eskandar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 14:37:53

خوجىنتاۋنى يىغلىتىۋەتكەن ماجاجو ۋەقەسى!


خورلوق سەۋەبىدىن ياتاقداشلىرىنى ۋەھشى ئۈلتۈرۋەتكەن ماجاجونى ساقچىلار نەق مەيداندىن يالاپ ئىلىپ ماڭماقتا.




ماجاجو سوتتا



ماجاجونىڭ ئاتا ئانىسى


1.ماجاجۆ مەملىكەتلىك ئولىمپىك فىزىكا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2.ماجاجۆنىڭ ياتاقداشلىرى ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا ئۇنىڭ يۈزىگە كىچىك تەرەت قىلىۋەتكەن.

3.قىش پەسلىنىڭ سوغاق بولغان كۈنىدە ياتاقداشلىرى ئۇنىڭغا بىر يۈەندىن ئىككى يۈەنگىچە پۇل بېرىپ كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيدۇرغان،ئۇنىڭ پۇلى بولمىغاچقا ئامالسىز يۇيۇشقا مەجبۇرى بۇلغان.

4.ئۇنىڭ تۈرمىدە كەيىگەن تۈرمە كىيىمى بولسا ئۇنىڭ بۇ ئۆمىرىدە كىيىگەن ئەڭ ياخشى كىيىمى.ئۇنىڭ دېيىشچە:بۇ مەن ھاياتىمدا كىيگەن ئەڭ ياخشى كىيىم.ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇنى ياللاپ ماڭغان ساقچىلارمۇ يىغلاپ كەتكەن.

5.ئۇنىڭ كيىدىغانغا كىيىم-كېچىكى يوق،ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلمىغان بىر نەچچە كۈندە ئۇ يالاڭ ئاياغ يۈرگەن،دەرسكە كىرمەسلىككە مەجبۇرى بولغان.


6.نامرات  ماجاجو  مەكتىپىدىكى ياخشى كۈرۈپ قالغان قىزغا  مىڭ تەستە غەيرەتكە كىلپ موھەببەت خىتى يازغان.


لىكىن ئۇ قىز ماجاجو يازغان موھەببەت خىتنى پارچە پارچە قىلىپ يىتپ پۈتۈن ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزىگە ئاتقان.


7.ئۇنىڭ ئائىلىسدىكىلەر باشقىلارنى كىيىم-كېچەكلىرىنى تىكىپ ياماش ئارقىلىق كۈن كەچۈرىدۇ.ئۇنىڭ ئاپسى 100 يۈەن تېپىش ئۈچۈن 200 كىيىم كېچەكنى تىكىپ يامىشى كېرەك.

8.ئۇنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 5000 يۈەن،ئۇ بۇنى يىراق جايدىكى يۇرتىدىن قەرز ئالغان


8.ئۇ ئەرز قىلىشىنى رەت قىلدى،ۋە تۆت نەپەر ھەقسىز تەكلىپ قىلىنغان ئادۋوكاتلارنى رەت قىلدى،ۋە باشتىن ئاخىرى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

10..ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئۇ ئاللىقاچان 10 مىڭ يۈەن قەرزگە بوغۇلغان ئىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قۇرۇلۇش ئىشلەش ئارقىلىق قامدايتتى



بۇ ماجاجونىڭ ئۈلۈم جازاسى ئىجىرا  قىلنىشتىن بۇرۇن يىزىپ قالدورغان خىتى:



چۈنچېىڭ شەھىرىنىڭ كۆز پەسلىدە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ،ۋە دائىم قاتتىق سوغۇق شامال چىقىدۇ،مەن دائىم داتلىشىپ كەتكەن دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئاتا-ئانامنى ئەسلەيمەن.ئۇ ئىككىسى ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ قايتىپ ئېتىزلىقتا جاپالىق ئىشلەيدۇ،ۋە ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شام يېقىپ قۇيۇپ بىر كىيىمنى 0.5 يۈەنگە تىكىدۇ...........

ئۇ چاغدا مەن ئانام بەرگەن 100 يۈەن پۇلىنى قەتئىي ئالمىدىم،مەن ناھايىتى بىئارام بولغان ھالدا ئانامغا دېدىم:بۇ پۇل سەن 200 كىيىمنى تىكىپ تاپقان پۇل تۇرسا مەن ئانامنىڭ كۆزىگە قارىدىم،ھەمدە ئۇنىڭ جاپا مۇشەققەت ئىچىدە تاپقان يۈز يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردىم،ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىملىق كۈلۈمسىرىدىم.مەن ئانامنىڭ مەكتەپتە تارتقان جاپايىمنى بىلىشىنى قەتئىي خالىمايتتىم،ھەمدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر نەچچە يىل جەريانىدا ئۆيدىن بىرەر سىنىتمۇ پۇل ئېلىپ باقمىدىم،مەن ئاتا-ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن جاپا مۇشەققەت تارتىشىنى خالىمايتتىم.

  ئۇلار ياشقا چوڭ بولۇپ قالدى،بىر ئۆمۈر جاپا مۇشەققەت تارتتى،قانداق قىلىپ يەنە ئۇلارغا جاپا سالاي،ئەمما ئوقۇش پۇلى بەكمۇ يۇقىرى،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم بېرىپ كۈچ چىقىرىپ تېپىشىم كېرەك،بۇنىڭ ئۈچۈن دەرسكە دەخلى يېتىشىنىڭ كارايىتى چاغلىق.مەن بىر ئۆزۈم ناھايىتى جاپالىق قۇرۇلۇش ئىشلىدىم،ھەمدە ئوغرىلىقچە كۈنۈمگە ئىككى دانە موما يېدىم.قىش پەسلى مەن ھەقىقەتەن سوغۇقتىن قورقاتتىم،چۈنكى مەن ئۆزۈم جەنۇبلۇق،شۇنداق بولسىمۇ مەن پۈتۈن قىش پەسلى ئىسسىق سۇ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پۇلىنى تېجەپ،سوغۇق قىش پەسلى سوغۇق سۇدا يۇيۇندۇم،مەن سوغۇقتىن تىترەپ كەتكىنىمدىن ساۋاقداشلىرىمغا كۈلۈپ قاراپ بىز دېگەن ياش ھېچنېمە بولمايدۇ دەپلا قۇتۇلدۇم.

