xjtv5 نىڭ ياۋروپا لوڭقىسىنى ئۇيغۇرچە ئۇلاپ تارقىتىشى توغرىسىدا
تۆت يىلدا بىر
كېلىدىغان دۇنيا دەرىجىلىك بۇنداق چوڭ تىپىتىكى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ھەممە ئادەم
كۆڭۈل بۆلدىغان گەپكەن، ھەممە يەردە مۇشۇ مۇسابىقىنىڭ گېپى، ئۆزۈممۇ بىر
پۇتبولخۇمار بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇنداق پۇرسەتتى ئۆتكۈزۋەتكىم كەلمىدى، تۇنجى
كۈنىدىكى پولشا بىلەن گىرىتسىيەنىڭ مۇسابىقىسنىتوردىن كۆردۈم، مۇسابىقە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرىلىۋاتاتتى،
تۇنجى تەسىرىم، يەنە بۇرۇنقىدەكلا cctv5نىڭ سىگىنالىنى ئۇلاپ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە
سۆزلەۋاتاتتى، بۇنداق بولغاندا مۇسابىقە كۆرۈش سۈپىتىگە ھەقىقەتەن تەسىر قىلىدۇ،
ئېسىمدە قىلىشچە 2006- يىللىقدۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق
ئۇيغۇرچە بىۋاستە ئۇلاپ تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئارىدىن يەنە 6
يىل ئۆتۆپ كېتىپتۇ، بۇ قېتىم بەلىكىم نەقمايدان سىگىنالىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە
چۈشەندۈرۈپ تارقىتارمىكىن دەپ ئويلىغانتىم، لېكىن يەنىلا ئوخشاش، شۇ بىر ئىزدا،
ئەلۋەتتە مەبلەغ مەسلىسى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولىشى مۇمكىن.تۈنۆگۈن كەچتىكى
گوللاندىيە بىلەن دانىيە، گىرمانىيە بىلەن پورتىگالىيەنىڭ مۇسابىقىسىنى باللار
بىلەن تەڭ كۆرەي دەپ ياتىقىغا كىرسەم، مۇسابىقە باشلىنىپ بوپتۇ، قارىسام cctv5 نى كۆرگىلى تۇرۇپتۇ، "نېمىشقا ئۇيغۇرچىنى كۆرمىدىڭلار؟» دەپ سورىسام، «چۈشەندۈرۈشى
بەك قولاشمىغان، مۇناسىۋەتسىز گەپنى بەك تولا قىلدىكەن» دەيدۇ،ھە دەپ
قويدۇم.دېمىسىمۇ ماڭىمۇ ئاشۇنداق تەسىر
بەرگەن. تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچە ئۇلاپ تارقاتقان ۋاقىتلاردا بىرخىل يېڭىلىق تۇيۇلۇپ،
ئۆزئانا تىلىمىزدا مۇسابىقە كۆرەلگىنىمىزدىن خۇشھال بولۇپ، كېيىنچە تۈزۈلۈپ كېتەر،
ياخشىلىنىپ كېتىدۇ دەپ بەزەن يېتەرسىزلىكلىرىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە
قىلغان، لېكىن ئارىدىن 6 يىل ئۆتۈپ، ئوتتۇردا يەنە دۇنيا لوڭقىسى، ياۋروپا
لوڭقىسىنىمۇ ئۇلاپ تارقىتىپ، تەجىربىلەر خېلى توپلىنىپ قېلىپمۇ يەنە داۋاملىق بىر
خىل پەدىدە مېڭىۋېرىشى، مېنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇشغا زورلىدى. پۇتبول
كەسپىي ئاتالغۇلىرى يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆلچەملەشمىگەن، تۈنۆگۈنكى مۇسابىقىدە"تىل
يېزىق كومىتېتى 越位 نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تېخى ئۆلچەملەشتۈرمىدى شۇڭا ھازىرچە ئوفسايىتنى ئىشلىتىپ
تۇردۇق" دەيدۇ، شىنجاڭ تى ۋى نېمە قىلدىغان ئورگان، ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى
قانداق ئىشلىتىش، ئۆلچەملەشتۈرۈش جەھەتتە ئازىراقمۇ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ بارلىق
مەسئۇلىيەتنى تىل-يېزىق كومىتېتىغا دۆڭگەپ قويۇشنىڭ ئۆزى بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك.
