qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 01:12:36

سىزدە بوۋاسىر بارمۇ؟

بوۋاسىر-ئېغىز، قولتۇق، مەقئەت، چات يېرىقى، پۇت قاتارلىق ئورۇنلاردا
كۆرۈلىدىغان بىرخىل كېسەللىك بولۇپ، تەرلەپ، قىچىشىپ، ئېچىشىپ، پۇراپ،
ھەتتا شەلۋەرەپ، ئادەمنى چىدىغۇسىز دەرىجىدە بىئارام قىلىپلا قالماي،
سىرتقا پۇراپ باشقىلار ئالدىدا ئادەمنى يەرگە قارىتىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا
ئادەمنىڭ يۈز-ئابرويى، ئىناۋىتىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە كۆپىنچە كىشىلەردە يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ بىرسىدە چوقۇم
بوۋاسىر بولىدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ كېسەل ساقايماس كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ،
بىر يەردىكىنى داۋالىسا، يۇقارقى بەش ئورۇندىن باشقا يەنە بىر يەردىكىسىگە
كۆچىدىكەن.

ئۇنداقتا سىزدىمۇ بوۋاسىر بارمۇ؟ بوۋاسىرنىڭ دەردىنى سىزمۇ
تارتىۋاتامسىز؟ ئەگەر بوۋاسىرنىڭ دەردىنى سىزمۇ تارتىۋاتقان بولسىڭىز
تۆۋەندە دىيىلگەنلەرگە ياخشى دىققەت قىلىڭ. گەرچە كېسىلىڭىزنى داۋالاش
مەقسىتىڭىزگە يېتەلمىسىڭىزمۇ، لېكىن كېسەل دەردىنى يەڭگىللىتەلەيسىز. ئاللا
خالىسا، بەلكىم بوۋاسىردىن ئىبارەت بۇ مەرەز كېسەلدىن شىپا تاپسىڭىزمۇ
ئەجەپ ئەمەس!

1. پۇت تەرلەش: بۇ بەش ئورۇندىكى بوۋاسىرلار ئىچىدە ئەڭ
يەڭگىلى بولۇپ، باشقا ئورۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا بوۋاسىرنىڭ پۇتتا بولىشى
نىسپەتەن ياخشىراق. چۈنكى پۇتتىكى بوۋاسىرنىڭ پۇرىقىنى يوقاتماق ئاسانراق.
بوۋاسىرپۇتتا بولسا، پۇت تەرلەيدۇ، سېسىق پۇرايدۇ. ياز كۈنلىرى
شەلۋەرەيدۇ. ئېغىرراق بولغاندا قىشنىڭ كۈنىمۇ شەلۋەرەش يۈز بېرىدۇ. بۇنداق
ئەھۋالدا بەزىلەر پۇتىدىكى بوۋاسىرنى ساقايتىش ئۈچۈن مەرگەنسوپقا چىلاپ
يۇيىدۇ، پۇت تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاياغ ۋە پېتەكلەرنى تاللاپ
سېتىۋالىدۇ. ئىشقىلىپ پۇت تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار دىگەنلىكى
ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يازمىمىز ئارقىلىق سىزگە
ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز شۇكى، پۇتتىكى بوۋاسىرنى داۋالايمەن دەپ
ئارتۇقچە كۈچىمەي، پۇتىڭىزنى ھەر كۈنى يۇيۇپ بېرىڭ، بىر پايپاقنى ئۇدا
ئىككى كۈن كىيىدىغان ئىشنى قىلماي، ئالماشتۇرۇپ كىيىشكە دىققەت قىلىڭ.
پايپاقنى ھەركۈنى كەچتە يۇيۇپ، قۇرۇغاندىن كېيىن كىيىڭ ياكى پۇت
بارماقلىرىڭىزنىڭ ئارىلىرىدىن تارتىپ خىنە يېقىڭ. پۇت تەرلەشكە شىپا بولىدۇ
(يازنىڭ كۈنلىرى بەك تەرلەپ كەتسە ۋاقىت چىقىرىپ، قىززىق بوز توپىغا
دەسسەپ بەرسىڭىزمۇ پۇت تەرلەشكە شىپا بولىدۇ).ئىزچىل شۇنداق قىلسىڭىز
پاچىقىڭىز تەرلىمەيدۇ، تەرلىمىگەندىكىن پۇرىمايدۇ، تېگىگە كىگىز-گىلەم
سېلىنغان ئۆيلەرگە دۇچ كەلسىڭىزمۇ ئايىغىڭىزنى بىمالال سېلىپ، باشقىلار
ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمايسىز.

