ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 08:31:38

ياۋروپا لوڭقىسى ئىككىنچى كۈنىدىكى مۇسابىقىلەر

تۈنۈگۈن شىنجاڭ ۋاقتى 10ۋە بۈگۈن سەھەر 0:45ئۆتكەندە ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ب گۇرۇپ مۇسابىقىسى ئوينالدى.ب گۇرۇپ بۇ يىلقى شۇنداقلا مۇشۇ كەمگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالاكەت گۇرۇپپىسى.بۇ گۇرۇپپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلىقئارالىق رەت تەرتىپىتى مۇنداق:گىرمانىيە ئۈچىنچى،گوللاندىيە تۆتىنچى،دانىيە توققىزىنچى،پورتىگالىيە ئونىنچى.مۇشۇلاردىن پەقەت ئىككىسى گۇرۇپتىن چىقىدۇ.


گوللاندىيە ۋە دانىيە


ئەزەلدىن ھالاكەت گۇرۇپپىسى ئويناپ كىلىۋاتقان ،شۇنداقلا ھەر قېتىم شۇنداق ياخشى باشلىغان گوللاندىيە بۇ قرتىم دانىيەگە ئامال قىلالمىدى،گوللاندىيەنىڭ ئارقا سەپ ناچار ،قېرىسى بەك قېرى ،يېشى كىچىكى ئەمدى 18ياش،94-يىلنىڭ بالىسى<ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ ياش مەيدانغا چىقىش رېكورتىنى ياراتتى>.ئالدىدىكى ئادەملىرى ياخشى بولسىمۇ شەخسىيەتچىلىك ئېغىر ،بۇلۇپمۇ روبىندا.


دانىيە تەرەپ تۈنۈگۈن شۇنداق پاكىز ئوينىۋەتتى،پاس،ئورۇن ئېلىش ،ماسلىشىش شۇنداق جايىدا،ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەمۇ شۇنداق پاكىز.دانىيە بۇ ئىپادىسى بىلەن گوللاندىيەنى ئۇتۇشقا ھەقلىق.


ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق سەپ شەكى


گوللاندىيە:


سىتىكىلىنبۇرىگ



ۋەندىرۋىيىل (كۇيىت)،خىيتىنجىيا،ۋىلار ، ۋىلىيامىس



دى يوڭ(ۋەندىرۋارت)،ۋەنبولمىل



روبىن، سىنىيدىر،ئافىللاي(خۇنتىلار)



ۋەنپىرسى



دانىيە:


ئاندىرسېىن



ياكوبسېن ،كىيار ، ئىيگىر،پولسېن



زىملىڭ،كىۋىسىت



روممىدال(شۆنى) ،ئىرىكسېن (مىكىلسېن)،دىھلى



بىنىدتىنىر






مۇسابىقە فىلىمى




گرمانىيە ۋە پورتىگالىيە


گىرمانىيە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل مۇقىم ئىپادىسىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان كوماندا ،گەرچە بىرەر چىمپىيونلۇق بولمىسىمۇ ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئاخىرغىچە مىڭىۋاتىدۇ.بۇ قېتىملىق گىرمانيە كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى سەرخىل ،ياش پەرقى چوڭ ئەمەس،ئوتتۇرىچە ياشمۇ 25ئەتراپىدا.گىرمانيە بۇ قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسىدا چىمپىيون بۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كوماندا.


پورتىگالىيە بولسا بۇ گۇرۇپپىدىكى نىسبەتەن ئاجىز كوماندا،كوماندىدا گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ماھىر دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان كىرىستىيان رونالدو بولسىمۇ ،ئۇنىڭ بىلەن ماسلىشىپ ياردەم بىرەلىگىدەك ئادەملەر كۆپ ئەمەس.


ئىكى تەرەپ ئاساسلىق سەپ شەكلى


گرمانىيە:


نويىر



بوئاتىڭ،خۇملىس ،بادىستۇبىر،لام



قىدىرا، شىۋىينىستايگىر



مۇللىر(بىندىر)،ئۆزىل(تونىكىروس) ،پودولىسكى



گومىس(كىلوز)



پورتىگالىيە:



رۇيپاترىكو



پىرىيرا،پى پى، ئالۋىس،كونتىراۋ



مىيرىلىس(ۋارىلا)،ۋىلوسو،موۋتىنخو



نانى ، پوستىنجىيا(ئولىۋور)، رونالدو



مۇسابىقە فىلىمى






kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 12:48:57

گوللاندىيە ئاقماس ئۇزۇن پاسنى تولا تاشلاپ بەك ئىچىمنى پۇشۇردى. شەخسى تېخنىكىسى ياخشى بولغاندىكىن ئالدىرماي قىستاپ ھۇجۇم قىلسا ياخشى بولاتتى. پورتۇگالىيە ئاخشامقى ئوينىشىدا گوللاندىيە بىلەن دانىيەنى ئۇتالايدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 10:18:40

