oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 12:47:04

تاشئالما كوماندىسىنىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقە ئەھۋالى6.17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى توپ مەستانىلىرى!


تۆۋەندىكىسى پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالى ۋە ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن قىسقا فىلىم ئىكەن، بىرلىكتە كۆرۈپ ئوغلانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ باقايلى....


yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 21:24:31

مىللەتداش ئىكەنلىكىمىز ئۈچۈنلا نېمە بولسا يەنە رىغبەتلەندۈرمىزدە...لېكىن مەيدانغا چىقىپ يۈگۈرۈپ توپنى تەپكەنگىلا تىرىشقانلىق ھېسابلانسا ھەقىقىي كۈچىنى

چىقارغانلارنى نېمە دەيمىزكى تاڭ.2-3دىن ئارتۇق باللا تىرىشتى دېسە مۇسابىقىنى پۈتۈن كۆرۈپ باقسۇن.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 13:27:08

شىنجاڭ vsبىيجىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنى تىلۋىزىيە ئىستانسى نەخ مەيدان قويمايدۇ ،كۈيچى كۇلۇبى نەخ مەيدان مۇخپىرى نەخ مەيداندىن ئاڭلىتىدۇ . .مۇخپىرمىز بىيجىڭغا يىتىپ بىرىپ بولدى . مۇسابىقىنى نەخ مەيدان كۆرەلمەيدىغانلار ئۈچۈن نەخ مەيدان ئاڭلىتىمىز . .. .ئۇيغۇر قىرىنداشلار تىزدىن تارقىتىپ قويساڭلار !!بۇ مۇسابىقە ئاڭلايدىغان ئورۇنغا كىرىش دەرىسلىك فىلىمىhttp://v.youku.com/v_show/id_XNDEwODc3NjY0.html

yy:37877042

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 13:33:26

فىلىمنى كۆرمەيلا ئالدىراپ يوللىغانتىم، كۆرىۋېتىپ ئۆزۈمنى نەق مەيداندا ھۇررا توۋلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم....

ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقىسىنىڭمۇ غەلبىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن..............ھۇرررررررررررررررررررررررررررررا

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:18:43

مۇسابىقە باشلىنىپ 17 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىزنىڭ كوماندىمىزدىن 18 نومۇرلۇق مەھمۇتجان ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى........

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:19:39

ئارلىق يىراق بولغاچقا توپ ۋارتا ئۈستىدىن قېيىپ كېتىپ قالدى

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:21:14

ئارلىق يىراق بولغاچقا توپ ۋارتا ئۈستىدىن قېيىپ كېتىپ قالدى



20 مىنۇت بولغاندا يەنە بىر ئىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:24:13

بېيجىڭ مۇسابىقە مەيدانىدىكى توپ مەستانىلىرى 2000دىن ئاشىدۇ، ئاساسلىقى بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئاتاقلىق ناخشا چولپىنى ئەسقەر كۆك بۆرە ئۇلار بىلەن بىللە ئەزىمەتلىرىمىزگە قىزغىن مەدەت بەرمەكتە.

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:26:32

مۇسابىقە باشلىنپ 24 مىنۇت بولغاندا، قارشى تەرەپ تۇيۇقسىز كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ بىر توپ ئۇردى....

ھازىرقى نەتىجى 1:0   قارشى تەرەپ ئۈستۈنلۈكتە...........



شىنجاڭ ھۇرررررررررررا

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:33:22

تېمىنىڭ ئىسمىنى بۈگۈنكى مۇسابىقىگە ئاتاپلا قويماپسىز. مۇنبەر يۈزىدە كەينىدىكى كۆرۈنمەيدىكەن.

بۈگۈن مۇنبەردە مۇسابىقە كۆرىۋاتقانلار يوقمۇ؟

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:33:41

بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ تەجىربىسى مول، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا ئەزىمەتلىرىمىز سەل تەمتىرەپ قېلىۋاتىدۇ..........



غەيرەت غەيرەت!!!

zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:46:10

بىر ماھىرىمىز قىزىل كارتا يەپ ، مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىپتۇ .

zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:48:35

ئالدىنقى يېرىم مەيدان : بېيجىڭ 2 - 0 شىنجاڭ .

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:48:49

4.نومۇرلۇق مەھمۇتجاننىڭ قولى توپقا تېگىپ كەتكەنلىكتىن قىزىل كارتا بېرىلىپ مەيداندىن چىقىرۋېتىلىپ قالدى، ھازىر بىزنىڭ ئەزا ئون نەپەر




oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:52:13

ئالدىنقى مەيدان ئاخىرلاشقىلى 2مىنۇت قالغاندا قارشى تەرەپ يەنە بىر توپ بىلەنئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسىنى 2:0 دە ئاخىرلاشتۇردى \"\"

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:52:33

ئالدىنقى مەيدان ئاخىرلاشقىلى 2مىنۇت قالغاندا قارشى تەرەپ يەنە بىر توپ بىلەنئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسىنى 2:0 دە ئاخىرلاشتۇردى \"\"

watansiz يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:57:49

يەنىلا    ئۇمۇت بارئەزىزلەر تىرىشىڭلار

zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:58:12

yy توپ نومۇرى 37877042 ياكى 87526988 غا قېتىلىپ نەق مەيدان ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاڭلار !

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 14:59:43


muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 15:04:16

4-5 سۇپا شىنجاڭ مەستانلىرى

بىر سۇپا ھەربىيلەر، بىر سۇپا بېيجىڭ مەستانلىرى، دەمدا؟
بەت: [1] 2 3 4
: تاشئالما كوماندىسىنىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقە ئەھۋالى6.17