ablatjan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 21:36:33

XJTV5 نىڭ ياۋروپا لوڭقىسىنى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىغا قىسقىچە ئىزاھات

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، كەمىنە دوستۇڭلار ئابلەتجان ياسىندىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!!!


يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، مەزكۇر مۇنبەردە بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىنى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشقا ئائىت بەزى مۇنازىرە ۋە تەلەپ - پىكىرلەرنىڭ بولۇنغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولدۇم. مەيلى ياخشى بولسۇن مەيلى يامان بولسۇن بىزنىڭ ئاڭلىتىشىمىزغا نىسبەتەن ھەرخىل پىكىر، تەلەپ ۋە تەنقىدلەرنىڭ بېرىلىشى ناھايىتى نورمال شۇنداقلا كىشىنى سۆيۈندىرىدىغان بىر ئىش. ئالدى بىلەن مۇشۇ تېمىدىكى ماقالىنى يوللىغان دوستلارغا ۋە بەزى ئىنكاسلارنى يازغان دوستلىرىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.


دوستلىرىمىز مەلۇم بولغىنىدەك، تەنتەربىيە ئاخباراتچىلىقى ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىدىكى ناھايىتى ئاجىز بىر ساھە. بۇنداق بولىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىقى بۇ ساھەنىڭ كەسپىيلىشىش دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرلىقى، ئۆزگۈرۈشچانلىقى، ۋاقىت ، مەبلەغ قاتارلىق ئامىللارغا بولغان تەلىپىنىڭ كۈچلۈكلىكى بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە بۇساھەمۇ ئۆزنۆۋىتىدە مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.شەخسەن مەنمۇ، كىچىكىمدىن توپقا، تەنتەربىيەگە قىزىققاچقا مۇشۇ ساھەدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىغان. بىراق، تەنتەربىيە جەھەتتە ئالاھىدىلىكىم ياخشى بولمىغاچقا، ئۆزۈم قىزىقىدىغان يەنە بىر ساھە بولغان ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇپ، تەنتەربىيە ساھەسىگە باشقا يوللار بىلەن تۆھپە قوشۇشنى ئويلىغان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە كەسپىدە 5 يىل ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتىمەن. ئۇزۇن يىللىق توپ كۆرۈش، تەنتەربىيە خەۋەر - ئوبزورلىرىنى يېزىش جەريانىدا، پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ شىنجاڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىغا نىسبەتەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، 2010 - يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ مۇشۇ گورۇپپىغا كىرگەن.


قېرىنداشلارغا ئېيتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، چۈشەندۈرگىچىلەر گورۇپپىسىدىكى ئىلھام ئىمىن، تۇرسونتوختى ئابدۇللا ۋە شاۋكەتكاملار ئۇيغۇر تەنتەربىيە ئاخباراتچىلىقىدىكى، پۇتبولچىلىقىدىكى ياكى مائارىپىدىكىتۆھپىكار، داڭدار شەخسلەردۇر. ئىلھام ئىمىن، تۇرسۇنتوختى ئابدۇللا قاتارلىقلار ھازىر ئاخبارات ساھەسىدىكى پېشقەدەملەرلا بولۇپ قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەنتەربىيە مۇخبىرلىرىدۇر. ئۇلار مەيلى پۇتبول مەيلى ۋاسكېتبول ھەتتا يېنىك ئاتلېتكا قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئىزدەنگەن، كۆپ يىللىق تەجرىبىگە ئىگە. پۇتبول كۆرگەن ۋاقتى 20 يىلدىن ئاشقان كونا پۇتبول مەستانىلىرىدۇر. شاۋكەتكام بولسا نۇرغۇن پۇتبولچىلارنى يېتىشتۈرگەن، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى كوماندىسىنى يېتەكلەپ كۆپ قېتىم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرگەن، پۇتبول مائارىپىدىكى نۇرغۇن دەرسلىكلەرنى تۈزگەن، پۇتبول ئەمەلىيىتى بىلەن كۆپ يىل شۇغۇللانغان پېشقەدەم پۇتبول تۆھپىكارىدۇر. دېمەك، يۇقىرىقى چۈشەندۈرگۈچىلىرىمىزنىڭ ئاساسىنى، بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى ناھايىتى ياخشى دەپ ئېيتالايمىز.