شۇڭا مۇشۇ جەھەتتە شىنجاڭ تى ۋى نىڭ باش بولۇپ، مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ،
مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تەنتەربىيە ئاتالغۇلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرسە يامان
بولمايدۇ. ئاندىن باشقا ئاغىنىلىرىم دەپ ئۆتكەندەك مۇسابىقىنى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشى
كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، چۈشەندۈرۈش سەۋىيىسى تۆۋەن، تىل راۋان ئەمەس، بولۇپ ئادەمنى
بىر خىل بىئارام قىلىدۇ. نەچچە يىلنىڭ ياقى بىز ئىزچىل مەدەت ئىلھام بېرىپ
كېلىۋاتىمىز، شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىلگىرلەش يوق. يەنە شۇ بىر ئىزدا توختاپ قالغان
پېتى.ئانچە-مۇنچە پىكىر بېرىپ قويماي،
ماختاۋەرسەكمەندەك ئادەم يوقكەن دەپ يېتەرسىزلىكىنى
ئۆزگەرتمەيدىغان ئوخشايدۇ. رىياسەتچىنىڭ پۇتبول كەسىپىي بىلىمى يېتەرلىك ئەمەس،
تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىمى يېتەرلىك بولسىمۇ، تىلى راۋان ئەمەس،
ئورۇنسىز سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. شۇڭلاشقا شىنجاڭ تى ۋى
نىڭ مۇشۇ جەھەتتىن ئۆز يېتەرسىزلىكىنى بايقاپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارە تاللاش، تەكلىپ
قىلىش ياكى رىياسەتچىنىڭ پۇتبول كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى
قوللىنىپ، مۇشۇ ئىشقا ئەستايىدىل بىر مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ESPN نىڭ ئۇيغۇرچە ئەپلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش ماڭا تاپشۇرۇلۇپتىكەن. مەن تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى مەخسۇس سۆزلۈكلەر لۇغىتى تاپالمىدىم. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىزدىدىم. ئۇلار خەنزۇچە دەپ ئادەتلىنىپ كېتىپتۇ. تىل - يېزىق كومىتېتىمۇ تېخى چىقارمىدى. شۇڭا مەن 10 كۈنلۈك ئىشنىڭ ۋاقتىنى 20 كۈنگە ئۇزارتىپ، تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى بىر قەدەر بىلىملىك كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ يۈرۈپ، wikipedia دىن ئوقۇپ يۈرۈپ، ئوخشاش ئىشنى قىلىۋاتقان تۈرك، تۈركمەن، قىرغىز، قازاق، ئازەرى، ئۆزبېك، تاتارلار بىلەن پىكىرلىشىپ، شۇ چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن سۆز ياساپ، تەرجىمە قىلىپ دېگۈدەك.... بارلىق تەنتەربىيە ئاتالغۇلىرىنى بۇ ئەپتە ئۇيغۇرچە ئىپادىلىدىم. (ئەلۋەتتە، خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن...) بۇ ئەپ (مۆلچەرىمچە) 2014 - يىلىدىن بۇرۇن ھەممىمىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ. بۇ NOKIA يانفونلاردا تەمىنلىنىدىغان Sports دەيدىغان ئەپ ئىدى.
تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئوپىراتور ئاكىمىز باتتى ، ئۆتكەندە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يرڭى ئۆزگەرگەن بەلگىسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق .
شۇ بەلگىنى ئەكىلىپ بولۇپ ، بەلگىگە قارىتا قانداق تەكلىپ پىكىرلىرىڭلار بار ، دەپ بىر يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ ، ئارلىقتا چىقىدىغان xjtv غا مۇناسىۋەتلىك قىسقا فىلىملەرگە قارىسا ، ئۇيغۇرچە خەتلەر سولدىن ئوڭغا چىقىۋاتقان ، مۇشۇيەر بولماپتۇ دىسە ، بىز بېكىتىپ بولدۇق ، سەن ئىلىپ چىقىپ ئىشلەتسەڭلا بولدى ، دەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ، بىزنىڭ مىللىي باشلىقلار كۆردىمۇ؟ تەستىقلىدىمۇ مۇشۇ نەرسىنى دىسە ، ئۇلار كۆرمىسىمۇ بولىدۇ ، سەن ئىپ چىقىپ ئىشلىتىشىڭنى بىل دەپتۇ.
ئۇ ئاكىمىز دەيدۇ ، بىزنىڭ مىللىي باشلىقلىرىمىز ، مائاشىڭنى تۇتىمەن دىيىشنىلا بىلىدۇ ، دەيدۇ...
يامان قۇمدەك گەپ قىلىدىكەن،تارىخ سۆزلەپ كەچكىچە ،
مۇسابىقىدە بەك دىققىتىمنى چىچۋەتتى ،
نەخ مەيدان ئاۋازى تىخى يوق ،ئاشۇلارنىڭلا گىپى
توپخۇمارلارنىڭ ۋاقىرغان ،ناخشا ئىتقان ئاۋازلىرىنى تۆۋەنلەتمەي تارقىتالىغان بولسا بىزە ياخشى بولاكەن ئۇ ئاۋازلارنى چىقارسا مەركەزدىكى خەنسو چۈشەندۈرگىچىلەرنىڭمۇ گىپى ئارلىشىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ. ھە ئوڭشىلىپ قالار. مەھەللىدىكى قېرىلارمۇ خېلى ياقتۇرۇپ كۆرگەن ئوخشايدۇ... ئۇيغۇرچە قانالدا بەرمىسىمۇ ھېچنىمە دېگىلى بولمايتى. ئافسايىت دېسە نېمە بوپتۇ. ئۇنىڭسىزمۇ ئېنگلىزچىدىن ئاز سۆز قوبۇل قىلمىدۇق.
ئۇيغۇرچىسىدىن خەنزۇچىسى ياخشىكەن دەپ قوياڭلار...
7- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇ ئاۋازلارنى چىقارسا مەركەزدىكى خەنسو چۈشەندۈرگىچىلەرنىڭمۇ گىپى ئارلىشىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ. ھە ئوڭشىلىپ قالار. مەھەللىدىكى قېرىلارمۇ خېلى ياقتۇرۇپ كۆرگەن ئوخشايدۇ...
كەچتە يەنە كۆرەمسىز مۇسابىقىنى ،
ئەلۋەتتە كۆرىمەن. توررېس ئۈچۈن ئىسپانىيە ئۈچۈن توۋلايمەن. بارسا ئۈچۈن توۋلىمايمەن لېكىن.
1- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ESPN نىڭ ئۇيغۇرچە ئەپلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش ماڭا تاپشۇرۇلۇپتىكەن. مەن تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى مەخسۇس سۆزلۈكلەر لۇغىتى تاپالمىدىم. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىزدىدىم. ئۇلار خەنزۇچە دەپ ئادەتلىنىپ كېتىپتۇ. تىل - يېزىق كومىتېتىمۇ تېخى چىقارمىدى. شۇڭا مەن 10 كۈنلۈك ئىشنىڭ ۋاقتىنى 20 كۈنگە ئۇزارتىپ، تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى بىر قەدەر بىلىملىك كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ يۈرۈپ، wikipedia دىن ئوقۇپ يۈرۈپ، ئوخشاش ئىشنى قىلىۋاتقان تۈرك، تۈركمەن، قىرغىز، قازاق، ئازەرى، ئۆزبېك، تاتارلار بىلەن پىكىرلىشىپ، شۇ چۈشەندۈرۈشلەرگە ئاساسەن سۆز ياساپ، تەرجىمە قىلىپ دېگۈدەك.... بارلىق تەنتەربىيە ئاتالغۇلىرىنى بۇ ئەپتە ئۇيغۇرچە ئىپادىلىدىم. (ئەلۋەتتە، خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن...) بۇ ئەپ (مۆلچەرىمچە) 2014 - يىلىدىن بۇرۇن ھەممىمىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ. بۇ NOKIA يانفونلاردا تەمىنلىنىدىغان Sports دەيدىغان ئەپ ئىدى.