     ئۇ كۈنى مېنىڭ كىيگۈدەك ئايىغىم يوق ئىدى،مەن ئامالسىزلىقتىن دەرسكە بارالمىدىم،ھەتتا مەكتەپ تارقىتىپ بېرىدىغان قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىلگەنگە قەدەر مەن ئامالسىز قالدىم.مېنىڭ ئائىلەم ئەزەلدىن ناھايىتى نامرات،مەن ناھايىتى نامراتلىق يوقسۇزلۇق ئىچىدە چوڭ بولدۇم،مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ جاپانىڭ قەدىرنى تېتىپ يەتكەنلىكىم ئۈچۈن،كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتا-ئانامغا جاپا سالمايمەن دېگەن بىر قەيسەر روھ ئىچىدە چوڭ بولدۇم،دائىم ئويلايدىغىنىم بولسا ئاتا-ئانامنىڭ ئازراق بولسىمۇ يۈكىنى يەڭگىللىتىش بولدى،مەن ئۆز-ئۆزۈمگە دائىم:ئاپا دادا سىلەر جاپا تارتىڭلار،مەن تاماق ئەتتىم،تىز كېلىپ يەڭلار!》دېگۈم كېلەتتى.مەن باشتىن-ئاخىر تىرىشىپ ئۆگەندىم،يېزىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ مېنىڭ ناھايىتى جاپادا چوڭ بولغانلىقىمنى،ناھايىتى ياۋاش ئىكەنلىكىمنى بىلەتتى.مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە مەملىكەتلىك ئولىمپىك فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم،ھەمدە تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ دائىم باشقىلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغاچقىمۇ بىر خىل ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاپ كەلدىم.ئەمما ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا بىر ئاي يېقىن قالغان ۋاقىتتا مېنىڭ ھەر تەرەپتىكى بېسىمىم داۋاملىق ئېشىپ ماڭدى،يەنى مەندەك بىر نامرات بىر ئوقۇغۇچى ناھايىتى ئەلا بولغان نەتىجىگە ئېرىشتىم،مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نەتىجەم پۈتۈن گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى ئوخشاش يىلدىكى بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇردىن 50 نومۇر يۇقىرى بولدى.مېنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنى تاللاپ ئوقۇغۇم بار ئىدى،يەنى ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى،خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا مېنىڭ نىشانىم ئىدى،ئەمما ئۇ جاي مېنىڭ ئائىلەمگە ناھايىتى يىراق شۇنداقلا ئوقۇش پۇلىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى،شۇنىڭ ئۈچۈن،مەن ئوقۇش پۇلى بىر قەدەر تۆۋەن ئۆيۈمگە يېقىن بولغان يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتنى تاللاشقا مەجبۇرى بولدۇم.لېكىن بۇ چاغدا مەن ناھايىتى ئۈمىدكە تولغان ئىدىم،بىر ئاددىي نامرات دېھقاننىڭ بالىسى يۈننەن ئۈنۋېرسىتېتىگە كىرىپ ئوقۇيالىدى.مەن ھەر دائىم رەئىس ماۋزېدۇڭ يېزىپ بەرگەن يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەن خەتنى كۆرگەندە ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كېتەتتىم.

     تىرىشىپ ئۈزلۈكسىز ياخشى ئوقۇش،ئۆز كەسپىمنى ياخشى پۈتتۈرۈش،ياخشى خىزمەت تېپىپ ئاتا-ئانامغا جاۋاب قايتۇرۇش،نامراتلىق تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش،جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش،ئۈزۈمىنى ھۆرمەت قىلغان ئادەمنى چوقۇم ھۆرمەت قىلىش،تۆھپە قوشۇش بولسا مېنىڭ كىشىلىك ئۆگىنىش نىشانىم ئىدى.ئەمما مەن ئالىي مەكتەپكە كىرىپ نۇرغۇن ئىشلارنى بايقاپ قالدىم،كۆپ قىسىم كىشىلەر بولسا ئۆگىنىش قىلىشىنى ياخشى كۆرمەيتتى،ھەر كۈنى كەچتە قىزلارنىڭ پاراڭلىرىنى قىلاتتى،قايسى قىز ناھايىتى چىرايلىق،قايسى قىز جەزبىدار قاتارلىق تېمىلار بولسا ئۇلارنىڭ قىلىشىدىغان ئاساسى تېمىسى بولۇپ قالاتتى.

   بىر قىسىم پۇلى بار ئوقۇغۇچىلار ھېچ تەپ تارتماستىنلا قىز دوستلىرىنى تەكلىپ قىلىپ مەكتەپ ئەتراپىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇراتتى،كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئويۇن ئويناتتى،ھەتتا مېنى سەھرالىق نامرات دەپ پەس كۆرۈشى بولسا ئۇلارنىڭ ئاساسى ئويۇنلىرىنىڭ بىرسى ئىدى.

ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ،ئەڭ ئاخىرى مەنمۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناشنى ئۆگەندىم،ھەتتا ئويناش جەھەتتە ئۇلارنى خېلىلا بېسىپ چۈشتۈم،ھەمدە ئۆزۈم قۇرۇلۇش ئىشلەپ تاپقان ئازغىنە پۇلۇمغا بىر دانە كونا كومپيۇتېر سېتىۋالدىم.مەن ناھايىتى مەرد،شۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاقداشلىرىم خالىغانچە كېلىپ مېنىڭ كومپىيۇتىرىمىنى ئوينايتتى،مەن ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،ۋاقىتمۇ ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كەتتى.مەن ھەر قايسى يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللەردىمۇ ئۆيۈمگە قايتمىدىم،ھەمدە كۈنمىڭدە قېلىپ پۇل يىغدىم.مەن ھەر قېتىم ئاتا-ئانامغا خەت يازغاندا ئۇلارغا مۇنداق تەسەللى بېرەتتىم:《ئاپا دادا مەن يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن،مۇئەللىمىم مېنى ھەر دائىم ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ》 دېگەندەك يالغان گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بەزلەيتتىم.مەن بەزدى چاغلاردا پەقەت پۇلۇم قالمىغان چاغدا بىر قاچا تاماقنى ئىككى كۈن يېدىم،ھەر دائىم كۈندە ئىككى موما يەيتتىم.شۇنداق بولسىمۇ مەن ناھايىتى ئىرادىلىك ئىدىم،ھەتتا ئۆز-ئۆزۈمگە:《مەن ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىمەن،مەن ئاتا-ئانامغا يۈز كېلەلەيمەن،مەن ئۆز-ئۆزۈمگە يۈز كېلەلەيمەن》 دەپ رىغبەتلەندۈرەتتىم.