XJTV5 تىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىسىدا، 2004- يىلىدىن باشلاپ چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەرنى ئۇيغۇرچە نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش ئىشى روياپقا چىقىپ، خەلقىمىزنىڭ تەنتەربىيەگە، پۇتبولغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. مەبلەغ جەھەتتىكى يېتىشسىزلىق، تېخنىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىق، خىزمەت بېسىمىنىڭ كۈچلۈكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر شۇقەدەر ئېغىر بولسىمۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە غەيرىتى بىلەن بۇ مەسىلىلەر بىر - بىرلەپ ھەل بولۇپ بۈگۈنكى كۈنگە يېتىپ كەلدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشتىن خۇش بولدى. خەلقئارادىكى دۇنياۋىي كاتتا پۇتبول مەرىكىلىرىنى ئانا تىلىدا ئاڭلاش ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى...


ئەلۋەتتە، ئەمدىلا تۇغۇلغان، ئايىقى يېڭىلا چىققان بۇ بالا،ئەي قىلىشقا، ئاسراشقا، قوغداشقامۇھتاج...


پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى ئاڭلىتىشقا 25 يىلدىن ئاشقان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 5 - قانىلى بۇساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ كۈچلۈك «خوجا» دۇر. ئۇلار يالغۇز دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس بەلكى، پۈتۈن دۇنيادىمۇ داڭقى بار تەنتەربىيە قانىلىدۇر. بىراق، ئۇلارمۇ 20 نەچچە يىللىق تىرىشىش (قانال قۇرۇلغىلى 16 يىل بولدى. مۇسابىقە ئاڭلاتقىلى 20 نەچچە يىل بولدى) نەتىجىسىدە، ئاندىن مۇشۇ كۈنگە كەلگەن. دېمەك، ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن، بولۇپمۇ كەسپي تەلىپى ناھايىتى كۈچلۈك مۇشۇنداق بىر ساھەنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يەنىلا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ۋە تىرىشچانلىق كېتىدۇ.


قېرىنداشلىرىمىز دەپ ئۆتكەن تېخنىكا جەھەتتىكى كاشىلا، ئاۋاز جەھەتتىكى مەسىلە، چۈشەندۈرۈش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەردە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تولۇقلاشلار، تۈزىتىشلەر بولۇۋاتىدۇ. بىراق، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىر كۈندىلا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھەل قىلىش يەنىلا تەس. بولۇپمۇ، مەبلەغ ئارقىلىقمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان پۇتبول چۈشەندۈرگۈچىسى ئامىلىمۇ شۇنداق. رىياسەتچىلىك ئىقتىدارىنىمۇ ھازىرلىغان، ئاۋازى يېقىملىق، پۇتبول بىلىمى ناھايىتى مول، سۆزنى قاملاشتۇرۇپ دېيەلەيدىغان، ئۇنۋېرسال بىلىمى ئەتراپلىق، كەڭ تاماشىبىنلارنى زېرىكتۈرۈپ قويمايدىغان...چۈشەندۈرگۈچىنى تېپىشمۇ تەس بولۇشى مۇمكىن.


ئەلۋەتتە، يېقىندىن بۇيان بۇ مۇسابىقىنى ئاڭلىتىشقا قاتنىشىۋاتقان بارلىق خىزمەتچى خادىملار، رىياسەتچى - چۈشەندۈرگۈچىلەر توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇسابىقىنىڭ ياخشى ئاڭلىتىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەنزۇ تىلىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن خېلىلا ياخشى خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.


ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش خىزمىتى كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشى، تەكلىپ - پىكىرى، تەنقىدلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاڭلىتىش گورۇپپىسىدىكىلەرمۇ بەزى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈشكە، ئاڭلىتىش سۈپىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ. قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا پۇتبول ۋە ئۇنۋېرسال بىلىمى ياخشى، ئاخبارات خىزمىتىنى چۈشىنىدىغان، ئاڭلىتىشقا نىسبەتەن قىزغىنلىقى بارلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا، مەن مەسئۇل خادىملارغا تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى خالايمەن. ئاخىرىدا، كەڭ دوستلارنىڭ قوللىشىنى، چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


