Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 20:34:03

مومىلارنىڭ شىپاھلىق قولى

كىچىك چاغلىرىمدا مومامنىڭ نۇرغۇن "خوراپىي" ئىشىلىرىنى ئۇچرىتاتتىم، چوڭ ئانام قازا قىلغاندىن كېيىنئۇ "خۇراپىي"لىقلارنىڭ ھەممىسى بىر ئەسلىمىلا بولۇپ قالدى، ئەپسۇس كىچىك چاغلىرىمدىكى مائارىپ ماڭا كونا ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خوراپاتلىق دەپ ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن، تاكى 2003 - يىلىغىچە مىراس ژورنىلىدائاشۇ "خوراپاتلىق"لارنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئۆزەمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى، ئاشۇ سۆيۈملۈك "خوراپاتلىق"لارنى خاتىرىلەپ قويمىغانلىقىمنى، ھىچ بولمىغاندا ياخشىراق دىققەت قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەستە ساقلىۋالمىغانلىقىمنىئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئانىسى ھايات بولغان تەلەيلىك تورداشلارنىڭ مومىلارلا قىلىپ كىلىۋاتقان ئاشۇنداق "خوراپات" لىقلارغا سەل قارىماسلىقىنى، خاتىرلەپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىپ، مىراس ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىككى ئەسەرنى ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم.



كىتاپنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى: SkyDrive

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 21:11:36

ئىنتايىن دۇرۇس گەپ!

لېكىن بىدار ئاكا، بىردەم «موما»، بىردەم «چوڭ ئانا» دەيسىز، زادى قايسى ھېساپ...... ؟

«چوڭ ئانا» دىسە، بىز ئاپىمىز ياكى دادىمىزنىڭ ئاچىسى دەپ چۈشىنىمىز .... ئەمەلىيەتتىمۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «موما» بىلەن «چوڭ ئانا» بىر ئۇقۇم ئەمەس. شۇڭا ئامال بار تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى ئارىلاشتۇرۋەتمىسەك.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 21:17:04

قەشقەرشەھرىدە چوڭ دادام، چوڭ ئانام دەيدۇ، يەكەندە بوۋام، مومام دەيدۇ، قايسى توغرا، قايسى خاتا مەنمۇ بىلمىدىم.

ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىر تۇققانلىرىنى تاغام، ھاممام دېيىش ئورتاق.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 21:24:49

ئاتا-ئاپا، دادا-ئانا، بوۋا-موما ........................

بىز موما دەپ ئىشلىتىمىز، خەنزولار ماما دەيدۇ، ئېنگىلىزلا ماممي دەيدۇ. مۇ قۇرۇقلۇقىنىمۇ قۇياش ئانا دۆلىتى دەيدىكەن. قىزىق ھە.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 21:38:20

«م» ھەرىپى ھەممە تىللاردا بارمىكىن.   «ر،ژ،گ،غ...»لار بىر تىلدا بولسا بىر تىلدا يوق.كورىيەلىكلەرنىڭ،ئەرەبلەرنىڭ «ئانا،ئاپا» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزىدىمۇ «م» ھەرپى بار. تىللارنىڭ كىلىپ چىقىشى،تەرەققىياتىغا ئائىت ماقالىلەردە مۇشۇنىڭدەك مىساللار بار.

سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە ھەممىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغۇ؟!

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 21:50:26

بۇ تىمىدا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا چۈشۈپ كېتەمدۇق ئەمدى؟

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 22:11:56

ۋاي ياق!~   گەپكە ئۇدۇل كىلىپ يېزىلىپ قالغان ئىنكاسلار.   كۆكتاش باشلاپ بەردى{:92:}



قىزغىزىستانلىققۇ دەيمەن، بىر يازغۇچىنىڭمۇ «مومامنىڭ شىپالىق رېتسىپلىرى» دەپ بىر كىتابى بولىدىغان~ ياخشى كىتاپ.يۇقارقىسىنىمۇ ساقلىۋالدىم، رەخمەت.