ئەمما ھەر دائىم ئۇ بىر قىسىم ساۋاقداشلار ھېچ مەقسەتسىزلا مېنى مازاق قىلاتتى،بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى ئىچ-ئىچىمدىن ئۆتۈپ كېتەتتى.ئۇلارنىڭ قارىشىچە مېنىڭ كىيىنىشىم ناھايىتى غەلىتە بولغاچقىمۇ ئۇلار مېنى كۆزگە ئىلمايتتى.مەن قۇرۇلۇش ئىشلىگىلى ماڭغان چاغدا باشقىلارنىڭ مېنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتىم،بەزى چاغلاردا بىر نەچچە يۇرتداشلىرىم ۋە ياخشى ساۋاقداشلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بۇلاتتىم،بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەن بىر قىسىم ساۋاقداشلارنىڭ مېنى خورلىشىدىن ۋە غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتىم.

   ئالىي مەكتەپتە نۇرغۇنلىغان بالىلار يۈرەكلىك ھالدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى قوغلىشىدۇ،نۇرغۇن ئوغۇل بالىلار مۇھەببەتلىشىدۇ،مەن مانا شۇنداق مۇھىت ئاستىدا،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم ئوت قۇيرۇقلۇق بالىلارنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا،يۈرەكلىك ھالدا بىر پارچە خەت يازدىم،ۋە ئۇنى مەن ئۇزۇندىن بېرى ياخشى كۆرۈپ يۈرگەن قىزغا بەردىم.مېنىڭ تۇرقۇمنىڭ ياخشى بولمىغىنى،ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل يوق بولۇش ۋە ئىچ مىجەز،ياۋاش بولغانلىق سەۋەبلىك ئۇ قىز مېنىڭ خېتىمنى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئالدىدىلا پارچە-پارچە قىلىپ يۈزۈمگە ئاتتى.مەن بۇ چاغدا ناھايىتى ئازابلانغان بولساممۇ مەن زادى كىمدىن ئاغرىنىمەن،شۇنىڭ بىلەن مەن ئاخىرى مېنىڭ شارائىتىم ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدۇ دەپ ئويلىدىم ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.مەن ئاتا-ئانامغا ھەر دائىم 《ھەممە ئىش ماڭغان ئايان،مەن مۇھەببەتلەشمەيمەن،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئەڭ مۇھىم》 دەيتتىم.

   ۋاقىت ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كەتتى،ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان چاغمۇ كېلىپ قالدى.پەقەت بىر مەۋسۇمدىن كېيىنلا ئوقۇش پۈتتۈرىمەن.ھالا مۇشۇ كۈندىمۇ مەن ئۆيگە قايتمىدىم،ھەمدە يەنىلا كۈنمىڭدە تۇرۇپ قۇرۇلۇش ئىشلىدىم.بۇ چاغدا بىر قىسىم ساۋاقداشلار مەكتەپكە بالدۇر كەلدى،مەن بۇلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتىم،چۈنكى بىر قىشلىق تەتىل يالغۇز ئۆتكەندىنمۇ،جاپادىن قىلچە قورقمىساممۇ،لېكىن يالغۇزلۇقتىن قورقاتتىم.مەن ساۋاقداشلارنىڭ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قەرىت ئوينىغىنىنى كۆرگەندە ناھايىتى ھەۋەس قىلاتتىم،ئۇلار ئادەم ۋە ۋاقىتنى دەپ مېنى قارت ئويناشقا تەكلىپ قىلدى،مەن بۇ تەكلىپنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم.ئەمەلىيەتتە مەن يۇرتتا ئاندا-ساندا ئويناپ قۇياتتىم،ئەمما قىزىق يېرى شۇكى مەن ئۇلارغا قارىغاندا ئەقىللىق بولغاچقىمۇ دائىم ئۇلارنى يېڭىۋالاتتىم،بىر قىسىم ساۋاقداشلار مېنىڭ يەڭگىنىمدىن گۇمان قىلىپ،ئۇتقۇنىمىنى بىكار قىلاتتى،ئەمما مەن ئۇلارغا قىلچىمۇ جاۋاب قايتۇرمايتتىم،كىم بىلسۇن ئۇ ئۈچ كىشىنىڭ ئىچىدە باشتىن ئاخىرى بىرسى ماڭا ئوخشاش قارايتتى،مېنى مازاق قىلمايتتى. دەرۋەقە شۇ كۈنى ئۇ پاسكىنا سۆزلەر بىلەن مېنى ھاقارەتلىدى،كىشىلىك غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلدى.نەتىجىدە بۇ ئىشلار مېنىڭ ئىلگىرىكى يارامنى ئېچىپ تاشلىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى قىزنىڭ خەتنى يىرتىپ تاشلىغان ئىشلارنى تىلغا ئېلىش............قانداق قىيىنچىلىق،قانداق جاپا مۇشەققەت بولسا مەن چىداپ كېتەتتىم،باشقا كىشىلەر مېنى مازاق قىلدى مەن چىدىدىم،ئەمما بىر نەچچە بىر ئاز ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەرمۇ شەپقەتسىزلەرچە ماڭغان ھاقارەت سۆزىنى ياغدۇردى.

