بالىلىق چاغلىرىم (چاتما رەسىم)
ھەممىنىڭ ئاستىدىكى رەسىم ئېسىل چىقىپتۇ. مەن بەزىدە يەنىلا قەۋەتلىك ئۆي ياخشىمىكىن دەپمۇ قالىمەن. ھازىرغا ياز كەلدى. قىشتا يېزىدا سەل جاپالىق. بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا نۇر، بۆكتەپمە، مۆكۈشمەك، سۈرۈشمەك، سوقۇش، داڭگال (كېسەك قۇيۇلغان ياكى يېڭى قوپۇرلغان ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىدا ئوينايدىغان ئويۇن بولۇپ، بۇنداق ئورۇنلاردا چالما تاپماق ئاسان، بالىلار ئىككى قوشۇنغا بۆلۈنۈپ، بىر-بىرىمىزگە چالما ئېتىپ جەڭ قىلاتتۇق. مەكتەپتىن بالدۇرراق قايتقاندا بۇ ئويۇننى كۆپ ئوينايتتۇق. كىتاب-دەپتەر سالىدىغان سومكىمىزغا لىق چالما قاچىلاپ يۈرۈپتىكەنمىز.... ئۇششاق - چۈششەك يارىلىنىشلار، كۆز-قاپاق ئىششىپ قېلىشلار دائىم بولۇپ تۇراتتى. ئەمما چالما تەگكەنگە ئادەم ئۆلىدىغان، ئېغىر يارىلىنىدىغان ئىش بولمايتتى.)، پىروزا (ئالامباي، گۆھەر، تاش...)، سوقما (قەغەزنى پۈكلەپ ھەرخىل شەكىلدە قېلىنلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىگە ئۇرۇپ ئۆرۈپ ئوينايدىغان ئويۇن)، ياڭاق (يانتو جاينى تاللاپ، بىر ئازگال كولاپ، پەللە بەلگىلەپ، شۇ پەللىدىن ئازگالغا ياڭاق تاشلاپ ئوينايدىغان ئويۇن. ئىككى ئادەم ئوينايدۇ. ھەر ئىككى تەرەپتىن ئوخشاش مىقداردا ياڭاق چىقىرىدۇ. ئاتقان ئادەم تۆشۈككە قانچە ياڭاق چۈشۈرسە، شۇنچە ياڭاق ئۇنىڭ بولىدۇ...)، سەرەڭگە (ھوشۇققا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ئاتقاندا سەرەڭگە قېپى ئىشلىتىلىدۇ..)، قوڭ سوقۇشتۇرۇش، چۆمۈشمەك (سۇ ئاستىدا ئۇزاق تۇرۇش مۇسابىقىسى)، گاگا (ۋاللەي؛ بۇنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئوينىسا بولىدۇ. لازىملىقلار: يېرىم غۇلاچ ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تال كالتەك؛ بىر غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى توملۇقى كالتەك بىلەن تەڭ، ئىككى تەرىپى ئۇچلانغان ياغاچ «گاگا»دەپ ئاتىلىدۇ؛ كالتەك پاتقۇدەك چوڭقۇرلۇقتا كولانغان بىر ئازگال؛ ... ئازگال ئۈستىگە گاگانى توغرىسىغا قويۇپ، ئاندىن ئاستىدىن كالتەكنى ئۆتكۈزۈپ، گاگانى بىر ئىلىپ كۆتۈرۈپ، ئاندىن ئۇرىمىز؛ قانچە يىراق ئۇرالىساق شۇنچە ياخشى. ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كالتەكنى ئورەك ئۈستىگە قويىمىز. قارشى تەرەپنىڭ ئادىمى شۇ گاگانى تېپىپ، تاپقان ئورۇندا تۇرۇپ، كالتەككە قارىتىپ ئاتىدۇ. ئەگەر تەگكۈزەلىسە، كالتەكچىنىڭ نۆۋىتى تۈگەيدۇ، كېيىنكى كالتەكچى ئۇرىدۇ. تەگكۈزەلمىسە،ئۇ يەنە ئۇرىدۇ. بۇ ئويۇندىمۇ جازا «گاگا» بار بولۇپ، كالتەكچى جازالانغاندا «قەدەم» بويىچە ھېسابلىنىدۇ. گاگانى تېرىپ كەلگۈچى كالتەچكى قانچە قەدەم جازالانسا، شۇنچە قەدەم يېقىنغا كېلىپ، گاگانى كالتەككە قارىتىپ ئاتىدۇ.)، دۈمتوقماق (دۈم-دۈم)؛ خامبوسۇرۇق (بۇ ئويۇننى بالا كۆپ بولمىسا ئوينىغىلى بولمايدۇ. تېز سۈرئەتتە بىر نەچچە بالا كۆز ئىشارىسى ئارقىلىق پىلان تۈزۈپ، ئارىدىكى بالىدىن بىرنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمىزنى ئاتىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن ئارقا-ئارقىدىن بىر-بىرىمىزگە ئارتىلىپ، يىگىرمە - ئوتتۇز بالا بىر دەمنىڭ ئىچىدە ئادەم دۆۋىسى ياسايمىز. ئاستىدا قالغان بالىلار «ئاكا» دەپ يالۋۇرغۇچە شۇنداق داۋاملاشتۇرىمىز.)، ئۈسۈشمەك (ئادەتتە پەقەت قىش كۈنلىرىلا ئوينىلىدۇ. قېلىن قۇلاقچا كىيىپ چىققاندا بىر-بىرىمىز بىلەن ئۈسىشىمىز. ئادەتتە بۇ ئويۇننى ئويناشتىن بۇرۇن، ئۈسۈشىدىغان بالىلار قۇلاقچىسىنىڭ ئىچىگە تاش دېگەندەك قاتتىق نەرسىلەرنى تىقىۋالىدۇ.)، تۇخۇم چېكىشىش (چوڭلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ئايرىم. بالىلارنىڭ تۇخۇم چېكىشىشىدە پەقەت بىر تۇخۇم ئۈچۈنلا چېكىشىلىدۇ.)، ...................... دېگەندەك ئويۇنلارنى ئويناپ چوڭ بولۇپتىكەنمىز.مەكتەپتە بۇنداق ئويۇنلارنىڭ «كەپسىزلىك، مەدەنىيەتسىزلىك» ھېسابلاپ ئويناتمايتتى، ئوينىغاننى كۆرسە مالىم جازالايتتى. ئەمما نەدىكى «گالاستۇق تېپىش»، «تانسا»... دېگەندەك ئاقماس نەرسىلەرنى ئۆگىتەتتى. چانا تىيلىنىش، ۋاللەي ئويناش، دەريالاردا سۇغا چۇمۇلۇش، لەگلەك ئۇچۇرۇش پاھ!!! نىمىدېگەن گۇزەل چاغلار ھە!!!
زاھىر بورھاننىڭ «بالىلىققا قايتقۇم بار» دىگەن ناخشىسى يادىمغا كەپ قالدى.

ھېس قىلسام بىز ئۇيغۇرلاردا ئانىلىرىمىزنىڭ جاپاسى بەكلا ئېغىركەن،يېزىلاردا بولسا ئېرى بىلەن ئېتىزلىقتا تەڭ ئۆمىلەپ ئۆيگە كەلگەندە بولسا قازان بېشى،مالنىڭ قورسىقى،ئائلىنىڭ تۈگىمەس ئۇششاق ئىشى.شەھەردە بولسا سىرىتتا ھۆكىمەتنىڭ خىزمىتى
ئۆيدە ئەرنىڭ،بالا-چاقىنىڭ خىزمىتى ...كەچۈرۈڭلارپىكىرىم چېچىلىپ مەزمۇن شاخلاپ كەتتى .ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ئانىلىرىمىز،ئاتىلىرىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن تېنى ساق بولغاي.ئامىن!
ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم تازا بىر ئۇزۇن ئىنكاس يېزىپ سالدىميا.... مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينىغان ئويۇن قىشتا چانا تېيىلىش ئىدى.خوتەن قۇرغاق،ئىسسىق بولغاچقا قىشتا تۈزۈكرەك مۇز تۇتقان يەرنى تاپقىلى بولمايتتى،چوڭ ئاپاملار يېرىگە سۇ ئالغاندىكى سۇدىن ئازراق يەر مۇز تۇتسا شۇ يەردە تېيىلىپ ئوينايتتۇق.
توۋا،ھەجەپ سېغىندىم،ھازىر ماشىنا ھەيدىسەممۇ ئاشۇ ۋاقىتتا تېيىلىپ ئوينىغان كونكا(چانا،بىز كونكا دەيتتۇق)دەك پەيزى بىلىنمەيدۇ.
6- قەۋەتتىكى guitarfanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينىغان ئويۇن قىشتا چانا تېيىلىش ئىدى.خوتەن قۇرغاق،ئىسسىق بولغاچقا قىشتا تۈزۈكرەك مۇز تۇتقان يەرنى تاپقىلى بولمايتتى،چوڭ ئاپاملار يېرىگە سۇ ئالغاندىكى سۇدىن ئازراق يەر مۇز تۇتسا شۇ يەردە تېيىلىپ ئوينايتتۇق.
توۋا،ھەجەپ سېغىندىم،ھازىر ماشىنا ھەيدىسەممۇ ئاشۇ ۋاقىتتا تېيىلىپ ئوينىغان كونكا(چانا،بىز كونكا دەيتتۇق)دەك پەيزى بىلىنمەيدۇ.
بىزمۇ كونكا دەيتۇق. جىق يەردە چانا دەيدىكەن.
ئامال يوقتە چوڭ بولۇپ قاپتۇق . بالىلىقىمىزنى سېغىندۇردى بۇ تېما


كەينىدىكى رەسىم بەك پەيزى چىقىپتۇ راست. 50 گىرادوسلۇق ئىسسىقتا سۇغا چۈمۈلگىلى كۆلگە چاپاتتۇق. يالاڭاياق پۇتىمىز قىزىپ يەرنى دەسسىيەلمىگۈدەك بولغاندا يۈگۈرەپ-يۈگۈرەپ نەگە كەلگەن بولساق شاپپىدە ئولتۇرۋالاتتۇق. پۇتىمىز مۇزلاپ كاسسىمىز قىزىغاندا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ يەنە يۈگۈرەيتتۇق مۇشۇنداق كۈچ ئۇلاپ كۆل قىشىغا باراتتۇقدە ئۆزىمىزنى ئاتاتتۇق...

رەسىملەر دىكى پىرسوناژلار لاۋشاڭلاردەك چىقىپ قاپتۇ. تال-چىۋىقلارنى ئات ئىتىپ مىنىشلەر.............
16- قەۋەتتىكى umidwar99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تال-چىۋىقلارنى ئات ئىتىپ مىنىشلەر.............
بىز بۇنداق ئويناپ باقمىغان،چوڭ ئاپامنىڭ قويلىرىنى پات-پات ئات قىلىۋالاتتىم،لېكىن قوي دىگەن ئادەمنى ئۈستىدە قەتئى تۇرغۇزمايدىغان مەخلۇق.كىيىن كاساڭغا يارا چىقىدۇ دەپ قورقۇتۇپ يۈرۈپ قوي مىنمەس بولغان.ھاھا،ھەي بالىلىق.
10- قەۋەتتىكى maguroنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جۇ بەگلىگىگە ھۇجۇم قىلساق ساۋاپ بۇلدۇ دەپ خەنلەرنىڭ چوشقىسنى چالما- كىسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپ ، مەكتەپتىن بىر پاتمان تىل-ئاھانەت ئىشتىپ ، چوشقىسىنىڭ پۇلىنى تۈلەپ بىرىپ قۇتۇلغان. ئويلاپ باقسام «شىر»دەك ۋاخلىرىمىزكەندۇق ، ھەييييييييييييييييييييييييييييييييييي!!
جۇ بەگلىكى ....ھا ھا ھا...ما گەپ بولىدىكەن... ئېسىل تىما ئىكەن ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي

بەت:
[1]
2