كىتاپلىرىمغا خىرىدار بارمۇ(بىدار-قۇتلان)؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر، مەن ئۇزۇندىن بىرى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كىلىۋاتقانتۆۋەندىكى كىتاپلىرىمنى سېتىۋەتمەكچى:
1- «پارس تىلىدىن ئاساس(基础波斯语)»؛ مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1990- يىلى 1- نەشىرى؛ ئاپتۇرى لى شياڭ، خەمىت تۆمۈر؛ كىتاپ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قوش تىلدا يېزىلغان ھەم ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن.
2-«波斯语汉语司典»؛ 1981- يىلى بېجىڭدا نەشىر قىلىنغان؛ كىتاپ چوڭ پورماتتا، 2627 بەتلىك.
3-«阿拉伯语汉语司典»؛ 1966- يىلى بېجىڭدا نەشىر قىلىنغان؛ كىتاپ كىچىك پورماتتا، 1505 بەتلىك.
4- «تۈرۈكچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»؛ مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1989- يىلى 1- نەشىرى؛ ئاپتۇرى مۆمىن ئابدۇللا.
5- «خەنزۇچە-روسچە-ئۇيغۇرچە-تۈرۈكچە سۆزلىشىش قوللانمىسى(汉俄维土语会话手册)»؛ جۇڭگۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتى، 1990- يىلى 1- نەشىرى.
يۇقۇرىدىكى كىتاپلارنىڭ ھەممىسى نەشىردىن چىققان ھالەتتە بولۇپ، ئىشلىتىلىپ بېقىلغان كىتاپلار ئەمەس.
6- «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-روسچە لۇغەت»؛ بۇ لۇغەتنىڭ تاش مۇقاۋىسى قاتتىق تاشلىق بولسىمۇ، خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەن، ئىچ مۇقاۋىسى يۇقاپكەتكەن، ئەمما كىرىش سۆز قىسمى تولۇق بار، 1952- يىلى نەشىر قىلىنغان، ئاخىرقى بەتنىڭ نۇمۇرى 816 بولۇپ، ئاخىرقى ۋاراقلىرى يوقۇلۇپ كەتكەن، ئەمما ئىچكى ۋاراقلىرى بىجىرىم ھالەتتە.
7- «جەمىيەت شۇناسلىق»؛ تاشكەنت نەشىرى، سىلاۋىيان يېزىقىدا، 1985- يىلى نەشىرى.
يۇقۇرىدىكى كىتاپلارنىڭ 5- سىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىق مۇقاۋىلىق. بۇ كىتاپلارنىڭ مۇناسىبەتلىك رەسىملىرى ئەتە ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.
يۇقۇرىدىكى كىتاپلارنىڭ ئومومىي باھاسى 2 مىڭ سوم،پارچە ئالىدىغانلارغا كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلىدۇ.
ئىھتىياجلىق كىشىلەر ئۈچۈن بۇ كىتاپ قىممەت ئەمەس، ئىھتىياجى يوقلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەت. ئىھتياجى بارلار ئىزدىنىشنىڭ قىسقا ئۇچۇرىدا ئۇچۇر قىلسىمۇ بولىدۇ، مۇشۇ مۇنبەرگە سۆز قالدۇرسىمۇ بولىدۇ.
80- ياكى 90- يىللاردا نەشىر قىلىنغان كىتاپ، ژورناللاردىن تاپالمىغانلىرىڭلارنى ئۇچۇر قىلساڭلار، تېپىشىپ بېرىمەن.
1. «ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» 1 - قىسىم؛ 1912 - يىلى بېرلىندا نەشىر قىلىنغان. كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە. باھاسى 1000000 يۈەن؛
2. «ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» 2 - قىسىم؛ 1912 - بېرلىن؛ تىلى ئۇيغۇرچە؛ باھاسى 100 مىڭ يۈەن؛
3. «ھېساب كىتابى» (ئۇيغۇرچە ماتېماتىكا كىتابى)؛ 1913 - يىلى قاھىرەدە نەشىر قىلىنغان؛ باھاسى 60000 يۈەن.
4. «ئالتە شەھەر خەت چەكلىرىدىن ئۆرنەكلەر»؛ 1934 - يىلى قەشقەردە نەشىر قىلىنغان. باھاسى: 5000 يۈەن؛
5. «ئىلمىي جۇغراپىيە» (ئۇيغۇرچە جۇغراپىيە كىتابى)؛ 1912 - يىلى بېرلىندا نەشىر قىلىنغان. باھاسى: 150000 يۈەن.
1- قەۋەتتىكى tursunxayarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوقۇتقۇچىلىقتىن ۋاز كېچىپ (خەقنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان) سودىگەر بولۇۋالاي دېگەن ئوخشىماملا بىداركا؟!
كىتاپ سېتىش دىگەن خەقنى قاقتى سوقتى قىلىش ئەمەسقۇ؟بىدار قۇتلان ئەپەندىنى ئۇنداق گۇمان قىلسىڭىز پەقەت قاملاشمايدىكەن.
