قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ نەسەبنامىسى
قاراخانلارنىڭ چوڭ قاغانلىرى
1.كۆل بىلگە قاراخان 850____880؟
2.بازىرخان ؟_____910
3.سىتۇق بوغراخان 920____956
4.موسا بوغراخان 956____958
5.سۇلايمان ئارسىلانخان 958____970؟
6.ئەلى ئارسىلانخان 970____998
7.ئەھمەت توغانخان 1 998____1018
8.مەنسۇ ئارسىلانخان 1018____1024
9.ئەھمەت توغانخان2 1024_____1025
11.سۇلايمان ئارسىلانخان 1040_____1032
1040-يىلىغا كەلگەندە قاراخانلار سۇلالىسى شەرىقى ۋە غەرىبى دەپ ئىككى خانلىققا بۆلىنىپ كىتىدۇ،نەتىجىدە تەدىرجى ئاجىزلاشقا باشلايدۇ.
شەرىقى خانلىرى
1.سۇلايمان ئارسىلانخان 1040___1056
2.مۇھەممەت بوغراخان 1056___1057
3.ئىبرايىم خان 1057___1058
4.مۇھەممەدخان(توغرۇل قاراخان) 1058___1074
5.ئۆمەرخان(توغرۇل تېكىن) 1074___1074
6.ھارۇن بوغراخان2 1074___1103
7.ئەھمەتخان 1103____1129
8.ئىبرايىم خان2 1129___1159
9.مۇھەممەت خان2 1159___؟
10.يۇسۇپخان 1205___؟
11.مۇھەممەدخان3 1205___1210
غەربىي خانلىرى
1.مۇھەممەت بىننى ناسىر 1040___1052
2.ئىبرايىم بىننى ناسىر (بۆرە تېكىن) 1052__1068
3.شەمىس ئەل مۇلىك 1068____1080
4.خزىرخان 1080___1081
5.ئەھمەتخان1 1081____1095
6.ياقۇپخان 1089___؟
7.مەسئۇدخان 1095___1097
8.سۇلايمان خان 1097____؟
9.مەھمۇت خان1 1097___1099
10.جەبرائىلخان 1099___1102
11.مۇھەممەتخان2 (مۇھەممەت ئارسىلانخان) 1102___1132
12.ئىبرايىمخان2 1132___؟
13.مەھمۇتخان2 1132___1141
14.ئىبرايىمخان3 1141____1156
15.ئەلىخان 1156____1160
16.مەسئۇدخان 1160_____1178
17.ئىبرايىمخان4 1178___1204
18.ئوسمان بوغراخان 1204____1212
تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى)دىن ئېلىندى
كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
مۇبارەك! داۋاملىق تىرىشىڭ. جىمجىت سورىۋالاي، ئىسلام دىنى دىيارىمىزغا قاچان كىرگەن؟ 1000يىللاردا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم رايۇنلارغا ئومۇملاشقان ئەمىسە ئاۋۇ 1000 - يىلىدىن بۇرۇنقى ئەرەبچە ئىسىملار قاندا پەيدا بوپ قالىدۇ؟ سۇلايمان، مۇسا، ئەھمەد، ئەلى دېگەنلەر؟ ئىسلام بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوقمۇ يە؟ ھەممىسى بەك ياشلا تۇرۇپ بۇدۇنيادىن خوشلىشىپتىغۇ ،،،،،خاتا بوپ قالمىغاندۇ ؟ {:134:} يۇسۇپ قادىرخان قېنى؟2- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جىمجىت سورىۋالاي، ئىسلام دىنى دىيارىمىزغا قاچان كىرگەن؟
قاراخانلاردىن سۇتۇق بۇغراخان ئىسلامنى تۇنجى بولۇپ قۇبۇل قىلغان (تەخمىنەن 20 ياش چېغىدىغۇ دەيمەن) ۋە تارقىتىشقا باشلىغان دەپ ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. يەنە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىمۇ دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ دىيارىمىزغا كەلگەنلىكى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ھەققىدە كۆرگەندەك قىلىۋېدىم.
5- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەممىسى بەك ياشلا تۇرۇپ بۇدۇنيادىن خوشلىشىپتىغۇ ،،،،،خاتا بوپ قالمىغاندۇ ؟![]()
تۈنجى بۇلۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتكەن كىشى سۇلتان سىتۇق بوغراخان،مۇسالمانچە ئىسمى ئابدۇلكېرىمخان ئۈگۈنىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن رەھمەت سىزگە
قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرى ھازىر مۇ بارمىدۇ؟
ئىسلام دىنى سۇتۇق بۇغراخاندىن ئىككى يۈز يىللار بۇرۇن كىرگەن يەنى ناسارا يىلنامىسى بويىچە 713 - يىلىللىرى ئۇمەۋىيلەر ھەربى قۇماندانى ئىبنى قۇتەيبە قەشقەرنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى پەتھى قىلغان. دەل بۇ چاغدا ئىبنى قۇتەيبەنى قوللايدىغان ئۇمەۋىىيلەرنىڭ 10 - خەلىپىسى ۋاپات بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى قۇتەيبە دەمەشىققە قايتۇرۇلۇش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋالغان،ھازىرقى پاكىستان تەۋەسىگە كەلگەندە قەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان. قەشقەرنىڭ ئىسلاملىشىشى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلغان(ئىبنى ئەسىر: ئەلكامىلۇ فىتتارىخ؛ ئىبنى كەسىر: ئەلبىدايە ۋەن نىھايە) بۇ تىزىملىككە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ ، خانلىقنى تارتىۋالغان ، يەنى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتىسىنىڭ ئىنىسى ئوغۇلچاق قاراخان كىرگۈزۈلمەپتىمۇ نىمە ؟
4- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەمىسە ئاۋۇ 1000 - يىلىدىن بۇرۇنقى ئەرەبچە ئىسىملار قاندا پەيدا بوپ قالىدۇ؟ سۇلايمان، مۇسا، ئەھمەد، ئەلى دېگەنلەر؟ ئىسلام بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوقمۇ يە؟
مېنىڭ بىلىشىمچە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 20 يېشىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئاتىسىنى قەستلەپ ھاكىميەتنى تارتىۋالغان تاغىسى ئوغۇلچاق قارىغاننى ئۆلتۈرۈپ ، ھاكىميەتنى قايتا قولغا ئالغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىدۇ ۋە ئۆز ئىسمىنىمۇ ئابدۇكېرىمگە ئۆزگەرتىدۇ . مېنىڭچە ئۇيغۇرلادىكى مۇسۇلمانچە ئىسىم مۇشۇنىڭدىن باشلانغان بولسا كېرەك .
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بوۋىمىزنى ئاللاھنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلىرىگە قىلغان ئەڭ چوڭ رەھمەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايمەن .