تۇغلۇق ئەپەندىنى ئەسلەپ (بىرزات)
باللادىن تېلفۇن نۇمۇرىنى سوراپ تېپىپ تېلفۇن قىلدىم، ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. تاۋۇز تىلدى، ئايالىنى تاماققا بۇيرىتىدىغاندەك قىلغان ئىدى، ئاكا، ئۆزلىرىنىڭ سۆھبىتىدە بولاي دەپ كېلىۋىدىم، ئۆيدىكىلەرنى ئارتۇق كايىتمىسىلا دەپ توسۇپ قويدۇم. ئىجتىمائىيەت، ئەخلاق، ئادىمىيلىك ھەققىدە يېزىلغان كىتاب-ماقالىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەر بولۇندى. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى سۆزنى ئاستا، ئۈزۈپ-ئۈزۈپ قىلىدىغان بولۇپ ئاڭلىغۇچىغا بۇ كىشىنىڭ ئىچىدە بىر ھەسرەت قاينايدىغاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن. ‹‹بۇلاق›› ژورنىلىغا بېسىلغان ماقالىلىرىدە ‹‹بىسمىللا›› بىلەن باشلاپ يازغانلىقىنى، بۇنىڭ يېقىنقى زامان يازغۇچىلار ، كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن بۇنچىلىك بىر ‹‹ئىنجا›› نىڭ چىقىپ باقمىغانلىقى، مۇسۇلمان خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەتبۇئاتلاردا ، كىتابچىلىق تارىخىمىزدا ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق بىر ئەنئەنە بولسىمۇ يېقىنقى زاماندا بۇ ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى دەپ قانداق بىر جۈرئەت بىلەن ماقالىلارنى ‹‹بىسمىللا›› بىلەن باشلىغانلىقى ھەققىدە سورىسام: - ھۆكۈمەتنىڭ ئىنىق قانۇن-بەلگىلىمىسى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىمىزچە مۇسۇلمانچىلىقىمىزدىن ئۈركۈپ ئۆزلىكىمىزدىن يىراقلىشىشمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇرۇنۇپ باقىمىز ، بولۇپ قالسا بۇندىن كىيىن يول سەل كېڭىرىيدۇ، خاسلىقىمزنى نامايەن قىلىپ ياشىشىمىزغا ئانچە - مۇنچە ئىمكان بولىدۇ. شۇنچىلىك كىچىك ئۇرۇنۇشلىرىمىز روياپقا چىقمىغان ئەھۋالدىمۇ ئۇرۇنۇپ باققانلىقىمىز ئۈچۈن ئەجىر-ئەزىم ئالىمىز. ‹‹بۇلاق›› ژورنىلى كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى ژانىرىدىكى ژورنال بولغاچقا ماقالىلەرنى ‹‹بىسمىللا›› بىلەن باشلىساقمۇ ئەلۋەتتە بۇ نۇرمال ئەھۋال.
قۇتاتغۇبىلىك تەتقىقاتى ھەققىدە گەپ بولغاندا: ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﻣﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ، ﺋﯩﺰﻟﻪﻧﻤﻪ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﮕﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﭘﯜﻛﺘﯜﻡ، ﺭﻭﮬﯩﻴﺘﻰ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻜﻪ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻢ ﺭﻭﮬﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻏﺠﯩﺮﺍﺷﻨﻰ ﻗﯘﺗﺎﺗﻐﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯧﻘﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﻗﯧﻨﻰ ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﻗﯘﺗﺎﺗﻐﯘﺑﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻻﻕ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﭖ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯗ. ﻗﯘﺗﺎﺗﻐﯘﺑﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ.
بۇ قىسقىغىنە بايان 2000-يىللاردىكى خاتىرە ئىدى. مەن شۇ ۋاقىتتا 18-19 ياشلاردىكى سەبى يېگىت ئىدىم. ئەينى زاماندا بۇ سۆھبەتلەر مەنىۋىيىتىمگە زور ئوزۇق بولغان ئىدى. بۈگۈن بۇ ئاكىمىز يورۇق ئالەم بىلەن ۋىدالىشىپتۇ. ئاللا ئاخىرەتلىكىنى يورۇق، ئازادە قىلىپ بەرگەي! ئائىلىسىدىكىلەرگە سەبرى تىلەيمەن!