چ چ نومۇرۇم :629497988

iksak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 21:53:40

سىز تۆنۈگۈنكى مۇسابىقىنى چۈشەندۇرگەن ياسىنجان شۇمۇ؟؟؟

iksak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 21:53:54

سىز تۆنۈگۈنكى مۇسابىقىنى چۈشەندۇرگەن ياسىنجان شۇمۇ؟؟؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 21:59:25

مۇسابىقە باشلىناي دىدى

مۇسابىقىدىن كىيىن ئالدىرىماي دىيىشەيلى \"\"



مۇسابىقە توغۇرلۇق نەدە دىيىشىدىغان بولدۇق راست

فىرانسىيە بىلەن ئىنگىلانىد{:92:}

رىبېرى دىگەن ساراڭ بىزنى قانداق ھەيران قالدۇرۇر؟

zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 22:57:05

ئابلەتجاندۇ ئىسمى ؟ ئۆزىمۇ شۇ ئىسىمدا تىزىملىتىپ كىرىپتۇ مانا ، قەدىمىڭلىگە مۇبارەك !

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 23:07:49

ئوغال بالا! سىزگە ئوخشاش خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلايدىغانلار شىنجاڭ تىۋى داقانچە كۆپ بولغان بولغان بولسا، تېلۋىزىيە ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بىر پايدىلىق ئامىل كۆپەيگەن بولاتتى. سىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىڭىزنى كۆردۈم، سىزدە ئۈمۈد زور، تېخىمۇ تىرىشىڭ!

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 23:57:53

ئۇتىدۇ دەپ قارىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى 1:1

ئەنگىليەنىڭ ھالى بوش.

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 00:02:15

ئىنگىلانىدىنىڭ مۇداپىيەسى خېلى بەكلا شاش، 8 كۈچلۈكتە كۆرۇش مۇمكىنچىلىكى خېلىلا زور.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 00:11:30

كىيىنكى مۇسابىقە قىزامدۇ؟(ئۇكرائىنا بىلەن شىۋىتسىيە) .يالغۇز ئۇلتۇرۇپ كۈرسە بەكلا مەنىسى بۇلمايدىكەن؟ئىنگىلاتنىڭ مۇداپىيەسى بەك قاتتىقكەن ،4تىن 2سەپ .

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 02:50:06

ablatjanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئەلۋەتتە، يېقىندىن بۇيان بۇ مۇسابىقىنى ئاڭلىتىشقا قاتنىشىۋاتقان بارلىق خىزمەتچى خادىملار، رىياسەتچى - چۈشەندۈرگۈچىلەر توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇسابىقىنىڭ ياخشى ئاڭلىتىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەنزۇ تىلىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن خېلىلا ياخشى خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.


چ چ نومۇرۇم :629497988



شىمالى شىنجاڭدىكى خەنچىنى ژىتىۋېتىدىغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئانا تىلىمىزدا مۇسابىقە كۆرۈشنى خالايدۇ.


ھەر ھالدا پىكىر-تەكلىپلىرىمىزنى ئاڭلايدىغان سىز بولسىڭىزمۇ باركەنسىز. بۇ ئىشىڭىزدىن خۇشال بولدۇم.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 03:35:31

يوق بولسا تۈكۈرىكىمىزنى يۇتۇپ قاراپ ئولتۇرىمىز

بار بولسا شۇنداق ئۇنى بۇنى دەپ باقىدىكەنمىز.ھەر خىل ئۈمىدلەرنى كۈتىدىكەنمىز.

توغرا چۈشىنىڭ.

بۇندىن كىيىن مۇشۇ كەسىپنىڭ تامىقىنى يىيىشنى پىلانلاۋېتىپسىز.تىرىشىڭ.باشقا تىلدىكى چۈشەندۈرگۈچىلەر قانداق چۈشەندۈرۋاتىدۇ شۇنى ئۆگىنىڭ.ھۇجۇمغا ئۇلاشقا نۇرغۇنلىغان قېلىپلاشقان پاراڭلار بار.شۇلارنى ياتقا ئېلىڭ.مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە پايدىسى تىگىدۇ.

