Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 17:47:54

كومپيۇتېردىن تېلېفۇنلارغا قانداق قىلىپ ئۇچۇر يوللىيالايمىز؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر.


خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئوخشاش بىر مەزمۇندىكى ئۇچۇرنى نەچچە ئون تېلېفۇنغا بىراقلا يوللاشقا توغرا كىلىكەن، بۇنى كومپيۇتېر ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە  گەپلەر بولۇنغاندەك قىلىۋاتقان ئىدى،  بۇ ھەقتىكى بىلىمى مول ئۇستازلارنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقان قىممەتلىك بىلىملىرىدىن تەلىم بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

2378 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 19:08:51

تېلېفونلىرى WM ياكى Android سىستېمىلىق بولۇپ قالسا 91手机助手 دېگەن يۇمشاق دېتالدىن پايدىلانسىلا بولىدۇ.

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 19:13:51

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!

ئادەتتە كۆپ قىسىم يانفونلارنىڭ ئۆزىدە ئۇچۇرنى توپ يوللاش ئىقتىدارى بولىدۇ. يەنى ئەۋەتكۈچىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزىدىغان ئورۇنغا ئالاقىداشلار ئىچىدىن ئارقىمۇ- ئارقا تاللاش ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئادەمگە يوللىغىلى بولىدۇ.

ئەگەر يانفونىڭىز ئەقلىي يانفون تۈرىدىن بولسا ئىش ئاسان: ماس ھالدىكى يانفون باشقۇرۇش دېتاللىرىنى (iTool, 豌豆荚, mobilesynse, pc suit,...) قاچىلاپ، يانفوننى سىم بىلەن كومپيۇتېرغا چېتىپ تونۇتقاندىن كېيىن، شۇ دېتاللاردىكى ئۇچۇر ئىقتىدارى ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئادەمگە يوللىغىلى بولىدۇ.

ئەگەر تېلېگراف ئىشلەتكۈچىسى بولسىڭىز 186 ئېلخېتىنىڭ ھەر ئايدا 300 دانە (كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 دانە) ئۇچۇرنى ھەقسىز يوللاش ئىقتىدارى بار. كومپيۇتېردا ئېلخەتكە كىرىپلا شۇ يەردىن بىۋاستە يوللىيالايسىز، ئۇتۇق تىلەيمەن!

dilxat5515 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 19:16:36

تىلىگىراف شىركىتى يانفۇن ئابونىتلىرىغا  189 خەت ساندۇقى ئارقىلىق ھەر ئايدا 500 تال ھەقسىز  قىسقا ئۇچۇر  كەسىپىنى يولغا قويغان بىرلا ۋاقىتتا نەچچە تىلفۇنغا  ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ  .

同天翼宽带共享免费条数 免费发短信 本月还能发送:同网500条 异网100条 | 今日还能发送:50条/共50

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 19:18:04

ئالدىنقى قېتىم مەنمۇ ئىزدەپ باققان. iuu دەپ بىرى باركەن. ئىشلىتىپ باققانلار تەسىراتىنى دەپ باقار.

http://baike.baidu.com/view/3372531.htm



ماۋۇ يەردىكىلەرگىمۇ قاراپ بېقىڭ:

http://blog.sina.com.cn/s/blog_661892bc0100srxb.html

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 19:28:44

يانف ئۇچۇر نى بېسىڭ.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 19:46:57

مەنغۇ ئۆيگە تېلېفون قىلسام، ياكى يانفونغا خەت ئۇچۇر يوللىسام، كومپىيوتېردا NONOHنى ئىشلىتىمەن. NONOH پروگراممىسىنى كومپىيوتېرغا ھەقسىز قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئازىراق پۇل قاچىلاپ قويساق، خېلى ئۇزۇن ھەقسىز تېلېفون قىلغىلى بولىدۇ. دۇنيادىكى 30 دۆلەتكە تېلېفون قىلساق پۇل چىقمايدۇ. بولۇپمۇ يانفونغا قىسقا ئۇچۇر يوللاشتا، كومپىيوتېردا يېزىپ يوللاش بەك ئەپلىك تۇيۇلىدۇ...


تەپسىلاتى:


http://www.nonoh.net/

http://bbs.chinatime.de/viewthread.php?tid=1940


http://www.dolc.de/forum.php?mod=viewthread&tid=634826


\"\"

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 20:31:03

6- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنغۇ ئۆيگە تېلېفون قىلسام، ياكى يانفونغا خەت ئۇچۇر يوللىسام، كومپىيوتېردا NONOHنى ئىشلىتىمەن. NONOH پروگراممىسىنى كومپىيوتېرغا ھەقسىز قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئازىراق پۇل قاچىلاپ قويساق، خېلى ئۇزۇن ھەقسىز تېلېفون قىلغىلى بولىدۇ. دۇنيادىكى 30 دۆلەتكە تېلېفون قىلساق پۇل چىقمايدۇ. بولۇپمۇ يانفونغا قىسقا ئۇچۇر يوللاشتا، كومپىيوتېردا يېزىپ يوللاش بەك ئەپلىك تۇيۇلىدۇ...


