tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 12:10:59

TOEFL بېرىش كېرەكمۇ ياكى IELTS

ئىنگلىزچە سەۋىيەسىنى سىناپ باقماقچى بولغانلار ياكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلاردائىم TOEFL ،IELTS دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىمتىھاننىڭ قايسىسىنى بېرىشتە ئىككىلىنىپ قالىدۇ.


ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل ئىمتىھاننىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟ زادى قايسىسىنى بەرگەندە ياخشى نومۇر ئالغىلى بولىدۇ؟


بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ يۇقىرىقى ئىمتىھانىلارغا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى ياخشى بىر سىن ئۇچرىتىپ قالدىم. كۆرۈپ باقسام بۇ ئىككى ئىمتاھان توغرىسىدا خېلى تەپسىلى توختىلىپتۇ. ئىزدىنىشتىكى باشقا ئىھتىياجلىق تورداشلارغىمۇ پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن مەقسەتتە يوللاپ قويدۇم. كۆرۈپ باقارسىلەر.


TOEFL بېرىش كېرەكمۇ ياكى IELTS


tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 13:19:28

يىللاردىن بۇران ئادەمنى بەك ئويلاندۇرىدىغان ۋە بەك تولا سورىلىدىغان سوئال...............

ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بەرسە ياخشى بولىدۇ.

ئىسىل سىن كەن

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 14:45:29

بىلوگىمغا يوللىسام بولامدۇ؟

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 17:34:35

ئەلۋەتتە بولىدۇ. قانچە جېق كىشى كۆرۈپ پايدىلانسا شۇنچە خۇشال بولىمەن.

bilgar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 18:36:55

ئىككى يىل بۇرۇن مەنمۇ قايسىسىنى بېرىش توغرىسىدا بەك ئويلانغان ئىدىم ، كىيىن مۇشۇ توغرىسىدا باشقىلارغىمۇ پايدىسى بوپ قالا دەپ بۇ توغرىسىدا بىر يازما تەييارلىدىم . لازىم بولغانلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ .

توفىل بېرەيمۇ ئايىلتىسمۇ ؟

http://www.bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=18
بەت: [1]
: TOEFL بېرىش كېرەكمۇ ياكى IELTS