ياۋرۇپا لوڭقىسى 3-ئايلانما خەۋىرى
بۈگۈن سەھەر 12 دىن 45 دە باشلانغان ياۋرۇپا لوڭقىسى ئا گۇرۇپپا ئۈچىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە كۈتۈلمىگەن مۇسابىقە نەتىجىسى بىلەن پۇتبولنىڭ گۈزەللىكى نامايان بولدى.
مۇسابىقىدىن بۇرۇن روسىيە تۆت نۇمۇر،چېخ ئۈچ نۇمۇر.گىرىتسيە ئىككى نۇمۇر، پولشا بىر نۇمۇر بۇلۇپ، روسىيە گىرىتسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يەڭسىلا گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ ئۇڭۇشلۇق چىقىپ كىتەلەيتتى. چېخ بولسا گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈچۈن پولشانى يىڭىش كېرەك ئىدى ياكى روسىيە گىرىتسىيە بىلەن تەڭلەشكەن ئەھۋالدا پولشا بىلەن تەڭلەشسىلا 2-بۇلۇپ گۇرۇپپىدىن چىقالايتتى. گىرىتسىيە بولسا پولشانى يەڭسىلا گۇرۇپپىدىن چىقالايتتى. پولشادىمۇ ئۈمۈد بار بۇلۇپ گەرچە ئىككى نۇمۇر بولسىمۇ لېكىن گىرىتسىيە روسىيەنى يەڭگەن ئەھۋالدا چېخنى يەڭسىلا يەنە گىرىتسىيە بىلەن بىللە گۇرۇپپىدىن ئۇڭۇشلۇق چىقىپ كىتەلەيتتى. بۇ گۇرۇپپىدىكى دۆلەتلەرنى ئالاھىدە كۈچلۈك دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ لېكىن ھەممەيلەن چېخقا 4 توپ ئۇرغان روسىيەنى بۇ مۇسابىقىدىن ئۇڭۇشلۇق چىقىدۇ دەپ قارىغانتى.لېكىن چېخ قىممەتلىك ئۈچ نۇمۇرنى ئېلىپ ئۇمومى نۇمۇردا ئالتە نۇمۇر بىلەن بىرىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىقتى.گىرىتسىيە 2004 دىكى رىۋايەتنى قايتا يارىتىپ روسىيەنى ئېچىنىشلىق شاللىۋەتتى.
تەرتىۋى | كوماندا | مۇسابىقە | يەڭگىنى | تەڭلەشكىنى | ئۇتتۇرغىنى | ئۇرغان | يىگەن | ساپ | نۇمۇر |
1 | چېخ | 3 | 2 | 0 | 1 | 4 | 5 | 1- | 6 |
2 | گىرىتسيە | 3 | 1 | 1 | 1 | 3 | 3 | 0 | 4 |
3 | روسىيە | 3 | 1 |
| 1 | 5 | 3 | 2 | 4 |
4 | پولشا | 3 | 0 | 2 | 1 | 2 | 3 | 1- | 2 |
بۇ ئايلانمىدا چېخ ساپ توپى مىنۇس بىر ئەھۋالدا گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ بۇ جەھەتتە يىڭىلىق ياراتتى.
گىرىتسىيە بىلەن روسىيە ئوخشاش 4 نۇمۇر،گىرىتسيە ئۆز ئارا مۇسابىقىدە روسىيەنى يەڭگەنلىكى ئۈچۈن گۇرۇپىدا ئىككىنجى بۇلۇپ چىقتى.
ئىككى كوماندا ئوخشاش نۇمۇر كۆرۈلسەتۈۋەندىكى تۈزۈلمە بويىچە بولىدۇ.
1ئىككى كوماندىنىڭ ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى يېڭىش يېڭىلىش نەتىجىسى.
2ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى ساپ توپ سانى ;
3ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى كىرگۈزگەن توپ سانى
ئەگەر يۇقارقى ئۈچ خىل ئەھۋالدا يەنىلا ئوخشاشلىق كۆرۈلسە يەنى تۆۋەندىكى تۈزۈلمە بويىچە ئىش كۆرۈلىدۇ:
4گۇرۇپا مۇسابىقىسىدىكى بارلىق ساپ توپ سانى
5گۇرۇپا مۇسابىقىسىدىكى بارلىق ئۇرغان توپ سانى
6ياۋروپادىكى تەرتىۋى ئالدىدىكى كوماندا
7 كوماندىنىڭ ئادىل كوماندا باھالاشتىكى ئىپادىسى
8 چەك تاتىش ئارقىلىق بەلگىلەش
