[كۆچۈرۈلمە]نەسرىددىن ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 804- يىللىقى خاتىرىلەندى
نەسرىددىن ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 804- يىللىقى تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھىر ۋىلايىتىدە خاتىرىلەندى.
ئەسكىشەھىر ۋىلايىتىنىڭ سىۋرىھىسار ناھىيەسىگە قاراشلىق نەسرىددىن ئەپەندى يېزىسىدا داغدۇغىلىق تەبرىكلەنگەن نەسرىددىن ئەپەندى تەۋەللۇتىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئەپەندىمنىڭ لەتىپىلىرى ئارقىلىق جانلاندۇرۇلدى. تۈرك لەتىپىچىلىكىنىڭ ئۇستىسى ۋە ئىسلام مۇتەسەۋۋۇپى نەسرىددىن ئەپەندى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلدى. نەسرىددىن ئەپەندى تەۋەللۇتىنىڭ 804- يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى رەڭدار لەھزىلەرگە سەھنە بولدى. نەسرىددىن ئەپەندىنىڭ رولىنى ئالغان بىر كىشىنىڭ مېھمانلارنى قارشى ئېلىشى بىلەن باشلانغان پائالىيەت، ئەپەندىمنىڭ لەتىپىلىرى بىلەن جانلاندۇرۇلدى. پائالىيەت جەريانىدا، ئەپەندىم توغۇلغان ئۆي زىيارەت قىلىندى.ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا ئېتىلگەن گۆشلۈك پولو تارتىلدى.
پائالىيەت، خەلق ناخشا – مۇزىكىسى كونسېرتلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
مىسرانىمدىن ئېلىندى
نەسرىدىن ئەپەندى ھەقىقەتەن تارىختا ئۆتكەن كىشىمۇ ؟ بۇنىڭغا يېتەرلىك دەلىل ئىسپاتلار بارمۇ ؟تۇلۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا بىزنىڭ قاپاق شوۋىچى مالىملىرىمىز نەسرىدىن ئەپەندى تارىختا ئۆتكەن كىشى ئەمەس، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسىدىكى كىشى (يەنى ئۇيغۇرلار شۇنداق بىر كىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ) ئۇيغۇرلار بايلارنى زاڭلىق قىلىپ تاپقان گېپىنى ئەپەندىنىڭ سۆزى دەيدۇ دەيىتتى ، مەن ھازىرغىچە شۇ كاللىدا ئىدىم. لېكىن ئازاد بوپكەتتىم. لېكىن بىزنىڭ تورغا چىقمايدىغان بۇرادەرلەر يەنىلا مېنىڭ بۇرۇنقى كاللامدا.. »قاپاق شوۋىچى مالىملىرىمىز«-- دىگەن گىپىڭ بىلەنلا ئۆزۈڭنى يەرگە ئۇرۇپسەن....كۆپرەك كىتاپ كۆر @erkinqush
شۇ مۇئەللىملەر شۇنداق تەربىيەلەنگەن.
1- قەۋەتتىكى erkinqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نەسرىدىن ئەپەندى ھەقىقەتەن تارىختا ئۆتكەن كىشىمۇ ؟ بۇنىڭغا يېتەرلىك دەلىل ئىسپاتلار بارمۇ ؟
تۇلۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا بىزنىڭ قاپاق شوۋىچى مالىملىرىمىز نەسرىدىن ئەپەندى تارىختا ئۆتكەن كىشى ئەمەس، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسىدىكى كىشى (يەنى ئۇيغۇرلار شۇنداق بىر كىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ) ئۇيغۇرلار بايلارنى زاڭلىق قىلىپ تاپقان گېپىنى ئەپەندىنىڭ سۆزى دەيدۇ دەيىتتى ، مەن ھازىرغىچە شۇ كاللىدا ئىدىم. لېكىن ئازاد بوپكەتتىم. لېكىن بىزنىڭ تورغا چىقمايدىغان بۇرادەرلەر يەنىلا مېنىڭ بۇرۇنقى كاللامدا..
ھەرقانچە بولسىمۇ ئىلىم بەرگەن ئادەمنى بۇنداق ئاتاش مۇۋاپىق ئەمەسقۇ دەيمەن.ھەرقانچە بىرنىمىچى بولۇپ كەتسىمۇ سىزنىڭ ساۋادىڭىزنى چىقارغان بولغىيدى.
ئاۋۇ بالاڭزىنىڭ مۇنبەردە تاقا-تۇقا سۆزىلىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم. تۈركىيەدە نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئۆيىمۇ ، قەۋرىسىمۇ ئىشقىلىپ بىرسى بارمىشقۇ؟
بەت:
[1]