hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 21:26:22

ئېھتىماللىق نەزەريىسى ۋە ماتىماتىكىلىق ستاتىسكا نى ئىزدىنىشتا ئۆگىنىش قىلايلى

ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ۋە ماتىماتىكىلىق ستاتىستىكا


مەن ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆزلۈگىمدىن ئۈگىنىۋاتاتتىم ، شۇنىڭ بىلەن ئىھتىماللىق نەزەرىيىسى ۋە ماتىماتىكىلىق سىتاتىستىكا، سىزىقلىق ئالگىبرا دىگەن دەرسلىكلەردىن ئۆتۈشكە توغرا كىلىپ قالدى .



ئىزدىنىش تورىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە بۇ كىتاپنى ئۆگىنىشنى تاماملىۋالسام ، بىرىنچىدىن ، ئۆگىنىشىم ئۇتۇققا ئېرىشىدۇ ، ئىككىنچىدىن ، توردىن نىمە تاپتىڭ دەپ چالۋاقىغانلارنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىدۇ ،ئۈچىنچىدىن ، ئىزدىنىش تورى ئۈچۈنمۇ پايدىسى بۇلىدۇ .



بىرىنچى مىسال : 1،2،3 ،4، 5 ،6 ، 7 لەردىن ئىبارەت يەتتە ساندىن ئىختىيارى ھالدا ئۈچى ئېلىپ تۈزۈلگەن ئۈچ خانىلىق سانلارنىڭ قانچىىسى جۈپ سان بۇلىدۇ ؟


يىشىش :ھاسىل قىلىنغان ئۈچ خانىلىق ساننىڭ جۈپ سان بۇلۇشى ئۇچۇن ، ئۇنىڭ بىرلەر خانىسىدىكى سان 2 ، 4 ، 6 لەردىن بىرى بۇلۇشى كېرەك . شۇڭا بىرلەر خانىسىغا قۇيۇلغان رەقەمنى ئېلىشنىڭ ئۈچ خىل ئوخشىمىغان ئۇسۇلى بار .


ئونلار ، يۈزلەر خانىسىغا قۇيۇلىدىغان رەقەمنى ئېلىشنىڭ بولسا جەمئى 6×5 خىل ئوخشىمىغان ئۇسۇلى بار. (مۇشۇنى قانداق قىلىپ چىقىرىمىز، تەپسىلى تەھلىل قىلىپ بەرسەڭلەر، قالغان جايلىرىنى تۇلۇق چۈشەندىم ) .


شۇنىڭ ئۇچۇن تېپىلىدىغان جۈپ سانلار 3.6.5=90 دانە بۇلىدۇ .





2- مىسال: 0 ، 1، 2 ، ........9 لاردىن ئىبارەت ئون رەقەمدىن ئۈچ خانىلىق سان تۈزسەك بۇ ئۈچ خانىلىق سانلار ئىچىدە:


(1)ئەگەر رەقەملىرى تەكرارلىنىدۇ دىسەك ، قانچە دانە ئوخشىمىغان ئۈچ خانىلىق سان تۈزگىلى بۇلىدۇ ؟


(2 ) ئۈچ رەقىمىنىڭ ھىچقايسىسى تەكرارلانمايدىغان ساندىن قانچىسى بار ؟


(3 ) ئۈچ رەقىمىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولغان ساندىن قانچىسى بار ؟


(4 ) پەقەت ئىككىلا رەقىمى ئوخشاش بولغىنىدىن قانچىسى بار ؟



بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق ئىكەن :


(1) رەقەملىرى تەكرارلىنىشقا بۇلىدىغان ئەھۋال ئاستىدا قانچە دانە ئوخشىمىغان ئۈچ خانىلىق سان تۈزۈشكە بۇلىدىغانلىقىنى ھىساپلىغاندا ، يۈزلەر خانىسىغا نۆلنى قۇيۇشقا بولمىغانلىقتىن تۈزۈلگەن ئوخشىمىغان ئۈچ خانىلىق سانلارنىڭ ئۇمۇمىي سانى مۇنداق بۇلىدۇ :


900 =9.10.10 ،


(2) يۈزلەر خانىسىدىكى رەقەمنى ئېلىشنىڭ 9 خىل ئوخشىمىغان ئۇسۇلى بار ، يۈزلەر خانىسىدىكى رەقەم ئېلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئونلار خانىسىدىكى رەقەمنى ئېلىشنىڭ 9 خىل ئوخشىمىغان ئۇسۇلى بۇلىدۇ . ، يۈزلەر ئونلار خانىسىدىكى رەقەمنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىنبىرلەر خانىسىدىكى رەقەمنى ئېلىشنىڭ8 خىل ئوخشىمىغان ئۇسۇلى بۇلىدۇ . ( سەۋەبى )


