qimbulak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 16:22:10

فىلىم- شىنجاڭ كۇماندىسى مۇسابىقىسى 6.11

چىمبۇلاق تورى سەپەر ئېيىنىڭ 12-كۈنىدىكى (12-ئىيۇن) تەنتەربىيە خەۋىرى:

2012-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جوڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ب دەرىجىلىك كۇلۇبلار مۇسابىقىسىنىڭ 8-ئايلانما مۇسابىقىسى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى (ئەرگوڭدىكى) پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

   شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى ناھايىتى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ 5مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىپ 2مەيدان مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ، بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك نەتىجىنى ساقلاپ شىمالىي رايۇندا 3-ئورۇندا تۇرىۋاتتاتتى، ئەزىمەتلىرىمىز تۈنۈگۈن كۈتىۋالغان كوماندا ئۆزىدىن بىر قەدەم كەينىدە تۇرىۋاتقان يەنە 4-ئورۇندىكى چىڭخەي سىنكى كوماندىسى بولدى.

بۇ مۇسابىقە60 مىڭچە تاماشىبىننىڭ ھۇررا سادالىرى ، ناھايىتى قىزغىن ۋە جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدەباش ترېنىر سېرگىينىڭ مۇسابىقىگە قوماندانلىق قىلمىغا شارائىتتا باشلاندى، ئىككى كوماندا ئەزالىرىنىڭ بوي جەھەتتكىكى پەرىقى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز بولسا بوي جەھەتتەقارشى تەرەپتىن ئارقىدا تۇراتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 21مىنۇت بولغان قارشى تەرەپنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى بىر توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ نەتىجە 1گە قارشى 0 بولدى بىراق بۇ ئەھۋال پۇتبولچى ئەزىمەتلەر ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىغا قىلىچىلىكمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىدى، ئەزىمەتلەر ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشى تەڭشەپ داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ قارشى تەرەپنى بىر ئاز پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويدى،9-نومۇرلۇق ماھىر ئەخمەتجاننىڭ تەپكەن بىر توپى چىڭخەي كوماندىسى ۋاراتاسىنىڭ تۆمۈرىگە تېگىپ قاڭقىپ ۋاراتارچىنىڭ دۈمبىسىگە تېگىپ ئازراق ئۆرلەپ ۋاراتار تۆمۈرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتتى، دېمەك ناھايىتى ياخشى بولغا بىر پۇرسەت قولدىن كەتكەنىدى، بەلكىم بۇ خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن بولسا كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخرلىشىپ ماھىرلار 15مىنۇت دەم ئېلىش ئۈچۈن دەم ئېلىش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ۋە باش تىرېنىر سېرگىي مۇسابىقىدە بولمىغان ئەھۋالدا كېيىكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىپ مەيدانغا چىقتى، تاماشىبىنلار توختىماستىن ئەزىمەتلەرگە مەدەت بېرەتتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ شىنجاڭ كوماندىسى ناھايىتى ياخشى بولغا ھۇجۇملاردىن بىرنەچچىنى قىلدىبىراق قارشى تەرەپ يەنى چىڭخەي كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى قالايمىغان قىلغان بولسىمۇ

ۋاراتارچىنىڭ چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن توپ كىرگۈزەلمەي قالدى، قارشى تەرەپمۇ ئۆزىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرىنى بوشاشتۇرماي يەنە بىر توپ ئۇرۇشقا تىرىشتى،مۇسابىقە داۋاملىشىپ خېلى ئۇزۇن بولغاندا قارشى تەرەپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسىنىڭ قالايمىقانلاشقان ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يەنە بىر توپ كىرگۈزدى نەتىجە 2گە قارشى 0 بولدى.

   شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلىىرىمىز مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىر بىر مىنۇتلىرىغىچە قەتئىي بوشىشىپ قالماي تۇپ ئۇرۇش ئىستىكىدە بولۇپ خەتەرلىك ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ قويماي خەتەرلىك توپتىن بىر نەچچىنى تەپكەن بولسىمۇ بىراق تەلەينىڭ ئودىن كەلمەسلىكى سەۋەبىدىن نومۇر ئالالماي2-0نەتىجە بىلەن چىڭخەي سېنكى كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى. بىراق بۇ كىچىككىنە مەغلۇبىيەت پۇتبولچى ئەزىمەتلىرىمىز ۋە شىنجاڭدىكى جۈملىدىن ئۈرۈمچىدە نەق مەيداندا <<ئالۋاستى ساھىبخان مەيدان>> نى شەكىلللەندۈرۈپ مۇسابىقە كۆرىۋاتقان60 مىڭ تاماشىبىننى ھەرگىزمۇ بوشاشتۇرۇپ قويمايدۇ.















































































joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 19:21:57

فىلىمى قەنە؟

E.3D يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 19:28:54

\"\"


تۈنۈگۈن 60مىڭ ئۇيغۇرنى كۆردۈم !

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 19:33:55

8-ئايلانما ئەمەس 9-ئايلانما

13 كوماندا بولغانلىقتىن ھەر ئايلانمىدا بىر كوماندا دەم ئالىدۇ ،بۇ قېتىم بىيجىڭ يىتۇڭ دەم ئالغاچقا خېبىي جوڭجى بىرنچىلىككە چىقىپتۇ،

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 20:57:15

ھەييييييييييييي ... بىرمۇئۇيغۇرچە خەت يوقيا؟


يەنە


datman يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 21:10:05

باشقا مۇنبەرلەردە چىڭخەي سىنكى كاماندىسىنى

سىڭكو كوماندىسى دەۋاپتۇ\"\"

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 21:18:47

5- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باشقا مۇنبەرلەردە چىڭخەي سىنكى كاماندىسىنى

سىڭكو كوماندىسى دەۋاپتۇ \"\"






تۈنۈگۈن بۇ كوماندىنىڭ ئۇششۇقلۇق قىلىپ تولا يېتىۋالغىنىغا قاراپ مەنمۇ ئاشتا دىگەنىدىم .

