oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 17:15:02

كېلىڭلار بىللە تېپىشماق تاپىمىز

بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلار سىنىپىدا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئىچىدە مۇنداق بىر ئويۇن تۈرى بار بولۇپ، بۇنىڭغا سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچى قاتنىشىدىكەن. سىنىپ باشلىقى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ دۈمبىسىگە بىردىن قولياغلىق ئېسىپ قويىدىكەن، قولياغلىقنىڭ رەڭگى قىزىل ۋە قارا ئىككى خىل رەڭدە بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر تال قارا رەڭلىك قولياغلىق بار.ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ دۈمبىسىدە قانداق رەڭلىك قولياغلىق بارلىقىنى بىلمەيدۇ،لېكىن باشقىلارنىڭكىنى كۆرەلەيدۇ. سىنىپ باشلىقى باللارغا باشقىلارنىڭ دۈمبىسىدىكى قولياغلىقنىڭ رەڭگىنى كۆرىۋېلىشقا بۇيرۇق قىلىپ، چىراقنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. ئويۇننىڭ قائىدىسىدە ئەگەر بىرەسى ئۆزىنىڭ دۈمبىسىدە قارا رەڭلىك قولياغلىق بار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسا بىر قېتىم يۆتىلىشى كېرەك ئىكەن. بىرىنجى قېتىم چىراق ئۆچكەندە ھېچكىمدىن سادا چىقماپتۇ، ئىككىنچى قېتىم چىراق ئۆچكەندە يەنىلا ھېچقانداق سادا چىقماپتۇ،لېكىن ئۈچىنچى قېتىم چىراق ئۆچكەندە توختىماي يۆتەلگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ. سىزنىڭچە زادى قانچە ئادەمنىڭ دۈمبىسىدە قارا رەڭلىك قولياغلىق بار؟ نىمە ئۈچۈن؟ مۇلاھىزە ئۇسۇلۇڭلارنىمۇ قالدۇرۇپ قويىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن....

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 20:03:52

1. ئەڭ ئاخىرقى رەتتە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دۈمبىسىدە قىزىل ياغلىقنى كۆرگەندە ئۆزىدە قارا ياغلىق بارلىقىنى ئويلىشىدۇ لىكىن ياندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ قارا ياغلىق بولۇش ئېھتىمالى بار.

1) ئەگەر ياندىكىلەرنىڭكىنىمۇ كۆرگىلى بولسا باشقىلاردىن سادا چىقمىغىنىغا قاراپ يۆتىلىدۇ

2)ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ھېچكىم سادا چىقارمايدۇ

2. بىرىنچى رەتتە ئولتۇرغانلار ھېچكىمنىڭكىنى كۆرەلمەيدۇ پەقەت باشقىلارنىڭ يۆتەلمىگىنىگە قاراپ ئۆزىدە قارا ياغلىق بارلىقىنى ئويلىشىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئىككى خىل ئېتىماللىق بار

1)ئەگەر ياندىكىلەرنىڭكىنىمۇ كۆرگىلى بولسا باشقىلاردىن سادا چىقمىغىنىغا قاراپ يۆتىلىدۇ

2)ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ھېچكىم سادا چىقارمايدۇ

3. ئوتتۇرا رەتتىكىلەر ئۆزىنىڭ ئالدىدىكىلەرنى كۆرەلەيدۇ، كەينىدىكىلەرنىڭ ساداسىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ...



باشتا ۋە ئىككىنچى قېتىم ھېچكىمنىڭ سادا چىقارمىغىنىغا قاراپ قارا ياغلىقنىڭ ئالدىنقى رەتتە بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى.

بىرى يۆتەلسە ئۆزىدە قارا ياغلىق بولۇش ئېھتىماللىقى ئازىيىدۇ دىگەن گەپ،  ئۈچىنچى قېتىم كەينى كەينىدىن سادا چىققانغا قاراپ ھەمدە پەقەت كەينىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىم بولغىنىغا قاراپ بىرىنچى رەتتىكى ئالتە ئوقۇغۇچى (بىر رەتتە ئۈچ پارتا، ھەر پارتىدا ئىككى ئوقۇغۇچى دەپ پەرەز قىلساق)كەينى كەينىدىن يۆتىلىشكە باشلايدۇ...



شەرتلەر تولۇق بىرىلمىگەندەك.

Anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 22:20:05

ئۈچ  .   بىرسىلا بولسا ھىچكىمدە يوق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپلا ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بىرىنجى قىتىمدا ھۆتىلىدۇ . ئەگەر ئىككىسى بولسا بىرىنىجى قىتىم بىر قارىنى (بىرسى يەنە بىرسىنى)كۆرۈپ بىرسى باركەنغۇ دەپ جىم تۇرىدۇ . لىكىن ئىككىنجى قىتىمدا ھەر ئىككىسى ئويلايدۇدە ،  ئاۋۇ قارا يەنە بىرنى كۆرمىگەن بولسا ھۆتىلىتى ، دىمەك ئۇ بىرنى كۆرۈپتۇ ، دىمەك مەندىمۇ قارا باركەن ، ھۆتىلەپ قوياي جۇما دەپ ھۆتىلىدۇ .  ئەمدى ئۈچ ئادەم بولسا ، ھەر بىرى باشقا ئىككى قارىنى كۆرىدۇ ، بىرىنجى ئىككىنجى قىتىم ئىككى ئادەمدە باركەن دەپ جىم تۇرىدۇ .  ئىككىنجى قىتىممۇ ھىچكىم ھۆتەلمىگەندىن كىيىن چوقىسنى ئشلىتىشكە باشلايدۇ  ،  ئەگەر ئىككىسلا بولسا ، بايامقى قائىدە بويىچە ، ئۆزىنى بىلىپ بولشى كىرەكتى ، دىمەك ئۇلارمۇ ئىككىدىن كۆرگەن ، ئۈچ ئادەمكەنمىز ، يەنە بىرسى مەنكەنمەن ، ئۆھۆ.....  

ئەگەر تۆتى بولسىچۇ ؟  ئوخشاش قائىدە بويىچە ئويلاپ جىم تۇرىدۇ  تۆتىنجى قىتىمغىچە .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 22:23:43

قانچە ئادەم بولسا شۇنچە ئادەمدە قارا ياغلىق بار...

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-19 16:55:12

ھەر بىر ئادەم ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئادەمنىڭكىنى كۆرەلەيدۇ     @Bilig

2108965551 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 09:02:34

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بەت: [1]
: كېلىڭلار بىللە تېپىشماق تاپىمىز