شۇڭا رەقەملىرى تەكرارلانمىغان ئۈچ خانىلىق سانلارنىڭ ئۇمۇمىي سانى مۇنداق بۇلىدۇ :


9.9.8648


(3) يۈزلەر خانىسىدىكى رەقەمنى ئېلىشنىڭ 9 خىل ئوخشىمىغان ئۇسۇلى بولغانلىقتىن ، ئۇ ئېلىنىپ بولغاندىن كىيىن ، ئونلار ھەم بىرلەر خانىسىدىكى رەقەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىكىتىلىدۇ ، شۇڭا ئۈچلا رەقىمى ئوخشاش بولغان ئۈچ خانىلىق سانلار 9 دانە بۇلىدۇ . ( بۇ چۈشىنىشلىككەن ) .


(4 ) يۈزلەر ۋە ئونلار خانىسىدىكى رەقەملىرى ئۆز ئارا ئوخشاش بولغان بولغان ئۈچ خانىلىق سانلاردىن 9×9 ، ئونلار خانىسى بىلەن بىرلەر خانىسىدىكى رەقەملىرى ئوخشاش ئۈچ خانىلىق سانلاردىن 9×9 ، يۈزلەر خانىسى بىلەن بىرلەر خانىسىدىكى رەقەملىرى ئوخشاش بولغان ئۈچ خانىلىق سانلاردىن 9×9 دانىسى بولغاچقا ، پەقەت ئىككى رەقىمى ئوخشايدىغان ئۈچ خانىلىق سانلارنىڭ ئۇمۇمىي سانى مۇنداق بۇلىدۇ :


9.9+9.9+9.9=243   ( بۇ جەرياننى چۈشەندىم )




كۈنۈكمە


1. 1، 2، 3 ، 4 ، 5 ،6رەقەملەردىن رەقەملىرى تەكرارلانمىغان بەش خانىلىق ساندىن قانچىنى تۈزۈشكە بۇلىدۇ ؟    جاۋابى 720


يىشىش : ئون مىىڭلار خانىسىغا 6 خىل


مىڭلار خانىسىغا 5 خىل


يۈزلەر خانىسىغا 4 خىل


ئونلار خانىسىغا 3 خىل


بىرلەر خانىسغا 2 خىل


شۇنىڭ بىلەن 6×5×4×3×2= 720جاۋابىم توغرا چىقتى .ئىشلەتكەن يۇلۇم توغرىمۇ ؟؟؟


2. 0،1،2،3،4،5 رەقەملىرىدىن رەقەملىرى تەكرارلانمىغان بەش خانىلىق ساندىن قانچىنى تۈزۈشكە بۇلىدۇ ؟جاۋابى 600


مەن بۇنى مۇنداق ئىشلىدىم :


نۆلنى ئون مىڭلار خانىسىغا ئىشلەتكىلى بولمىغانلىقتىن ئون مىڭلار خانىسىغا 5 خىل رەقەم ئالغىلى بۇلىدۇ ،


شۇنىڭ بىلەن مىڭلار خانىسىغا 4 خىل


يۈزلەر خانىسىغا3 خىل ،


ئونلار خانىسىغا 2 خىل ،


بىرلەر خانىسىغا 5 خىل


شۇنىڭ بىلەن   5×4×3×2×5600


ئەمما مەن بۇ ھىساپنى جاۋابىدىكى 600 كۈرۈۋېلىپ تېپىشماق تاپقاندەك چىقاردىم ، چۈشەنچە بەرسەڭلار ....


3. يۈز دانە مەھسۇلات ئىچىدىن 4 ئېلىپتەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتا قانچە خىل ئوخشىمىغان ئۇسۇل بار ؟ بۇنىڭ ئىچىدە مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ دەل ئېلىنىشىنىڭ قانچە خىل ئۇسۇلى بار ؟


(1)=3921255 بۇ جاۋاپ پايدىلىنىش جاۋابى بىلەن ئوخشاش چىقتى .


(2) مەلۇم بىر خىلمەھسۇلاتنىڭ دەل ئېلىنىشىنىڭ ئۇسۇلى   پايدىلىنىش جاۋابى : 156849 .