تەپسىلاتى:


http://www.nonoh.net/

http://bbs.chinatime.de/viewthread.php?tid=1940


http://www.dolc.de/forum.php?mod=viewthread&tid=634826


\"\"





Voipraider مۇ بەك ياخشى. ئۇنىڭدىمۇ جىق دۆلەتلەرگە ھەقسىز تېلىفۇن قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئوخشاش پۇل قاچىلايدۇ. بەكلا ئۇزاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.بەلكىم ئىشلەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن.


http://www.voipraider.com/

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 22:35:32

سوئالنىڭ مەقسىتى ئېنىق چۈشىنىلمىگەندەك جاۋابلار بېرىلگەن چىراي. قۇتلان ئەپەندىمنىڭ كۆرسىتىۋاتقىنى كومپيوتېردىن تېلېفونغا ئۇچۇر يوللاش. يۇقىرىدا 2378 ۋە serqut قېرىندىشىمىز كۆرسەتكەن ئۇسۇللارنىڭ ھېچقايسىدا كومپيوتېردىن يانفونغا ئۇچۇر يوللىغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئۇچۇر يوللاش مەشغۇلاتىنى كومپيوتېردا قىلغىلى بولىدۇ. ئۇچۇر يەنىلا يانفوندىن يوللىنىدۇ.  مېنىڭ بىلىشىمچە Gmail دىن باشقا يانفونغا بىۋاستە ئۇچۇر يوللىيالايدىغان دېتال يوق. ئەگەر جۇڭگو، ئىران ياكى پاكىستاندا بولمىسىڭىز، Gmail گە كىرىپ، Buzz دېگەن يېرىنى ئاچسىڭىز، Gmail SMS دەپ بىر كونۇپكا بار. شۇ ئارقىلىقلا يوللىيالايسىز.  ئەگەر يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە بولسىڭىز، يەنىلا يۇقىرىدىكى دوستلار كۆرسەتكەندەك يانفوننىڭ توپ ئۇچۇرلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىڭ. بۇ ئىقتىدار ھەرقانداق تېلېفوندا بار. ئەگەر يانفوننىڭ سىستېمىسىدا بولمىسا، SIM كارتا مۇلازىمىتىدە بار.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 23:50:18

كۆچمە خەۋەرلىششىنىڭ كەسىپلەشكەن فېي شىن(飞信) دىگەن مۇلازىمىتى ھاجتىڭىزدىن چىقىدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-12 10:05:02

5- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يانف ئۇچۇر نى بېسىڭ.


كەچۈرۈڭ، سىز ئىزدىگەن مەزمۇن مەۋجۇت ئەمەس ياكى ۋاقتى ئۆتكەن


[ ئىنتىل تورى باش بەت ]






ئۇستازلارنىڭ تەلىمى ئۈچۈن كۆپ ھەشقاللا، مەن بۇ بىلىملەرنى ئىمكانىيەت ئىچىدە بىر-بىرلەپ سىناپ كۆرۈپ. نەتىجىسىندىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلىشقا تىرىشىمەن.

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-6-13 13:22:28

ئەسلىدە مۇتقا ئۇچۇر يوللاشنى كۆزدە تۇتۇپتىكەنسىز ھە؟  \"\"

مەن تېخى مەشغۇلاتتىكى قولايسىزلىقنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامال ئىزدىگەن بولسا كېرەك دەپتىمەن.

يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئەڭ ئىشەنچلىكى يەنىلا 189 ئېلخېتى بىلەن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 飞信، سىناپ باقارسىز.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 02:06:49

600 دەك تېلېفۇنغا يەنە بىرخىل مەزمۇندىكى خەنزۇچە ئۇچۇر(ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىڭىزنى 26- چىسلادىن باشلاپ ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ....)نى يوللايدىغان ئىش چىقتى، بۇ 600 تېلېفۇننىڭ نۇمۇرى ۋورد ۋە ئېكسال بىلەن كومپيۇتېردا ساقلاغلىقتى، قانداق قىلغاندا 600 تېلفۇنغا ئۇچۇرنى ئۈنۈملۈك يوللىغىلى بولىدۇ؟

189نىڭ خەت ساندۇقى ئارقىلىق بىركۈندە پەقەت 20 كىشىگە ئۇچۇر يولىغىلى بولىدىكەن، 飞信 دېگەن بۇ ئەپ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تېلېفۇنىدىلا ئىشلەيدىكەن. تېلفۇن نۇمۇرلارنى تېلېفۇنغا كۆچۈرمەي كومپيۇتېردا تۇرغۇزۇپلا تېلفۇنغا ئۇچۇر يوللاشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى بارلىققا كەلمىگەنمىدۇ؟ پەقەت بولمىغاندا يانفۇنۇم بىلەن يوللايدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلى ئىدى، ئەمما 600 نەچچە نۇمۇرنى تېلېفۇننىڭ ئۇچۇر يوللاش كۆزنىكىگە قانداق ئېلىپ كىرىشنى بىلىپ بولالمىدىم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-9-24 10:34:51

مەلۇم نومۇردىن بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش ئۇچۇر كۆپ قېتىم يوللانسا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئەخلەت ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى توسۇپ قېلىشى مۇمكىن

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 01:57:43

شۇنداق قىلىپ، بۇنىڭغا ئىمكانىيەتلەرنى يوق دەيمىزمۇ ئەمدى؟

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 08:58:35

مۇشۇ يەردىكىلىرىنى سىناپ باقىسلا، كۆپىنچىسى ھەقلىقمىكىن، لېكىن قىممەت ئەمەس.



http://xiazai.zol.com.cn/heji/3380/
بەت: [1]
: كومپيۇتېردىن تېلېفۇنلارغا قانداق قىلىپ ئۇچۇر يوللىيالايمىز؟