بۈگۈن كەچ سائەت 12 دىن 45 دە ھەقىقى ھالاكەت گۇرۇپپىسى ئاتالغان ب گۇرۇپپىدىكى تۆت دۆلەت مۇسابىقە ئوينايدۇ. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەھۋالى ناھايتى مۇرەككەپ.
ب گۇرۇپپىدا ھازىر گىرمانيە 6 نۇمۇر، پورتۇگالىيە 3 نۇمۇر، دانىيە 3 نۇمۇر، گوللاندىيە 0 نۇمۇر ھالەتتە. شۇڭلاشقا ھازىر بۇ گۇرۇپپىدىكى ھەر قانداق دۆلەتنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش ئېھتىماللىقى بار.
گىرمانيە دانىيە بىلەن تەڭلەشسىلا گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقالايدۇ. گىرمانىيە شاللىنىدىغان بىردىنبىر يول دانىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويۇش شۇنداقلا پورتۇگالىيەنىڭ گوللاندىيەنى يىڭىۋىلىشى. بۇ خىل ئەھۋالدا بۇ ئۈچ دۆلەت ئوخشاشلا 6 نۇمۇرغا ئېرىشىدۇ شۇنداقلا گىرمانىيە پورتۇگالىينى يەڭگەن، پورتۇگالىيە دانىيەنى يەڭگەن، دانىيە بولسا گىرمانىيەنى يەڭگنلىكىدەك ئايلانما ھالەت شەكىللىنىپ ساپ توپقا ئاساسەن يەڭگۈچى بەلگلىنىدۇ.
پورتۇگالىيە گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈچۈن گوللاندىيەنى يىڭىشش كېرەك. دانىيەنى يەڭگەنلىكى ئۈچۈن دانىيە بىلەن گىرمانىيە تەڭلەشكەن ئەھۋالدىمۇ گوللاندىيە بىلەن تەڭلەشسە ئوخشاش تۆت نۇمۇر بىلەن گۇرۇپپىدىن ئۇڭۇشلۇق چىقالايدۇ.
دانىيە ئۈچۈن پورتۇگالىيە غەلبە قىلغان ئەھۋالدا بىردىنبىر غەلبە يولى گىرمانىيەنى يىڭىش. شۇنداقلا يۇقۇرىراق نۇمۇر پەرقى بىلەن يىڭىش.
گوللاندىيە گەرچە نۆل نۇمۇر بولسىمۇ بۇنىڭدىمۇ ئۈمۈد يوق ئەمەس. ئەگەر دانىيە گىرمانىيەگە ئۇتتۇرۋەتسە، گوللاندىيە پورتۇگالىيەنى ئۇتىۋالسا بۇ ئۈچىنىڭ نۇمۇرىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ نۇمۇر بولىد. بۇ چاغدا گوللاندىيە پورتۇگالىيەنى يەڭگەن، پورتۇگالىيە دانىيەنى يەڭگەن، دانىيە گوللاندىيەنى يەڭگەن ئايلانما ھالەت شەكىللىنىپيەنىلا ساپ توپىغا ئاساسەن بىر دۆلەتتاللىنىپ ئىككى دۆلەت شاللىنىدۇ..
دانىيە گېرمانىيە تەڭلەشسە،پورتۇگالىيە گوللاندىيەمۇ تەڭلەشسە،دانىيە بىلەن پورتۇگالىيە ئوخشاشلا 4 نۇمۇر،پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۆز ئارا مۇسابىقىدىكى نەتىجە ئۈستۈنلىكى بىلەن گۇرۇپىدىن چىقىدۇ.
ھە كۆپچىلىك قالغىنىنى ئالدىرماي مۇنازىرلىشىۋالىمىز خاتا كەتكەن يەرلېرى بولسا تۈزىتىپ بېرىشەلا...
يەنى دانىيە يۇقۇرى نۇمۇر پەرقى بىلەن گىرمانىيەنى يەڭسە، پورتۇگالىيەمۇ يۇقۇرى نۇمۇر پەرقى بىلەن گوللاندىيەنى يەڭسە، دانىيە، گىرمانىيە، پورتۇگالىيە ئۈچىلىسى ئالتە نۇمۇر بىلەن تەڭلىشىدۇ. ساپ توپقا ئاساسەن بۇ ئۈچىدىن ئىككىسى تاللىنىدۇ. ئاساسلىقى دانىيە ئۇتۇپ قالسا دانىيەنىڭ ساپ گىرمانىيە بىلەن بولغان ساپ توپى ئۇتۇش ئۇتتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ دىگەن گەپ. ئىشقىلىپ مەن يەنىلا چۈشىنەلمىدىم،پادىشاھ نىمىدىن قۇرقۇدۇ
دىسە؟پاشىدىن،پاشىچۇ؟شامالدىن،شامالچۇ؟تامدىن،تامچۇ؟چاشقاندىن،چاشقانچۇ؟مۇشۇكتىن،مۇشۇكچۇ؟ئىتتىن،ئىتچۇ؟مەندىن.شۇڭا مەن پادىشاھتىن كۈچلۈك دىگەندەكلا چۈشۈندىم بۇ گەپنى.




