ablatjan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 12:40:35

ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشتىن خوش خەۋەر !!!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار : ئابلەتجان ياسىندىن سىلەرگە سالام !!!


   تېلېۋىزىيە ئىستانسسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جىددىي ئىشلىشى نەتىجىسىدە، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن دانىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىنىڭ 20 - مىنۇتىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئەسلىدىكى سۈرەت - ئاۋاز يولىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ مەنبەسىدىن CSPN نىڭ مەنبەسىگە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆزگەرتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشتا قوللىنىلدىغىنى بىۋاستە خەلقئارالىق سۈرەت - ئاۋاز يولى بولۇپ، بۇرۇنقىدەك نەق مەيدان ئاۋازى بوش، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسسى چۈشەندۈگۈچىسىنىڭ ئاۋازى كىرىپ قالىدىغان سەۋەنلىكلەر تۈزۈتىلىپ، تېخىمۇ ئېنىق نەق مەيدان ئاۋازى ئاڭلىتىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاڭلىتىش گورۇپپىسى ۋە كەڭ كۆرۈلمەنلىرىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئوخشاشلا خۇش خەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىشىنىمىزكى،بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى مۇسابىقىلەرنى نەق مەيداندىن چۈشەندۈرۈش خىزمىتى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكۈسى!!!

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 14:25:37

ۋاي، رەھمەت! خەلقىمىزنىڭ پۇتبولغا ئامراقلىقىغا يارىشا كۆپلەپ ئەجىر قىلىۋاتىسىز. كۈندە پ پ ت ۋ دىن كۆرۈۋاتاتتىم، ئەمىسە بۈگۈن سىلەرنىڭ ئاۋزىڭلارنى ئاڭلايمەن.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 14:32:06

ياخشى بوپتۇ،قوللايمىز.

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 14:48:05

ئاخشام گىتتار فەن دىگەن ئىدى

ئاڭلاپ باقسام ئالدىنقى كۈنلەردىن خىلى ياخشى بولاپتۇ

نەق مەيدانئاۋازى سەل كۆتۈرلىپتۇ ،خەنزۇ چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئاۋازى يوق.

تىخمۇ غەيرەت قىلىڭلار

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 15:07:19

بەك ياخشى بوپتۇ . بۇندىن كېيىنكى خىزمىتىڭلار تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولغۇسى!

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 15:09:41

جاپا چەكتىڭلار .

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 15:13:46

ئىككى كۈندىن بېرى دىققەت قىلسام ئالدىنقى تېمىلاردا تورداشلار بەرگەن تەكلىپلەر ئەمىلىيلەشكىلى تۇرۇپتۇ.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 15:16:48

\"\"

ئاپىرىن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 15:17:59

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ جاسوسلېرى بارمۇ قانداق تەكلىپ پىكىرلېرىمىزنى ئاڭلاۋاتقان.\"\"ياخشى بوپتۇ مانا. ئىشلېرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي!..

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 15:42:37

ئاخشاملىققا ياستۇقنى قىرلاپ ئۆيدە كۆرىمىزكەندە.ئاپرىن \"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 15:47:24

8- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ جاسوسلېرى بارمۇ قانداق تەكلىپ پىكىرلېرىمىزنى ئاڭلاۋاتقان. \"\" ياخشى بوپتۇ مانا. ئىشلېرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي!..

يۇمۇر ئىنكاس ئىكەن ماۋۇ...كۈلدۈرۋەتتى ئىشقىلىپ \"\"

kashgarli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 16:18:37

ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ، جاپا تارتتىڭلار، رەھمەت سىلەرگە!

ئۇيغۇرچە 5-قانالنى توردىن كۆرگىلى بولامدۇ؟ مەندە تورغا ئۇلاقلىق كومپيوتېر بار، لېكىن تېلېۋىزور يوق، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيداندىن كۆرسىتىدىغان پروگرامىلىرىنى قانداق كۆرەلەيمەن؟ رەھمەت.

Arktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 16:23:12

8- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ جاسوسلېرى بارمۇ قانداق تەكلىپ پىكىرلېرىمىزنى ئاڭلاۋاتقان. \"\" ياخشى بوپتۇ مانا. ئىشلېرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي!..



تېمائىگىسىشۇ\"ئەڭ چوڭجاسۇس\"\"\" ياخشىباشلىنىشبوپتۇ،داۋاملىقتىرىشىڭلار ...........

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 16:26:19

ئەسسالام ئابلەتجان

مەن ئۆزەم بىر ياش ئۆسمۈرلەرپۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ مەشقلەندۈرۈۋاتقان ئىدىم، ئۇلارغا سىلەر تارقىتىۋاتقان بۇنداق يۇقىرى سەۋىيىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆرسىتىش ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن، ئەپسۇس، بۇ بالىلارنىڭ ئۆيلىرىگە تېخى سىملىق كەلمىدى، يەنە كېلىپ سۈنئى ھەمراھ تېلۋىزىيە قوبۇللاش ئۈسكۈنىلىرىنى بۇ يەردە ئورنىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغۇ دەپ قارايمەن ، بالىلىرىم دىخان بالىلىرى بولغاچقا مەن ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم......مەن چۈشۈرۈپ نۇرتەخسىگە ئويۇپ بالىلارغا قويۇپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن

سىزدىن سورايدىغىنىم :

1. سىلەر تارقىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشتىكى مۇسابىقىلەرنى توردىن چۈشۈرگىلى بولامدۇ؟ بولسا نەدىن چۈشۈرىمەن؟

