ياۋرۇپا لوڭقىسى س گۇرۇپپا ئەھۋالى
VS
كىرودىيەVSئىسپانىيە
VS
ئىتالىيە VSئېرلاندىيە
ياۋرۇپا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئالدىنقى ئىككى ئايلانمىدىن كېيىن ئا گۇرۇپپىدا چېخ بىلەن گىرىتسىيە، ب گۇرۇپپىدا گىرمانىيە بىلەن پورتۇگالىيە ئۇڭۇشلۇق ھالدا سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىردى.
بۈگۈن كەچ يەنە ئەتە سەھەر ئۇيغۇر ۋاقتى 12 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ياۋرۇپا لوڭقىسى س گۇرۇپپا ئۈچىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئالدىنقى ئايلانمىدا كىرودىيە بىلەن ئىتالىيە تەڭلىشىپ قالدى. نەتىجىدە بۇ گۇرۇپپىدىمۇ ب گۇرۇپپىغا ئوخشاش مۇرەككەپ ۋەزىيەت شەكىللەندى.
ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپىدىن چىقىش تۈزۈلمىسى كۆرۈپ باقايلى:
ئىككى كوماندا ئوخشاش نۇمۇر كۆرۈلسەتۈۋەندىكى تۈزۈلمە بويىچە بولىدۇ.
1 ئىككى كوماندىنىڭ ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى يېڭىش يېڭىلىش نەتىجىسى.
2 ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى ساپ توپ سانى ;
3 ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى كىرگۈزگەن توپ سانى
ئەگەر يۇقارقى ئۈچ خىل ئەھۋالدا يەنىلا ئوخشاشلىق كۆرۈلسە يەنى تۆۋەندىكى تۈزۈلمە بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ:
4 گۇرۇپا مۇسابىقىسىدىكى بارلىق ساپ توپ سانى
5 گۇرۇپا مۇسابىقىسىدىكى بارلىق ئۇرغان توپ سانى
6 ياۋروپادىكى تەرتىۋى ئالدىدىكى كوماندا
7كوماندىنىڭ ئادىل كوماندا باھالاشتىكى ئىپادىسى
8چەك تاتىش ئارقىلىق بەلگىلەش
بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇسابىقە تەھلىلى.
1. ئىسپانىيە كىرودىيەنى ئۇتۇپ گۇرۇپا بىرىنجى بۇلۇش،ئىتالىيە ئېرلاندىيەنى ئۇتۇپ گۇرۇپا ئىككىنجى بۇلۇش،ئەگەر ئېرلاندىيەنى ئۇتالمىسا كىرودىيە گۇرۇپا ئىككىنجى.
2ئەگەر كىرودىيە ئىسپانىيەنى ئۇتۇۋېلىپ قالسا كىرودىيە بىرىنجى.ئىتالىيە ئېرلاندىيەنى ئۇتۇپ قالسا 5 نۇمۇر بىلەن ئىككىنچى بولۇپ چىقىدۇ.
3ئىسپانىيە بىلەن كىرودىيە0-0 تەڭلەشسە،ئىتالىيە ئۇتسا ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيە بىرلىكتە گۇرۇپىدىن چىقىدۇ،كىمنىڭ گۇرۇپىدا بىرىنجى بۇلىشىغا گۇرۇپىدىن چىقىش تۈزۈلمىسى بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ.
4ئىسپانىيە كىرودىيە بىلەن 1-1 تەڭلەشسە،ئىتالىيە ئۇتسا ئۈچ كوماندا ئوخشاش 5 نۇمۇر،ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى نەتىجىسىمۇ ئوخشاش،بۇ ۋاقىتتا گۇرۇپىدىن چىقىش قائىدىسى 4-دىن كىيىنكى تۈزۈلمە بويىچە ئايرىلىدۇ.
5ئىسپانىيە بىلەن كىرودىيە 2-2 تەڭلىشىپ قالسا،بۇ ۋاقىتتا ئتالىيە ئېرلاندىيەگە قانچە توپ ئۇرۇشتىن قەتئى نەزەر شاللىنىپ كىتىدۇ،كىرودىيە بىلەن ئىسپانىيە گۇرۇپىدىن چىقىدۇ.
قېنى سىلەرمۇ تەھلىل قىلىپ بىقىڭلار. تەھلىللەر توغرا بوپتىمۇ يوق...