بۇنى قانداق ھىساپلاپ چىقىرىمىز ؟؟؟


4.    0،1،2،3،4،5،6،7،8،9لاردىن خالىغان تۆتىنى ئېلىپ تۆت خانىلىق سان تۈزسەك ، ئۇنىڭ ئىچىدە قانچىىسى تۆت خانىلىق جۈپ سان بۇلىدۇ ؟ پايدىلىنىش جاۋابى : 2296


بۇنى قانداق ئىشلەيمىز .


5. تېلفۇن نۇمۇرى 6 خانىلىق سان بولسا ، ئۇنداقتا تىلىگىراف ئىدارىسى جەمئى قانچە ئابۇنچىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇرالايدۇ ( ھەر بىر ئابۇنچى پەقەت بىر تېلىفۇن نۇمۇرى ئىشلەتسە ) ؟ رەقەملىرى ئوخشىمايدىغان تېلىفۇن نۇمۇرلىرىدىن جەمئى قانچىسى بار ؟ ئاخىرىدىكى ئۇچ خانىسى ئۆز ئارا ئوخشاشلىرىدىن قانچىسى بار ؟


پايدىلىنىش جاۋابى : 10، 151200


6. ئۈچ دانە ئوخشىمىغان ماتىماتىكا كىتاۋى ، بەش دانە ئوخشىمىغان فىزىكا كىتاۋى ، تۆت دانە ئوخشىمىغان ئىنگىلىزچە كىتاپ بار بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىختىيارىي ھالدا ئىككى دانە ماتىماتىكا كىتاۋى ، ئۈچ دانە فىزىكا كىتاۋى ۋە ئۈچ ئىنگلىزچە كىتاپ ئېلىنسا ، جەمئى قانچە خىل ئېلىش ئۇسۇلى بار ؟


يىشىش : http://my.poco.cn/manage/images/blank.gif


111



9.           رەسىم يوللاشنى قىلالمىدىم   



   http://my.poco.cn/manage/images/blank.gif



11. A, B , C لار خالىغان 3 توپلام بولسا ، AC بىلەن BC نىڭ كىسىشمەسلىگىدىن AبىلەنBنىڭ كىسىمەسلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بۇلامدۇ يوق ؟ يەكۈنىڭىزنى شەكىل سىزىش بىلەن ئىپادىلەڭ : ئۆلچەملىك جاۋابى :بولمايدۇ .


مەن شەكىل سىزىش ئارقىلىق بۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم .

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 09:34:10

ئالدىرىماي كۆرەيلى-ھە!

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 11:13:55

قىزغىنلىقىڭىزغا سۇغاق سۇ سەپمىدىم جۇمۇ ئاۋال دەپ قۇياي .

مۇشۇنى ئەمەلى تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بىرەر مىسال كەلتۈرۈپ بېرىڭلارچۇ بىرەرسىڭلار!!!

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 20:22:56


2- قەۋەتتىكى lonelynessنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىزغىنلىقىڭىزغا سۇغاق سۇ سەپمىدىم جۇمۇ ئاۋال دەپ قۇياي .

مۇشۇنى ئەمەلى تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بىرەر مىسال كەلتۈرۈپ بېرىڭلارچۇ بىرەرسىڭلار !!!



لاتارىيە!!!




joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 20:29:45

ئەمما ستاتىسكا دېگەن بەك مۇھىم پەن ئۇ.

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 21:16:39

ئورۇنلاشتۇرۇش ،گۇرۇپپىلاش مەسىلىلىرىگە چۈشىدىغاندەك.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 22:07:34

2- قەۋەتتىكى lonelynessنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىزغىنلىقىڭىزغا سۇغاق سۇ سەپمىدىم جۇمۇ ئاۋال دەپ قۇياي .

مۇشۇنى ئەمەلى تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بىرەر مىسال كەلتۈرۈپ بېرىڭلارچۇ بىرەرسىڭلار!!!

ماتېماتېكىنىڭ رولى ئەمەلى تۇرمۇشتا بىۋاستە ھالدا كۆپ ئۇچىرىمايدۇ، ماتېماتىكىنى ئىنقىلابى قۇربان پەن دەپ قارىساق بولىدۇ، كۆپىنچە باشقا پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىدۇ. لازىم بولغاندا قەدرىگە يېتىلىدۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-16 23:46:05

2- قەۋەتتىكى lonelynessنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىزغىنلىقىڭىزغا سۇغاق سۇ سەپمىدىم جۇمۇ ئاۋال دەپ قۇياي .