مەنبە: 80خالتا بلوگى
مەرھۇمنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئەخلاقىي دەۋەتلەر دېگەن چاتما ماقالىسى بولىدىغانتى، تولۇق يىغقانلار بارمۇ؟ مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئاكىمىز ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىمىزنى مۇشۇ تېما ئاستىدا داۋام قىلدۇرساق. مېنىڭمۇ بۇ ئاكىمىز بىلەن ئەسرارلىشىش داۋامىدا ھېس قىلغانلىرىم ۋە دۇچ كەلگەن تەقدىرى ئارقىلىق ئويلىغانلىرىم بار ئىدى. بىر پارچە ئەسلىمە يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن. مەرھۇم بىلەن 2009-يىلى ھەم-سۆھبەتتە بولغان ئىدىم، ئارىمىزدىن ياشلا كىتىپ قاپتۇ، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن،ئامىن! مەرھۇمنى تۇنۇمايكەنمەن ، لىكىن ئۈرۈمچىدە بىر تىز تاماقخانىدا بىر ئۈستەلدە تاماق يىگىنىم ئىسىمدە (10يىللارئاۋال ) .چىرايى بەك ئىسىمدە قاپتىكەن .بىلگەن بولسام ، بىردەم پاراڭلىشۋالاركەنمەن ، ھەييييي !
ياشلا كىتىپ قاپتۇ ، ياتقان يىرىنى جەننەتتىن بەرگەيلا ، ئامىن !!! مۇشۇ تېمىنىڭ باھانىسى بىلەن، مۇشۇ ئەدىپىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمى ئەمگەكلەر، يەنى كىتاپ ۋە ماقالىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بولسىمۇ بىلىپ قالمايلىمۇ؟ ئەدىپنىڭ ئەمگىكى بىلەن تونۇشلۇقلار ئۆزەڭلار ئوقۇغان، ئەدىپىمىزنىڭ كىتابى ياكى ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسىنى بولسىمۇ قالدۇرۇپ قويمامسىلەر. بىلمىگەنلەر بىلىپ قالايلى، ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇيلى، ئۇزۇق ئالايلى. مەرھۇمنى ياد ئېتىش، قەدرىنى بىلىشنىڭ يەنە بىر ياخشى يولى مۇشۇ بولسا كېرەك. مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتىدۇ.
ياخشى كىشىللىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز.
خوتەندە تېخى كۈندە بوران - چاپقۇن، تۇمانلىق.
@dilara قىزنىڭ ئىمزاسىنى تەكرارلاۋاتىمەن.
ئۈشبۇ ھەق سۆزنىڭ مەدىتىدىلا قولۇم ئىشتا. مەرھۇم «قۇتادغۇبىلىك» شۇناس، پېداگوگ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە پېداگوگىكىغا ئائىت تېمىلاردا يازغان نۇرغۇن ماقالىلىرى، «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا»، «ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت»، «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» ناملىق كىتابلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇشلۇق، ئىرادىلىك ۋە جاسارەتلىك ئاپتور يەنە پەلسەپىۋى ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نى رومانلاشتۇرۇپ ئىشلەپ جەمئىيەتكە سۇنغان. «بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن» دېگەن تېمىدىكى بىر يۈرۈش كىتابلىرىدىن «ھايات بوسۇغۇسىدا»، «ئادىمىلىك مىزانلىرى»، «قۇتادغۇبىلىك دەرسخانىسى» دېگەن قىسىملىرىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە، 30 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان.
---
بەزى كىتاب، ماقالىلىرىنى توردىن تاپقىلى بولىدىكەن.