2. ئېغىز پۇراش: بۇ خىل كېسەلنىڭ
جىسمانى جەھەتتىكى تەسىرىدىن كۆرە روھى جەھەتتىكى تەسىرى يامانراق بولۇپ،
ئېغىزى پۇرايدىغان بولغاچقا باشقىلارغا يېقىن تۇرۇپ سۆزلىشىشتىن
خۇدۈكسىرەيدىغان، بىكارغىلا خىجالەت ھىس قىلىدىغان ، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىپلەش
خارەكتىرى كۈچىيىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بىنورمال
روھى كەيپىيات شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل بوۋاسىرنىڭ ئازاۋىنى يەڭگىللىتىش
ئۈچۈن دوختۇرنىڭ، بولۇپمۇ مىللى تىبابەت دوختۇرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە
دورا ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ھەر كۈنى ئەتتىگەن ياكى كەچتە ئېغىزنى چوتكىلاپ
يۇيۇش كېرەك. مېنىڭچە بولغاندا ئەتتىگىنى يۇيۇشقا قارىغاندا، كەچلىكى
ئۇخلاشتىن ئاۋۋال يۇيۇش ياخشىراق. چۈنكى كەچتە يۇيغاندا كۈندۈزى ئۈچ ۋاخ
يىگەن تائامنىڭ قالدۇقلىرى پاك-پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلىدىغان بولغاچقا،
ئېغىزدا سېسىيدىغان نەرسە بولمىغاندىن كېيىن پۇراشمۇ بولمايدۇ. ئېغىزنى
چوتكىلاپ يۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئۇسۇلنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالسىڭىز،
يالغۇز بوۋاسىرنىڭلا ئازاۋىدىن ئەمەس، ئېغىز بوشلۇقىدىكى ھەر خىل ئۇششاق
كېسەللىكلەرىنىڭمۇ ئازاۋىدىن قۇتۇلىسىز، چىشىڭىزنىڭ ئۆمرىنىمۇ
ئۇزارتالايسىز.

3. قولتۇق پۇراش: بۇ خىل كېسەلنىڭمۇ ئوخشاشلا جىسمانى
جەھەتتىكى تەسىرىدىن كۆرە روھى جەھەتتىكى تەسىرى يامانراق بولۇپ، قولتۇقى
پۇرايدىغان بولغاچقا باشقىلارغا يېقىن تۇرۇپ سۆزلىشىشتىن خۇدۈكسىرەيدىغان،
بىكارغىلا خىجالەت ھىس قىلىدىغان، ئۆز-ئۆزىنى ئەيىپلەش خارەكتىرى كۈچىيىپ
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بىنورمال روھى كەيپىيات
شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇخىل بوۋاسىرنىڭ ئازاۋىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈنمۇ
قولتۇقىڭىزنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئىككى ۋاخ يۇيۇپ بېرىڭ.

4. مەقئەت
يارىسى (گېموروي): بۇ خىل بوۋاسىر توغرىسىدا كۆپ توختالمىساقمۇ، لېكىن
بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز: ھەر قېتىملىق
چوڭ تەرەتتىن كېيىن ئېرىنمەي مەقئەتنى يۇيۇپ بېرىڭ. «سۇ تاپالمىدىم»،
«ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە ئەمەس» دەپ باھانە كۆرسەتمەڭ، ئىلاج قىلىپ، چوڭ تەرەتتىن
كېيىن مەقئىتىڭىزنى يۇيۇشقا تىرىشىڭ. يۇيۇپ بېقىپ، ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىڭ.

5.
چات يېرىقى(ئارىلىقى) پۇراش: بۇ خىل بوۋاسىر سەمرىپ قالغان كىشىلەردە
كۆپرەك كۆرۈلىدىغان بولۇپ، چات يىرىقى قىزىشىپ تەرلەپ، شەلۋەرەپ كېتىدۇ.
ئېغىرراق بولغاندا شەلۋەرىگەن ئورۇننىڭ تېرىسى سويۇلۇپ، جاراھەتكە
ئايلىنىدۇ (بوۋاقلاردىكىگە ئوخشاش). بۇ خىل بوۋاسىردىمۇ ئوخشاشلا چات
يىرىقىنى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇڭ. ئۈنىمى بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا
يۇقارقى بەش ئورۇننىڭ قايسىسىدىكى بوۋاسىر سىزنى بىئارام قىلمۇسۇن جاجىسى
سۇ! سۇ بىلەن يۇيۇپ بەرگەندە كىسەلنىڭ ساقىيىشىغا نىسپەتەن پايدىسى بارمۇ
يوق؟ بۇنى بىلمەيمەن. ئەمما قىچىشىپ، ئېچىشىپ دىگەندەك ئاۋارىچىلىقلىرىغا
زور پايدىسى بار. ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ كېسىلىڭىزنىڭ
ساقىيىشىغا نىسپەتەن بەلگۈلۈك ئۈنۈمى بولۇپ قالسا، ماڭا رەخمەت ئېيتىمەن
دىمەي ئاللاتائاللاغا چوڭقۇر سېغىنىڭ.





