alim17
يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 09:07:35
رەسىم: «مەكتەپ ماشىنىسى»


بالىلىرىمىز نىڭ بېخەتەرلىكىگە كىم كۆڭۈل بۆلىدۇ؟
بۇ غۇلجا شەھەر 18 ،_ 13باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدىدا تارتىلغان سۈرەتلەر.
esma0999
يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 18:32:26
izchilar
يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 19:41:32
uqkun1
يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 19:51:45
مەكتەپلەرنى زورلاپ يىغىۋەتكەن بەزى جايلارغا كوچا ئاپتۇبۇسى سېلىشقا چوڭاملار بۇيرۇق سوقالمايدۇ (سوقمايدۇ)، بالىلار نەچچە كىلومىتىر ھەتتا 10نەچچە كىلومىتىرنى پىيادە ماڭسا كىچىكىدۇ ، مەكتەپ ياتىقىدا ياتاي دىسە ياتاق توشقان، ئۆزىگە قاتناش ئېلىپ بەرگىلى بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن قول كۆتۈرسە توختايدىغان، مەھەللىنىڭ ھەممە يىرىگە تىز سۈرئەتتە ، ئەرزان باھادا ئاپىرىپ قويىدىغان موتولار ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالغان....

ئاشۇ چاغلاردا بىزمۇ 8 دىن ئارتۇق چىقسا بولمايدۇ دەپ مەكتەپ دەرۋازىسىغا ئادەم قۇيۇپ نازارەتمۇ قىلغان، بىراق نەيزە بار يەردە قالقانمۇ باركەن، ئۇلار سەل نېرىغا بېرىۋېلىپ يەنە ئادەم سالاتتى...مەكتەپتىن ئەھۋال ئىنكاس قىلسا ئوقۇتقۇچىلارنى سىلەر يېزىمىزدىكى ئەڭ ساپالىق مەدەنىيەتلىك دەپ تۇرۇپ خور ئېيتىڭ ، ئۆي تەكشۈرۈڭ ، مودىل بولۇڭ ، سىياسى خىزمەت ئىشلەڭ ...دەپ ئىشلىتىدىغان يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەربى شۇجىسىغا قويۇپ بەرسە بالىلارنى پو پوغا دەسسىتىپ يۈگۈرۈپ مەكتەپكە كەلسۇن دىگۈسى بارتى تېخى...ئوڭشىلىپ كىتەر!!!
alshah
يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 00:33:38
ھۈكۈمەت مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا مانا مۇشۇنداق بۇلىدۇ، قارىغاندا غۇلجىدىكى قاتناش ساقچىلىرى ئازياكى سەل يۈزى نىپىز ئوخشايدۇ، ئەمما لىكىن مارالبېشى ناھىيىسىدىكى قاتناش ساقچىلىرى بېرىپ قالسا بىر كۈندىلا بېيىپ كەتكۈدەك، بۇ يەردىكى قاتناش ساقچىلىرى شۇنچىلىك غالجىرلىق كىسىلى تۇتتقانكىن بىچارە موتو ھەيدەيدىغانلار شەھەر كوچىسىنىڭ يېرىمىغا قۇرۇق ئاران كىرەلەرمىكىن، ئاساسى يوللارغا كىرىشى مەنئى قىلىنغان، ئادەم بېسىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، بىرەر ياللانما خادىمى كۈرۈپلا قالدىمۇ بولدى ئاز بولغاندا 200 يۈەن يوق دىگەن گەپ، ھەممىدىن مەكتەپ بالىلىرىغا ئۇۋال، بەزى بالىلار 6-7كىلومىتىر كىلىدىغان يەردىن مەكتەپكە بارىدۇ، بارغۇچە نەچچە كىلومىتىر چوڭ يولدىن ئۆتىدىغان گەپ، ئاممۋى قاتناشتىكىلەر بەش مو بەرسە ياراتمايدۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا توختاتمايدۇ تېخى... بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر كۈنلىك قاتناش چىقىمى 4 يۈەن بۇلىدىغان گەپ... كىچىك بالىلارغا ۋېلسىپىت ئېلىپ بىرەيلى دىسە ساپلا چوڭ يولدىن ماڭىدۇ، تېخى ئەنسىرەيدىغان گەپ... قاچانمۇ بىر تۈزۈلەر دەيمە مۇشۇ ئىشلار ...
