بۇ كىشىگە كىم ياردەم قىلىدۇ؟(تېپىشماق)
بىر كىشىنىڭ خەتەرلىك بىر ئېرىسىيەت كېسلى بار بولۇپ، ئۇ ھەركۈنىA ،Bدورىدىن بىر تالدىن يېيىشى كېرەك.بىر قېتىم ئۇ يىراق بىر يەرگە ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ، ئىككى خىل دورىنىڭ ھەربىرىدىن ئۈچ تالدىن ئېلىپ يولغا چىقپتۇ،لېكىن يولغا چىقىپ ئىككىنچى كۈنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ،يانچۇقىدىكى دورىلار ئارلىشىپ كېتىپتۇ، دورىلارنىڭ رەڭگى، شەكلى ھەم چوڭ -كىچىكلىكى ئوپمۇئوخشاش ئىكەن، بۇ دورىلارنىڭ بىر خىلىدىن كۈنىگە پەقەت بىر تاللا يېيىش لازىم، ئاز-ياكى كۆپ بولۇپ كەتسە بۇ كىشىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.بۇ ۋاقىتتا بۇ كىشى سىلەرگە يولۇقۇپ قالدى، قېنى ئىزدىنىشتىكى ئەقىللىق بۇرادەرلەر بۇ كىشىگە ياردەملىشىپ دورىنى توغرا يېيىش ئۇسۇلىنى تېپىشىپ بېرىڭلار....ساۋاپ بولىدۇ


يەنى دورىنى ئوشتاپ يىسە بولىدۇ .يەنى ئوشتاپ ئىككى قىلىپ بىر پارچىسىنى قوپقۇيۇپ ،قالغانلىرىنىمۇ ئاشۇنداق قىلىپ ،تۆت بارچىنى بىر قىلىپ يىسە ئېھتىماللىق 100% بولىدۇ تۇنجى قەدەمنى توغرا بېسىپسىز ، داۋاملىق ئويلىنىڭ @sabi1130 2-كۈنى چوقۇم بىر تال دورىنى يەپ تۇرۇشى كېرەك...ئەمدى 3 تال دورىنىڭ قايسىلىقىنى ئىسپاتلاش قالدى
2- قەۋەتتىكى 222tttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2-كۈنى بولغان بولسا يەنە دورىدىن 4تال قالدى دىگەن گەپ . ئامال بار .
يەنى دورىنى ئوشتاپ يىسە بولىدۇ .يەرنى ئوشتاپ ئىككى قىلىپ بىر پارچىسىنى قوپقۇيۇپ ،قالغانلىرىنىمۇ ئاشۇنداق قىلىپ ،تۆت بارچىنى بىر قىلىپ يىسە ئېھتىماللىق 100% بولىدۇ
مىنىڭچە بۇياق تىپىپ بۇلۇپتۇ جاۋابنى
بېرىلىشىدىن قارىغاندا ئىككىنچى كۈنى بىر خىلىدىن ئىككى تال، جەمئىي تۆت تال دورا ئىككى كۈنگە قالىدىكەن.
بېشىنى دەپ بەردىم،ئاخىرىغا سىلەر كۈچەڭلار ئەمدى. مېنىڭچە بۆلۈپ يېيىشنى ئويلىغانلىق توغرا.
لېكىن ئىككىنچى قەۋەتتىكىدەك قىلسا توغرا يېيىش ئېھتىماللىقى 100 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولىدۇ، ئېنىق ئېھتىماللىقى قانچە بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ يۈرمىدىم.
يەنە بۆلۈش كېرەك مېنىڭچە.
بۇ كەمگە ئۆلۈپ بولدى ھەقىچان،بولدىلا. ھەقىقەتەن ياخشى تېپىشماق ئىكەن. 222tttنىڭ دېگىنى بەك توغرا بوپتۇ. نەزىرىيە جەھەتتىن بوپتۇ. ئەمەلىيەتتە تەڭ ئىككىگە بۆلۈشكە كاپالەت قىلماق تەس. 2-كۇنلىك دورىسىنمۇ يەپ بولغان،پەقەت 2 تاللا دورا قالغان. 222ttt نىڭ جاۋابى توغرا بوپتۇ.....بىردەم ئوينامىزمىكىن دېسەم ھەجەپ ئىتتىپ تېپىۋاپسىلە ئاداش

يەنە بىرنى يوللايمەن داۋامىنى شۇ يەردە مۇلاھىزە قىلىشايلى

يەپ بولماي يىقىلغان بولسا دورىلارنىڭ ھەممىسىنى سوقۇپ ئارلاشتۇرۇپ قىتىمغا بۆلۈپ يىسىلا 10 كۈنلۈك دورا ئارلىشىپ كەتسىمۇ ،ھىچ ۋەقەسى يوق .
11- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىككىنجى كۈنلىكىنى يەپ بولۇپ يىقىلغان بولسا 3- كۈنلىكىگە 2 تال ئاشىدۇ .
يەپ بولماي يىقىلغان بولسا دورىلارنىڭ ھەممىسىنى سوقۇپ ئارلاشتۇرۇپ قىتىمغا بۆلۈپ يىسىلا 10 كۈنلۈك دورا ئارلىشىپ كەتسىمۇ ،ھىچ ۋەقەسى يوق .
ماۋۇنى مىللىيچەدورا يېيىش ئۇسۇلى دەيمىز،ئېھتىماللىقنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەن.

11- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىككىنجى كۈنلىكىنى يەپ بولۇپ يىقىلغان بولسا 3- كۈنلىكىگە 2 تال ئاشىدۇ .
يەپ بولماي يىقىلغان بولسا دورىلارنىڭ ھەممىسىنى سوقۇپ ئارلاشتۇرۇپ قىتىمغا بۆلۈپ يىسىلا 10 كۈنلۈك دورا ئارلىشىپ كەتسىمۇ ،ھىچ ۋەقەسى يوق .
ماۋۇ ئۇسۇل ھەم قىززىقارلىق ھەم قايىل قىلارلىق ياخشى ئۇسۇلكەن
ئىككىنجى كۈنى بولغاندىكىن يەنە ئارلىشىپ كەتكەن دورىدىن بىر تال يەپ ئۆيگە قايتىپ ئاندىن دورىلىرىنى توغرا ئىلىپ سەپەرگە چىقسا بولىدىغۇ .
بەت:
[1]