2. سىلەرنەق تارقىتىۋاتقاندا ياكىتارقىتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ توردا كۆرگىلى بولامدۇ ؟ بولسا تور ئادرېسى قايسى؟



مۇشۇ سىلەرئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشتە تارقىتىۋاتقان مۇسابىقىلەرنى چۈشۈرۈشكە ئىمكان بولسا (رايونىمىزدا بىزنىڭ بالىلاردەك كۆرگۈسى بولسىمۇ كۆرەلمەيۋاتقان پۇتبول سۆيەر بالىلىرىمىزيەنە بولۇشى مۇمكىن،مېنىڭچە چوقۇم يەنە بار،ئۇلار تورغا چىقالمايدۇ،سىملىق كۆرەلمەيدۇ) چەت يېزا قىشلاقلاردىكى پەرزەنتلىرىمىزگە قىلىنغان بىر ياردەم ،مىللىتىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ياخشى ئىش بولاتتى......



جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن

ئالاقىلىشىش ئادرېسىم :elbilge@139.com

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 16:52:40

ۋاھ، ياخشى باشلىنىش. غەيرەت قىلىڭلار.\"\"

mr_weten يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 17:00:17

11- قەۋەتتىكى kashgarliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ، جاپا تارتتىڭلار، رەھمەت سىلەرگە!


ئۇيغۇرچە 5-قانالنى توردىن كۆرگىلى بولامدۇ؟ مەندە تورغا ئۇلاقلىق كومپيوتېر بار، لېكىن تېلېۋىزور يوق، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيداندىن كۆرسىتىدىغان پروگرامىلىرىنى قانداق كۆرەلەيمەن؟ رەھمەت.



مەندە شۇنداق دېتال بار ، بىراق ھازىر ئىشخانىدا ئىدىم، كېرەك بولسا كىيۇ-كىيۇ نومۇرۇمنى قېتىۋىلىڭ ، كەچتە مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بىرەي . 1428585420


ئۇيغۇرچە 5 قانال چىقىدۇ، جۈملىدىن شۇ 5-قانالمۇ




kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 17:06:01

xjtv-5 ماۋۇ بەتتە يامان ئەمەس چىقىدىكەن.

http://uyghur.cntv.cn/live_new/index.shtml

ablatjan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 17:06:24

XJTV5نى توردىن كۆرمەكچى بولغانلار، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىىنىڭ تور تېلېۋىزىيىسىدىكى ئۇيغۇرچە بەتتىن، ياكى بولمىسا ئەلكۇيى تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بېتىدىن كۆرسە بولىدۇ. چۈشۈرۈش، ساقلېۋىلىش ئىشلىرىنى كومپىيوتېرغا تېخىمۇ ياخشى، شۇ بەتكە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ئادرېس: http://uyghur.cntv.cn/live_new/index.shtml

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 17:08:33

13- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالام ئابلەتجان

مەن ئۆزەم بىر ياش ئۆسمۈرلەرپۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ مەشقلەندۈرۈۋاتقان ئىدىم، ئۇلارغا سىلەر تارقىتىۋاتقان بۇنداق يۇقىرى سەۋىيىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆرسىتىش ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن، ئەپسۇس، بۇ بالىلارنىڭ ئۆيلىرىگە تېخى سىملىق كەلمىدى، يەنە كېلىپ سۈنئى ھەمراھ تېلۋىزىيە قوبۇللاش ئۈسكۈنىلىرىنى بۇ يەردە ئورنىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغۇ دەپ قارايمەن ، بالىلىرىم دىخان بالىلىرى بولغاچقا مەن ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم......مەن چۈشۈرۈپ نۇرتەخسىگە ئويۇپ بالىلارغا قويۇپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن

سىزدىن سورايدىغىنىم :

1. سىلەر تارقىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشتىكى مۇسابىقىلەرنى توردىن چۈشۈرگىلى بولامدۇ؟ بولسا نەدىن چۈشۈرىمەن؟

2. سىلەرنەق تارقىتىۋاتقاندا ياكىتارقىتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ توردا كۆرگىلى بولامدۇ ؟ بولسا تور ئادرېسى قايسى؟



مۇشۇ سىلەرئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشتە تارقىتىۋاتقان مۇسابىقىلەرنى چۈشۈرۈشكە ئىمكان بولسا (رايونىمىزدا بىزنىڭ بالىلاردەك كۆرگۈسى بولسىمۇ كۆرەلمەيۋاتقان پۇتبول سۆيەر بالىلىرىمىزيەنە بولۇشى مۇمكىن،مېنىڭچە چوقۇم يەنە بار،ئۇلار تورغا چىقالمايدۇ،سىملىق كۆرەلمەيدۇ) چەت يېزا قىشلاقلاردىكى پەرزەنتلىرىمىزگە قىلىنغان بىر ياردەم ،مىللىتىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ياخشى ئىش بولاتتى......



جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن

ئالاقىلىشىش ئادرېسىم :elbilge@139.com


مىنىڭچە بولامدۇ بولمامدۇ دەپ ئولتۇرماي، دىئامىتىرى 50 سانتا ئەتراپىدىكى
قازاندىن بىرنى چەتنىڭكىنى تارتمايدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ كورۇڭ.
بالىلار كۆرۇپ بولغاندىن كېيىن يېغىشتۇرۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، كوپ بولسا 300
لەرگە كېلىدۇ.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 17:18:48

بارىكاللا ئاپىرىن سىلەرگە ، ، ، ، \"\"
بەت: [1] 2 3
: ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشتىن خوش خەۋەر !!!