     ئەسلىدە بۇنداق ئۇزاق مەزگىلدىن بېرى بولۇپ كېلىۋاتقان خورلۇق،شەپقەتسىزلەرچە مازاق قىلىش ..........مەن ناھايىتى ئازابلاندىم،مېنىڭ يېشىم ئاستا-ئاستا سىرغىپ چۈشۈشىگە باشلىدى.مەن ناھايىتى قەيسەر ئىرادىلىك،مەن ئەزەلدىن قىيىنچىلىق تۈپەيلى يېڭىلىپ باقمىغان.ھەتتا بۇرۇن مېنىڭ غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلغان قىلمىشلار،شەپقەتسىزلەرچە مازاق قىلىشلار،مېنىڭ يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەي دېدى،بولۇپمۇ مەن ئەڭ ياخشى ئارىلىشىدىغان ياخشى بىلىدىغان ساۋاقداشلىرىمۇ مېنى مازاق قىلدى.مەن بۇنداق مۇھىتقا بەك تويدۇم،بەك زېرىكتىم،ئۇلار مېنى خورلىدى،ماڭا چىقىش يولى بەرمىدى،ھەمدە ئارقا قايتىشقىمۇ پەقەت يول قالدۇرمىدى.

     ئۇلار مېنى ھاقارەتلىگەندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ.ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى مېنىڭكىدىن كۆپ ياخشى،ئۇلار ھەتتا پۇل خەجلەپ قىزلارنى ئوينايدۇ،مېنىڭ ئازابلانغان قەلبىمنى قۇيىدىغان جايىممۇ يوق!مېنىڭ ئارقامغا قايتىش يولۇم يوق،مەن ئاخىرى ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم،ھەمدە ئۇلاردەك شەپقەتسىز كىشىلەردىن نامراتلارنىڭ ئۆز ئابرۇينى قوغداش ئۈچۈن قانداق قىلىدىغانلىقىنى تونۇتۇپ قويغۇم كەلدى.

    مەن ئەسلىدە بۇ خىل ھاقارەتلەرگە كۆنگەن،ئەمما بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ئۇلار ماڭغان قىلغان ھاقارىتى ناھايىتى ئېغىر كەلدى،ئەڭ ئاخىرى مەن ئاخىرقى قارارىمنى تەستىقلىدىم دە بازاردىن بىر پالتا سېتىۋالدىم ھەمدە ئۇ بىر قانچە كىشىلەرنىڭ جېنىنى ئالدىم،ۋە قېچىپ كېتىپ ھاقارەت قىلىنمايدىغان يەرگە بارماقچىمۇ بولدۇم لېكىن مەن ئۆلۈم جازاسى يولىنى تاللىدىم.

   

ماجاجونىڭ ئۈلۈش ئالدىدىكى بۇ خىتى ھەر قايسى مىكرو بىلوگلاردا ئىلان قىلىنغاندىن كيىىن بۇنى كۈرگەن باش شۇجى  خوجىنتاۋمۇ كۈز  يىشى قىلىپ كەتكەن.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 16:42:12

بىز كىچىك ۋاقىتلاردىكى بىر ئىشقۇ بۇ خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى،خۇجىنتاۋ ئەمدى بىلىپتۇدەكمۇ  \"\"

تەرجىمىسى راۋان چىقماپتۇ ئادەمنى بىئارام قىپ قويدى.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 16:45:16

ئاۋۋال بىر ئىنسان بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ،ئۇنىڭغا بەكلا ئىچىم ئاغرىدى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 16:52:35

نېمە دېگەن پەسكەش ئاۋۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى؟!!! مىھرىبانلىق، كۆيۈم شەپقەت دېگەننىڭ ئۇرۇقىمۇ يوقالغاندەك ئۇ يەرلەردە...خۇشۇجى ئاشۇ نامرات بالىنىڭ قەلبىنى چۈشۈنۈپ يىغلىغان بولسا دىلى ئۈزۈك، مىھرىبان ئادەم ئىكەن! لىكىن شۇنچە چوڭ دۆلەتنىڭ ئاتىسى بولغان ئادەم ‹‹ئائىلىسى›› دە شۇنچە ئېغىر، ئازابلىق كۈنلەرنى ياشاپ ، ھېچقانداق مىھرىبانلىققا ئىرىشەلمەي ئاخىرىدا ئىلاجسىز ئۆلۈم يولىنى تاللىغان بىر پەرزەنتىنىڭ بارلىقىنى بىلمەي قالغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ كۆز يېشى قىلغان بولىشىمۇ مومكىن!!!كىيىم-كېچەك، قورساق مەسىلىسى ھەل بولۇپ بولغىلىمۇ 10 نەچچە يىل بولغاندۇ بۇ دۆلەتتە؟!!! ئاۋۇ بالىغا ھەجەپ ئىچىم ئاغرىدى، ھەتتا يۈرۈكۈم ئاغدى. ئالىي ئوقۇللاردىكى ئاشۇ نەكەس سىتۇدىنتلارنىڭ پەسكەشلىكلىرىگە نېمە سەۋەب بولدى؟ ئوقۇتقۇچىلىرى نابابمىدۇ يا؟!!!

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 17:45:02

بەزىلەر، گۇرۇھلار نومۇس قىلىشى كېرەك... \"\"

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 17:59:01

بىز ئۇلۇغ بىر دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز. \"\"

iltirix يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 17:59:22

خوجىنتاۋ بۈگۈن يىغلىغان بىلەن ئەتىسى خوشال -خورام ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ ، ماجاجۆ دەك خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلار كۈندە يىغلاۋېرىدۇ ....

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 18:10:02

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 18:18:16

format يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 18:23:31

بۇ ئەدەبىي ئەسەرمۇ ياكى راست بولغان ئىشمۇ ، مەنمۇ تەسىرلىنىپ كەتتىم دېسە  \"\"

mux يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 18:35:31

مىنىڭ ئەزەلدىن دىنسزلارغا ئىچ ئاغىرتىش ئويۇم بولمىغان \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 18:35:31

ئارقا كۆرىنىشى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، 4 بىگۇناھ (گۇناھى بار دىگەن تەقدىردىمۇ ئۈلىشى كېرەك بولمىغان) ئوقۇغۇچىنى قەبىھ ئۇسۇل بىلەن ئۆلتۈرگەن ئەسەبىي قاتىلغا رەھىمدىللىق قىلىشقا بولمايدۇ.

