ياۋرۇپا لوڭقىسى توغرىسىدا ئەمدى بۇ يەردە دېيىشمەمدۇق؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! پۇتبول ئاشىقلىرى، نەچچە كۈندىن بىرى ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەچ، مۇنازىرلىشىپ كېلىۋاتقان «ياۋرۇپا پۇتبول لوڭقىسى: تۇنجى مۇسابىقىدە تەڭلەشتى.» ئاتلىق تېما ئىنكاس بىلەن توشۇپ بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا يەنە ئىنكاس يېزىپ قىزىتىشقا ئەپسىز بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا، ئەمدى ئاخشاملىقتىن باشلاپ بۇ يەردە دېيىشكەچ بىرلىكتە كۆرسەك. يالغۇز كۆرسە ئانچە كۆرگىسى كەلمەيدىكەن كىشىنىڭ.
قۇرۇق بولسىمۇ مۇنۇ سورۇننى ھازىرلىدىم، ئەمدى قىزىتىش قىزىتماسلىق پۇتبول سۆيەرلىرىمىزگە قالدى.
قېنى ئەمىسە زىيالى، مالچى، تەبەسسۇم، ياپراق، گىتارفەن قاتارلىقلار، خۇش كەلگەيسىلەر...
باشقۇرغۇچىلار مالال كۆرمەي مۇنۇ ئاددى تېمىنى تەستىقلاپ قويغايسىلەر، رەھمەت!
10- قەۋەتتىكى yapraqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەمسە مەنمۇ بۇ يەرگە قەدەم تەشرۇپ قىلاي.يەنە ئالتە مېنۇت قالدى مۇسابىقە باشلانغىلى! مەكتەپتىكى تور ئاستا بولغانلىقى سەۋەبلىك ئالدىنقى بەش مىنۇت مۇسابىقە نى كۆرەلمەسلىكىم ئېنىق.شۇڭا توپ كىرسە ھاي دەپ قويۇڭلا ھە.
نەق مەيدان ئاڭلىتىمەن سىزگە..


16- قەۋەتتىكى Tabassumنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@Ziyaliيوققۇ؟
ۋاي تاڭەي! نەدە قالدىكىن ئۇ! س رو يىراقتىن بىرنى تەپكەنتى، ئەمما، قارشى تەرەپ توسۇۋالدى. قىنە ما زىيالىكام ئۇخلاپ قالدىلىما
@ziyali 20 مىنۇتتىن ئېشىپتۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قاپقاققا توپ تېپىشى ئاز، ئوتتۇرا تەرەپتىلا ئويناۋاتىدۇ. ما س رو يىراقتىنلا تىپىۋاتىدۇغۇ پاس بەرمەي!!!
9- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گىرمانىيەلىكلەر ئاساسەن دىگۈدەك پورتۇگالىيە بىلە خوشى يوقكەن، نىمە بولغانكىن تاڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە؟
ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئەمەلىيەتتە پورتۇگالغا ئامراق، ئۇلارنى ئۇتۇۋىلىش
سۇيقاش ئىشكەندەكلا ئاسان ئىش تۇرسا، ئالدىنقى قىتىمقىدەك توپنى تىك-تاك
توپ قىلىپ ئوينىسىمۇ ئۇتىۋالىدۇ.
نىمىسلارنىڭ ئەجەللىك دۈشمىنى گوللاندىيە (تۈكۈرۈك ئۇرۇشى بىلەن ۋەلىسپىت تاشلاش ھادىسىسى) ، ئاندىن قالسا ئەنگىلىيە.
ئىنىستىتۇتتىكى بىر ئاداش ئۇكرائىنىغا كۆرگىلى كەتتى بۈگۈنكى مۇسابىقىنى
ئاتايتىن، ئالغىنى ئىككى يۇلتۇزلۇق مىھمانخانا ئىمىش، باھاسى 1000 ياۋرۇ،
بىلەت ئەرزان ياتاق ئوغا بولۇپ كىتىپتۇ. تازا قويمىچى خەقكەن بۇ
ئۇكرائىنلارمۇ

مەغرۇللانماي بولسا يەنە ئىككى ئۈچنى ئۇغاچ بۇ مەيداندا ئۇتۋالساق
مېنىڭ ئازىراق كېيىنمۇ نېمە؟
توپ ئەمدى كىردى...