جۇڭگو قۇملۇق پۇتبول كوماندىسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن خۇش خەۋەر
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ خەيياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك ئاسىيا قۇملۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇملۇق پۇتبولى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ، ئۆتكەن نۆۋەتلىكتە 4-بولغان جۇڭگو كوماندىسى تۇنجى رەقىبى ئافغانىستان كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى ( ساھىبخان جۇڭگو كوماندىسى ئافغانىستان ، ۋيېتنام ، پەلەستىن بىلەن بىرلىكتە ئا گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، جۇڭگو كوماندىسى بۇ گۇرۇپپىدىكى ئۇرۇقلۇق كوماندا دەپ قارالغان ) ، ئاخىرىدا جۇڭگو كوماندىسى تۆتكە قارشى ئالتە نەتىجە بىلەن ئۇتتى . جۇڭگو كوماندىسىدىكى 6-نومۇرلۇق ئىلھام ئەھەد ئىككى توپ ، 7-نومۇرلۇق تۇرسۇن مۇھەممەد بىر توپ كىرگۈزدى .
مۇسابىقىنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5-قانىلىدىن تارقىتىلغان كۆرۈنۈش ئادرېسىنى بېسىڭ :
http://bugu.cntv.cn/sports/information/cctv5tiyusaishi/classpage/video/20120616/100563.shtml
مۇشۇلارنىڭخەۋەرلىرىكۆپ ئەمەس،،جىقراق خەۋەرداربولۇپتۇرساقبولاتتى ۋاھ!
قاچانلاردىن بۇ توپنىمۇ ئۆگىنۋالدىكىنە بۇ ئەزىمەتلىرىمىز،ئاغىينىلەر ،تىرىشىڭلار ! ماۋۇ ئىنىلىرىمىزنىڭ كەپ چىقىشىنى بىلسىڭىز دەپ بەرمەمسىز

ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ، 2008-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك قۇملۇق پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ، شۇ ۋاقىتتىكى دۆلەتلىك قۇملۇق پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى مارك ئاتاۋى ( برازىلىيەلىك ) ئۇنى دۆلەتلىك كوماندىغا قوبۇل قىلغان . 2008-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ، ئىلھام ئەھەد بىلەن تۇرسۇن مۇھەممەد بىرلىكتە دۆلەت كوماندىسىدا مەشق قىلغان . 2009-يىلى جۇڭگو قۇملۇق پۇتبول كوماندىسى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا قۇملۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە 4-بولغان . قۇملۇق پۇتبولى جۇڭگودا ئانچە نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقتىن ، دۆلەتلىك كوماندىمۇ پەقەت مۇھىم مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلسە ئاندىن كوماندا تەشكىللىنەتتى . شۇڭا ، ئىلھام ئەھەد ھازىر جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى سىچۈەن دۇجياڭ كوماندىسىغا تاللىنىپ ، 3 يىلدىن بېرى شۇ يەردە توپ تەپتى ، بۇ جەرياندا سىچۈەن كوماندىسى ب دەرىجىلىكلەردىن ئا دەرىجىلىكلەر قاتارىغا ئۆتتى ، ئاندىن يەنە ب دەرىجىلىكلەر قاتارىغا چۈشۈپ قالدى ، لېكىن ئوڭ ، سول مۇداپىئەچىلىك ئورنىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىلھام ئەھەد ئىزچىل ھالدا بۇ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ماھىرى بولۇپ كەلدى . سىچۈەن كوماندىسى ھازىر ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى جەنۇبىي رايونىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ، ئىلھام ئەھەد بۇ قېتىملىق ئاسىيا قۇملۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەشكىللەنگەن دۆلەتلىك قۇملۇق پۇتبول كوماندىسىنىڭ چاقىرىقىغا قوشۇلۇپ ، دۆلەتلىك قۇملۇق پۇتبول كوماندىسىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن سىچۈەن كۇلۇبىدىن ۋاز كېچىپ ، دۆلەتلىك كوماندىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى . مۇشۇ تۈردىمۇ ئەزمەتلىرمىز باكەندە

كەلگۇسىدىكى پۇت بولنىڭتەرەققىياتى شىنجاڭدا
مۇشۇكوماندائەزالىرىمىزپۇتكۇل خەلىقنىڭقوللىشىغا مۇھتاج
تىرىشىڭلارئەزىمەتلەر
تۈنۈگۈن ( 17-ئىيۇن ) كەچتە ، جۇڭگو قۇملۇق پۇتبول كوماندىسى پەلەستىن كوماندىسىغا بەشكە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى . ئۇيغۇر پۇتبولچىمىز ئىلھام بىر توپ كىرگۈزدى .
بۈگۈن كەچتە ، جۇڭگو كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى ئاخىرقى رەقىبى ۋيېتنام بىلەن ئوينايدۇ . بۇ ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش-چىقالماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم مۇسابىقە .
مۇنداق ئەزمەتلىرمىزمۇ بار دەڭ زۇللاجىم مانىڭ ئاخىرى قانداق بولۇپ كەتتى؟جۇڭگو كوماندىسى ۋيېتنامنى ئىككىگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن يېڭىپ گۇرۇپپىدىن ئوڭۇشلۇق چىقىپ ، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن سۈرىيە كوماندىسىنى يەڭدى ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرگە قارشى بەش نەتىجە بىلەن لىۋان كوماندىسىنى يەڭدى ، ئوزغۇنلۇقنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككىگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن ئىران كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى . بۇ ، ئۇلارنىڭ ئۈچ قېتىملىق ئاسىيا قۇملۇق تەنھەرىكەت مۇسابىقە تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ .( بىرىنچى قېتىملىقتا بەشىنچى ، ئىككىنچى قېتىملىقتا تۆتىنچى بولغان ) .
جۇڭگو كوماندىسى بۇ نەتىجىسى ئارقىلىق ، 2012-يىللىق خەلقئارا قۇملۇق پۇتبولى سەييارە مۇسابىقىسى پورتۇگالىيە رايونى مۇسابىقىسىنىڭ سالاھىيىتىگە ئېرىشتى .