Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 22:21:22

بىر زاپچاسنىڭ ياسىلىش جەريانى



ئېلېكتىر يايىدا پىششىقلاپ ئىشلەشكە دائىر نەرسە ئىزدەۋىتىپ، بۇ سىن ئۇچراپ قالدى. ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش، پروگرامما ئارقىلىق كونترول قىلىشنىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىمىسەممۇ ئېنىق، قىزىققانلارغا كۆرۈملۈك بولغاي..


ئادرىسى: http://player.youku.com/player.php/sid/XNTY4MzA1MjA=/v.swf



بۇ ئالدىنقىسى تەقلىدىي كۆرۈنمە بولسا، كېيىنكىسى ئادەمنى تېخىمۇ خوشال قىلىدۇ، بىر دات چىراي پولات قانداق قىلىپ يوقىرى پارقىراقلىقتا رەزبىلىك، چىشلىق چاقلىق دېتالغا ئايلىنىدۇ؟ شېرىنغا پەرھاتنىڭ كۆزى بىلەن، تۆمۈرگىمۇ مەستانىسىنىڭ كۆزى بىلەن قارايدىغانلار بۇ 10 مىنۇتنى چىقىرالايدۇ:


ئادرىسى: http://player.youku.com/player.php/sid/XMzI5NjQzNzA4/v.swf




تور دۇنياسىدا نۇرغۇن پىكىرلەرنى ئالماشتۇرۇپتۇق، بىلگەندەك، چۈشەنگەندەك، كۆرگەندەك بولدۇق- يۇ، گۆشخور بولالماي ئوتخور پېتى يۈرىۋەردۇق. تۈۋەندىكى ئاخىرقى سىننى ھېچ بولمىسا كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا بولسىمۇ چىداپ كۆرىدىغانلار كۆپرەك چىقسا، بولۇپمۇ ئېقىم مەسىلىلىرىگە قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن، نىمىشقا مۇشۇ ياساش ماشىنىلىرىنى لايىھىلەۋاتقان ۋە ئىشلىتىۋاتقان، سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ گېپى گەپ بولۇۋاتقاننىڭ، دۇنياغا نىمە بىلەن خوجا بولۇۋاتقاننىڭ سەۋەبىنى كۆڭلىدە ئاددىيلا بىر ئوقۇمغا ئايلاندۇرۇپ ساقلىۋالسا، شۇ چاغدا مىڭ تۈرلۈك تالاش- تارتىش، ئىدىيە ئاقارتىش بىلەن يەنە 1000 يىلدىمۇ ياخشىلىغىلى بولمايدىغان خەقنىڭ ئېڭى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ غېمىنى ئۇلارنى مۇشۇ ماشىنىلارغا ئىشچى، خوجايىن، ئېنژىنىر قىلىش ئارقىلىق قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يول ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلىسەك، كەڭ ئېتىزلىقتا مىليون ئاپتاپپەرەسلەر توق دانغا تولۇپ، ساپ-سېرىق ئېچىلىپ كەتكەندەك گۈزەل مەنزىرە پەيدا قىلىشتا ئۈمىد بار بولاتتى..


ئادرىسى: http://player.youku.com/player.php/sid/XMTY5Njc3MDI4/v.swf




ئادرىسى: http://player.youku.com/player.php/sid/XMjQwODkzNTM2/v.swf


E.3D يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 22:43:05

پاھ پاھ . .مۇشۇنداق نەرسىلەرگە بەك قىزىقىمەن جۇمۇ دادام مىخانىك بولغاچقىمىكىن كىچىكىمدىن مۇشۇنداق نەسىلەرنىڭ ئارىسىدا چوڭ بوپتىكەنمەن ، بەك ئامراق مەن مۇشۇ ئىشلارغا  ...

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 22:50:45

پىراكتىكا قىلغان مەزگىللەرنى ئەسلەپ قالدۇمغۇ.

شۇ چاغلاردا پېروگراممىلارنى ئۆزىمىز كىرگۈزۈپ ئاددىي ئوقلارنى قىرغان ئىدۇق. دۆلىتمىزدىكى ئەڭ ئىلغار سىتانوك زاۋۇتىنى ھەپتىلەپ ئېكىسكۇرسىيە قىلغان. سىتانوك ياساشقا ئىشلىتىدىغان سىتانوكلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چەتنىڭ، كۆپىنچىسى گېرماننىڭ ئىدى.

گېرمانىيەدىن كەلگەن ئېنژىنىرلار بەزى تېخنىكىلىق ھالقىلارغا يېتەكچىلىك قىلاتتىكەنتۇق.

