پۇتبول مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى
بۈگۈن(2012-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى) ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە سارىيىنىڭ پۇتبول مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. بىرىنچى قېتىم رېكورت يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى تاڭ قالدۇرغان پۇتبول سۆيەر ئەزىز خەلقىمىز ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىدى، ھالا بۈگۈنكى كۈندە بولسا يەنە بىر قېتىم پۇتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىنى، پۇتبولچى ئوغلانلىرىغا بولغان قوللىشى، مەدىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.
كۆرسىتىلىشىچە بۈگۈنكى بۇ مۇسابىقىنى كۆرگىلى تەخمىنەن 60 مىڭ كۆرۈرمەن كەلگەن ئىدى. 60 مىڭ! 60 مىڭ! ئادەتتتىكى ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەن ئاز سان ئەمەس. ئۈرۈمچىدىكىلەرگە ئېنىقكى، تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ مەزكۇر مۇسابىقىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن، مەيلى شەخسىي ماشىنىدا، ياكى ئاپتوبۇستا بولسۇن خېلى يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، شۇنداق بولسىمۇ ئەنە شۇنداق كۆپ ئادەم مۇسابىقە كۆرگىلى، ئوغلانلىرىغا مەدەت بەرگىلى يىغىلغان ئىدى.
مۇسابىقە گەرچە ئىنتايىن كەسكىن ئوينالغان، باتۇرلىرىمىز شۇنداق كۈچىگەن بولسىمۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشتى.
بىر قىسىم كىشىلىرىمىز مۇسابىقە ئاياغلاشقىلى ئاز قالغاندا مەيداندىن چىقىپ كېتىشكە باشلىدى، شەخسەن مەنمۇ شۇنداق قىلدىم. بەش مىنۇت قالغاندا چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭسام، قىقاس-چۇقان، ئالقىشلار كۆتۈرىلىۋىدى، توپ كىرگەن ئوخشايدۇ، دەپ يەنە قايتىپ كەلدىم، مەنلا ئەمەس نۇرغۇن تاماششىبىنلار شۇنداق قىلدى. ئەمما، كېسىپ ئېيتىمەنكى، چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قېيداپ ئەمەس، مەغلۇبىيەتلىك، ئاچچىق مىنۇتلارنى كۆرۈپ كۆڭلىنى يېرىم قىلغۇسى كەلمەي چىقىپ كەتتى.
ئەزىمەتلىرىمىز توپ كىرگۈسسە تازا سىنغا ئالارمەن، سۆرەتكە تارتارمەن دەپ ئاپپىراتىمنى ئېلىپ بارغان ئىدىم، ئەپسۇس! يېشىل مەيداندىكى ئۇنداق نادىر دەقىقىلەرنى سىنغا ئېلىشقا نىسىپ بولمىدى. ئەمما، مەيدان سىرتىدىكى پۇتبولخۇمار خەلقىمىزنىڭ مەدەتلىرىنى، ئالقىشلىرىنى ئازراق بولسىمۇ سىنغا ئېلىۋالغان ئىدىم. مۇسابىقىنى نەخ مەيداندىن كۆرۈشكە نىسىپ بولمىغانلار كۆرەرسىلەر. يېڭىلدى، دېگەننى ئويلاپ تۇرۇپ كۆرمەي، يەڭگەن ۋە يەنە يېڭىدۇ، دېگەنننى خىيال قىلىپ تۇرۇپ كۆرۈڭلار.
شۇنداق! يەڭگەن ۋە يەنە چوقۇم يېڭىدۇ! يېڭىدۇ! سىلەرگە ئاللاھ مەدەت بەرگەي!
ھۇررا باتۇرلار!!!
گەرچە مۇسابىقە باشلانغىلى يېرىم سائەت بار بولسىمۇ، مەيدانغا خېلىلا كۆپ تاماششىبىن كېلىپ بولدى:
كۆردىڭىزمۇ؟ نېمە دېگەن كۆپ كۆرۈرمەن بۇ!
مۇخبىر يولداشمۇ ئالدىراش سۆرەتكە تارتىۋاتىدۇ.
ئانا_بالىمۇ قىزغىن مۇسابىقە كۆرمەكتە.
ھۇرراچى پۇتبول مەستانىسى.
ئەپسۇس! مۇسابىقە مانا مۇشۇنداق ئاياغلاشتى.
