رەسىم كىتاب: ياش رادىئو ھەۋەسكارلىرى يېتەكچىسى
«ياش رادىئو ھەۋەسكارلىرى يېتەكچىسى» ناملىق بۇ كىتابنى ئۇستاز مىرشات لىتىپ تۈزگەن بولۇپ « جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر، قازاق شۆبىسى» 1985- يىلى 12- ئايدا نەشىر قىلغان. شۇ چاغدىكى باھاسى 0.85 يۈەن، يادىمدا قېلىشىچە بۇ كىتاب بىرلا قېتىم 2500 تىراژدا بېسىلغان. ![]() مەن مىرشات لىتىپ مۇئەللىم تۈزگەن كومپيۇتېرغا ئائىت كىتابلاردىن بىرنەچچىنى ئئوقۇغان ۋە ئۈگەنگەن ئىدىم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرغۇنلىغان ئېلېكترون، كومپيۇتېر بىلىمى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن غايىۋانە ئۇستاز ھېساپلىنىدىغان مىرشات لېتىپ ئەپەندىمگە كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈمەن. بايا ئوغلۇم بىلەن بىللە 3- بەتكىچە سايىلاپ چىقتۇق. ۋاقتىمىز ياربەرگەنچە داۋاملىق سايىلەيمىز. ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() |
8- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
80-يىللاردا «رادىيو» دەپتىكەنمىز، كېيىنچە «رادىئو» دەپتۇق. مانا ئەمدى يەنە «رادىيو» دەيدىغان بولدۇق، 5 يىلدىن كېيىن بەلكىم يەنە ...![]()
بىرەر جايدا بۇندىن كېيىن رادىيو دەيمىز دېگەننى كۆردىڭىزمۇ؟
مەن كۆردۈم، مەن تەھرىرلىگەن كىتابتا «رادىئو» دېگەن سۆزنىڭ ھەممىسىگە كوررېكتور قىزىل سىزىق سىزىپ، «رادىيو» دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ.
رادىيو دېيىش خۇددى «ئۇيغۇر» نى uighur دەپ يازغان بىلەن ئوخشاش دەپ بىلىمەن.
| |
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول. |
مەنمۇ مىرشات لېتىپ ئاكىمىزغا تولىمۇ ھۆرمەت بىلدۈرەتتىم. بىر چاغدا بۇ ئەدەم «مىرشات لېتىپ ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ بىر يېزىق كەشىپ قىلىپ، ئۇنى ئۆزى چىقارغان كىتابلاردا تەشۋىق قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى.
بىرھون تورى سىز سايىلەۋاتقان بۇ كىتابنى قارشى ئالىدۇ.
www.birhon.com
گېزىتلەرگە، ئۇنۋېرىستىت، ئالىي تېخنىكوملارنىڭ كومپيۇتېر دەرسلىك كىتابىنىڭ ئارقىلىرىدا ML كومپيۇتېر يېزىقى دەپ بىر ئالغان. كېيىن ULY چىقىپ ئومۇملاشتى.1- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قېنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى؟
رەسىم كىتاب دەپ يازدىم، يۇقارقى رەسىملەرنى ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئۇدۇللۇق سايىلىغاننى يوللاپ تۇرۇمەن. 80-يىللاردا «رادىيو» دەپتىكەنمىز، كېيىنچە «رادىئو» دەپتۇق. مانا ئەمدى يەنە «رادىيو» دەيدىغان بولدۇق، 5 يىلدىن كېيىن بەلكىم يەنە ...

بۇرۇن ئەرەبتە ئوقۇيدىغانلار جىق چاغدا «مۇسىقا» دەپ ئىشلىتىپ كەلگەن مىڭ يىللىق سۆزنى، ئورۇستا ئوقۇيدىغانلار كۆپىيىپ «مۇزىكا» دەپ ئۆزگەرتتى. ئورۇستا ئوقۇيدىغانلار كۆپەيگەندە «ئارتىس» دەپ ئومۇملاشتۇرۇپ قويغان سۆزنى مانا ئانچە-مۇنچە ئىنگلىزچە ئۆگىنىۋالغانلار «ئاكتور» دەيدىغان بوپتۇ.
«مەدەنىيەت» دەپ بىر ئوبدان سۆزىمىز تۇرسا، ئەركەك بۇقا بىلەن چىشى ئىنەكنى پەرقلەندۈرۈپ دېمىسە ئۇنىمايدىغانلارنىڭ تىلىنى كۆپ ئۆگىنىپ كەتكەنلەر ئانچە - مۇنچە تۈركچە ئۆگىنىۋېلىپ، «كۈلتۈر» بىلەن «مەدەنىيەت»نى ئايرىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ....... يوغان تەرەت، ئوتتۇرانچى تەرەت دەپ ئەدەمنىڭ ئاغزى كەلمەيدىغان گەپلەرنى ئۆگەنگۈچە چىچىمەن، سىيىمەن دەۋەرسەك بولماسمۇ دەيمەن!
5- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
80-يىللاردا «رادىيو» دەپتىكەنمىز، كېيىنچە «رادىئو» دەپتۇق. مانا ئەمدى يەنە «رادىيو» دەيدىغان بولدۇق، 5 يىلدىن كېيىن بەلكىم يەنە ...![]()
بىرەر جايدا بۇندىن كېيىن رادىيو دەيمىز دېگەننى كۆردىڭىزمۇ؟
7- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
80-يىللاردا «رادىيو» دەپتىكەنمىز، كېيىنچە «رادىئو» دەپتۇق. مانا ئەمدى يەنە «رادىيو» دەيدىغان بولدۇق، 5 يىلدىن كېيىن بەلكىم يەنە ...![]()
بىرەر جايدا بۇندىن كېيىن رادىيو دەيمىز دېگەننى كۆردىڭىزمۇ؟
مەن كۆردۈم، مەن تەھرىرلىگەن كىتابتا «رادىئو» دېگەن سۆزنىڭ ھەممىسىگە كوررېكتور قىزىل سىزىق سىزىپ، «رادىيو» دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ.
7- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
80-يىللاردا «رادىيو» دەپتىكەنمىز، كېيىنچە «رادىئو» دەپتۇق. مانا ئەمدى يەنە «رادىيو» دەيدىغان بولدۇق، 5 يىلدىن كېيىن بەلكىم يەنە ...![]()
بىرەر جايدا بۇندىن كېيىن رادىيو دەيمىز دېگەننى كۆردىڭىزمۇ؟
ھازىرنىڭ ئۆزىدە رادىيو دېيىلىۋاتمامدۇ؟ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە.
34- بەتتىن 50- بەتكىچە. http://115.com/file/bear8l2e ئىسمى radio heweskarlir 34-50.rar
12- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
34- بەتتىن 50- بەتكىچە. http://115.com/file/bear8l2e
ئىسمى radio heweskarlir 34-50.rar
بۇ يەرگە كىرىڭradio heweskarliri 51-62.rar ياكى radio heweskarliri 51-62.rar ھە ، مەنمۇ بۇندىن كىيىن رادىئو ھەۋەسكارى ئەمەس بەلكى رادىيو ھەۋەسكارى بولغۇدەكمەن

ئەسلى ئايرىم تېما يازارمەن دەپتىم ، سەل خوشياقمايۋاتىدۇ ، شۇڭا ئىنكاس سۇپىتىدە يېزىپ قوياي ، كىيىن ۋاقتىم چىقسا ، ئشلىتىش قوللانمسى بىلەن قوشۇپ بىر تېما يازارمەن ...
بۇ بىر خىل كومپىيۇتىردا توك يولى سىزىپ ئشلىتىشتىكى (ئويناشتىكى) بىر ياخشى يۇمشاق دىتال بۇلۇپ ، تېمىنىڭ بىشىدىكى كىتاپتنىڭ باش مۇقاۋىسىدىكى رەسمدىكى توك يولىدەك چىرايلىق توك يوللىرىنى كومپىيۇتىردا سىزىشقا بولىدۇ ،قاچىلاش ھاجەتسىز ، پىرىستىن يېشىپ بىۋاستە ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، خەن تىلدىكى نۇسخىسى بار ، پروتېل (protel DXp 2004 )، پىروتىئوس(proteus) لاردەك مۇرەككەپ ، قورقۇنۇچلۇق ئەمەس .
ئىسمى :fritzing
بۇ يۇمشاق دىتال ۋىندوۋۇس ، ماك ، لىناكىس قاتارلىق مەشغۇلات سىستمىللىرىدا ئشلەيدۇ .
ماس كېلىش ئوبىيكتى : ئېلېكتىرغا ھەۋىسى بارلار ، فىزىكا ئوقۇتقۇچىللىرى ،
ئورگان تور بەت ئادرىسى : http://fritzing.org
چۇشۇرۇش ئادرىسى :
http://fritzing.org/download/0.7.4b/windows/fritzing.2012.04.12.pc.zip
قوشۇمچە ، ئويناپ باقاي دېگەنلەرگە پروتېل (protel DXp 2004 ) نىڭ يىشىۋىتىلگەن ھارام نۇسخىسى تەمىنلىنىلىدۇ . بىر مەزگىل ham بولىمەن دەپ خېلى ئىشلارنى قىلىپ باققان. ھېلىقى كونا ئۇسۇلدا تۇتۇتۇتۇتۇت دەپ سىگنال يوللاشنى، سىمسىز ئالاقىلاشقاندىكى ئۆزگىچە پاراڭلىشىش ئۇسۇلى دىگەندەكلەرنى ئۈگىنىپ مەشىق قىلىپ دىگەندەك. تېخى ئىمتاھان بىرىپ دۆلەتلىك 火腿نىڭ كىنىشكىسىنى ئەپ قوياش نىيىتىم بارتى. ئەمما ئۆز كەسپىم باشقا بولغاچ ham بولۇشنى ھازىرچە قېرىغانغا قالدۇرۇپ قويۇپ تۇردۇم. {:92:} لىكىن قارىسام ماۋۇ كىتابنىڭ رادىئو ئالاقىلىشىش بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوقكەن.
17- قەۋەتتىكى nasinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لىكىن قارىسام ماۋۇ كىتابنىڭ رادىئو ئالاقىلىشىش بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوقكەن.
قانچە بەت كۆردىڭىز؟
18- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
17- قەۋەتتىكى nasinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لىكىن قارىسام ماۋۇ كىتابنىڭ رادىئو ئالاقىلىشىش بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوقكەن.
قانچە بەت كۆردىڭىز؟
مۇندەرىجىسىنى كۆردۈم. مەزمۇن خېلىلا كونىكەن. ئەڭ ئاددى تەقلىدى توك يوللىرىنىڭ قوللىنىشلىرى ئاساسلىق سۆزلىنىپتۇ. ھازىر رادىئو ھەۋەسكارى بولىمەن دىگەن ئادەمگە بۇ كىتاب كۆپ ئىش قىلىپ بىرەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
بەت:
[1]
2