مۇشۇنى ئەمەلى تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بىرەر مىسال كەلتۈرۈپ بېرىڭلارچۇ بىرەرسىڭلار!!!

پۇل مۇئامىلە، پىسخىكا، لاتارىيە، ئىرسىيەت ساھالىرىدە، يەنە بىرقىسىم ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلارنى بىرتەرەپ قىلغاندا ئوبدان ئەسقاتىدۇ.


يەنە ماجاڭ ئوينىغاندا لازىم بولىدىكەن.


پېرىۋوت نىسبىتىنى تەتقىق قىلغاندىمۇ رولى بەك چوڭمىش، كېيىنچە سىزگىمۇ ئۇچراپ قالار بەلكىم.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 00:16:07

ماتېماتىكا پەنلەرنىڭ بېگى ۋە قۇلى.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 01:35:31

بىرىنچى سۇئالنى «رەقەملەر تەكرارلانمايدىغان»دەپ تەكىتلەپ قويسا ئوبدانراق بولاتتى. بىر لەر خانىسىغا 2،4،6، دىن ئىبارەت ئۈچ ساننىڭ ئارىسىدىنلا بىرنى ئېلىپ قويۇشقا بولىدۇ (چۈنكى ھاسىل بولغان سان جۈپ سان بولىشى كېرەك) شۇڭا 3 خىل ئېلىش ئۇسۇلى بار، بىرلەر خانىسى بېكىتىلىپ بولغاندا يەنە 6 سان قالغان بولىدۇ، بۇلاردىن خالىغان بىرنى ئېلىپ ئونلار خانىسىغا قويىسىز، شۇڭا 6 خىل ئېلىش ئۇسۇلى بار، يۈزلەر خانىسىغا بولسا قالغان 5 ساندىن خالىغان بىرنى ئېلىپ قويىسىز، شۇڭا 5 خىل ئېلىش ئۇسۇلى بار، كۆپەيتىش قائىدىسى بويىچە ( مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتائا باسقۇچقا بۆلۈشكە توغرا كەلسە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر باسقۇچنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ب خىل ئۇسۇلى بار بولسا، بۇ ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئا كۆپەيتىلگەن ب خىل ئۇسۇلى بار) 3*6*5=90 خىل جۈپ سان بار بولىدۇ.



ئىككىنچى سۇئالنىڭ 1-سى توپتوغرا. ئۈچ خانىلىق سان بولۇش ئۈچۈن يۈزلەر خانىسى نۆل بولماسلىقى كېرەك، شۇڭا يۈزلەر خانىسىغا نۆلدىن باشقا 9 ساندىن خالىغان بىرنى ئېلىپ قويىسىز، بۇنىڭ 9 خىل ئۇسۇلى بار. قالغان ئىككى خانىسىغا رەقەملەر تەكرارلانسا بولىدىغانلىقىئۈچۈن ئون خىل ئېلىش ئۇسۇلى بار، شۇڭا جەمئىي 9*10*10 خىل بولىدۇ.

ئىككىنچىسى : يۈزلەر خانىسىنىڭ 9 خىل ئېلىش ئۇسۇلى بار، نۆلدىن باشقا 9 ساندىن بىرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، نۆل بىلەن قوشۇلۇپ يەنە 9 سان قالىدۇ، ئونلار خانىسىغا ئاشۇ قالغان 9 ساندىن بىر ئالىمىز، شۇڭا بۇنىڭمۇ 9 خىل ئۇسۇلى بار، بىر لەر خانىسىغا ئېلىنماي قالغان 8 ساندىن بىر نى ئالىمىز، چۈنكى رەقەملەر تەكرارلانماسلىقى كېرەك، شۇڭا 8 خىل ئۇسۇل بار، جەمىئىي 9*9*8 خىل ئۇسۇل بار.



1. توغرا

2.2-مىسالنى چۈشەنسىڭىز بۇنىمۇ چۈشىنىسىز.

3. مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىنى ئېلىشنىڭ بىرلا خىل ئۇسۇلى بار، قالغان ئۈچىسىگە ئاشقان 99 دىن بىرنى ئالىمىز، شۇڭا جەمىئى ئۇسۇل 99دىن 3 گۇرۇپپىلاش كۆپەيتىلگەن 1= 156849



4. بىرلەرخانىسىغا 0،2،4،6،8 دىن بىر ئالىسىز، 5 خىل ئۇسۇلى بار. ئونلار خانىسىغا قالغان 9 دىن 1 نى ئالىسىز، 9 خىل ئۇسۇلى بار، يۈزلەر خانىسىغا قالغان 8 دىن بىرنى ئالىسىز، 8 خىل ئۇسۇلى بار، مىڭلار خانىسىغا قالغان 7 دىن بىرنى ئالىسىز، 7 خىل ئۇسۇلى بار. جەمىئي 5*9*8*7=2520 خىل ئۇسۇلى بار، بىراق بۇ سانلارنىڭ ئارىسىدا مىڭلار خانىسى نۆل بولغان سانمۇ بار، شۇڭا بۇنىڭدىن مىڭلار خانىسى نۆل بولغان جۈپ سانلارنى ئېلىۋېتىمىز، بۇ سانلارنى سانى : مىڭلار خانىسىغا نۆلنى ئالىمىز، بىرلا خىل ئېلىش ئۇسۇلى بار، جۈپ سان بولۇش ئۈچۈن بىرلەر خانىسىغا قالغان تۆت جۈپ ساندىن بىرنى ئالمىز، تۆت خىل ئۇسۇل بار، يۈزلەر خانىسىغا قالغان 8 دىن بىرنى ئالىمىز، ئونلار خانىسىغا قالغان 7 دىن بىرنى ئالىمىز، شۇنىڭ جەمئي 4*7*8*1=224، 2520-224=2296. بۇنىڭ باشقىچە ئىشلەش ئۇسۇللىرىمۇ بار.




7-سى 1 ئەمەس -1 بولىشى كېرەك، سان ئوقىدا سىزسىڭىز ئاسانلا چىقىدۇ.


قالغىنىنى ئەتە ئىشلەيلى.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 20:15:07

9-سۇئالىڭىزنى خاتا ياكى چالا يېزىۋالمىغانسىز؟تەڭلىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدە س نىڭ بىر قىسمى ئېلىنغان، ئوڭ تەرىپىدە بارلىقى ئېلىنغان، بىرەر شەرت بولمىسا تەڭلىك قۇرۇلالمايدۇ، مەسىلەن س ئا بىلەن ب نىڭ بىرلەشمىسىنىڭ ھەقىقى قىسمى توپلىمى دېگەندەك.

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-17 20:40:40

دەرەخ شەكىللىك دېئاگگىرامما تۈزۈپ كورۈپ باقساقمۇ بولغىدەك.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-18 10:25:41

10- قەۋەتتىكى suzukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9-سۇئالىڭىزنى خاتا ياكى چالا يېزىۋالمىغانسىز؟ تەڭلىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدە س نىڭ بىر قىسمى ئېلىنغان، ئوڭ تەرىپىدە بارلىقى ئېلىنغان، بىرەر شەرت بولمىسا تەڭلىك قۇرۇلالمايدۇ، مەسىلەن س ئا بىلەن ب نىڭ بىرلەشمىسىنىڭ ھەقىقى قىسمى توپلىمى دېگەندەك.



توغرا كىرگۈزەلمىدىم , رەسىمىنىئايرىم يوللاپ بىرەي.


رەھمەت سىزگە ، ئىزدىنشىتا سىزنى كۆرمىگىلى ئۇزاق بولغان ، تېنىچ ئامان تۇرىۋاتامسىز ،،،


مۇمكىن بولسا بۇندىن كىيىن كۆپرەك ياردەم قىلارسىز ....

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-6-24 21:30:34

خۇداغا شۈكرى، يامان ئەمەس تۇرىۋاتىمەن، رەسىملىرىڭىز كۆرۈنمەپتۇ، بولمىسا گەپ بىلەن ئىپادىلەپ بېقىڭ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-9 13:14:31

سۇئاللارنىڭ رەسىملىرى :


6-7-سۇئال :\"\"



9-سۇ







9-سۇئال :


\"\"




\"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-9 14:09:59

\"\"10. سۇئال : تۆۋەندىكىلەرنى ئىسپاتلاپ توغرا خاتالىقىنى تەكشۈرۈڭ ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ :



\"\"\"\"\"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-9 15:43:57

مەن ئۇقۇپ باقاي :

بىرىنچىسى، ئا توپلام بىلەن ب توپلامنىڭ بىرىكمىسى - ئا توپلام ۋە   ب توپلامنىڭ قالدۇق توپلىمنىڭ كىسىشمىسى بىلەن ب توپلامنىڭ بىرىكمىسىگە تەڭ بۇلىدۇ .