1- قەۋەتتىكى tursunxayarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوقۇتقۇچىلىقتىن ۋاز كېچىپ (خەقنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان) سودىگەر بولۇۋالاي دېگەن ئوخشىماملا بىداركا؟!
كىتاپ دېگەن ئوقۇلسا، ئۇنىڭدىن مەلۇم بىلىم ئۆگىنىلسە، ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى بولىشى مۇمكىن، كىتاپ ئىشكاۋىدا توپا بېسىپ تۇرسا ئۇنىڭ قانچىلىك قىممىتى بولسۇن؟
مەن ئۇ كىتاپلار ساقلاۋاتقىنىمغا 20، 30 يىل بولۇپتۇ، ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىمدا شورپا ئورنىغا چاي ئىچىپ، پولو ئورنىغا ھورنان يەپ تىجىگەن پۇلۇمغا سېتىۋالغان كىتاپلار ئىدى، ھازىرغىچە بۇ كىتاپلارنى ئىشلىتىشكە پۇرسەت بولماپتۇ، بۇ يېشىمغا كەلگەندە بۇندىن كېيىن پۇرسىتى تېخىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ئۇنى توپا باستۇرۇپ قويغىچە ئىھتىياجلىق بولىۋاتقان كىشىلەرگە سېتىپ بېرەي دېدىم، ئۇنىڭ پۇلىغا بىرەر كومپيۇتېر كىلىپ قالسا، ئوقۇلدار باللىرىمغا كومپيۇتېر ئېلىپ بەرسەم، قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلغىدەكمەن.
7- قەۋەتتىكى kokyalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېبابەت كىتابلىرى يوقمۇ بىداركا؟
بار، ئەمما سېتىلىدىغانلىرىدىن يوق.
بىداركا، ئۇ گەپنى سىزگىلا دېمىدىم،
ئاشۇ كىتابلارنى كۆڭلى- كۆكسى كەڭ يىگىتلىرىمىزدىن بىرەرسىگە سوۋغا قىلىڭ، ئۇنداقلارنى سىز بايقىيالايسىز. مېنىڭ بۇ نەۋرەم كىچىككىنە بوۋاق تۇرسا، چۈشكۈنلەشتى دىيىشكە قانداق پېتىندىڭلار. ئۇ چۈشكۈنلۈككە چاشقان دورىسى يېۋالغان چاشقاندىنمۇ بەكراق قارشى.
10- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7- قەۋەتتىكى kokyalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېبابەت كىتابلىرى يوقمۇ بىداركا؟
بار، ئەمما سېتىلىدىغانلىرىدىن يوق.
......................................
قايسى كىتابلاربار؟بىلىپ قالاي....
12- قەۋەتتىكى Mollamushukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مېنىڭ بۇ نەۋرەم كىچىككىنە بوۋاق تۇرسا، چۈشكۈنلەشتى دىيىشكە قانداق پېتىندىڭلار. ئۇ چۈشكۈنلۈككە چاشقان دورىسى يېۋالغان چاشقاندىنمۇ بەكراق قارشى.
چوڭ ئانا قەپەزدە پىنھان قىلىپ، قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، چاشقان ماراپ قېچىپ چىققان ئوخشىماملا؟
ھەي نېمە بولدى؟ ھەممە تېمىنى تەڭ پېتىقداپ... «تۈركچە- ئۇيغۇرچە لۇغەت» قانچە پۇل؟
مەن سېتىۋالاي 30 يىلنىڭ ئالدىدا تاشكەنىت شەرق ھەقىقىتى نەشىرياتى 1950-يىللىرى ئەتراپىدا نەشىر قىلغان غاپۇر غۇلامنىڭ «سىتالىن» دىگەن داستانى قولۇمغا چۈشۈپ قالغانتى. مەن 50-يىللاردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ كىتاپنى 10 كويغا ئالغان. ھازىر ئالدىغانلار بولسا 500 يۈئەنگە ساتىمەن( دەسلەپكى باھاسى، كېلىشىپ قالساق سەل تۆۋەنلىتىپ ساتساممۇ بولىدۇ) ئالدىغانلار ئۇچۇر قىلىىڭلار. كىتاپنىڭ 90% يېڭى، پوچتا،تىز يەتكۈزۈش ھەققىنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن. كىتاپ بىر تال، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭلار. مەن «باياز»نىڭ 1-2-قىسىملىرى ،«زەلىلى شىئېرلىرى »«قۇسۇرى شېئىرلىرى »«ھۇۋەيدا شېئىرلىرى »بولسا سىتىۋالاتتىم يۇقىرىقى كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىنى مەن بىر ھون تورىدىن پ د ف نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، ئەرزانلا «قايتا نەشر» قىلدۇرۇۋالغانىدىم.
ھازىرقى 20-30 كويلۇق كىتابلارنى ئالسىمۇ چوڭ گەپ! تۈركچە- ئۇيغۇرچە لۇغەت» قانچە پۇل؟
سىتالىن داستاننى مەن ئوقۇغاندىكىن نەۋرەم ئوقىمىساممۇ بولار .
كىم ئاشىدۇ قىلىپ سېتىڭ، خېرىدار 2 بولۇپ قالدۇق قۇتلانباي.