پورتۇگالىيە بەك ئېسىل ئوينىغان. بوپتۇلا گوللاندىيە بىلەن دانىيەنى ئۇتسا بولاتتى.

qalaziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 10:54:29

شۇنداق ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز لېكىن قانچىدە قانچە بولغانلىقىنى دېمەپسىز ...ئۆزەم بەيدۇلاي ئەمدى ... \"\"

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 11:05:17

دانىيە بىلەن گوللاندىيە مۇسابىقىسى مېنىڭ كۈتكىنىمدەڭ چىقمىدى . گىرمانىيەنىڭ شۇ ئوينىشىدا پورتىگالىيىنى ئۇتقىنى قىززىق ئىش بولدى .

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 11:16:28

ئاخشامقى مۇسابىقىدىن كىيىن تارقالغان يۇمۇرلار - (11ئادەمدىن كۆچۈرىلدى)

1.نەرسەئىزدەشئىلانى

مەنبىر جۈپقاپقىغا تىپىش ئايىقىمنى يۈتتۈرۈپقويدۇم ،ئەڭئاخىرقىقىتىمكۆرۈلگەن ئورۇنلوندون،

ئەگەر تىپىۋالغۇچىلاربولساياۋروپالوڭقىسى مەيدانىغا ئەۋەتىپبىرىشىنىئۈمىدقىلىمەن .

جىق -جىق سۆيۈنچىلەر بىرىلدۇ .

ھۆرمەت بىلەن :روبىن-ۋەن پىرسى

2012-6-10

2.ساۋىچىنىڭ تىۋىتىرىدامۇنداقيىزىۋاپتۇ :

خۇنتىلار ۋەن پىرسىنىڭ قاپقىغا تىپىش ئايىقىنى ئىجارىگە ئاپتۇ،لىكىن ۋەنپىرسىمۇبۇنى ساماراستىن ئىجارىگە ئاپتىكەن .(گىرىتسىيەنىڭ 7-نومۇرى)


ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 11:19:54

2- قەۋەتتىكى qalaziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنداق ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز لېكىن قانچىدە قانچە بولغانلىقىنى دېمەپسىز ...ئۆزەم بەيدۇلاي ئەمدى ... \"\"

چىقارغان فىلىمنى كۆرسىڭىزلا نەچچىدە نەچچە بولغىنى چىقىدۇ ئەمەسمۇ ؟


شۇنى كۆرسۇن دەپ يازمىغان.

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 11:21:20

1- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پورتۇگالىيە بەك ئېسىل ئوينىغان. بوپتۇلا گوللاندىيە بىلەن دانىيەنى ئۇتسا بولاتتى.

سىزچە پورتىگالىيە ئۇتالامۇ ؟


گۇرۇپپىدا ئەڭ ئاخىرىدا قالامىكىن؟

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 11:22:41

3- قەۋەتتىكى bandit12نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دانىيە بىلەن گوللاندىيە مۇسابىقىسى مېنىڭ كۈتكىنىمدەڭ چىقمىدى . گىرمانىيەنىڭ شۇ ئوينىشىدا پورتىگالىيىنى ئۇتقىنى قىززىق ئىش بولدى .



گىرمانييەگە ئاخشام يامان تەلەي كەلدى ،ئۆزىمۇ ناچار ئوينىدى.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 11:33:00

گىرمانىيەنىڭ كىرگۈزگەن توپى ئېسىل توپ بولدى. ئەزالىرى ياش ھەم قاۋۇل ئىكەن، پەرىق بەك رۆشەن. بۇ كوماندىدا ئۈمۈت زور جۇمۇ.



پورتوگالىيەمۇ ياخشى ئوينىدى، پاسلىرى بەك چىرايلىق، ئېغىر-بېسىق، ئەمما تەلەي كەلمىدى، گىرمانىيەنىڭ مۇداپىئەسى ياخشىكەن.



گوللاندىيەنىڭ ئەزالىرى ئىچىدىكى نىزا راست ئوخشايدۇ، ھەمكارلىق كەم.



