(لاتا )قاتتىق دىسكىنىڭ ئاساسى تۈزىلىشى ۋە ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى[تېخنىكا]
قاتتىق دىسكىنىڭ ئاساسى تۈزىلىشى ۋە ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى
كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە كومپيۇتېرنىڭ ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرىشى نەتىجىدە ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتىمۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى . ئەلۋەتتە كومپيۇتېر ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار .لېكىن مەشغۇلاتنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى ، كومپيۇتېرنىڭ خىزمەت پرىنسىپىغا بولغان تونۇشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلى نۇرغۇن ۋاقىت جاپا تارتىپ تەييارلىغان دەرس تەييارلىقى ۋە ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتاللىرى ، ئىسپات ،ھۆججەت ۋە ئارخىپلارنىڭ يوقاپ كېتىشى بەزىدە بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلغان ئەمگىكىمىزنى يوق قىلسا بەزىدە ئىقتىسادى زىيانلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ .
مەن تۆۋەندە ئۇزۇن يىللىق كومپيۇتېر رېمونتچىلىق ۋە يوقالغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەجرىبەمگە ئاساسەن قاتتىق دىسكىنىڭ رايون تۈزۈلۈش جەدۋىلى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن .
ھەممەيلەنگە ئايانكى كومپيۇتېر ماگنىتلىقساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلارنى ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتتىن پايدىلىنىپ ساقلايدۇ .بۇرۇن ، يۇمشاق دىسكا ، ماگنىت لېنتاقاتارلىق ساقلاش ئۈسكىنىسى ئىشلىتىلگەن . ھازىر ئاساسلىقى قاتتىق دىسكا ئىشلىتىلىدۇ . مەنمۇ قاتتىق دىسكىنى ئاساس قىلىپ تونۇشتۇرىمەن.
قاتتىق دىسكىنىڭ ساقلاش بۆلىكى بولسا چەمبەر شەكىللىك ساقلاش تەخسىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ئاليۇمىن، خروم ۋە باشقا قېتىشمىلارغا نىكېل ۋە كوبالت قاتارلىق ماگنىتلىقماتېرىياللار يالىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ . بۇ تەخسە ئېلېكتر ماتور ئارقىلىق ھەر مىنۇتىغا 5400،7200،10000،15000 قېتىمدىن ئايلىنىدۇ . ئوخشىمىغان قاتتىق دىسكىنىڭ ئايلىنىش تېزلىكىمۇ،ئوقۇش-يېزىش تېزلىكىمۇ ئوخشىمايدۇ . باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ماگنىتلىق تەخسىنىڭ ئۈستىدە ماگنىت باش لەيلەپ تۇرىدۇ .ماگنىت باش بىلەن ماگنىت تەخسىنىڭ ئارىسىدىكى ئارلىق ئىنتايىن كىچىك بولۇپ 0.1~0.3 مىكرومېتىر كېلىدۇ. كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىنغان ئىككىلىك سىستېمىدىكى سان 0 بىلەن 1 قاتتىق دىسكىدا ساقلىنىدىغان ماگنىتلىق ئۇچۇر Sبىلەن Nغا ماس كېلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ماگنىتباش ماگنىتلىق تەخسىنى ساقلىماقچى بولغان ئۇچۇرغا ماس كېلىدىغان N-S بىلەن ماگنىتلايدۇ شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دىسكىدا ساقلاش ئەمەلگە ئاشىدۇ . ئوقۇش بولسا يېزىشنىڭ تەتۈر جەريانى بولۇپئوقۇش جەريانىدا ماگنىتلىق ئۇچۇرلار ماس ھالدىكى رەقەملىك ئۇچۇرلارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ .