كونا كىتابلارنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.


كەچۈرۈڭلار، مەن يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ، بىرھونغا چىقىرىلغان بىر نەچچە پارچە نادىر كىتابنىڭ ئۇچۇرىنى بۇ يەردە بېرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
1. تۈرك تىلى
رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا تۈزگەن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان. (بۇ كىتاب ھازىر پەقەت كۇتۇبخانىلاردىلا بار، كىتابخانىلاردا يوق... تولىمۇ ئېسىل كىتاب)
بۇ كىتابنى ئۆتكەندە مەزكۇر كۇلۇبىمىزدىكى romantic0122 ناملىق توردىشىمىز يوللىغان ئىدى. ئەمما بەتلىرى سەل قالايمىقان ئىكەنتۇق. بۇ قېتىم بىرھون تورى كىتاب بەتلىرىنى قايتىدىن رەتلەپ، سۈپەتلىك بىر ئېلكىتابقا ئايلاندۇرۇپ چىقتۇق.
ئەمما ئېسىڭلاردا بولسۇنكى بۇ كىتاب ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا تۈزۈلگەن، ھازىر بىلەن ئارىلىقتا 20 يىلدەك پەرق بار. شۇڭا ئۆگەنگۈچىلەر بۇ كىتابنى ئاساس قىلىپ ئۆگەنگەندىن باشقا «يېڭى ھىتىت» قاتارلىق كىتابلارنى قوشۇپ ئۆگەنسە بىر قەدەر ياخشى. «يېڭى ھىتىت»نىڭ مەزمۇنلىرى ۋە سۆزلۈكلىرى يېڭى.
چۈشۈرۈش ئورنى
2. كىتاب «كەچكۈز»
زوردۇن سابىر يازغان....
تۈرى: پوۋېست
بۇ كىتاب توغرىسىدا ئارتۇق ئېلان بېرىش ھاجەتسىز.... «كەچكۈز» دېگەن ئىسىمنى كۆرگەن ئادەم ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ.
تۇرايىڭىزدىن نۇرغۇن پايدىلانما ۋە ئېسىل كىتابلارنى چۈشىرىۋالدىم. ئەجرىڭىزگە مىڭلارچە تەشەككۈر! ئىشقىلىپ قىلىۋاتقان ئىشىڭلار بەك كاتتا. ئۇدۇللۇق يوللىغان كىتاپلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرۈپ مېڭىۋاتىمەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، كۆز تەگمىسۇن. تەشەككۈرلەر!
يەنە يېڭى كىتابلار قوشۇلۇپتۇ-ھە؟! تارتىنماي چۈشۈرۈۋالدىم، ئەمىسە! ئېلكىتابلارنى قانداق ياسايدۇ؟
مەندىمۇ بىريۈرۈش كونا كىتاپلار بار ئىدى ۋوي مۇشۇنداق ياخشى توربىكەتنىڭ بارلىقىنى ھەجەپ بىلمەي يۈرىپتىمەن.

بۇ توربىكەتكە چىقىپ كىتاپلارنىڭ ئېسىللىقىدىن،ھەممىنى چۈشۈرۋىلىشقا نەپسىم تاقىلداپ كەتتى. تېما ئىگىسىگە رەھمەت،ھارمىغايسىز.
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلار بولسا يەنە شاققىدە........................ {:92:} رەھمەت پارس تىلى دېگەن كىتاپنى رەسىم ئاپىراتىدا تارتىپ ئىشلىگەن ئوخشىمامسىز؟ سايىلىغۇچتا سايىلىغىلى بولمىغىدەك، ياكى سىزنىڭ سايىلىغۇچىڭىز A3 مىتى؟
مەندە ئۇيغۇر ئۆرپى ئادەتلىرى دېگەن كىتاپ بارئىدى، ئەينى چاغدا يېرىم ئايلىق مۇئاشىمغا ئالغان ئىدىم، شۇنى سايىلەشكە مۇمكىن بولسا، تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇناتتىم. http://www.birhon.com/?p=1326#more-1326 دە ئۇيغۇر ئۆرپى ئادەتلىرىنى بىرھۇن قىرىندىشىمىز ئاللاقاچان چىقىرىپ بولغان ئىكەن. فىرانسوزچە ئۈگىنىشكە ئائىت كىتابلار بارمۇ؟ مەنمۇ نۇرغۇن كىتاپنى چۈشىرۋالدىم. گەرچە دەماللىققا ئوقۇپ كېتەلمىسەممۇ،لېكىن كۆڭلۈم توق بىر كۇتۇپخانام باردەك ھىس قىلىمەن ،روھىم باشقىچە كۆتىرەڭگۈ.لازىم بولغاندا ۋاششىدە ئېچىپ كۆرىۋالىمەن . ھەجەپمۇ بەك قولايلىق ، كىتاپ دىسىلا بىر ھون ئېسىمگە كېلىدىغان بولدى ھازىر. يارايسىز @birhon! راست، مەنمۇ مۇشۇ بىر ھۇندىن كۆپ مەنپەت ئالغۇچى، ئىسىل كىتابلار بار، چۈشۈرۈش ئوڭاي، مەن شۇ خالىس نىيەت كىشىلەردىن تولىمۇ مەننەددار، قولۇمدىن كەلسە ياردەملەشسەم بولاتتى. ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى دىگەن كىتاپتىكى قىستۇرما رەسىملەر ئەسلى كىتاپتىمۇ رەڭسىزمىدى؟ بىرھوننى ئېلاننىڭ بىرنى دەسسەپ تاشلاپتىمەن.

ئۇلارنىڭ ھاردۇقمۇ چىقسۇن... ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىشنى باشلاپسىلە، سىلەرگە كۆپ تەشەككۇر. بۇتوربىتىنى چ چ دا باشقىلارغىمۇ كۆپ تەۋسىيەقىلدىم، ھەممىسى خۇرسەن بولدى. ئىلگىرى بىر قانچە كىتاب چۈشۈرۋالغان ئىدىم، بۇ قېتىممۇ نۇرغۇن ياخشى كىتابلارنى چۈشۈرۋالدىم.
ئويلاپ باقسام بۈگۈنكى قىلغان بىردىنبىر مەنلىك ئىشىم بوپتۇ بۇ.