GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 12:48:35

Excel ھۆججەتنى Oracle غا ئەكىرىش

ماڭا كۆپىنچە Excel ھۆججەتنى Oracle ساندانغا كىرگۈزۈش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ قالىدۇ. ئادەتتە مېنىڭ ئۇسۇلۇم مانداق:


1. ئاۋال Excel نى Access كە كىرگۈزىۋالىمەن، مىكروسوفىتنىڭ بۇ ئىككى قوشمىقى بىر بىرىنى بەك ياخشى قوللايدۇ.


2. MySQL نىڭ Access ئۇچۇرىنى ئەكىرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ئۇچۇرلارنى MySQL غا ئەكىرىۋالىمەن.


3. MySQL نى Oracle غا ئايلاندۇرۇش قورالىدىن پايدىلىنىپ، MySQL دىكى ئۇچۇرنى Oracle غا ئەكىرىمەن. لېكىن چاتاق يېرى مەن ئىشلىتىۋاتقان ئالماشتۇرۇش قورالىنىڭ سىناق ئىشلىتىش ۋاقتى توشۇپ، پەقەت بەش قۇرلا كىرگۈزۈپ بېرەلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. باشقا ئوخشاش يۇمشاق دېتاللارنى ئىزدەپ باققان بولساممۇ، كۆپىنچىسى ھەقلىقكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز مانداق قىلدىم:


1. MySQL دىكى مەن Oracle غا ئەكىرمەكچى بولغان جەدۋەلنى SQL ھۆججەتكە ئايلاندۇرىۋالدىم، بۇ ھۆججەتنىڭ ئىچىدە ھەر بىر قۇرنىڭ Insert جۈملىسى باركەن(ئەگەر Oracle غا كۆپ قۇرلۇق كىرگۈزۈشنىڭ ئامالى بولسا مەسىلە سەل ئاسانلىشاتتى)، بۇ جۈملىلەرنىڭ ھەممىسىنى UltiraEdit قا ئەكىرىپ، بىرە قۇر ياساپ جابدۇغاندىن كېيىن، Oracle نىڭ SQL ئىجرا قىلىش كۆزنىكىدە ئىجرا قىلىپ كىرگۈزىۋالدىم.


لېكىن كىرگۈزىدىغان ئۇچۇرنىڭ مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولغان ئەھۋالدا، بۇ لەقۋا ئۇسۇل بەك ئاۋارچىلىق بولغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن Excel نى Oracle غا كىرگۈزىدىغان بىرەر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بارمىكىن دەپ بۇ تېمىنى يېزېپ سالدىم، ھە ھۇ دىيىشسەڭلار!

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 13:31:22

ئوراكول دەپ ئاڭلىغان، باشقىسىنى بىلمەيدىكەنمەن، تەلىپىڭىز ياردەمسىز قالدى . \"\"

قۇرۇق گەپنى جىق قىلىدىغان بوپقالدىميا ئىككى كۈندىن بېرى،ئەسماسىمانلا بىر خىل.  {:107:}

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 14:30:47

ئورايكول سانداننى شىنجاڭدا ئۇچ خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن باشقا ئىشلىتىدىغانلار يوقمىكىن . مۇنداقچە بولغاندا كەڭ قورساقلىق بىلەن باشقا رىقابەتچى شىركەتلەردىكى تېخنىك بالىلارنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىپ بىرىۋىتىپسىزدە ....  \"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 14:50:58

Navicat نىڭ قوراللىرىنىڭ شۇنداق ئىقتىدارلىرى باردەك قىلغان.  سىناپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ.

يەنە بىرسى، odbc قۇرۇش ئارقىلىق ساندانلار ئارا ئالماشتۇرۇشنى قولايلىقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە oracle نىڭ odbc نى قۇرۇش ئۈچۈن، ئابونىت پىروگراممىسىنى قاچىلاپ قويسىلا كۇپايە.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 16:55:35

3- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Navicat نىڭ قوراللىرىنىڭ شۇنداق ئىقتىدارلىرى باردەك قىلغان.  سىناپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ.