ئۈزەمنى ئېلىپ ئېيىتسام،مەنمۇ بۇ ھىكايىنى ئوقىغاندا بىلەكچە بولغىنىم راسىت.

راستىنلا ھېسداشلىق قىلىمەن،ئەمما ھېسداشلىق قىلىشنىڭ،ھېسداشلىق قىلىنغۇچى قىلغان قىلمىشنىڭ چېكى بولىدۇ.

ھېسداشلىق قىلغانلىق بىلەن ئونىڭ باشقىلارنىڭ جېنىغا قەسىت قىلغان گۇناھىنى كەچۈرەلمەيمەن.

باشقىلارنىڭ گۇناھىغا ئۈزىچىلا جازا ئىجرا قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان ئىش بولسا،قانۇن نىمە ئىش قىلىدۇ؟

ئەلۋەتتە،ئاشۇ ئاجىزنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلالمىغان قانۇننىڭ مۇكەممەل بولۇپ كىتەلمىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلىمىز.ئەمما مۇشۇنداق غۇلغۇلا قوزغىغان مىسلاللار ئارقىلىق قانۇن بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ.

ھەممەيلەن بويسۇنىمىز دەپ تۈزگەن قانۇن.

بويسۇنمىغانلار جازاسىنى تارتىشى چوقۇم.





پ س

تېما ئىگىسى

توقۇلما تېمىنى نەدىن تېپىپ كەلگەن بولغىيدىڭىز؟

بۇ ئىشقا 10 يىل بولاي دىدى،بۇ بىرسى

يەنە بىرسى،مىكرو بىلوگقا بۇ ماقالىنى تۇلۇق بېسىش ئۈچۈن قانچە قېتىم يوللاش كېرەك بولىدىغانلىقىنى ھىساپلاپ باقتىڭىزمۇ؟

ئاخىرىدا،تېمىسىنى بۇنداق قويۇپ، ئاساسى يوق پاراڭلارنى ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنىڭ كۈتۈرۈپ بولالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلمىغان بولغىيدىڭىزمىكىن؟

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 19:02:52

2004 نىڭ ۋەقەسى . ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىردا ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈلمەيدىغان پسخكا مەسىلسى . زىغىرلاپ ئولتۇرىمايلى .



esma0999 غا شۇنىڭ مەيداندا تۇرۇپ مەسىلىنى ئويلىنپ بېقىڭ . ئۇ 1 ئايغا قالماي تۇتۇلغان.



ئاساسىي جەھەتتىن بۇ خەق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ پىخسىقسدا چوڭ مەسىلە بار .

daryaa يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 19:10:01

ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولىدىغان ئەمەلىيەت!...سەۋەپلەر نۇرغۇن!.....پۇقرالارنىڭ نامراتلىقى ، قانۇننىڭ ئىژتىمائى ، قانۇنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىقتىدارسىزلىقى ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپاراتلىرىنىڭ  «ئادەم»گە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ماھىيەتلىك مەسىلىلەردىكى ناباپلىقى ....،جوڭگو مائارىپىنىڭ «ئادەمدەك» ئادەم تەربىيلەشكە ئەمەس ، «مىخاينىك» ئادەم تەربىيلەشكە مايىل تەربىيەش يۈزلىنىشى....

daryaa يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 19:17:20

قىين ئەھۋال


لوڭ يىڭتەي

.....لىكىن ،قانۇن- تۈزۈم ،جەمىيەت ،شان شەرەپ ،ۋە ئەنئەنىلەرىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئەجەبا ،ئۆزى ئانچە نوپۇزلۇق «ئەرباب »بولمىسىمۇ ،قان چىقىدىغان ،يىغلىيالايدىغان ،يىقىلالايدىغان «كىشىلەر» ئۈچۈن ئەمەسمىدى ؟سىز ئېيتىپ بېقىڭچۇ .!

                                                                     ___ لوڭ يىڭتەي.






   سوقرات ئىسىملىك بىر بوۋاينى سەن بەلكىم تونىماسلىقىڭ مۈمكىن .

   70 تىن ھالقىغان ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ،ساقاللىرى كۆمۈشتەك ئاقىرىپ كەتكەن بۇ بوۋاينىڭ تۈرمىدە ياتقىنىغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى .ئەتە-ئۆگۈن پاراخوت قايتىپ كەلسىلا ،ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.بۇ كۈنى ئۇ ئەتتىگەندىلا ئويغاندى .كامىرنىڭ كىچىككىنە دەرىزىسىدىن گىرىتسىيەنىڭ سۈزۈك ئاسمىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

   ئۇنىڭ بىر پۇلدار دوستى بار ئىدى .ئۇ ،سوقرات بوۋاينى تۈرمىدىن قېچىشقا تولا ئۈندەپ ،ئاغزى قۇرۇپ كەتتى .

   -پۇلدىن غەم قىلما ،بۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بەر .قەتلى قىلىنىپ كەتسەڭ باللىرىڭغا كىم قارايدۇ ؟-دەيتتى ئۇ .

