تۈركچە مۇڭلۇق ناخشا [Tarkan- Kayip]
بۇ تېمىدا ئالدىنقى قېتىمقى ckplayerنىڭ داۋامىنى تۇنۇشتۇرغاچ ، بىرەر تال مۇڭ قوشمىسام تېما بولماي قالغۇدەك .
بۈگۈن بۇ قويغۇچنىڭ ckplayer5.9 نەشىرىمۇ تارقىتىلدى.قويغۇچنىڭ ئارتۇقچىلىقى :
1-http كىلىشىمىدە flv,f4v,mp4 قاتارلىق ھۆججەت شەكىللىرىنى قوللايدۇ.
2- rtmp كىلىشىمدىكى ھەر خىل سىنلارنى قويۇش ۋە قايتا قويۇش ئىقتىدارى بار.
3-خەتلىك، رەسىملىك ،فىلەش ، گۇگېل ئېلانى قاتارلىق ھەر خىل ئېلان شەكىللىرىنى قوللايدۇ.
4-نەزىرىيە جەھەتتىن youku,tuduo,sina,joy,yinyutai,ku6،56 ...قاتارلىق فىلىم تور بەتلىرىنىڭ فىلىملىرىنى ئۇلاپ قويۇشقا بولىدۇ. (ئەمىليەتتىنمۇ ئۆتكەن)
5-باشقا تور بەتلەردە ھەمبەھىر قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان، ئىنتايىن قولايلىق .
6-pngياكى swf شەكلىدىكى لوگو قوشقىلى بولىدۇ .
7-ھەقسىز.
ئەمدى داڭلاۋەرمەي ، بۇ قويغۇچنى ياقتۇرىدىغان بىكەت باشلىقلىرى ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرماقچى بولسا ، باش بىكەتتە ھە ھۇ دىيىشەرمىز.
يۇقارقى ناخشا ئادېرىسى :
http://www.sarwan.cn/ckplayer/ckplayer.swf?a=325
بۇرۇنقى ئىسىم تولا چەكلەنگەچكە ناخشا كۆرۈنمەپتۇ، تەھرىرلەپ قويدۇم.
قويغۇچ Google Chrome دا نورمال ئەمەس.
تۈرىك ئەمەس تۈرك دەيمىز.
تاركاننىڭ بۇ ناخشىسىنى كۈندە دېگۈدەك ئاڭلايمەن مەن.
يەنە بىر ناخشىسى بار «işim olmaz» دەپ، ئۇمۇ ئېسىل ناخشا.
ناخشا چۈشۈرىدىغانلار http://beemp3.com بۇ تور بېتىگە كىرىپ بېقىڭلار، ھەر خىل تىلدىكى ئېسىل ناخشىلار بار، ئۇيغۇرچە ناخشىلارمۇ بار تېخى. قويغۇچنىڭ ئۈن تىزگىنى (خەنسوچە: ئاۋازنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىنى كونتىرول قىلىدىغان بالدىقى) مائۇسنىڭ ئوڭ - سولغا يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىپ كېتىدىكەن. بۇ قويغۇچتا بىر نەرسە قويسا، مائۇسنى مىدىراتقىلى بولمايدىكەن. (ئىشلەتكەن توركۆرگۈچ: موزىللا) ؛ ئوڭشاپ قويساڭلار بولغۇدەك. ئۇيغۇربەگ تۇرايىدا خەتلىك تەرجىمىسى بار ئۇلىنىشى http://www.uyghurbeg.com/3550.html6- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قويغۇچنىڭ ئۈن تىزگىنى (خەنسوچە: ئاۋازنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىنى كونتىرول قىلىدىغان بالدىقى) مائۇسنىڭ ئوڭ - سولغا يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىپ كېتىدىكەن. بۇ قويغۇچتا بىر نەرسە قويسا، مائۇسنى مىدىراتقىلى بولمايدىكەن. (ئىشلەتكەن توركۆرگۈچ: موزىللا) ؛ ئوڭشاپ قويساڭلار بولغۇدەك.
يۇقارقى خاتالىق مۇنبەر ۋە باشقا تور بىكەتلەردە ھەمبەھىرلىگەندە، فىلەش قىستۇرۇش رامكىسى تەمىنلىگەن كودنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كىلىپ چىققان. ھازىر قايتا تەھرىرلەپ قويدۇم .
بەزى تور كۆرگۈدىكى نورمالسىزلىقلار يېڭى نەشىردە ھەل قىلىنىۋاتىدۇ .