ھە پۇتبول لۈكچەكلېرى. شاش ئولتۇرۇپ بۈگۈن كەچتىمۇ بىر چاڭ چىقىرۋەتمەيلىمۇ...


جوڭگۇ ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى(شىمالىي رايونى)6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خېبىېي جوڭجى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىخېبىي جوڭجى كوماندىسىنىڭ تەلىپى بويىنچە 22-چېسلا يەنى جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىۋقتى15:00 كە ئۆزگەرتىلدى ، بارلىق مەستانىلەرنىڭ بۇ خەۋەرنى ئۆز-ئارا يەتكۈزۈپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
بۈگۈن ئۇخلاي مەن. بەك قىينىلىپ كىتىدىكەن ئادەم.
6- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئېرلاندىيە ئۇتسىمۇ چىقالمايدۇ. لېىن شان شۆھرىتى ئۈچۈن ئوينايدۇ. ئەزەلدىن قەيسەرلىك بىلەن ئوينايدۇ ئېرلاندىيىلىكلەر...
شۇنداق ئۇتسىمۇ چىقاممايدۇ ، بىراق ئۇلاردا بېسىم يوق بولغاندىكىن ئەركىن ئازادە ئويناپ ئىتالىيە كوماندىسىنى يولغا سەپقويامدىكىن دەيمەن.
kuyaxoghliنىڭ تېمىسىدىن نەقىلتېمىدىكى ‹ ئۇيغۇر ۋاقتى › دېگەن گەپ ھەجەپ تېتىدى... كىرودىيەنىڭ ئوتتۇرا بېكلىرى سەل ئېغىردەك قىلىدۇ، ئىسپانىيەنىڭ ئوتتۇرا ئالدىدىكى ھەر قانداق ئەزاسىنىڭ بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارى يۇقىرى، قىسقا پاس ئۈنۈمدارلىقىمۇ يۇقىرى، شۇڭا بۇ مەيداندا ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش ئېنىق ئايرىلىپ قالارمىكىن...
ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ گۇرۇپىدىن چىقىش تۈزۈلمىسى كۆرۈپ باقايلى:
ئىككى كوماندا ئوخشاش نۇمۇر كۆرۈلسەتۈۋەندىكى تۈزۈلمە بويىچە بولىدۇ.
1 ئىككى كوماندىنىڭ ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى يېڭىش يېڭىلىش نەتىجىسى.
2 ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى ساپ توپ سانى ;
3 ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى كىرگۈزگەن توپ سانى
ماۋۇ قانداق بەلگىلىمە دوستلار ؟ ئۆزئارا مۇسابىقە دېگىنى شۇ ئىككى كوماندىنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىسىنى كۆرسىتىدىغاندۇ .تۈزۈمنىڭ 1-سى : ئىككى كوماندىنىڭ ئۆزئارا مۇسابىقىدىكى يېڭىش - يېڭىلىش ئەھۋالى . غا قارىسىلا ئايرىلمامدۇ . 2-، 3- تۈزۈمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى ؟ بۇ ئىككىسىنىڭ 1-بىلەن قانداق پەرقى بار ؟ئوخشاش گەپ ئەمەسمۇ ؟ ئەجەپ چۈشەنمىدىميا ....
ئىتالىيە ئىككى مەيداندا ئىككى نومۇر ئالغان بىلەن ھۇجۇملىرى خېلىلا ياخشى، ئېرلاندىيەدىن ئۈچ نومۇر ئېلىش تەس ئەمەس مەن ئىتالىينىڭ يىڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئىتالىينىڭ دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە چىمپىيۇنلۇق تەمىنى تىتىپ باقمىغىنىغا نەۋاق!بۇ قىتىم گۇرۇپىدىن چىقالىسا چوقۇم چىمپىيۇن بولىدۇ بۇلار. ئۇيقۇ بەك كېلىپ كەتتى،مۇسابىقە باشلانماي كەتتى. شۇنى دەڭلا ھى ھى ھى باشلاندى...توررېس چۈشىدىكەن تېخى...

ئىتالىيە ئۇتۇدۇ باللار ئېرلاندىيەلىكلەرگە نىمە بولدى؟
بىلىكىدە قارلىق بارغۇ