   بىراق سوقرات بوۋاي ناھايىتى جاھىل ئادەم ئىدى.ئۇ تەمكىنلىك بىلەن :

   -ئافىننا ھۆكۈمىتىنىڭ مىنى «ئىغۋا تارقىتىپ باشقىلارنى ئازدۇرغان »دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى ھەقىقەتەن نامۇۋاپىق بولدى .بىراق ،مەن تۈرمىدىن قېچىپ ئافىننانىڭ قانۇن -تۈزۈملىرىنى بۇزسام ئۇ چاغدا «ئۆزىنىڭ يولى بىلەن ئۆزى باپلىنىش» خاتالىقىنى ئۆتۈزگەن بولمامدىم ؟ بىلىشىڭ كىرەككى ،ئىككى ئەسكىدىن ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش  چىقمايدۇ .مەن دۆلەتنىڭ بىرەر تۈزۈمىگە نارازى بولغان چېغىمدا ،ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللىشىم :يا بۇ دۆلەتتىن چىقىپ كىتىشىم ،يا قانۇنلۇق ۋاستىلەر ئارقىلىق بۇ تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشىم كىرەك.بىراق ،مىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ قانۇن-تۈزۈملەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھوقۇقۇم يوق .ئافىنالىقلار مىنى قەتلى قىلسۇن!!مەن بىر ئازاپ چەككۈچى سۈپىتىدە ئۆلۈپ كىتىشكە رازىكى ،ئاسىي بولۇپ ياشاشنى خالىمايمەن .

   سوقرات بوۋاي بېشىنى ئىگىز كۆتۈردى-دە ،زەھەرنى غۇرتتىدە يۇتىۋىتىپ ئۆلدى .ئېقىپ چىققان ساپ-سېرىق زەھەر ئۇنىڭ ئاقارغان ساقاللىرىنى بۇلغىۋەتتى ....

سۇلۇ دەيدىغان يەنە بىر ئادەم بولۇپ ،يەككە- يىگانە ياشاشنى ياخشى كۆرىدىكەن .30 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ ئورمانلىقتىكى كۆل بويىغا  ياغاچتىن ئۆي سېلىپ يالغۇز تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلاپتۇ .بىر كۈنى ئۇ ئورمانلىققا گۈلخان يېقىپ كاۋاپ پىشۇرىۋېتىپ ،ئورمانلىقنىڭ يېرىمىنى كۆيدۈرۈۋەتكىلى تاس قاپتۇ .

   بىر كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا سۇلۇ سەيلە قىلىپ يۈرسە ،«باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان» دىگەن  باھانە بىلەن تۇتۇلۇپ تۈرمىگە تاشلىنىپتۇ .

   ئەسلىدە ئۇ ھۆكۈمەت باجغا دەپ يىغقان پۇللارنى ئۇرۇشنى قوللاشقا ( ئامرىكىلىقلارنىڭ مىكسىكىلىقلارنى بوزەك قىلىشىغا )،نىگىرلارنى قۇل قىلىش تۈزۈمىگە ئىشلىتىدۇ ،بۇنى ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ دەپ قاراپ ،تىز ھەم قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ،ئۆزى خاتا دەپ قارىغان تۈزۈمنى توسىماقچى بولغانكەن .

   ئۇ بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا مەردانىلىك بىلەن مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن :

   -قارىغۇلارچە بويسۇنۇش ـ ئۇچىغا چىققان نادانلىق .بۇنىڭغا ئويلىنىش كەتمەيدۇ .ئىسلاھ قىلىش يولىنى ئىزدەشكە ۋاقىت بەك جىق كىتىدۇ .ئادەمنىڭ ياشايدىغان كۈنلىرى زادى قانچىلىك ؟خۇددى يىشىل چىۋىندەك ،يەيدىغاننى يەپ بولۇپ ،«جەمىيەتنى ئۆزگەرتىمەن »دەپ ،ئەتىدىن كەچكىچە ئۇيان -بۇيان قاتراپ يۈرۈشكە بىكار ئادەم بارمۇ ؟ئىنساننىڭ بۇ پانىي ئالەمدە تۇرۇشى ياشاش ئۈچۈن ،ھەرگىز ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئەمەس .نامۇۋاپىق تۈزۈمگە تۇتىلىدىغان ئەڭ ياخشى چارە -دەرھال توسۇش .

   سۇلۇ بۇنىڭلىق بىلەن تېخى پۇخانىدىن چىقمىدى .بۇ كىچىنى تۈرمىدە خوشاللىق ئىلكىدە ناھايىتى ئارامخۇدا ئۇخلاپ ئۆتكۈزدى .ئەتىسى بىر ساخاۋەتلىك «چوڭ ئانا»ئۇنىڭ ئۈچۈن باجنى تۆلىۋىتىپ ،ئۇنى تۈرمىدىن چىقىرىۋالدى .100 يىلدىن كىيىن ،نامرات قەدىمىي شەرقتە گەندى ئىسىملىك بىر كىشى مىليونلىغان خەلىقنى نامۇۋاپىق تۈزۈملەرنى «دەرھال توسۇش»قا يىتەكلەپ ،پۇخانىدىن چىقتى .

   نىيو يورۇكتىن يېقىندا مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق بىر ئادەم چىقتى .بۇ گىس ئىدى .سېرىق رامكىلىق كۆز ئەينەك تاقاپ ،مۇلايىم قىياپەتتە ئولتۇرۇپ پىكاپ ھەيدەپ كىتىپ بارغان گىس ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن ئىسسىق سۇدا راسا يۇيۇنىۋېلىشنى ئويلاۋاتاتتى .نەلەردىندۇ تۆت نىگىر ئۇنى قورشىۋېلىپ ،ئۇنىڭدىن بەش دوللار سورىدى .نىيو-يورۇكلۇقلارنىڭ ھەممىسى بەش دوللاردىن كىيىنكىسىنىڭ ئومۇمەن كاللىسىدىن بەش تۆشۈك ئېچىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ .تۆت نىگىرنىڭ ئارىسىدىكى يۈزىدە تارتۇقى بار بىر ئەبلەخ تېخى ئۆتكەن ئايدىلا ،ياشانغانن بىر ئايالنىڭ بېشىغا تاپانچا تۇتۇپ  ئالتۇن زەنجىرىنى بۇلاپ كەتكەن ئىدى .