توردا ئېلان قىلسىڭىز كۆرۈپ باقساق بۇلۇرمۇ ؟
11- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەلۋەتتە كۆرىمەن. توررېس ئۈچۈن ئىسپانىيە ئۈچۈن توۋلايمەن. بارسا ئۈچۈن توۋلىمايمەن لېكىن.
ئەمسە كەچتە قايسى تېمىدا پاراڭلاشقاچ كۆرىمىز
مەن قىززىق ئىسانىيە ئۆچلىكىمدىن ئىتالىيە ئامراق بولغاچ تۇردۇم كەچتە
نىمشقىكىن تاڭمادىردقا ئامراق ،ئىسپانىيەگە ئۆچ ،گىرمانىيگە ئامراق بايرىنغا ئۆچ،ئىنگىلادقا ئامراق لىۋىرپولغا ئۆچ
شۇڭا مەن كەچتە ئىتالىيە تەرەپتە تۇرىمەن،
ھۇجۇمچىنى ئاپرىپ مۇداپىيەدە تۇرغۇزۇپ قويسا دەھشەت ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ
ھەي ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز ، شىنجاڭ تېلۋىزىيىسىدىكىلەر ھەقىقەتن بىچارە ، ئۇلارغا بۇ توغىرلىق بېرىلىدىغان سېلىنما مەبلەغمۇ يوق ، بىزنىڭ شۇ 3~4 كارخانىلىرىمىز قوللىمىسا بۇمۇ يوق ، قىلمايلى دېسە يەنە تېخى ئوخشاشكەنمىزغۇ. چېلسىغا ئامراق ئالۋاستىلارغا ئۆچ، ئېنگىلاندقا ئامراق ئارسىنال، لىۋېرپولغا ئۆچ، دورتموندقا ئامراق بايرىن بىلەن گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغائۆچ، مادىرىدقا ئامراق بارسىلونغا ئۆچ.پۇتبولغا يىڭى ئامراق بولغاندا ئىتالىيەگە كاناۋاروغا ئامراقتىم. ئىسپانىيەگە توررېس بىلەن ماتا ئۈچۈنلا ئامراق بوپ تۇردۇم.ئىشقىلىپ ماڭا بەك ياردى، يەنە كىلىپ ئۆزۋاقتىدا نەخمەيداندىن بەرگىنى! خو خو خو
چۈشەندۈرگۈچىلەرمۇ يارايدۇ، پۇتبول چۈشەنچىسى بەك مولكەن، ھالقىلىق پەيىتتىكى ۋارقىراشلىرى ئادەمنى چۆچىتىدىكەن، جىقراق گەپقىپ قويسا نىم بوپتۇ، تېلۋېزورغا چىققاندىكىن ئاز تولا جىددىيلىشىدىغانگەپ، ئۇدىگەن نەخمەيدان ئاڭلىتىش تۇرسا، بولسا ئاخشىمى كىرىشتۈرۈپ ئەتىسى بەرسە تېخىمۇ كۆرگىمىز كەلمەس بولغۇيتى. چۈشەندۈرگۈچىلەرگە ۋە رىياسەتچىلەرگە رەھمەت، تېخىمۇ تىرشىڭلار. يارايسىلەر!!! چۈنكى سىلەر رىغبەتلەندۈرۈشكىمۇ مۇھتاج!!! ( باشقىغا ئەمەس مۇشۇ پۇتبول پروگراممىسىغا جۇمۇ يانا.)
ھازىر نادار بىلەن دىيۇكىۋىچ فىرانسىيە تېننىس توپ مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى باشلىماقچى سائەت يەتتىدە. مۇشۇلارنىمۇ ئۇلاپ تارقاتسا بولىدۇ شىنجاڭ تىلىۋىزىيىسى. ئەتە نەخمەيدانغا بارىدىغانلار مۇشۇ تىمىدا تېپىشىۋالساق..