تاشئالما كوماندىسىنىڭ چاي سۆھبىتى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرگەن ئوغلانلىرىمىزغا ئۈرۈمچىدە ھاردۇق چېيى بېرىلىپتۇ. ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق ئىشلىرىغا ئىزچىل ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان يۈسۈپ ئىمىن ئاكىمىز، ئەزىزلىرىمىزدىن ھاجى مۇختەر بۇغرا، ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ھەسەنجان، "مەدەنىيەت بوستانى" پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئابلەت ئابدۇرېھىم، ئادىل ھوشۇر ۋە باشقىلار ئىشتىراك قىپتۇ.
سۆيۈندۇق، ئەل ئۆزىگە خوشاللىق بېرەلىگەنلەرنى ھامان ئەزىزلەيدىكەن. گەرچە، بۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇسابىقە بولمىسىمۇ، زېدە كۆڭۈللەرگە ئالەمچە خوشاللىقلارنى ئاتا قىلدى. بىزگە ئۈمىد، جاسارەت بېغىشلىدى. پۇتبول ساھەسىدىكى كېينكى نۇسرەتلىرىمىز ئۈچۈن خەيرلىك قەدەم تاشلىدى. قېرىنداشلار ئارىسىدىكى بىرلىك، ئۆملۈكنى چىڭىتتى. بەلكىم، نۇرغۇن ياشلار، بالىلار مۇشۇ غەلىبىلەر سەۋەبلىك ئاجايىپ گۈزەل ئارزۇلارنى قەلبىگە پۈكىدۇ، ھەم شۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ بەك تىرىشىدۇ.
مۇسابىقە باشلانغاندىن بېرى، يۇرتىمىز تەۋەسىدىكى نۇرغۇن جايلاردا پۇتبول ئىشلىرىدا باشقىچە جانلىنىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى، جاي-جايلاردا چوڭ-كىچىك مۇسابقىلەر ئوينىلىۋاتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇنىڭدىن كېيىن خەلقىمىزنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگۈسى. خەلقىمىزنىڭ ياخشى تىلەك، دۇئالىرى بىلەن بۇ ئەزىمەتلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگۈسى.
داۋاملىق ئالغا، "ھۇررا" سادالىرى ھامان سىلەر بىلەن بىللە!
بارىكاللا!مۇشۇنداق قوللاش كېرەك بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنى،يۈسۈپ ئىمىن ئەپەندى خېلى يىللاردىن بۇيان دىيارىمىز پۇتبول ئىشلىرىغا كۆپ كۈچىدى،مۇشۇنداق ئوت يۈرەك كىشىلىرىمىزگە رەھمەت! ئابلەت ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىگە يەنە بىر قېتىم قول قويدۇم.
پۇتبول ئۈچۈن،كەڭرەك ئېيتقاندا بىزلەرنىڭ خوشاللىقلىرىمىز ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقان ھەربىرەيلەنگە تەشەككۈرلەر بولسۇن،بىزنىڭ دۇئالىرىمىز ھەر ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە! مۇشۇ بالىلار 19 ياشلارلىق بالىلاركەن. تېخى پىشمىدى دېيىشكە بولىدۇ. كەلگۈسىدە بىرازىلىيە، ئارگېنتېنا دېگەنلەرگە تەھدىد سالارمىكىن دەپ قالدىم بۇلارنىڭ يېشىغا قاراپ.
3- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ بالىلار 19 ياشلارلىق بالىلاركەن. تېخى پىشمىدى دېيىشكە بولىدۇ. كەلگۈسىدە بىرازىلىيە، ئارگېنتېنا دېگەنلەرگە تەھدىد سالارمىكىن دەپ قالدىم بۇلارنىڭ يېشىغا قاراپ.
توغرادەيسىز، ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ برازىلىيە، ئارگىنتىنالارغاتەھدىدسېلىشىنىتىلەيمىز،
لېكىنئاۋۇرۇسترىنىرغاتەرجىمانلىق قىلغانكىشىنىڭ تەرجىمىسىكىملەرگەتەھدىدسالار؟؟
ئۈزىمىزنى شۇنداق خوشال قىلىمىزمېسسى 19 ياش ۋاقىتىدا بارسىلونانىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇپ بولغان
س رونالدونىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغىلى 10 يىل بولاي دىدى.تېخى 30غا كىرمىدى..........
ھېچكىمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىم يوق
ھازىرچە خوشال بولۇش بەك بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
ئاۋال مۇشۇ باللار ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشسۇن.كىلەر يىلى يەنە بىر نىمە سەۋەپلەر بىلەن مۇسابىقىسى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.شۇنداق بولغىنىدا 5^10 يىلغىچە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە كىرسە،لوڭقا كۈتۈرسە،ئاندىن بىرازىلىيە ئارگىنتىنا دەيلى.