   ئەمما ،مۇلايىم گىس بۇنىڭغا نىمە قىلالىسۇن ؟ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ساقچى ياكى ئۇنىڭغا يۈرەكلىك ياردەم  قىلىدىغان بىرەر يولۇچى يوق ئىدى .بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ياكى سوقرات بوۋاي ئېيتقاندەك ،قانۇنغا ئىتائەتمەن ئازاپ چەككۈچى بولۇش كىرەكمۇ ؟ياكى سۇلۇ ئېيتقاندەك ،قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان قارشىلاشقۇچى بولۇش كىرەكمۇ ؟مۇنداقچە ئېيتساق ،ئۇ ئاشۇ تۆت قاراقچىدىن ئۆلگۈدەك دۇمبا ۋە نەچچە يىرىگە پىچاق يەپ ،ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كىرەكمۇ ؟ياكى ،قولىغا چىقىدىغانلىكى قورال بىلەن رەقىبلىرىگە زەربە بىرىپ ،قانۇن -ئىنتىزامنىڭ جىنايەتكارى بولۇشى كىرەكمۇ ؟

   كۆزئەينەكلىك گىس ماشىنا ئىچىدىن دەلدەڭشىپ چىقىپ :

   -ھەر- بىرىڭلارغا بەش دوللاردىن بىرەي ،-دەپلا ،ئارقا ئارقىدىن بەش پاي ئوق ئاتتى .بىر پاي ئوق يۈزىدە تارتۇقى بار نىگىرنىڭ ئۇمرۇتقىسىغا تىگىپ ،ئۇنى ئۆمۈرلۈك پالەچ قىلىپ قويدى .ئۇ تېخى ئەمدىلا 19 غا كىرگەن ئىدى .گېس بولسا ،ئۆيىدە سوتنىڭ ئۆز تەقدىرى ھەققىدە  چىقىرىدىغان ھۆكۈمىنى كۈتۈپ ئولتۇردى .

   يەنە بىر جوڭگولۇق بار ،بەلكىم سەنمۇ بىلىدىغانسەن ،ئۇنىڭ ئىسمى جاڭ شىگو ،ئۇ كىرا ماشىنىسىشا ئولتۇرىۋىدى ،نىيىتى يامان شوپۇر يولنى ئايلاندۇرۇپ ،ئۇزارتىۋەتكەننى ئاز دەپ ،ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ يەنە ئۇرىشىدۇ .ئالىي دەرىجىلىك زىيالىي،دوكتۇر جاڭ شىگو ئامالنىڭ يوقىدىن يەڭلىرىنى شىمايلاپ ،رەقىبى بىلەن كوچىدىلا تۇتىشىدۇ .

   دەل شۇ چاغدا ،قانۇن تۈزۈمگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ساقچى ئەپەندىم يىتىپ كىلىدۇ .ئۇنىڭچە سوقۇشۇش قاملاشمىغان ئىش ئىككەن .ئەگەر جاڭشىگونىڭ ئورنىدا ئۆزى بولغان بولسا ،شوپۇردىن تاياق يەپ بولۇپ ،ئاندىن «ماڭا زىيان -زەخمەت يەتكۈزدى »دەپ ،ئەرز قىلاركەن -دە !

   مۇنداقچە ئېيتقاندا ،مۇبادا بىراۋ ئۈشكە بىلەن تېشىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا ،ئۇنداقتا ھايات قالغۇچى «مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم »دەپ ،ئۆزىنى سوتقا تۇتۇپ بەرگەن بولسا تازىمۇ ياخشى بولار ئىدى .

   مەلۇم بىر تۈزۈم شەخىسنى قوغداشقا ئامالسىز قالغاندا ،شەخسنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟قانۇن- تۈزۈمنىڭ ئاساسى پىرىنسىپىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،بىر شەخسنىڭ «قانۇننى ئىجرا قىلىش» ىغا يول  قويالمايمىز .ئەگەر ھەر -بىر ئادەم گېسقا ئوخشاش ،قولىغا قورال ئېلىپ «بۇزۇق»لارنى جايلىۋەتسە ،ئەگەر ،ھەر -بىر ئادەم يىڭىنى شىمايلاپ سوقۇشسا ،بەلكىم ،ھەر-بىر ئادەم ئۆزىنىڭ  ئۆتكۈر چىشىغا تايانسا،ماسلىشالىغانلارلا ياشىسا ،ياۋايىلىق دەۋرىگە قايتىپ قالارمىز .قانۇن -تۈزۈم شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى ،ئۇ چىشى ئۆتكۈر بولمىغان ،كۆزگە چېلىقمىغان بىچارىلەرنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ .

   بىراق «قانۇننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى «شەخس» ئۈچۈن تۇرسا ،«شەخىس» نىمە دەپ دائىم «قانۇن »ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ ؟ سۇلۇغا نىسبەتەن ،ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇتلىقى شەخسلەرنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتىنى قوغداش ،بىراق ،ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتىگە ئىرىشمەكچى بولغاندا ھۆكۈمەت جازالىدى .گىسقا نىسبەتەن ،ئۇ ئۆزىنى قوغدىدى ـ«قانۇن»نىڭ مەخسىدىگە يەتتىيۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى . پەقەت سوقرات دىگەن ھېلىقى بوۋايلا  ،ئۆزىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كىچىپ ،ئۆزىنى قۇربان قىلغاچقا ،قانۇنغا تاقىشىدىغان ھىچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى .

   ئاتالمىش «قانۇن -تۈزۈم »غايەت زور ھەم ئۆلۈك رامكىغا ئايلىنىپ ،قان ۋە گۆشتىن پۈتكەن ھەر بىر ئادەمنى سولىۋالغاندا ،ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى مەخسىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولامدۇ -قانداق ؟مۇبادا بىر ساقچى ،يامان ئادەملەر پۇقرالارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ قويغاندىن كىيىن ،شۇ پۇقرا ياكى باشقىلارنىڭ ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلىشىغا يول قويسا ،كىشىلەر «مەدىنىي»لىكتە ھاماقەتلىشىپ كەتكەن بولامدۇ-قانداق ؟«مەدىنىيەت»نى ئۇنتۇپ كىتىش زادى نىمە ئۈچۈن ئىدى ؟

   شۇڭا مەن »ۋەتەننى سۆيۈش» توغرۇلۇق گەپ ئېچىشتىن بەك قورقىمەن .چۈنكى ئامما ۋەتەننى سۆيۈشتە بەك ئەستايىدىللاشقان .ھەتتا ئەسەبىيلىشىش دەرىجىسىگە يەتكەندە ،بۇ «دۆلەت»نىڭ چوڭ بىر قالپاققا ئايلىنىپ ،«ۋەتەننى سۆيۈش »تە تېخى بۇ دەرىجىگە بارمىغان نۇرغۇن ئادەمنى بېسىپ نابۇت قىلىۋىتىدىغانلىقىنى بىلىمەن .شۇڭا ،«ۋەتەننى سۆيۈش »ئۈستىدە گەپ ئچىلغۇدەك بولسا ،ئۆزۈم يالغۇز تاققا چىقىپ ،ئەخلەت تىرىشكە رازىمەن .