بۈگۈن كەچ ئىتالىيە قانداق ئوينا\"\"يۈرەك سۇ.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 15:35:01

باللا ،بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقە سائەت نەچچىدە ؟دەپ بەرمەمسىلەر!!!!!!!! \"\" ،ئاخشام سائەت 20نەچچىدە دىگەندەك قىلغان ،ئۇيقۇچىلىقتا پەقەت بىلەلمىدىم ئېنىق ۋاقتىنى؟

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 16:15:54

10- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باللا ،بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقە سائەت نەچچىدە ؟دەپ بەرمەمسىلەر!!!!!!!! \"\" ،ئاخشام سائەت 20نەچچىدە دىگەندەك قىلغان ،ئۇيقۇچىلىقتا پەقەت بىلەلمىدىم ئېنىق ۋاقتىنى؟

گۇرۇپ مۇسابىقىسى تۈگىگىچە بىرىنچى مەيدان شىنجاڭ ۋاقتى10دا،ئىككىنچى مەيدان 0:45تە.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 16:23:19

دانىيە ياسايدۇ ھەممىنى، بەك ئېغىر-بېسىق قاتىللاركەن بۇلار، ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ، گوللاندىيەنى قان قىلىۋەتتى.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 18:02:31

ھالاكەت گۇرۇپپىسى دىگەن ھالاكەت گۇرۇپپىسىدە ،مىنىڭچە ھالاكەت گۇرۇپپىسى بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۇرلىدى،بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ گۇرۇپپنىڭ مۇسابىقىسى 3 كوماندا ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرلىدۇ، دانىيە پەقەت قايسى كومانداق جىق توپ ئۇرۇپ ساپ توپ سانى ئاشۇرۇدىغان يەمچۇك دەپ ئويلىغان،ئەمدى بۇ گۇرۇپپىدى مۇسابىقە 4كوماندا ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرلىدۇ،

ھەممە كوماندىنىڭ چىقىش پۇرسىتى بار، بۇلۇپمۇ دانىيە قىممەتلىك 3نۇمۇر ئىلىۋالدى،گەرچە گوللاندىيەگە نسىبەتەن ئىنتايىن ناچار باشلىنىش بولسىمۇ، لىكىن بۇ مۇسابقە ئۇلارنى سەگىتىپ قويدى،ئەگەر گۇرۇپپىدىن چىقىپ كەتسە ئۇزۇنغا يۇگۇرۇشدە گەپ يوق،2008-يىلىدەك پاجە بولمايدۇ،



ئۇزۇن يىللىق مۇسابىقە كۆرۇش تەجىربەمدىن شۇنداق خۇلاسە چىقاردىمىكىن گۇرۇپپىدىن بەك ئوڭۇشلۇق چىقىپ كىتىش ياخشى ئىش ئەمەس،    ئەكسىچە گۇرۇپپىدىن تەستە چىققان كوماندىلار (ئاساسەن كۇچلۇك كوماندىلارنى كۆرستىدۇ) ئۇزۇنغا بەكرەك يۇگۇرۇپ سالدۇ،

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 19:00:30

ھەممىگە قادىر ھالقىسى بار كىرىستىنا «تەنھا جەڭچى» دەپ ئاتىلىپ يۈرەتتى ، ئەمدى قانداقلارچە يالغۇز قالغاندۇ ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 19:09:10

بۈگۈن ئاخشام قارا ئالتۇن بىلەن سېرىق ئالتۇننىڭ كارامىتىنى كۆرىمىز دە...

ummat1989 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-10 20:09:44

گىرمانىينىڭ ئارقا سەپلىرى خۇددى تامدەك مۇستەككەمكەن،نەچچە توپنى بەدىنى بىلەن توسىۋالدى،   {:107:}

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 00:05:18

ما ئىسپانىيەلىكلەر كارامەت پاسلىشىپ قۇيىدىكەن.لىكىنزە قىل قالدى بۇ قېتىم ئاقمىغىلى.0:45تە كىم-كىم بىلەن ئۇينايدۇ؟

zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 00:09:55

14- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەممىگە قادىر ھالقىسى بار كىرىستىنا «تەنھا جەڭچى» دەپ ئاتىلىپ يۈرەتتى ، ئەمدى قانداقلارچە يالغۇز قالغاندۇ ؟




ھالقىسىنى ئېلىۋەتسە يالغۇز قالماسمىكىن ؟...




ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-11 00:14:41


17- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما ئىسپانىيەلىكلەر كارامەت پاسلىشىپ قۇيىدىكەن.لىكىنزە قىل قالدى بۇ قېتىم ئاقمىغىلى.0:45تە كىم-كىم بىلەن ئۇينايدۇ؟


كىرودىيە بىلەن ئىرلاندىيە




بەت: [1] 2
: ياۋروپا لوڭقىسى ئىككىنچى كۈنىدىكى مۇسابىقىلەر