yasin17 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 22:55:04

كۆڭلۈم تارتقان ناخشا: قىممەتلىك ھايات

ھايات شۇنداق نەرسە، بىز ئۇنىڭغا قانچىلىك قىلساق ئۇمۇ بىزگە شۇنچىلىك ياندۇرۇدۇ.  مانا بۇ ناخشىنى بۈگۈن مېنىڭمۇ كۆڭلۈم تارتىپ قاپتۇ. مۇشۇنداق ناخشىلارنى ئاڭلىسام كەڭ قوساق بولۇش، مېھرىبان بولۇش، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلىمەن.

بىللە بەھىرلىنەيلى:




تېكىستى:

قىممەتلىك ھايات




سۆزى :ئەخمەتجان قۇرباننىڭ




ھەرقاچان يادىڭدا بولسۇن،بۇ ھايات قىممەت ساڭا،

سەن ئۇنى سۆيسەڭ قەدىرلەپ،ئۇ بېرەر ھېكمەت ساڭا.




بۇ ھاياتنىڭ يوللىرى ئەگرى-توقايلىق تىك داۋان،

بېرىدۇ ئۇ گاھى راھەت ،گاھىدا مۇڭ دەرت ساڭا.  




بۇ ھايات تارازىسىدا،ئويلا ۋەزنىڭ قانچىلىك،

ساتمىساڭ ۋىجداننىلا، يار بولۇر ھۆرمەت ساڭا.




سەن قەدىرلە ئۆز-ئۆزۈڭنى، ئىنسان بولۇشنى ئىزلىسەڭ،

بولمىسا ھېچ نەرسە بەرمەس، بۇ بېخىل قىسمەت ساڭا.




بەكمۇ قىسقا بۇ ھايات، گويا چېقىن چاقماق كەبى،

ئەلنى سۆيسەڭ ئەل قۇچاقى، تۈگىمەس جەننەت ساڭا.  



yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-19 11:17:43

بۇ ناخشا يوليار كۈيلىرىگە ئىزچىل قوشۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. يوللىغىنىڭىز تولۇق ئەمەسكەن.


yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-5 23:46:46

قورقىمەن



چىقمىسا http://m.box.baidu.com/OTKX

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 18:37:39

مۇشۇ ئەبەيدۇللا تۇردى دىگەن ئەدەمنىڭ ئاۋازى بەكلا ياخشىكەن.ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇقۇغان ناخشىلىرى بولسا بىر ئاڭلاپ باقسام دەيمەن.
بەت: [1]
: كۆڭلۈم تارتقان ناخشا: قىممەتلىك ھايات