   مەن يەنە باشقىلارنىڭ «مەكتەپنىڭ شان- شەرىپى»دىگەنلەرنى تىلغا ئېلىشىدىن قورقىمەن .چۈنكى مۇشۇ ئابىستىراكىت رامكا تۈپەيلىدىن «گەپ ئاڭلىمايدىغان »، «تەربىيە ئۇقمايدىغان »بىرمۇنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ،ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتالايدىغانلارنىڭ مۇشۇ رامكىغا سولۇنىپ ،نەپەس ئالالمايدىغانلىقىنى ،مىدىر -سىدىر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن .

   مەن كىشىلەرنىڭ بەش ئەۋلات بىر ئۆيدە تۇرۇشتەك «گۈزەل» ئەخلاقىنى تەرغىپ قىلىشىغا تېخىمۇ تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن .كۆرۈنۈشتىكى ئاشۇنداق «ئىناقلىق» ئاستىدا قانچىلىغان تۈنلەردىكى ئۇلۇغ-كىچىك تىنىشلار ،بەربات بولغان خىياللار ،پارچىلانغان شەخس ئىرادىللىرىنىڭ ھەممىسى ئابىستىراكىت غايە ۋە ئەسلىدە شەخس ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان ،لىكىن ھەمىشە شەخسنى قۇربان قىلىدىغان تۈزۈم ئۈچۈندۇر .

   قانۇن -تۈزۈم ،دۆلەت ،جەمىيەت ،مەكتەپ -ئائىلە ،شان-شەرەپ ،ئەنئەنە قاتارلق ھەر بىر سەلتەنەتلىك ئاتالغۇنىڭ كەينىدە ئۇنىڭدىنمۇ زور ۋە نوپۇزلۇق ئۆلچەم ۋە تۈزۈم بار بولغان بولىدۇ .مانا بۇلار ھەمىشە شەخسلەردىن ئۇنى قوبۇل قىلىشنى ،ئۇنىڭغا بويسۇنىشنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ .

   لىكىن ،قانۇن- تۈزۈم ،جەمىيەت ،شان شەرەپ ،ۋە ئەنئەنىلەرىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئەجەبا ،ئۆزى ئانچە نوپۇزلۇق «ئەرباب »بولمىسىمۇ ،قان چىقىدىغان ،يىغلىيالايدىغان ،يىقىلالايدىغان «كىشىلەر» ئۈچۈن ئەمەسمىدى ؟سىز ئېيتىپ بېقىڭچۇ .!

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 21:08:37


8- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


سىز ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ باقماپسىز، ھېچبولمىسا ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە دېمەكچى، ياكى بولمىسا سىزمۇ ئاشۇ ئۆلگەنلەردەك پۇلى جىقلارنىڭ بالىسى ئوخشايسىز!


mahammat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 22:28:03

مانا بۇ دىنسىزلارمائارىپىنڭ تەقدىرى !!! ھەممىسى شۇ تەقدىردىن قۇتۇلالمىدى . ئىتىقاتسىز مائارىپ ئۇلارغا ھەققىقى ئىنسانلىقنى بىرەلمىدى . شۇڭا بالىلىرى كۆيۈمسىز ھەم رەھىمسىز . ئۆلگۈچى كۆيۈمسىز ھەم مىھرى يوقلۇقتىن ئۆلدى . ئۆلتۈرگۈچىمۇ ھەم شۇ مۇھىتتا ياشىغانلىغى ئۈچۈن ئۆلتۈردى ھەم ئۆلدى .... ئامال يوق . بۇ تەقدىر داۋاملىشىۋىرىدۇ . چۈنكى ئىتىقاتسىز داۋاملاشماقتا ، ... ئىھ ئاللاھىم مېنى شۇنداق بىر ئىتىقادلىق ئەلنىڭ پەرزەنتى قىلىپ قويغانلىقىڭغا يۈزمىڭ شۈكۈر !!!

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 22:48:53

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 22:58:15

ئەي پىچىغى ئۆتكۈر باشقۇرغۇچىلار، مۇشۇ ئەسما دېگەن خوتۇننى بىر قامىۋەتسەڭلا بولمامدۇ ، مۇشۇ خوتۇننىڭ ئىنكاسىنى كۆرسەملا توخۇ ئېتىم ئۆرلەيدۇ .

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 22:59:57

17- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭا خەنلەرنىڭ قانداقلىقىنى دەپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن ھەم گىتار چېلىشنى بىلمەيمەن، ئۇنداق چىملىقتا ناخشا ئېيتىپ يۈرگىنىممۇ يوق، مەن خىزمەت تېپىپ بولغان چاغدا ئۇيغۇر ساۋاقداشلار ئەمەس ھەتتا خەنلەرنىڭمۇ ئىچىلىرى ئاداپ كەينىمدىن غەيۋەت قىلىشىپ يۈرگەن!



ئىككىنچى ئابزاس گېپىڭىزدىن سىزدە ئادەتتىكى ئادەملەرگە خاس كاممىن سەنس مۇ يوقكەن دەپ ھېس قىلدىم، باشقا گەپ ھەقىقەتەن ئارتۇقچە!




بەت: [1] 2 3 4 5
: خوجىنتاۋنى يىغلىتىۋەتكەن ماجاجو ۋەقەسى!