مەيلى نىمىلا بۇلسۇن ،گىرمانىيەلىك سېرىقلارنىڭ چىمپىيۇن بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.فىرانسىيە بۇلسىمۇ مەيلى.ئىشقىلىپ ئىسپانىيەلىكلەر بۇلۇپ قالمىسۇن. بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىنى مۇشەدە كۆرىدىكەنمىزدە تۈنۈگۈن ئۈچىمىزلا كۆردۇق مۇسابىقىنى
كەچتە مۇشۇ يەردە كۆرۈشەيلى ئەزىزلەر..... ئاخشام قېتىۋېلىپ كۆرەلمىگەن،ئەمدى كۆرمەكچى. بۈگۈن رونالدو بىر ئېچىلىپ كەتسە بولاتتى. مەنچە گوللاندىيە جىنىنى تىكىدۇ. ھۇجۇمغا بەكرەك كۈچىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال رونالدونىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن... پورتىگالىيە بىلەن چانىشىپ كىتەرمۇ ئەمدى

شۇ چانىشىدىغان يەرگە كەلدى. بۇ مۇسابىقىدە كىم ئۇتسا شۇنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىغا پۇرسەت بار. ھەتتا گىرمانىيەمۇ ئەڭ بولمىغاندا تەڭلەشمىسە بولمايدۇ... تۈنۈگۈن مەنمۇ كۆرۈۋېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ، بۈگۈن شاش ئولتۇرايلى ھە ، لۈكچەكلەر ! بۈگۈن چېلسى لۈكچىكى بىر چۈشتىن كېيىن ئۇخلىدى.



ئۇخلاپ ھازىر تۇردۇم تېخى
ئىككى سائەت بولسىمۇ ئۇخلىۋاپتىمەن
ئۇخلمىغانلار ھازىر ئۇخلاڭلار. كەچتە كولا ئىچكەچ كۆرىمىز ھە.

13- قەۋەتتىكى erdewilنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رۇسىيەنىڭ شەرتىسز ئۇتتۇرۇپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ناچار كوماندا....ياخشى تېپەلمەيدۇ. بۇ قېتىم كىم چىمپىيۇن بولاركىن تاڭ. مۆلچەرلەش بەك تەسكەن.
تىلىكىڭىزگە يىتىپسىز. روسىيە ئۇتتۇرۇپ بولدى ئەتىگەندە...

ئوخخو بالاڭزا چاقچاقمۇ يا...گىرمانىيە ھازىر ئالتە نۇمۇردا. ئۇتتۇرسا يەنە ئالتە نۇمۇر. دانىيە ئۇتسا ئالتە نۇمۇر، پورتۇگالىيە ئۇتسىمۇ ئالتە نۇمۇر. ئۈچىلىسى ئالتە نۇمۇر مۇشۇ ئۈچىدىن ئىككىسى تاللىنىدۇ. شۇڭا گىرمانىيە ئۇتتۇرۇپ قويسا شاللىنىپ كىتىش ئېھتىماللىقى بار دىمەكچى...
گىرمانىيەگە ھەيران قاپسىز. ھەتتاكى 0 نۇمۇر ئالغان گوللاندىيەنىڭمۇ نەزىرىيە جەھەتتىن گۇرۇپپىدىن چىقىش ئېھتىماللىقى بار ئئئ