مەيدان ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى، دېسەم ھەيران قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئەمدى ماۋۇ سىنلارنى كۆرسىڭىز راسىت سۆزلىگەنلىكىمگە ئىشىنىسىز، ئولتۇرىدىغانغا بوش ئورۇن يوق بىر قىسىم كۆرگۈچىلەر ئۆرە تۇرۇپ قالدى تېخى.
1- سىن:
2-سىن:
3-سىن:
سۆرەت ۋە سىنلار ئەسلى بۇلاردىنمۇ سۈزۈك ئىدى. سىغىمىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، ئېنىقلىقى سەل تۆۋەلەپ كەتتى.
رەسىملەر چىقماپتۇ. كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن. يېنىڭىزدىكىلەرگە دەڭ
ھۇررا دەپ توۋلىغاننى ئاڭلىسا ئەگەشسۇن

بۇ سىنلارنى ئەسلى مۇنۇ ئۇيغۇرچە سىن تورى (www.ali.ug)يوللاي دېگەن ئىدىم، لېكىن سۈرئىتى بەك ئاستىكەن، مۇمكىن بولسا ئاشۇ تورنىڭ ئېگىللىرى بىر ئامالىنى قىلىڭلار، بۇندىن كېيىن تېز بولسىلا، يېڭى ۋە ئېسىل سىنلار بولسا سىلەرنىڭ تورىڭلارغا يوللايمەن. مېھماندارلىچققا بارغاندەك چوڭ سۈپەت ئولتۇرىۋالىدىغانلار خېلى باركەن ئادەم دولقۇنى بەك پېچەت بولدى،نۆۋەت بىلەن ھۇررا دەپ.مەنمۇ جىق توۋلاپ سالغان ئوخشايمەن،بۈگۈن ئەتىگەن گېلىم ئاغرىپ قوپتى مېنىڭ گېلىم ساقايمايدىغان بولدى .ئەمدى ساقىياي دىگەندە مۇسابىقە .توۋلىماي دېسەممۇ توۋلىنىپ كېتىدۇ .ئەتىگەن ئاران سۆزلىيەلىدىم . مۇشۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇپ كەتتى؟ ۋاختىدا خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت! يىڭىش-يىڭىلىش بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. مۇھىمى ئۇنىڭ جەريانى. بىر قىتىملىق يىڭىلىش مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ. گال خام تۇخۇم ئچكۈدەك بوپ قوپاپتۇ

ئۇتسا ئالقىشلايمىز ،ئۇتتاسا تىخمۇ كۆپ مەدەت بىرىمىز .
مەيداندىن چىققاندىن كىيىكى پەلەمپەيگە يىغلىپ تولغان ھۇررا ساداسى يۈرەككە تەگدى
تۈنۈگۈن مەغلۇپ ئەزمەتلىرىمىز ئەمەس ،ئاشۇ مەيداندىن بالدۇر ئايرىلغانلار ،20-30 كويغا بىلەت ئىلىپ قورىسقى ئاغىرىغاندۇ تاينىلىق ،مەستانە بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسلەر ماۋۇ ئەتراپىمدىكى گۇيلار ئاچ قوساق باردىمىكىن ھۇررا توۋلايدىغان ھالى يوق، باشتىن ئاياق ئوتتادى قارىشىپ.
چاتاق يوق ئەزىمەتلەر ئاخىرقى غەلىبە بىزگە مەنسۇپ!!! مەن رازى ھۇرراھ توۋلىغانغا!گەرچە بالىلىرىمىزنىڭ پاسلىشىش جەھەتلەردە ۋە بوي-بەستىجەھەتلەردە ئۇلاردىن كۆپ پەرىقلىنىپ ،ھەم مۇسابىقە ئويناش جەريانىدا سەل تەمتىرەش يۈز بېرىپ،بىز يىڭىلگەن بولساقمۇ،مۇشۇ11 ئادەم 60مىڭ يىقىن ئۇيغۇرنى بىر يەرگە جەم قىلدى.خۇدا ئۆمرۈمنى بەرسىلا ئۆزەم يالغۇز قالساممۇ،بىلەت1000 سۇم بوپ كەتسىمۇ ئېلىپ،پۈتۈن مەيداندا تەنھا قالساممۇ بار كۈچۈم بىلەن [ھۇررا!] توۋلايمەن.بۇ پو ئاتقىنىم ئەمەس،ئىشىنمەن ئەزمەتلىرىمىز بۇندىن كېيىن جەزمەن تەجىربە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ تېخىمۇ تىرىشىدۇ!!!!!!!!