مەنبە: http://http//www.qarabeg.com/?p=552

erven_Rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 10:19:52

مۇمكىن بولسا مۇشۇ گېموروينىڭ ئۈنۈملۈك رەك دورىسىنى بىلدىغانلار تەۋسىيە قىلساڭلار ،مىنىڭ بىردوستۇم بار ئىدى، ھىلى ئۇنى يەپ باقىدۇ ،ھىلى بۇنى ئەپ باقايمىكى دەيدۇ ،ئۆزى كومپىيۇتىر چىلىق قىلاتتى .....

ئۇنىڭ دىيىشىچە گېموروي ساقىيىپتۇمىش ،لىكىن مەقەتتىكى مونەكچە تىخى يانماپتۇمىش ....تىۋېپقا كۆرۈنسە مۇقەل دىگەن دورىنى بىرىپتۇ ،لىكىن ئۇ دوستۇم تۈزۈك ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى دەيدۇ ...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 15:20:47

بوۋاسىر (گېمىروي) كېسەللىكى مەيلى ئوپراتسىيە قىلىنسۇن ياكى دورا بىلەن ساقايسۇن ، يېلتىزىدىن قۇرىمىغاچقا بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بولسىمۇ قايتا قوزغىلىدۇ.

مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىلنىڭ << جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش >> ناملىق كىتابىدا بوۋاسىرنىڭ يېلتىزىدىن قۇرتىدۇ دەپ ئۆزى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن بىر رېتسىپنى بايان قىلغان ئىكەن. مەنمۇ ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇ رېتسىپ ئاساسىدا تەييارلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن. پەرھىزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىۋاتىدۇ.


بۇ رېتسىپ ۋە تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۈش ئۈچۈن :


گېمىروينى داۋالاشتىكى ئىشەنچلىك رېتسىپ-مەجۈنى بوۋاسىر ھەققىدە دېگەن تېمىغا مەرھەمەت قىلىشقايلا!

erven_Rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 16:08:12

2- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بوۋاسىر (گېمىروي) كېسەللىكى مەيلى ئوپراتسىيە قىلىنسۇن ياكى دورا بىلەن ساقايسۇن ، يېلتىزىدىن قۇرىمىغاچقا بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بولسىمۇ قايتا قوزغىلىدۇ.

مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىلنىڭ << جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش >> ناملىق كىتابىدا بوۋاسىرنىڭ يېلتىزىدىن قۇرتىدۇ دەپ ئۆزى سىناقتىن ئۆتكۈزگەن بىر رېتسىپنى بايان قىلغان ئىكەن. مەنمۇ ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇ رېتسىپ ئاساسىدا تەييارلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن. پەرھىزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىۋاتىدۇ.


بۇ رېتسىپ ۋە تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۈش ئۈچۈن :


گېمىروينى داۋالاشتىكى ئىشەنچلىك رېتسىپ-مەجۈنى بوۋاسىر ھەققىدە دېگەن تېمىغا مەرھەمەت قىلىشقايلا!



ھاجىم ،مەجۇنى بوۋاسېرئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا ساللىمۇيوق ؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 16:18:07

شۇنداقتا بۇ «بوۋاسىر» دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ «گېمىروي» مۇ، «تەرلەش» مۇ؟ ئۇقالمايلا قالدىم   {:107:}

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 21:10:12

بەنسەنسىر دېگەندەك ئاڭلاندىيا

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 22:13:02

پۇت پۇراشىنمۇ بۇۋاسىر دەيىدىكەندە ،،،،مىنىڭ پوتام پۇرايدىغان بۇلسائايىقىمنى سالىدىغان بۇلسامئۇچۇۋاتقان چىۋىنلار زەھەرلىنىپ يەرگە پوك -پوك چۇشىىدۇ ،،، \"\"

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 22:21:52

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 22:41:12

7- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پۇت پۇراشىنمۇ بۇۋاسىر دەيىدىكەندە ،،،،مىنىڭ پوتام پۇرايدىغان بۇلسا ئايىقىمنى سالىدىغان بۇلسام ئۇچۇۋاتقان چىۋىنلار زەھەرلىنىپ يەرگە پوك -پوك چۇشىىدۇ ،،، \"\"



كۆۋرۈكتىن دەرياغا ئاتسىڭىز بولغۇدەك ئەمسە ئاياقنى.

بېلىقلارغا ئۇۋال دەيمەن


خوشنا ياتاقتىكى بىرسى پايپىقىنى سېلىپ دېرىزە سىرتىغا قويۇپ قويۇپتىكەن، ئەتىسى پايپاقنىڭ يېنىدا بىر ھەرە ئۆلۈپ قاپتۇ

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 22:48:49

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 00:10:10

خەتكۈچ
بەت: [1]
: سىزدە بوۋاسىر بارمۇ؟