مەسلەن ئاددى قىلىپ ئېيىتسام،ھۇجۇم بولىۋاتقاندا سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز توپ ئالغۇچى كىم،بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قانداق قىلماقچى دىگەننى بىز ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش بولىدۇ.يانغا پاس بەرگەن بولسا يانغا پاس،ئوتتۇرغا تاشلىغان بولسا ئوتتۇرغا..............بۇ پاسنى ئالغۇچى كىم،ۋارتاغا قانداق ئۇردى..........ئەپسۇس،قارشى تەرەپ ھۇجۇمنى بۇزىۋەتتى دەپ بولۇپ..........ئاندىن بۇ توپچى مۇنداق يەردە مۇنداق ھىكايىسى بار دىگەندەكلەرنى سۆزلىسىڭىز ياخشى بولىدۇ.يەنى تەنھەركەتچىنىڭ تارىخىنى تۇنۇشتۇرغاندا ئۇنى توپ ئېلىپ ھۇجۇم باشلىغاندا ئەمەس،ھۇجۇم ئاياقلاشقاندا چۈشەندۈرىسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

بىر ئوبدان ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا بىنزېمانىڭ ئارسىنالدىكى ۋاقتىدا زۇكام بوپ قېلىپ دوختۇرغا بارسا ساراڭ دوختۇرنىڭ بىنزېماغا ئاشقازان دورىسى بەرگە بەرمىگەنلىكىگە ھېچكىم قىزىقمايدۇ........ئالدىنقى كۈنى گوللاندىيە بىلەن دانىيەنىڭ مۇسابىقىسىدە روبىن ۋارتانىڭ تۈۋرىكىنى ئۆرىۋتكىلى قىل قالغاندا بىز مۇشۇ ئىزدىنىشتا ئافىلاي تەپتى دىسە ۋان پېرسى تەپتى دىيىشپ تالىشىپ سۇقۇشقىلى قىل قالدۇق.سىزنىڭ بىر ئېغىز چۈشەندۈرىشىڭىز بىلەن ھەممە ھەل بولىدىغان ئىشلار ئىدى ئەسلى.



شۇنداق گەپ

باشتا دىگىنىمدەك،تاققا تۇققا پاراڭلارنى قىلىپ باقىمىز

سىلەرنىڭ ياۋرۇپا لوڭقىسىنى ئۇلاپ تارقاتقىنىڭلاردىن يەنىلا خوشال بىز.

مۇسابىقە ئەمدى باشلاندى

كەينىدە يەنە 20 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقە بار.

مۇشۇ مۇسابىقىلەر تۈگىگۈچە سىزنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىشىڭىزگە ئىشىنىمىز،تىلەكداشمىز.



يەنە بىر گەپ

پۇتبول ئۇيۇنلىرىنى ئويناپ بېرىڭ،مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە ئەسقاتىدۇ. \"\"

iksak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 08:16:05

ھا ھا............مەن دادىسىنىڭ ئىسمىنى كۆرىۋاپتىمەن ئەمەسمۇ............................ \"\"

iksak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 08:30:42

مەنمۇ ئازىراق قارىشىمنى سۆزلەپ باقسام ئابلەتجان ( بۇ قېتىم توغرا ئاتىدىم جۇمۇ ئىسمىڭىزنى\"\" )

بىرتەرەپ ھۇجۇم قىلىپ، قارشى تەرپنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا ھۇجۇم قىلغاندا، مۇشۇ ھۇجۇم توغۇرلۇقلا سۆزلىسىڭلار. بۇھۇجۇم ئوڭۇشلۇق بولمىغاندا ئاندىن ئالدىدىكى چۈشەندۈرىشىڭلارنى داۋملاشتۇرساڭلار.



توپ كىرگەندە «بۇ ماھىر مانچىنجى يىلى مانچىنجى ئاينىڭ مانچىنجى كۈنى تۇغۇلغان »دىگەننىڭ ئورنىغا توپ كىرگۈزكىچىنىڭ ئسمى، يشى ۋە توپ تىپىۋاتقان كۇلۇبىنى ئەسكەرتىپ قويسايلار.



خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشنى شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئاخباراتچىقىلىقىنىڭ گۈللىنىشىگە تىلەكداشمەن.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 08:31:41

مۇشۇنداق ئاتايەن تىزىملىتىپ، پىكىر ئالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى بۈيۈك بىر ئىش. كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

خەنزۇچە چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئىنگلىزچە سەۋىيەرىڭىز ياخشى بولسا ئىنگلىزچە چۈشەندۈرگەن پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىمۇ كۆرۈڭ. ئالدىنقى كۈنى ئارگىنتىنا:بىرازىلىيەنىڭ دوسلۇق مۇسابىقىسىنى ئىنگلىزچە چۈشەندۈرىلىشىدىن كۆرگەن ئىدىم، شۇنداق ئېسىل، ئادەمنى ھەقىقەتەن جەلىپ قىلىدىكەن. نېمىلا دېگەن بىلەن ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈش خەنچىدىن كۆپ ئىلغار.

ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

theoldman يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 09:11:23

راس گەپنى دېگەندە ئىلھام ئىمىن، شەۋكەت ئەپەندىلەرنىڭ چۈشەندۈرىشى تۇرسۇن توختى بىلەن ئابلەتجاننىڭ چۈشەندۈرىشىدەك يېقىشلىك ئەمەسكەن. كېيىنكى ئىككەيلەننىڭ ئاۋازىمۇ يېقىملىك، چۈشەندۈرىشى جانلىق، كىشىگە ئازادە تۇيغۇ بېرىدىكەن.

ablatjan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 09:25:08

مەن ھازىر مۇسابىقە چۈشەندۈرۋاتقان ئابلەتجان ياسىن شۇ.   دوستلارنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگىنىگە رەھمەت. بىز بۇنىڭدىن كېيىن بەزى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ، مۇسابىقىنىڭ ئۆزىنىڭ پارىڭىنى كۆپرەك دېيىشكە تىرىشىمىز.


يەنە بىرى ، halik_puliنامىدىكى دوستىمىزدىن ئەپۇ سورايمەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكىلا ئەمەس، بەلكى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەييارمىز. دوستلارغا رەھمەت.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 10:15:43

خەلق پىكرىنى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىسمىڭىز بىلەن تىزىملىتىپ تىما يازغانلىقىڭىزدىن سۇيۇندۇم. خەلق ئارىسىغا سىڭىپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى قۇبۇل قىلىپ ساۋاق يەكۈنلىسىڭىزلا چۇقۇم يىتىشىپ كىتەلەيسىز .

خەلق ئارىسىغا سىڭمەي ئۇزى خالىغان سەنەمگە دەسسەپ جان بېقىۋاتقانلارنى خەلقمۇ ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدۇ .

جۈرئىتىڭىزگە بارىكاللا، ئىشلىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي !



بىر تەكلىپىم ۋاقتىڭىز يار بەرسە ئانچە - مۇنچە توپ تىپىپ قۇيۇڭ!

ablatjan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 10:18:37

ھەرھەپتىدە 3-4 قېتىم توپ ئوينايمىز....شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مەيدانىغا كەلسىڭىز بىللە ئوينايمىز...

zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 14:37:01

CSPN قانىلىدا سۇدوڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى خېلى ئاڭلاپ قويىمەن ، ئۇلارنىڭمۇ كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىككى ئادەم ( يەنە بىر ياشانغان تەھلىلچى ) چىقىدۇ ، ئاساسلىق كۆرۈنۈشلەردە سۇدوڭ سۆزلەيدۇ ، بىر-بىرسى بىلەن تالىشىپ قالمايدۇ . كىچىككىنە تەكلىپىم : ئۇيغۇر چۈشەندۈرگۈچىلىرىمىزمۇ ھالقىلىق جايغا كەلگەندە تالىشىپ قالماي ، بىرسىڭلار مۇقىم تۇتۇپ سۆزلىسەڭلار ، بولمىسا ھەممىڭلار تەڭ سۆز ئېچىپ قېلىپ چۇۋالچاق ھېس قىلىپ قالىدىكەنمىز .

zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 17:18:40


جۇڭگودىكى پۇتبول مۇسابىقە چۈشەندۈرگۈچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق دەپ قارالغان جەنجۈن ( 詹俊 )نىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنى چۈشەندۈرۈش توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرى سىنا تورىدا ئېلان قىلىنغان ( خەن يېزىقىدا ) ، كۆرۈپ بېقىڭلار :


http://sports.sina.com.cn/r/2005-07-24/16571683903.shtml

بەت: [1] 2
: XJTV5 نىڭ ياۋروپا لوڭقىسىنى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىغا قىسقىچە ئىزاھات