ئىككىنچىسى ، ئا توپلامنىڭ قالدۇق توپلىمى بىلەن ب توپلامنىڭ كىسىشمىسى - ئا ۋە ب توپلامنىڭ بىرىكمىسىگە تەڭ بۇلىدۇ .

ئۈچىنچى ، ئا ب توپلامنىڭ بىرىكمىسىنىڭ قالدۇق توپلىمى بىلەن س توپلامنىڭ كىسىشمىسى - ئا ب س توپلاملارنىڭ قالدۇق توپلاملىرىنىڭ كىسىشمىسىگە تەڭ بۇلىدۇ .

تۆتىنچى ، ئاب توپلامنىڭ كىسىشمىسى بىلەن ئا توپلام ۋە ب توپلامنىڭ قالدۇق توپلىمنىڭ كىسىشمىسىنىڭ كىسىشمىسى -بوش توپلام بۇلىدۇ ،

بەشىنچى ، ئەگەر ئا توپلام ب توپلامنىڭ قىسمىي توپلىمى بولسا ، ئۇ ھالدائاتوپلام - ئا توپلام بىلەن ب توپلامنىڭ كىسىشمە توپلىمىغا تەڭ بۇلىدۇ .

ئالتىنچى ، ئەگەر ئا توپلام بىلەن ب توپلامنىڭ كىسىشمىسى بوش توپلام بولسا ھەمدەس توپلام ئا توپلامنىڭ قىسمىي توپلىمى بولسا ئۇ ھالدا ب توپلام بىلەن س توپلامنىڭ كىسىشمىسى بوش توپلام بۇلىدۇ .

يەتتىنچى ، ئەگەر ئا توپلام ب توپلامنىڭ قىسمىي توپلىمى بولسا ، ب توپلامنىڭ قالدۇق توپلىمى ئا توپلامنىڭ قالدۇق توپلىمىنىڭ قىسمىي توپلىمى بۇلىدۇ .

سەككىزىنچى ، ئەگەر ب توپلام ئا توپلامنىڭ قىسمىي توپلىمى بولسا ، ئۇ ھالدا ئا توپلام بىلەن ب توپلامنىڭ بىرىكمىسىئا توپلامغا تەڭ بۇلىدۇ .

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-9 19:07:59

对偶律 دېگەن قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ ئىسپاتلايسىز، بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئىسپاتى ئادەتتىكى ئېھتىماللىققا ئائىت كىتابلاردا بار بولىدۇ، ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق:

. بىرىكمىنىڭ تولدۇرغۇچىسى تولدۇرغۇچىلارنىڭ كېسىشمىسىگە تەڭ.

. كېسىشمىلەرنىڭ تولدۇرغۇچىسى تولدۇرغۇچىلارنىڭ بىرىكمىسىگە تەڭ.



شۇڭا ئا بىلەن ب بىرىكمىسى بىلەن س نىڭ كېسىشمىسىنىڭ تولدۇرغۇچىسى ئا بىلەن ب نىڭ بىرىكمىسىنىڭ تولدۇرغۇچىسى بىلەن س نىڭ تولدۇرغۇچىسىنىڭ بىرىكمىسىگە تەڭ، ئابىلەن ب نىڭ بىرىكمىسىنىڭ تولدۇرغۇچىسى ئا نىڭ تولدۇرغۇچىسى بىلەن ب نىڭ تولدۇرغۇچىسىنىڭ كېسىشمىسىگە تەڭ، ئورنىغا قويسىڭىز، بۇلار تەڭ بولىدۇ ئا بىلەن ب نىڭ تولدۇرغۇچىسىنىڭ كېسىشمىسى بىلەن س نىڭ تولدۇرغۇچىسىنىڭ بىرىكمىسى.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-9 19:34:07

-سۇئالنىڭ جاۋابى خاتا ئوخشايدۇ، مىنۇس بىر بولىشى كېرەك. ۋوردتا    公式编辑器   تىن پايدىلىنىپ چىقىرىسىز ئۇ بەلگىلەرنى
بەت: [1]
: ئېھتىماللىق نەزەريىسى ۋە ماتىماتىكىلىق ستاتىسكا نى ئىزدىنىشتا ئۆگىنىش قىلايلى