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 22:14:18

مومام ھايات ۋاختىدا بۇغۇزۇم ئىششىپ قالسا ،دۇرۇت ئۇقۇپ ئۇچاقنىڭ كۇلىڭىنىڭ (ئىلگىركى ئۇتۈننى يېقىلغۇ قىلىدىغانمۇرىلىق ئۇچاق) بوز رەڭدىكى تۇپىسىنى ئېلىپ .تامغىقىمنى كۈتۈرۈپ قويسا نەچچە سائەتكە قارىماي ساقىياتتى.ھازىر جىن ساڭزىدىن نەچچە قاپ يەپمۇ ئامال بولماي، 7كۈن ئاسما سالدۇرۇپ ساقايمايئاسارىتى قېلىپ قالىدىكەن.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 22:34:52

تىزىملاتمىسا چۈشۈرگىلى بولمامدا؟ ھەجەپ مۇرەككەپلىشىپ كىتىۋاتىدۇ توردىن نەرسە چۈشۈرۈش \"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 22:38:52

6- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىزغىزىستانلىققۇ دەيمەن، بىر يازغۇچىنىڭمۇ «مومامنىڭ شىپالىق رېتسىپلىرى» دەپ بىر كىتابى بولىدىغان~ ياخشى كىتاپ.يۇقارقىسىنىمۇ ساقلىۋالدىم، رەخمەت.

ياق، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرئەدىف كامال ھېسامىدۇنۇفنىڭ ئەسىرى.


سىز دېگەن ئۇ ئەسەرمۇ مىراس ژورنىلىىنىڭ 2005- ۋە 2006- يىللىق سانلىرىغا بېسىلغان ئىدى، مەن ئۇنىمۇ مىراس ژورنىلىنىڭ تەھرىر بۆلىمىگە تېلېفۇن قىلىپ،ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ھەربىرسانى چىققان ھامان ئۇتتۇرلۇق كومپيۇتېرغائۇرۇپ كىرگۈزۈپ، مۇشۇ ئىزدىنىشنىڭ كونا مۇنبىرىگە،يوللاپ قويغان ئىدىم، كونا مۇنبەر ئېچىلماس بولدى، شۇ يوللانماممۇ يوق بولدى، توردىن باشقىلار ساقلاپ قويغانلىرىدن ئىزدەپ يۈرۈپ، دەسلەپكى بۆلىكىدىن باشقا بۆلىكىنى تېپىپ، تۇرايىمغا رەتلەپ قويدۇم: http://hi.baidu.com/qutlan/item/6dd4a2ce250899314594165b


http://bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=20298


بۇئەسەرنىمۇ تاپالىغىنىم بويىچە رەتلەپ يانفۇن كىتابى قىلىپ ئىشلەپ قويغان ئىدىم، ئىھتىياجى بارلاريانفۇن كىتاپلىرى قاتارى http://iask.sina.com.cn/u/1725857331/ish?folderid=122956 دىن چۈشۈرۋالغاي.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 22:46:31

8- قەۋەتتىكى mayhanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىزىملاتمىسا چۈشۈرگىلى بولمامدا؟ ھەجەپ مۇرەككەپلىشىپ كىتىۋاتىدۇ توردىن نەرسە چۈشۈرۈش \"\"

ئېلكىتاپلارنى http://iask.sina.com.cn/u/1725857331/ish?folderid=0 گە قويۇپ كىلىۋاتقان ئىدىم، بۇ يەردىن چۈشۈرۈشمۇ خىلى ئاسان ئىدى، بىرقېتىم بىر كىتاپنىڭ ئىسمىنى خاتا ھالەتتە يوللاپ قالغان ئىكەنمەن، ئۇنى ئۆچۈرىۋىتىپ، ئىسمىنى قايتىدىن قويۇپ يوللۇدۇم، كېيىن ئازراق ئىملا خاتالىقىنى بايقاپ قىلىپ، ئۇنى يەنە ئۆچۈرۈپ قايتا تۈزۈتۈپ يوللىدىم، بىر سائە ئىچىدە بىر تىمىنى ئىككى قېتىم ئۆچۈرگىنىم سەۋەپ بولدىمۇ، بىلمىدىم، شۇندىن كېيىن ھىچقاندق بىرنەرسىنى يوللىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم، \"\"، بۇنداق ئىشنى باشتىن كۆچۈرگەنلەرھەل قىلىش تەجرىبىسىدىن تەلىم بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى.


ھازىر ئامالسىز خوتمائىلنىڭ بوشلىقىغا قويىۋاتىمەن. ئاسانراق چۈشۈرگىلى بولىدىغان بوشلۇققا قويۇپ قويىدىغانلار بارمىكىن؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 23:12:00

مېنىڭچە ئەمدە مۇنازىرىنى مومىلار ھەققىدە ئېلىپ بارساق قانداق؟ بىزنىڭ مومىللىرىمىز يالماۋۇزمۇ ياكى شىپاھىگەرمۇ؟

yasin17 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 08:57:11

بۇ يەردىمۇ باركەن.