1- قەۋەتتىكى Yarkin92نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەرھۇمنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئەخلاقىي دەۋەتلەر دېگەن چاتما ماقالىسى بولىدىغانتى، تولۇق يىغقانلار بارمۇ؟
2003-2002-يىللىرى \"بولاق\" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان چاتما ماقالىلىرىنى دەيسىزغۇ؟ مەن مەرھۇم ئاكىمىزنى شۇ ماقالىلىرى ئارقىلىق تونىغان ئىدىم. مۇشۇ ماقالىلەر بېسىلغانلىقى ئۈچۈنلا \"بولاق\" ژورنىلىنى شىنخۇا كىتابخانىسىدىن سېتىۋېلىپ يىغقانتىم. ئەپسۇس، ھازىر بۇ ژورناللار يېنىمدا يوق.
بۇ ئاكىمىزنىڭ دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىغا، مەنىلىك ھاياتىغا قاراپ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغانمىكىن، راھەتكە چىققانمىكىن دەپ ئويلايمەن. دۇئالىرىمىزدا داۋاملىق ياد ئېتىمىز ئىنشائاللاھ.
7- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتىدۇ.
ياخشى كىشىللىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز.
خوتەندە تېخى كۈندە بوران - چاپقۇن، تۇمانلىق....
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ قېرىندىشىم. ئىمانلىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن قانچىلىك شۈكۈر قىلساق ئازلىق قىلىدۇ. پەيغەمبىىرىمىز تاغىسى ئەبۇتالىب بىلەن ئايالى خەدىچە ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزى تائىفتا تاش بىلەن ئۇرۇلۇپ يارىلانغان يىلى قاتتىق ئازابلانغان، دەل شۇ مەزگىلدە ئاللاھتائالا ئۇنى مىراجغا چىقىرىپ تەسەللىي بەرگەن.
ھاۋارايىدا ھاۋا ھەر كۈنى تۇمانلىق بولىيۋەرمەيدۇ. تۇمانلىق كۈنلەردە ھامىنى بىر كۈنى بۇ تۇماننىڭ تارقاپ گۈلدەك ئاپتاپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ئۈمىدۋار ياشايمىز، بۇ جاھاننىڭ ئىگىسى ئاللاھ بىزنى ھەرگىز نائۈمىد قويمايدۇ.
خامان ئالغاندا بۇغداي بىلەن سامان ئايرىشنى بىلىسىزغۇ؟ شامال بىلەن ئايرىلىدۇ. شامال چىققاندا بۇغداي ئۇيانغا، سامان بۇ يانغا ئايرىلىدۇ. بىزمۇ ھاياتىمىزدا شۇنداق ھەر خىل بۇران ۋە شاماللاردا سورۇلۇپ يا سامان، يا بۇغداي بولىمىز(بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى). \"شۈبھىسىز، بىر قىيىنچىلىق بىلەن بىر ئاسانلىق بىللە كېلىدۇ\" (ئىننە مەئەل ئۇسرى يۇسرا) دېگەننى ئۇنتۇپ قالماي ياشايلى قېرىندىشىم.
@dilara رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم!بىز پەقەت ۋە پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ھەممىگە چىداپ ياشاۋاتىمىز.
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، پۈتۈن دۇنيا سۈرىيەلىك ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن قايغۇرۋاتىدۇ.
ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! بىز بولساق بوراندا توپا يەپ كەتكەن 0ااااا نەچچىلىگەن ئۆسمۈرلىرىمىز
ئۈچۈن كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالىمىز يوق.
سىلەرنىڭ ئاڭلايدىغىنىڭلار پەقەت مىش - مىش گەپ.
نۇرغۇن كىشلەر مىش - مىشتىنمۇ خەۋەرسىز.
تاراتقۇلار ھەممىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. . .
مەن خوتەنلىك. بىرنى بىر دەيدىغان خوتەنلىك.
مانا بۇ ھەپتە بىرنى بىرمۇ دىيەلمەي ئىچىمىز ئاچچىق.
. . . . . .
12- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@dilara رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم!
بىز پەقەت ۋە پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ھەممىگە چىداپ ياشاۋاتىمىز.
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، پۈتۈن دۇنيا سۈرىيەلىك ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن قايغۇرۋاتىدۇ.
ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! بىز بولساق بوراندا توپا يەپ كەتكەن 0ااااا نەچچىلىگەن ئۆسمۈرلىرىمىز
ئۈچۈن كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالىمىز يوق.
