ئاندرويد ئۈچۈن ئۇيغۇرچە wikipedia ئامبىرى [يېڭى]
wikipedia دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان، ھەقسىز بىلىم ئامبىرى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئامبىرىمۇ بار. لېكىن رايونىمىزدا ئۇيغۇرچە تور بېتى ئېچىلمايدۇ. مەن ئالدىنقى يىلى ئۇنىڭ تورسىز ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئاندرويد يانفون ئۈچۈن لۇغەت ساندانىغا ئايلاندۇرۇپ تارقاتقان ئىدىم. بۇ قېتىم ئەڭ يېڭى ئامبىرىنى چۈشۈرۈپ يېڭىدىن ئامبار ھۆججىتى ياساپ تارقاتتىم.

wikipedia ئامبىرىنىڭ يېڭىلانغان ۋاقتى 2012-يىل 8-ئىيۇن
ئىشلەش مۇھىتى: ئۇيغۇرچە قوللايدىغان ئاندرويد سىستېمىلىق يانفون ياكى تاختا كومپىيۇتېر (تورسىز مۇھىتتا ئىشلەيدۇ)
بۇنى ئىشلىتىشتىن ئاۋال تۆۋەندىكى ئادېرستىن BlueDict دېتالىنى چۈشۈرۈپ يانفونغا قاچىلاڭ.
http://www.coolapk.com/download/apk/4044/cn.ssdl.bluedict/
ئاندىن ماۋۇ ئادېرستىن ئامبار ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ SD كارتىنىڭ BlueDict/Dicts قىسقۇچىغا كۆچۈرۈپ قويساڭلار بولىدۇ. ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
باشقا تىللاردىكى قامۇس، ئوكيانۇس، لۇغەتلەر لازىم بولسا ماۋۇ يەرگە كىرسەڭلار قۇمدەك ئامبار ھۆججەتلىرى بار.
http://www.verycd.com/topics/2855391/
مەنبەسى: ئالپ تورى
ئىزاھات: ئالپ تورى مۇلازىمېتىر كاشىلىسى سەۋەبىدىن 20 كۈندىن بېرى تاقىلىپ قېلىپ، بۈگۈن ئېچىلغان ئىدى. ئېچىلغانلىقىنى دەپ قويغاچ، ماۋۇ ياخشى دېتالنى ئېلىپ كەلدىم. ئالپ تورىنى قوللاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مارەك بولسۇن ئالىپكا ئاخىر ئېچىلدى مارەك بولسۇن كۆزىمىز تۆت ئولتاغان قاچان ئىچىلىدىكىن دەپ ئالىپكا تېلفۇنۇمنىڭ سېستمىسنى 4.0غا كوتۇرەلمىدىم، قاچىلاش بولىقىنى چۇشۇرۇپ قاچىلسام (ShuaMe يۇمتالى ئارقىلىق) تىلفۇن قايتا قوزغالماي تۇرۋالدى ، ئېكراندا ئۇچ بۇلۇڭ نىڭ ئاستىدا بىر ئۇندەشتەك قىزىل بىرنىمە چىقىۋېلىپ، يېرىم سائەتتەك ساقلىساممۇ شۇپېتى ، مېيىنى چىقىرىپ قايتا قوزغاتسام قوزغالدى ، لىكىن سورىتى بەك ئاستا،تىلفۇننى ئۇيغۇرچە قىلۋېلىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئەڭ چۇشۇنۇشلۇك ئۇسۇلىنى دەپ بەرسىڭىزغا .. ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم، htc g14
3- قەۋەتتىكى raul113نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالىپكا تېلفۇنۇمنىڭ سېستمىسنى 4.0غا كوتۇرەلمىدىم، قاچىلاش بولىقىنى چۇشۇرۇپ قاچىلسام (ShuaMe يۇمتالى ئارقىلىق) تىلفۇن قايتا قوزغالماي تۇرۋالدى ، ئېكراندا ئۇچ بۇلۇڭ نىڭ ئاستىدا بىر ئۇندەشتەك قىزىل بىرنىمە چىقىۋېلىپ، يېرىم سائەتتەك ساقلىساممۇ شۇپېتى ، مېيىنى چىقىرىپ قايتا قوزغاتسام قوزغالدى ، لىكىن سورىتى بەك ئاستا،
تىلفۇننى ئۇيغۇرچە قىلۋېلىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئەڭ چۇشۇنۇشلۇك ئۇسۇلىنى دەپ بەرسىڭىزغا .. ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم، htc g14
ماۋۇ يەردە سىز ئىزدەۋاتقان جاۋاپ باركەن.
http://www.alip.biz/thread-3181-1-1.html
بەت:
[1]