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى

http://www.intil.biz/home/forum.php?mod=viewthread&tid=5342&fromuid=1292



tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 09:07:22

گەرچە مومىلىرىمىز سىز ئېيىتقاندەك ساۋاتسىز بولسىمۇ،ئۇلار ئېيىتقان خوراپى گەپلەر : پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلمىغان شۇ زامانلاردىكى ئەجداتلارنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن،تارىخى تەجرىبىلەر ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن. تەبىئيلىكى، ئۈنۈمچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ قەدىرلىشىگە،ھۆرمىتىگە ئەرزىيدۇ.

yasin17 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 09:17:16

13- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەرچە مومىلىرىمىز سىز ئېيىتقاندەك ساۋاتسىز بولسىمۇ،ئۇلار ئېيىتقان خوراپى گەپلەر : پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلمىغان شۇ زامانلاردىكى ئەجداتلارنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن،تارىخى تەجرىبىلەر ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن. تەبىئيلىكى، ئۈنۈمچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ قەدىرلىشىگە،ھۆرمىتىگە ئەرزىيدۇ.

ئاتالمىش «خۇراپى» دېگەن گەپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ نۇرغۇن مەدەنىيەتنى يوقاتتى.

makansiz704 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 10:12:05

مۇشۇ بىدار ئاكىمىز زە بەلەن گەپ قىلىدىغان كىشى ئىكەن، سۆگەتنىڭ سايىسىدا پۇتنى ئۇزۇن سۇزۇپ ،موخورەكنى ئاچچىق قىلىپ يۆگەپ قويۇپ ئولتۇرۇپ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەم ئىكىەن ماخما.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 13:28:56

15- قەۋەتتىكى makansiz704نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ بىدار ئاكىمىز زە بەلەن گەپ قىلىدىغان كىشى ئىكەن، سۆگەتنىڭ سايىسىدا پۇتنى ئۇزۇن سۇزۇپ ،موخورەكنى ئاچچىق قىلىپ يۆگەپ قويۇپ ئولتۇرۇپ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەم ئىكىەن ماخما.

تېنىڭىزنى ئاسراڭ ئۇكام، تاماكا بەدەنگە زىيانلىقلا بولماي، ھارام.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 15:28:47

12- قەۋەتتىكى yasin17نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ يەردىمۇ باركەن.

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى

http://www.intil.biz/home/forum.php?mod=viewthread&tid=5342&fromuid=1292





ئۇ يەردىكىسىمۇ تولۇق ئەمەسكەن، ئېلقۇت توربېتىدە باشقا جايلارغا قارىغاندا خىلى تولۇق ئىدى، ئەپسۇس ئۇ يەردىكى


كىرگۈزگۈچى: تۇغچى (tughchi)

كىرگۈزگۈچىدىن ئەسكەرتىش:

مەن بۇ ئەسەرنى 2005- يىلى مىراس ژورنىلى تەھرىر بۆلىمىگە تېلېفۇن قىلىپ، ئىجازىتىنى ئېلىپ، 2005 -يىللىق سانلىرىنىڭ ئەڭ بېشىدىن باشلاپ، بىلىك، ئىزدىنىش ۋە بىلىۋاللارغا ئۇدۇللۇق يوللاپ ماڭغان ئىدىم، ئەپسۇس، بىلىكنىڭ كونا مۇنبىرىدە ئۇنىڭ ئوتتۇرلۇقتىكى ئازراقلا قىسملىرى(2-، 3-، 4-سانلىرىدىكى)نىلا تاپالىدىم، باشقا قىسىملىرى(1-، 5-، 6- سانلىرىدىكى)نى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم، ئەينى چاغدا ساقلاپ قويغانلار بولسا تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

دېگەن سۆزلەرگە قارىتا، ئىنكاس يېزىپ، تۇرغا كىرگۈزگۈچى تۇغچى بولۇپ قاپتۇ، ھەتتا مەن قوشۇپ قويغان ئىزاھات قىسمىغا قەدەر بىر ھەرپنىمۇ نىرى-بىرى قىلماي، ئەينەن چاپلاپمۇ يەنە كىرگۈزگۈچى تۇغچى دەپ يېزىلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتسەم، ئۇلار ئۇ يەردىن تىمانىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۋىتىپتۇ، ئۇنداق قىلىشنىڭ پەقەت زۆرۈرىيتى يوق ئىدى.

yasin17 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 21:48:31

تېمىدىكىسى تولۇقتۇ؟

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 23:18:09

قۇتلان ئاكا، ھازىرغىچە توپلانغان ئەڭ تولۇق نۇسقىسىدىن بىرەر شىڭگىلنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىغا تاشلاپ قويۇشىنى ئۇنۇتمىسىلا جۇما! \"\"
بەت: [1] 2
: مومىلارنىڭ شىپاھلىق قولى