خام بازىردىكى ۋاپادار ئوغۇل[كۆچۈرۈلمە]
ئەسلى مەنبە ئىنتىل تورى http://www.intil.biz/home/thread-10190-1-1.html
كۆرمىسەڭلا مەن دىسەممۇ بىكا......
ئىزدىنىشتىكى لاتا........... تەسىرلەنگەن بولساڭ دەرھال قەلىمڭنى قولۇڭغا ئال.
كەلتۈرەلمەش شىئىرنى ئىلھامى يوق قۇرۇق قەلەم،
بۇ ئەزىر گۆھەرنى بەرگەي بىر ىۇشاللىق بىر ئەلەم!
شىئىرنى پەقەت «لاتا» لا يازسۇنن دىگەن پەرمان يوق، باشقىلارمۇ مەرخەمەت!
ئەسلى مەنبەدىكى رەسىم:
ۋاپادارلىقىنى بۇ خىل يۇسۇندا ئىپادىلەشنى تازا توغرا تاپمىدىم.


يۇقارقى شەخسى ۋاپادارلىقنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە ئانىسىنى كۆتۈرگەن ئەمەس. قانداق گەپ ئەمدى بۇ ۋاپادارلىقنى بۇ يۇسۇندا ئىپادىلەشنى توغرا كۆرمىدىم دىگەن. .....
دۈمبىسىگە ھاپاش قىلىپ ئارتسا ئۆزىلا ئەمەس ئانىسىمۇ قىينىلىپ كېتىدۇ پۇت قوللىر ئۇيىشىپ تېخىمۇ ئېڭىشىپ دۈمبىسى ھېرىپ كېتىدۇ، بۇنى چوڭ ئادەمنى ئەمەس، كىچىك بالىلارنى كۆتۈرۈپ باققانلار بىلىدۇ. شۇڭا يۇقارقىدەك كۆتۈرگەن بولىشى مۇمكىن. سىزنىڭچە بولغاندا بۇنداق كۆتۈرۈپ ئولتۇرماي، تاكسىغا سېلىپلا ماڭسىلا پەقەت بولمىسا خام بازىرىدا ئۈچ چاقلىق ياكى ئىككى چاقلۇق موتسكىلىىت كىراكەشلىرى بولغاندىن كېيىن خەققە كۆرسىتىپ يۈرمەي ئاشۇنداق ماڭسا بولاتتى دىمەكچى؟؟؟
مىيىپلار ئورۇندۇقى يوقكەندە ھېلىقى مەسەل بارغۇ، ئېشەكنى بازارغا ئېلىپ ماڭىدىغان. ئانىسىنى ئاشۇنداق كۆتۈرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ۋاپاسىز بولامدا؟

رەسىمدىكىسىمۇ بىر ئۇسۇل.
6- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھېلىقى مەسەل بارغۇ، ئېشەكنى بازارغا ئېلىپ ماڭىدىغان.
ئىنكاس بولا مۇشۇنداق بولار، يولياركامغا رەھمەت. شۇنچە چوڭ بازاردا ئانىدىنى ئاشۇنداق كۆتۈرۈپ مېڭىشقا خېلى جۈرئەت كېتىدىغاندۇ،،ۋاپادار بولسىمۇ ئۇنداق قىلىشتىن خىجىل بولىدۇ ئادەتتە، مەنچە ۋاپادار ئوغۇلكەن.. {:106:}
5- قەۋەتتىكى convertنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مىيىپلار ئورۇندۇقى يوقكەندە
ئۇنى خالىغان چاغدا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، سېتىۋىلىشقىمۇ ئاز پۇل كەتمەيدۇ.
مېنىڭچە ئاپىمىزنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ۋاپادارلىغى ھەرگىزمۇ بۇ ئەمەس
12- قەۋەتتىكى Kanjiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مېنىڭچە ئاپىمىزنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ۋاپادارلىغى ھەرگىزمۇ بۇ ئەمەس
كىم مۇشۇ دىدى؟
ئۇنى_بۇنى دەيمىز، شۇ شارائىت شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويغان بولىشى مۇمكىن! بۇ ھەرگىزمۇ بىراۋغا كۆز_كۆز قىلىش ھەم ۋاپادارلىقىنى كۆرسىتىش ئۇچۇن ئەمەس. خام بازىردا ئادەم كۆپ يەنە كىلىپ ئۇلار چوڭ يولنى كىسىپ ئۆتۇپتۇ، قەشقەرنىڭ ئېغىراق قاتناش قىستاڭچىلىقى يۇزبىردىغان يول بۆلىكى شۇ ! شۇڭا ئۇ ئاداش ئانىسىنىڭ يولدىن ئۆتۇشتە قىينىلىپ قالماسلىقى ئۇچۇن كۆتۇرۋالغان بولىشى مۇمكىن!
ئەگەر زادى شۇنداق كۆتۈرىدىغان پەيىت كەپ قالسا قايسىڭ شۇنداق كۆتۈرۈپ دابازادا ماڭىشالايسەن؟ بولسا ئۆز يۇرتۇڭنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىردا يۇرتاشلىرىڭنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلىشىپ باقە قېنى..............
بىلىمەن، ھەممىڭنىڭ كۈچى بار، لىكىن خىجىل بولىسەن، ئانىكاڭ دوختۇرخانىدا ئاغرىپ يىتىپ قالسا خىميەلىك تەكشۈرۈش بار دىيىلسە ئانىكاڭنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتىنى قاچىغا ئېلىپ دوختۇرنىڭ ئالدىغا قايسىڭ بارىشالايسەن؟
ئەمەلىيتى يوق ئادەمنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولمايىتتى، بوپتۇ دىسەكمۇ قىلغان پىكىرىڭ ۋاختى كەلگەندە ئەمەلىيەت ئالدىدا ئوسەيگە چىقسا ئاقىۋىتىگە ئۆزۈڭ مەسۇل بولىشاسەن!