سىلەرنىڭ ئاڭلايدىغىنىڭلار پەقەت مىش - مىش گەپ.
نۇرغۇن كىشلەر مىش - مىشتىنمۇ خەۋەرسىز.
تاراتقۇلار ھەممىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. . .
مەن خوتەنلىك. بىرنى بىر دەيدىغان خوتەنلىك.
مانا بۇ ھەپتە بىرنى بىرمۇ دىيەلمەي ئىچىمىز ئاچچىق.
. . . . . .
ھەقىقىي بىر ئىنكاس ئوقۇپتىمەن...ئەكىلڭە بىر قولڭىزنى
بولۇپمۇ «يۈسۈپ خاس ھاجىپنڭ ئائىلە تەربىيسى» ئەڭ ياخشى يېزىلغان كىتابى دەپ قارايمەن،
مۇسبەت خەۋىرنى ئاڭلاپ ئىچىم شۇنداق ئېچىشتى، مەرھۇم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ كېرەكلىك ئادەم ئىدى،مىڭ ئەپسۇس...ئۆمىرى قىسقا كەلدى،
خەلقىمىز مەرھۇمنى ھەر قاچان ياد ئىتىدۇ.... يۈقۇرىدىكى رەسىمنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم قارت قىلىپ قالدى.
تۇللۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا(2000-يىللارغۇ دەيمەن) دادام مۇشترى بولىدىغان «مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى»(ھازىرقى جوڭگو مىللەتلىرى) دىگەن ژۇرنالدا مۇشۇ رەسىمى قىستۇرۇلغان ماقالىلىرىنى كۆپ ئوقۇيتۇم. ئاپتۇرنىڭ ئادرىسىغا ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبيەت يولى xx-قورو دىگەننى كۆرۈپ ئائىلىدە تۇرۇپ ماقالە يازىدىكەن، دەپ ئىسىل ماقالىلىرىدىن سۈيۈنگەن ئىدىم. ئۇنۋىرسىتقا ئوقۇشقا كەلگەندە سىرتلارغا چىقىپ، ھەر قېتىم غالىبىيەت كىتاپخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەم شۇ تۇنۇش چىراي ئۇچراپ قالارمۇ دەپ بەك دىققەت قىلاتتىم.
ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ شىنخۇا كىتاپخانسىدا ئاپتۇرنىڭ قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتى ئاساسىدا تۈزگەن پەرزەنت تەربىيىسى توغۇرلۇق كىتابىنى كۆردۈم. كىتاپنىڭ بىرىنچى بېتىدە ئاپتۇرنىڭ ئائىلىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. كىتاپ ئىچىگە بېرىلگەن سۈرەتتىكى تۇغلۇق ئاكىمىز مەن ژۇرنالدا كۆرگەن رەسىمىدىكىدىن خېلىلا پەرقى بار ئىكەنتۇق. رەسىمدىكى كىشى ئەسلى مەن دەل يەنئەن يولى تەرەپلەرگە ئۆتكىچە يوللاردا پات-پات ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان، ئويچان كۆزلەر بىلەن نىمىلەرنى خىيال قىلىپ ماڭىدىغان تۇغلۇق ئاكىمىز ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئىزدەپ يۈرگەن ئادەم يوللاردا پات-پات ئۇچراپ تۇرسىمۇ تۇنۇيالماپتىمەن.
كىيىن يەنە پات-پات ئۇچراپ تۇردى، ئەمما مەن نىمىلەردىن تەپ-تارتىپ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ كۆرۈشۈپ باقماپتىكەنمەن، توۋا.............................
بىر چاغلاردا جەمىيىتمىزدە كارل ۋىتىر دىگەندەك بىر قانچە چەتئەللىك يازغۇچىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى ئەسەرلىرى يامراپ كەتكەن بىر شارائىتتا ئۆزىمىزنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى بىلەن پەرزەنت تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن تۇغلۇق ئاكىمىز مانا ئەمدى بىزدىن مۇشۇنداقلا خوشلۇشۇپتۇ. تىرىكلىكىدە ئەجەپ قەدرىنى بىلەلمەپتىكەنمىز.