esir
يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 12:19:27
بىزنىڭ يېزىدا «قوش تىللىق» بالىلار يەسلىسىنىڭ بالىلىرىنى خالىس توشۇيدىغان، بىر پۇتى مېيىپ بىر ئادەم بار. قىشۇ ياز ئۈچ چاقلىق توك ھارۋىسىدا ھەر كۈنى ئەتىگەن مەھەللىگە كېلىپ بالىلارنى تېرىپ ئېلىپ كېتىدۇ، كەچتە ئەكېلىپ قويىدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى پۇل بەرسە ئالغىلى ئۇنىمايدۇ..........
چۆچۈرىلەرنىڭ ھارۋىدا تىزىلىپ ئولتۇرۇپ، چۇرۇقلىشىپ مەكتەپكە ماڭغىنىنى كۆرگەن كىشى زوقى كېلىپ كۆزلىرىگە ياش ئالماي قالمايدۇ...
elbilge
يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 11:16:53
3- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەكتەپلەرنى زورلاپ يىغىۋەتكەن بەزى جايلارغا كوچا ئاپتۇبۇسى سېلىشقا چوڭاملار بۇيرۇق سوقالمايدۇ (سوقمايدۇ)، بالىلار نەچچە كىلومىتىر ھەتتا 10نەچچە كىلومىتىرنى پىيادە ماڭسا كىچىكىدۇ ، مەكتەپ ياتىقىدا ياتاي دىسە ياتاق توشقان، ئۆزىگە قاتناش ئېلىپ بەرگىلى بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن قول كۆتۈرسە توختايدىغان، مەھەللىنىڭ ھەممە يىرىگە تىز سۈرئەتتە ، ئەرزان باھادا ئاپىرىپ قويىدىغان موتولار ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالغان....
ئاشۇ چاغلاردا بىزمۇ 8 دىن ئارتۇق چىقسا بولمايدۇ دەپ مەكتەپ دەرۋازىسىغا ئادەم قۇيۇپ نازارەتمۇ قىلغان، بىراق نەيزە بار يەردە قالقانمۇ باركەن، ئۇلار سەل نېرىغا بېرىۋېلىپ يەنە ئادەم سالاتتى...مەكتەپتىن ئەھۋال ئىنكاس قىلسا ئوقۇتقۇچىلارنى سىلەر يېزىمىزدىكى ئەڭ ساپالىق مەدەنىيەتلىك دەپ تۇرۇپ خور ئېيتىڭ ، ئۆي تەكشۈرۈڭ ، مودىل بولۇڭ ، سىياسى خىزمەت ئىشلەڭ ...دەپ ئىشلىتىدىغان يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەربى شۇجىسىغا قويۇپ بەرسە بالىلارنى پو پوغا دەسسىتىپ يۈگۈرۈپ مەكتەپكە كەلسۇن دىگۈسى بارتى تېخى...ئوڭشىلىپ كىتەر!!!
elbilge
يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 11:17:42
5- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىزنىڭ يېزىدا «قوش تىللىق» بالىلار يەسلىسىنىڭ بالىلىرىنى خالىس توشۇيدىغان، بىر پۇتى مېيىپ بىر ئادەم بار. قىشۇ ياز ئۈچ چاقلىق توك ھارۋىسىدا ھەر كۈنى ئەتىگەن مەھەللىگە كېلىپ بالىلارنى تېرىپ ئېلىپ كېتىدۇ، كەچتە ئەكېلىپ قويىدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى پۇل بەرسە ئالغىلى ئۇنىمايدۇ..........
چۆچۈرىلەرنىڭ ھارۋىدا تىزىلىپ ئولتۇرۇپ، چۇرۇقلىشىپ مەكتەپكە ماڭغىنىنى كۆرگەن كىشى زوقى كېلىپ كۆزلىرىگە ياش ئالماي قالمايدۇ...
ھۆكۈمەت خىجىل بولمامدىكىنە
بەت:
[1]