bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 18:27:37

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ يىڭى دەرىجىسى(6-ئاينىڭ 12-كۈنى)

11-چىسلادىن كىيىنكى نەتىجە تەرتىپ (شىمالى رايۇن)



مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى



كىيىنكى كۈنلەردىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى




ئالدىراشچىلقتا مۇشۇنچىلىك يوللاي ،قالدىسى سىلەرگە قالدى

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 19:01:01

8- ئاينىڭ 19- كۈندىكى مۇسابىقە روزى ھېيت كۈنى شۇنداقلا يەكشەنبىگە توغرا كېلىدىكەن...

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 20:03:58

روزا 7-ئاينىڭ 19 -كۈنىدىن باشلىنامدۇ؟

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 22:59:07

توغرا ,مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى!غەيرەت قىل تاشئالما!

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 07:49:15

شىنجاڭ كوماندىسى يەنە قانچىلىك ئۇتسا ئا دەرىجىگە ئۆرلىيەلەيدۇ؟ ب دەرىجە، ئا دەرىجە دېگەننى تازا چۈشەنمەيدىكەنمەن.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 10:09:39

4- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شىنجاڭ كوماندىسى يەنە قانچىلىك ئۇتسا ئا دەرىجىگە ئۆرلىيەلەيدۇ؟ ب دەرىجە، ئا دەرىجە دېگەننى تازا چۈشەنمەيدىكەنمەن.



جوڭگودىكى بىرلەشمە ئۈچ دەرىجىگە بۆلىندۇ ،ب دەرىجە ،ئا دەرىجە ،دەرىجىدىن تاشقىرى قاتارلىق،،


ئەڭ تۆۋىنى ب دەرىجە بولۇپ ھازىرقى ب دەرىجىدە 26 كۇلۇب بار ،شىمال جانۇب ئىككىگە بۆلۈنۈپ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ ،شىنجاڭ شىمالى رايۇندىكى 13 كوماندىنىڭ بىرى، بۇ يىلىقى مۇسابىقە شەكلى يىللادىكىگە ئوخشىمايدۇ،


يەنىبىرىنچى تۈكۈمدە ئايلانما شەكىل بولۇپ جەمئى 26 ئايلانما مۇسابىقە ئوينايدۇ ،ھەر ئايلانمىدا بىر كوماندا دەم ئىلىپ ھىسابلىغاندا ھاربىر كوماندا جەمى 24 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشىدۇ ،12 قېتىمى ئۆز رايۇنىدا 12 سى مىھمان مەيداندا ئوينىلىدۇ ،بىر كوماندا بىلەن ئىككى قېتىم مۇسابىقىلىشىدۇ .مۇسا بىقىدە نومۇر قۇيۇش شەكىلى بىلەن ھىسابلىنىدۇ .ئۇتسا 3 نومۇر ،تەڭلەشسە 1 نومۇر ،ئۇتتۇرسا 0 نومۇر .نومۇر تەڭ بولۇپ قالسا كىرگۈزگەن توپ سانى ھىسابلىنىدۇ.


ئىككىنچى تۈركۈمدە شىمالى جانۇبى رايۇن بويىچە ئالدىنقى تۆتتىن كوماندا تاللىنىپ شاللاش مۇسابىقە شەكىلىدە ئوينىلىدۇ ،ئۇتتۇرسا شاللىنىدۇ ،ئۇتسا تاللىنىدۇ ،ئاخىرىدا بۇنىڭ ئىچىدىن ئىككى كوماندا تاللىنىپ ئا دەرىجىگە ئۆرلەيدۇ .

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 10:30:28

شۇڭا مۇسابىقىنىڭ رەھىمسىزلىرى تېخى يىتىپ كەلمىدى ،شىنجاڭ كوماندىسى ھازىرقى كەيپىياتىنى ساقلىسا گەپ يوق تاللاش مۇسابىقىسىگە كىرىدۇ ،

بۇ قېتىمقى چىڭخەي كوماندىسى بىلەن ئۇچۇرشىش كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىلىشىشنىڭ مۇقەددىمىسى ،شىنجاڭ كوماندىسى ئوينىغان ئىلگىرىكى كوماندىلارخېبىي جۇڭجى ،بېيجىڭ يىتۇڭ قاتارلىقلار ئەمدى مۇسابىقىلەشمەكچى بولغان كوماندىرلارغا سىلىشتۇرغاندا كۈچ جەھەتتە زور پەرق بار.چىڭخەي سىنكى كوماندىسى شىنجاڭنى يەڭسىمۇ لېكىن دەرىجىدە يەنىلا كەينىدە . 17.-چىسلا بىيجىڭ بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقە بىزگە ئىنتايىن مۇھىم ،ئۇ كۈنى خېبىي جۇڭجى ئوينىمايدۇ ،

بېيجىڭنى ئۇتساق 20 نومۇر بىلەن خېبېيغا تەڭلىشىمىز ئوتتۇرساق بەك كەينىگە چىكىنىپ كېتىمىز ،شۇڭا قېرىنداشلار تەمكىن بولۇپ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشىگە ياردەملىشەيلى ،مۇسابىقە نەتىجىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار بىزنىڭ قەھرىمانىمىز ،بىز ئۇلارنىڭ مەستانىسى..