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 21:57:17

2- قەۋەتتىكى e.3dنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


بۇ مەن كۆرگەن تاشئالما كوماندىسىدىغا ئائىت ئەڭ ئېسىل سۈرەت بولدى.ئۈمىد، بولسا تېخىمۇ كۆپ نادىر ،يارقىن نۇقتىلارنى ماھىرلىق بىلەن ھەم مۇشۇنداق يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تۇتۇۋېلىپ كۆپرەك يەتكۈزسىڭىز.




zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 22:24:42

e.3dنىڭ ئۇ سۈرىتىنى كىرىشتۈرگەنمۇ قانداق ؟ ئىككى-ئۈچ پارچە تارتىپ بىرلەشتۈرگەندەك كۆرۈندى .

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 08:30:18

شۇنداق قىلىپ يېڭىلىپ قالدى دەيلى، ئەمدى دەرىجە ئاتلىشىغا ئۇمۇت قالماپتۇ-دە...


\"\"



بۇ مەيدان ئەتراپىدىكى بىنالارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرچە يېزىق(ۋېۋىسكا)يوقكىنا...؟ئ؟

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 09:56:27

9- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنداق قىلىپ يېڭىلىپ قالدى دەيلى، ئەمدى دەرىجە ئاتلىشىغا ئۇمۇت قالماپتۇ-دە...



بىر مەيدان يىڭلىپ قالغانغا ئۈمىد قالماپتۇ دەپ كەتكىننى ،كىم دەيدۇ سىزگە دەرجە ئاتلاشقا ئۈمىد يوق دەپ ،


شىمالى ۋە جەنۇبىرايۇندىن ئالدىنقى تۆت كوماندا جەمئى سەككىز كوماندا يەنە ئايلانما مۇسابىقە ئويناپ بىرىنجى ئىككىنجىلىكنى تالىشدۇ ،رايۇنلارنىڭ ئايلانما مۇسابىقىسى تېخى 9-ئايلاردا تۈگەيدۇ .ئەمدى تىخى 8-ئايلانمىنى ئويناۋاتىدۇ





E.3D يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 09:57:48

8- قەۋەتتىكى zulalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

e.3dنىڭ ئۇ سۈرىتىنى كىرىشتۈرگەنمۇ قانداق ؟ ئىككى-ئۈچ پارچە تارتىپ بىرلەشتۈرگەندەك كۆرۈندى .

ھى ھى توغرا ، كىرىشتۈرۈلگەن لىكىن ئىككى -ئۈچ پارچە ئەمەس . 10-20 پارچە رەسىمنى كىرىشتۈرگەن .

E.3D يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 10:00:17

7- قەۋەتتىكى zaparistanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى e.3dنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


بۇ مەن كۆرگەن تاشئالما كوماندىسىدىغا ئائىت ئەڭ ئېسىل سۈرەت بولدى.ئۈمىد، بولسا تېخىمۇ كۆپ نادىر ،يارقىن نۇقتىلارنى ماھىرلىق بىلەن ھەم مۇشۇنداق يۇقىرى تېخنىكا بىلەن تۇتۇۋېلىپ كۆپرەك يەتكۈزسىڭىز.



بولىدۇ ،كىيىنكى مۇسابىقىدە تىخىمۇ كۆپ تارتاي مۇنداق رەسىملەرنى .


xj118114 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 10:58:46

مۇسابىقە دىگەندە ئۇتۇش ئۇتتۇرش بولۇپ تۇرىدۇ .خەلقئارادىكى ھەر قايسى چوڭ كۇلۇبلارمۇ ئۇتۇش ئارقىلىق چوڭ كۈچلۈك رەقىلەر بىلەن تۇتشۇشۇپ ،ئۇلارغا ئۇتتۇرۋېتىپ ،ئاندىن تەجىربىسىنى يەكۈنلەپ ،كۈچلۈنۈپ ،ئاندىن بۇ كۇلۇبلارنى تەڭگىدەك،بۇلار بىلەن بەسلەشكىدەك بولغان.ياش يېڭىدىن قۇرۇلغان كوماندىغا مەڭگۈ ئۇتۇش ۋەزىپىسىنى يۈكلەپ قويۇشتىن خىجىل بولمىدىڭلارما ؟

ئەمدى تېخى 3-ئايدا قۇرۇلغان ياش كوماندىغا ئۆسۈپ يېتىلىش ،تەجىربە يەكۈنلەش پۇرسىتى بەرمەي ئۇتۇپبېرىشنى تەما قىلىشنىڭ ئۆزى بىر مەسئۇلىيەتسزلىك !


bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 12:25:05

9- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنداق قىلىپ يېڭىلىپ قالدى دەيلى، ئەمدى دەرىجە ئاتلىشىغا ئۇمۇت قالماپتۇ-دە...




كاللىڭىزنىڭ دەردى بارمۇ ،مەكتەپتە تەنتەربىيە دەرىسى ئۆتكەنمۇ سىزگە ؟


شىنجاڭ كوماندىسى ھازىرغىچە 8 مەيدان ئوينىدى يەنە 16 مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ ،بۇ دىگەن ئايلانما مۇسابىقە شاللاش مۇسابىقىسى ئەمەس،


ئىنكاس يېزىش پەرىز بولمىغاندىن كىيىن ھىسىابىڭىزنى ئىشلەپ يۈسىڭىز بولمامدۇ .

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-6-14 07:23:34

داۋامى بار تېخى
بەت: [1]
: فىلىم- شىنجاڭ كۇماندىسى مۇسابىقىسى 6.11