سىناق قىلغان. ھازىر تور يۈزىدىمۇ قوللىنىۋاتىدۇ.
http://itunes.apple.com/cn/app/gu-ge-shou-ji-ruan-jian/id284815942?mt=8