20 مېتىرچە ئۇزۇنلۇقتىكى سىتانوكلارنىمۇ ياسايتتىكەنتۇق.

تەقدىر بىلەن جاپا تارتىپ ئوقۇغان كەسىپنى قىلالماي، يات كەسىپتىن خىزمەت تېپىپ قالدىم.

E.3D يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 22:58:18

سانائەت ئىنقىلابى پارتىلاپ ھازىرغىچە 400-300 يىل بولغاندۇ، نىمانچە تەرەققىيات بۇ .لايدىمۇ ئانچىلىق چىرايلىق چىقماس كەسسە . ماۋۇ ماشىنا بىرە يۈز ئادەمنىڭ ئىشىنى يىرىم سائەتتىلا قىپ بولغۇدەك .

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 23:00:08

ماۋۇ ئادەتتىكى رەقەملىك سىتانوكنىڭ دەرسلىكى:




nur يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 23:04:50

‏‏سىن ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار،ئايپەدچىلەرمۇ كۆرۈپ باقساق

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 23:09:32

5- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏‏سىن ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار،ئايپەدچىلەرمۇ كۆرۈپ باقساق

http://player.youku.com/player.php/sid/XMTUzNDEyNTY=/v.swf


يوكۇدىن 数控机床 دەپ ئىزدىسىڭىز جىق چىقىدۇ. مەخسۇس ئۆگىتىدىغان سىن دەرسلىرىمۇ باركەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 23:13:57

تېمىنى يەنە تەھرىرلەپ قويدۇم..



@muzdala مۇزدالا سىز يوللىغان سىننىڭ 1:50 يېرىدىكى قول بىلەن ئەمەس جابدۇق بىلەن دەپ چۈشەندۈرگەن يېرىنى ئاڭلاۋېتىپ، ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا نەچچە بارمىقىدىن قوش تۇلۇققا كىرىپ كېتىپ ئايرىلىپ قالغان ئوقۇتقۇچىنى ئەسلەتتى. ئاتام مەن 30 يىلنىڭ ئالدىدا شاگىرتىغا: «گېنراتورنىڭ ئالدىنى سۈرتكەندە دىققەت قىلىڭ جۇمۇ! شامالدۇرغۇچ لاتا بىلەن قولنى سۆرەپ كېتىدۇ» دەپ تاپىلاپتىكەن، كېيىن بىر كۆرۈشكەندە شاگىرتىنىڭ بارماقلىرى يوق تۇرغان، غىللىدە ياش ئېلىپ، «ئۇستام ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىلە مۇشۇنى دىگەن..،» دەپتىكەن. ئاتام گېنراتورنىڭ ئالدىنى سۈرتۈۋاتقاندا، سوۋۇتقۇچ چاقپەلەك لاتىنى شات!-تىدە سۈمۈرۈپ پاختا قىلىپ چىقىرىۋېتىپتىكەن !

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 23:29:09

5- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏‏سىن ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار،ئايپەدچىلەرمۇ كۆرۈپ باقساق



مەنمۇ ئادرىسىنى تولۇقلاپ قويدۇم، لىق چىقىدىغان چىراي..

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 23:31:47

شۇنداق، بۇ نەرسىنى ئىشلەتكەندە بەك دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ.

بۇ سىندىكىسىمۇ خېلى كونىكەن. ئەمىلىيەتتە ھازىر چوڭ زاۋۇتلاردا ئىشلىتىۋاتقان سىتانوكلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەينەك بىلەن قورشالغان، يۆتكىلىشچان كونتىرول تاختىسى ئورنىتىلغان. بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ئازايتىلغان. سىز يوللىغاندەك بىر قىسىم ئىشلەپچىرىش مەركەزلىرىدە بۇ خىل ئەۋزەللىك تېخىمۇ ئوبدان گەۋدىلەنگەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 23:58:51

ئادرىسى: http://player.youku.com/player.php/sid/XMzE5ODMxODU2/v.swf


تەڭشەلگەن چوڭلۇقى: 800*600


Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 07:32:34

مەن مۇشۇ كەسىپنى ئوقۇغان، راسىت گەپ قىلسام بىزگە كىتاپنىلا سۆزلەيىتتى، ھەرخىل زاپچاس، سىتانوكلارنى ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلاتتۇق، تۆت يىلنىڭ ئىچىدە سىتانوكنى 1.5 مېتىر يىراقلىقتىن 2-3 قېتىم كۆرسەتكەنغۇ دەيمەن. 变速箱 دىگەن نەرسىنى ئۆزىمىز لايىھىلەپ چىرتىيوژىنى ئىككى قېتىم سىزغان، بىراق ئاغزىمغا چىش چىقىپ  变速箱  دىگەن نەرسىنى ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىدىم.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 09:44:48