يەنە بىرسى، odbc قۇرۇش ئارقىلىق ساندانلار ئارا ئالماشتۇرۇشنى قولايلىقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە oracle نىڭ odbc نى قۇرۇش ئۈچۈن، ئابونىت پىروگراممىسىنى قاچىلاپ قويسىلا كۇپايە.  

كەپتە ئاداش، سەل تەپسىلىرەك سۆزلەڭلا.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 17:48:53

بىزنىڭ ساندانلارنى باش ئىدارىدىن باشقۇرۇشقا ئۆتكۈزۋالغاچقا، ساندان مۇھىتلىرىنىڭ ھەممىنى قويماي يۇيۋىتىپتىكەنمەن. شۇڭا بەك تەپسىلىي دىيىشكە ئىمكان بولمىدى. xls نى mdb غا ئايلاندۇرغاندىن كىيىن، Access نىڭ چىقىرىش ئىقتىدارىغا قارىساڭلا ئەڭ ئاستىدا odbc دەپ تۈر بار، دىمەك odbc ئۇلانمىدى قۇرالايدىغان ھەر قانداق ساندانغا چىقىرىشقا بولىدۇ دىگەن گەپ، oracle نى قاچىلىغاندىن كىىين، odbc ئۇلانمىسى قۇرۇپ چىقىرىپ سىناپ بىقىڭلا.



ئالدىنقى ھەپتە، MySQL نى ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا MSSQL غا ئايلاندۇرۇپ بىرىشكە تىگىشلىك بىر ئىش چىقىپ، توردىن بىر قورال چۈشۈرگەن ئىدىم، ھەر قانداق ساندان ئېتى بار نەرسىنى، ھەر قانداق ساندانغا ئايلاندۇرالايدىكەن، كىيىن ئىشلەتمەي ئۆچۈرۋىتىپتىمەن، بىر ئىزدەپ بىقىڭلا.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 18:10:23

@kokkaptar  

powerdesigner دەپ بىر يۇمشاق دېتال بار ئېدى، شۇنىڭ بىلەن جەدۋەل قۇرۇلمىسىنى قۇرىۋالغاندىن كېيىن، خالىغان ساندانغا ماس كېلىدىغان SQL جۈمىلىسىنى چىقىرىپ بېرەلەيتتى، مۇشۇنىڭ ساندان ئۇچۇرى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى بارمۇ يوق ئويلىشىپ باقماپتىمەن، بىر قاراپ باقاي. يېڭى نەتىجە بايقىسام مۇشۇ يەرگە قالدۇرىمەن.

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 20:29:26

delphi ئاددىيلا پىروگرامما تۈزۈپ چىغناق تاغاققا دۈم كۆمتۈرۈش ياخشى ئۇسۇل ، كىيۇ كىيۇ دا يېزىپ بەرسەممۇ بۇلىدۇ . مۇشۇ ئەڭ ئاددى ئۇسۇل ، ئۇنداق ئۇياق بۇياققا ئايلاندۇرۇپ جان قىيناش كەتمەيدۇ .

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 10:38:52

delphi نىڭ net قا تايانمايدىغان unicode قوللايدىغان نەشىرى بارمۇ.

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 11:13:30

delphi 6 نەشىرىدىن باشلاپ ھەممىسى  unicode  نى قوللايدۇ ، مەن 6 دىن باشلاپ ئىشلەتكەن .

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 12:23:31

9- قەۋەتتىكى helloworldنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

delphi 6 نەشىرىدىن باشلاپ ھەممىسى unicode نى قوللايدۇ ، مەن 6 دىن باشلاپ ئىشلەتكەن .

مەنمۇ delphi 7تىنى ئىشلىتىۋاتىمەن، unicode نى بىۋاستە قوللىمايدىكەن،شۇڭا بۇنىڭغا Tntكونتىرولىنى قوشۇپ ئىشلىتىۋاتقان، delphi 8نى قاچىلايدىسەم microsoft. netframeworkنى قاچىلاشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، 编译 قىلىپ بولغان پروگرامما ئۈچۈن يەنە مۇشۇ microsoft. netframeworkنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشكە توغرا كىلىدىكەن، بۇنىڭغا يا باشقا ئامال بارمۇ؟
بەت: [1]
: Excel ھۆججەتنى Oracle غا ئەكىرىش