ھازىر دەپ كەلسەك،ب دەرىجىدىكى پاخپاخ بىرلەشمىدە مۇسابىقە ئويناۋاتىدۇ
5- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كىلەر يىلى يەنە بىر نىمە سەۋەپلەر بىلەن مۇسابىقىسى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
توغرا دەيسىز، يۈرۈگ ئالدى بولۇپ كەتتۇق، مېنىڭ تىلەيدىغىنىممۇ مۇشۇ. يۇكۇ دىكىادىرسى باللا؟
7- قەۋەتتىكى Jaytirakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يۇكۇ دىكىادىرسى باللا؟
بۇ قېرىندارشلىرىمىزنىڭ بىزلەرگە ئاتا قىلغان خۇشاللىقى ئالەمچە خۇشاللىق بولىۋاتىدۇ.ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق خۇشال بولمىغىنى.چۇشكۈن روھلارغا ئاجايىپ شىپاھ بولدى.ئاللاھىم بۇ قېرىندارشلىرىمىزنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن! بىزلەرگە دائىم خۇشاللىق يار بولسۇن!
بولسا بۇ ئۇكىلىرىمىز ئۆزىنى زەھەردىن يىراق تۇتسا،كەيىپ-ساپاغا بىرلمىسە!ئۆزنىڭ گۇزەل ئستىقبالىنى نابۇت قىلمسا! ئۆزدىكى مەسئولىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتسە.بىزلەرگە دائىم خۇشاللىق بەخىش ئېتىپ تۇرسىا! بىر ئىش
ئۇيغۇرلارنىڭ يىگەننى ئىچكەننى سۈرەتكە ئالىدىغان ئادىتى يوق جۇمۇ
ھەجەپ خۇشال بولدۇم ئاللاھ مۇرادىمىزغا يەتكۈزسۇن!ياخشىلىق بىلەن باشلانغان ئىشىنىز تېخىمۇ گۈللەنسۇن....ئامىن! رىياسەتچى بالا ھەقىقەتەن ياخشى قىلىپتۇ،پەقەت بىرلام تەكلىپ بەرسەم كۈڭلىگە قەتئىي ئالماي بىرئىزدىنىپ باقسا:
مۇشۇ سوئال سورىغاندا سەل قىسقا سورىساق بولامۇ ھە؟‹بۈگۈنكى چايدىن قانداق تەسىرات ئالدىڭىز؟دەپ بېرەمسىز ›
دەپلام سورىسا بۇلىدىغان يەرلەردە سەل ئۇزۇن سوزۇلۇپ كىتىپتۇ سوئال.ئەمما يارايدۇ جۇما،تېخىمۇ يىتىلسۇن دەيمىزغۇ 11-ئىيۇن يەنە ئۈگۈنلۈككە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئوينالماقچى بولغان 3 -مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ.1-مەيدان مۇسابىقتا 35 مىڭ تاماشىبىن،2-مەيدان مۇسابىقتا 46 مىڭ تاماشىبىن،ئەمدى كىشىلەر تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان بۇ 3-قېتىملىق ساھىبخان مەيدان مۇسابىقتا زادى قانچىلىك تاماشىبىن كىرەر دىگەن سوئاللار قويۇلۇۋاتماقتا..ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە مەدەت بېرەيلى دوستلار... بۈگۈنكى مۇسابىقە ئاھۋالىنى يوللايدىغانلار چىقماپتۇ-دە؟ يەنە 1-1 بولۇپ تەڭلەشتى.
ئالدىنقى مەيداندا قارشى تەرەپ بىرنى ئۇرىۋەتتى، ئالدىنقى مەيدان توشاي دېگەندە قارشى تەرەپ ئەزاسىدىن بىرسى قىزىل كارتا بولۇپ مەيداندىن چىقىرىۋېتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا بىر توپ قايتۇرۇپ نەتىجە 1-1 بوپ تەڭلەشكەن. كېيىنكى مەيداندا شۇنداق كۆپ ھۇجۇم قىلسىمۇ كىرمەي قالدى. ئىككى توپ گارغا تېگىپتۇ.ئاۋۇ نومۇسسىز ئەخلەتلەر 5 مىنۇتتا بىر قېتىمدىن يېتىۋېلىپ بەك كۆپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلدى. ئاخىرى پۈتۈن مەيداندىكى مەستانىلەرنى垃圾 - 垃圾دەپ كوللىكتىپ ۋارقىراشقا مەجبۇر قىلدى .... مەنمۇ ئۇلارنىڭ نومۇسسىزلىقىدىن ھەيران قالدىم ...بۇگۈن ئۇلاردىن زەمبىلگە چىقمىغانلار يوققۇ دەيمەن.. ئۇششۇقلۇقنى نەچچە مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىسىلا يەتكۈچە قىلىشىدىن مىنىڭ يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى.... ئاۋۇ سورۇندا خەنزۇ بارمىكەن؟ كوماندا ئەزالىرى ئىچىدە بىر نەچچىسى باركەن شۇ...