بۇنىڭ تىغىغا قانداق مىتال ئىشلىتىدىغاندۇ؟

پولاتنى قەغەزنى تەشكەندەك كۈچىمەيلا تىشىۋېتىدىكەن

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 10:07:57

4- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ ئادەتتىكى رەقەملىك سىتانوكنىڭ دەرسلىكى:




金工实习دەپ بىر دەرىستە خىلى ھەپلەشكەن جۇما مۇشۇ نەرسە بىلەن




bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 10:09:51

工程训练دەرىسىدە مۇشنىڭغا ئوخشاش سىخنى كۆرگەن، نەق مۇشۇسى ئەمەس ،بىزنىڭ كۆرگبنىمىز بۇنىڭدىن ئاددى قۇرۇلما بەلىكىم مەخسۇس ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغىنى بىر خىلى قول بىلەن ھەركەتلىنىدۇ ،يەنە بىرسى پىرۇگىرامما تۈزەپ ئاپتۇماتىك ھەركەتلىنىدۇ ،

بۇ مەن ئالى مەكتەپتە ئەڭ ئامراق دەرىسى ئىدى .

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 10:26:18

بىز سوپۇننى ياسايتتۇقا-ياسايتتۇق... قىرىپ-قىرىپ، يونۇپ-يونۇپ...

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 11:59:46

باچكىزە باچكا، پىلان -  تەرەققىيات كومىتىتى دىگەنلەرنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىدىن ئوبدان خەۋىرىڭ بار بولمىسا،جاڭ شۇجى كەلگەندىن بېرى ئەمدى تېخى دىيارىمىزنى خىمىيە سانائەت جەھەتتە كۈچلەندۈرىمىز دەپ چىقىۋاتىدۇ. بولمىسا ۋاڭنىڭ دەۋرىدىكىدەك ئىككى قارا بىر ئاققا ساياھەتچىلىكنى قوشۇۋېلىپ سەندەك ماشىنىسازلىق ئوقۇغانلار تېرىكىپ كېلىۋاتقان.شۇنچە يىلدىن بېرى جەنۇپقا سىتانوك بار زاۋۇت قۇرماسلىقىنىڭ  سەۋەبى بار. پارتىيىنىڭ غەمخورلىقى بىلەن ئۇلاقسىز پولات تۇرۇبا ئىشلەش ئەمدى ئىشقا كىرىشتى . ئۇلاقسىز پولات تۇرۇبا چىققان يەردە مىلتىق-زەمبىرەكمۇ چىقىدۇ ئەمەسمۇ!

18دىن كېيىن رايون ئىقىسادىغا بولغان چەكلىمىلەرنىڭ بوشىشىدىن جىق ئۈمىد بار، ۋولكىس ۋاگوننىڭ تېمىسىدىكىدەك:«ئىسىت ئون يىل كېيىن تۇغۇلسامكەن..» دەيدىغان ۋاقلىرىمىز ئالدىمىزدا. ئىنىلىرىمىز بولسىمۇ ياخشى ئېنژىنىر بولۇپ چىقار ئەمدى. \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 12:36:00

باچكا يوللىغان ئاخىرقى سىتانوكنىڭ ماركىسى ئەجەپكىنا؟ ئۇلارنىڭ تىلىدا باشقا گەپمۇ يا؟  {:92:}  

بۇنى كۆرۈپ 2005- يىلى قورال - ياراق مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يولۋاس تانكىسىنى چۇۋۇپ كۆرۈپ دىگەن گېپى ئېسىمگە كېلىپ قالدى: گېرمانلار تانكىنى بۇنداق ئىسىل ياسىۋەتمىگەن بولسا بەلكىم ئۇرۇشتا يېڭىۋالاتتى، بەك تۈجۈپىلەپ كېتىپ كۆلەملەپ ئىشلەپچىقىرالماي قالدى.

ئاجايىپ خەقتە بۇ...

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 13:48:05

تۇۋا ،ما نەرسىلەرنى قىرىپ ياسايدىكىنا.مەن تېخى قېلىپتا قۇيۇپ ياسايدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن.قۇغۇن-تاۋۇزنى تىلغاندەكلا تېلىۋىتىدىكەن،پۇلات دىگەننى.كۆزۈم ئىچىلىپ قالدى،بۇنى كۆرۈپ. \"\"  \"\"

يوللانغان ۋاقتى 2012-6-15 15:33:39

نەچچە پۇلدۇ بۇماشىنا؟مەن بىر نى ئالالىغان بولسام \"\"
بەت: [1] 2
: بىر زاپچاسنىڭ ياسىلىش جەريانى