ھۇررا شىنجاڭ ، ھوررا ئەزىمەتلەر.......

يەنە بىر ئىش ئەگەر مۇسابىقە راستىلا ھېيت كۈنىگە توغرا كىلىپ قالسا يۇقىرغا ئىلتىماس قىلىپ بىر كۈن ئالدى كەينىگە سۈرەيلى ،10-ئايلانما مۇسابىقىنى بەزى كوماندىلار 17-چىسلا بەزىلىرى 16-چىسلا ئوينايدىكەن شۇڭا تەڭشىگىلى بولۇشى مۇمكىن....

xj118114 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 10:59:10

مۇسابىقە دىگەندە ئۇتۇش ئۇتتۇرش بولۇپ تۇرىدۇ .خەلقئارادىكى ھەر قايسى چوڭ كۇلۇبلارمۇ ئۇتۇش ئارقىلىق چوڭ كۈچلۈك رەقىلەر بىلەن تۇتشۇشۇپ ،ئۇلارغا ئۇتتۇرۋېتىپ ،ئاندىن تەجىربىسىنى يەكۈنلەپ ،كۈچلۈنۈپ ،ئاندىن بۇ كۇلۇبلارنى تەڭگىدەك،بۇلار بىلەن بەسلەشكىدەك بولغان.ياش يېڭىدىن قۇرۇلغان كوماندىغا مەڭگۈ ئۇتۇش ۋەزىپىسىنى يۈكلەپ قويۇشتىن خىجىل بولمىدىڭلارما ؟

ئەمدى تېخى 3-ئايدا قۇرۇلغان ياش كوماندىغا ئۆسۈپ يېتىلىش ،تەجىربە يەكۈنلەش پۇرسىتى بەرمەي ئۇتۇپبېرىشنى تەما قىلىشنىڭ ئۆزى بىر مەسئۇلىيەتسزلىك !


bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 12:14:25

7- قەۋەتتىكى xj118114نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇسابىقە دىگەندە ئۇتۇش ئۇتتۇرش بولۇپ تۇرىدۇ .خەلقئارادىكى ھەر قايسى چوڭ كۇلۇبلارمۇ ئۇتۇش ئارقىلىق چوڭ كۈچلۈك رەقىلەر بىلەن تۇتشۇشۇپ ،ئۇلارغا ئۇتتۇرۋېتىپ ،ئاندىن تەجىربىسىنى يەكۈنلەپ ،كۈچلۈنۈپ ،ئاندىن بۇ كۇلۇبلارنى تەڭگىدەك،بۇلار بىلەن بەسلەشكىدەك بولغان.ياش يېڭىدىن قۇرۇلغان كوماندىغا مەڭگۈ ئۇتۇش ۋەزىپىسىنى يۈكلەپ قويۇشتىن خىجىل بولمىدىڭلارما ؟

ئەمدى تېخى 3-ئايدا قۇرۇلغان ياش كوماندىغا ئۆسۈپ يېتىلىش ،تەجىربە يەكۈنلەش پۇرسىتى بەرمەي ئۇتۇپبېرىشنى تەما قىلىشنىڭ ئۆزى بىر مەسئۇلىيەتسزلىك !




نىمىگە چالۋاقايسىز ,ھىچكىم بۇ يەردە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۇتتۇرغىنىغا ئەپسۇسلىنىپ ئاھ ئۇرۇپ تىللاپ كەتكەن يىرى يوق ،سىز بولغان تەسىراتتا بىزمۇ بولىۋاتىمىز ،سىز بىلگەن توپنىڭ يۇملاقلىقىنى بىزمۇ بىلىمىز ،بىر قېتىم يىڭىش يىڭىلىشنىڭ ئادەتتىكى ئىش ئىكەنلىكىنى نى نى داڭلىق كۇلۇپلانىڭمۇ ئادەتتىكى كوماندىلارغا يىڭىلىپ قالدىغىننمۇ بىلىمىز،ھەممىمىز شىنجاڭ كوماندىسنىڭ چىمپىيۇن بولىشىنى تىلەيمىز ئەجىبا سىز ئۇنداق ئۈمۈدتتە ئەمەسما ،بىر ئىنكاسىنى ھەممە تېمىغا چاپلاپ ماڭمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،


ھە راس ئاۋۇ چىڭخەينىڭ كوماندىسىقۇرۇلغىنىغىمۇ 3 ئاي بولدى .

sabi1130 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 17:39:52

خالىساڭلار تالىشىپ ئولتۇرمايلى چۇنكى ھەممىمىزنىڭ كۇتكىنى ئويلىغىنى بىردەك پەقەت ئىپادىلەش جەھەتتە مەسىلە بار خالاس ، ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى تۇنۇتۇش... مىنىڭچە بىردەك ئۇلارغا ھۇررا تولايلى! مەدەت ، كۈچ قۇۋەت ئاتا قىلايلى ! كەچۇرۇڭلار كىچىك تۇرۇپ كۆپ سۆزلەپ قويدۇم...ئاللاھ بىز ئويلىغان گۇزەل ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇن(ئامىن)

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 07:35:21

60 مىڭ ئادەم توپچىلارغا بېسىم چۈشۈرۈپ قۇيىشىمۇ مۇمكىنمۇ؟
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ يىڭى دەرىجىسى(6-ئاينىڭ 12-كۈنى)