zulal يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 11:08:57

8بال بورانمۇ توپ ئوينىشىمنى توسۇيالمايدۇ


يېقىندا << 8بال بورانمۇ توپ ئوينىشىمنى توسۇيالمايدۇ >> ناملىق سىنفىلىم توردا كەڭ تارالدى . مەزكۇر سىنفىلىمدا بۇ يىل 3-ئايدا تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن . سىنفىلىمدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ، 8بال بوران دەھشىتىدە جاھاننى قۇم - توزان قاپلىغان ، مەيدان سىزىقلىرى ئۆچۈپ كېتەي دەپ قالغان ، يان بايراقمۇ جايىدا جىم تۇرالماي يىقىلىپ قالغانلىقىدەك ناچار ھاۋا شارائىتىمۇ تۇرپان پۇتبولچىلىرىنىڭ توپ تېپىش قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالمىغان ئىدى ... شۇ جايدىكى دېھقانلار ، ئوقۇغۇچىلار ، خىزمەتچىلەر ، تىجارەتچىلەردىن بولۇپ يۈزگە يېقىن كىشى كوماندا تەشكىللەپ ، پۇتبولغا بولغان ساپ ئىشتىياقى تۈپەيلىدىن مانا مۇشۇ توپا مەيداندا گاھ رەقىپلەرگە ، گاھ دوستلارغا ئايلىنىپ ، دۇنيا تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ تاجىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ مەردانە ھەرىكەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلدى .

ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق ، مىرئەھمەدجان ، ئەكرەم ، بارى ، مەمەتئېلى ، پەرھاد ، يەھيا ... قاتارلىق پۇتبولچىلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك كوماندىلاردا ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ جۇڭگو پۇتبول ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە ، بۇنى مۇشۇنداق تۆۋەن قاتلامدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنىڭ ئۈن-تىنسىز ھالدا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ياراملىق مايسىلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە .

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 11:29:53

\"\" ئۈزۈلمەس قەدەملەر........................

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 12:11:17

ئادەمغۇ ئۇچۇپ كەتمەس ما توپمۇ ئۇچۇپ كەتمەسما{:136:}

mux يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 13:25:57

تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرىتقى تەنتەربىيە مەكتىپى،\"\"   كىچىك ۋاقىتتلاردا دائىم مۇشۇ يەردە توپ تىپەتتۇق،بۇرۇنقى شىنجاڭ كۇماندىسىدىكى ئەحمەتجان، ئەكرەملەر مۇشۇ يەردە يىتىشىپ چىققان.
بەت: [1]
: 8بال بورانمۇ توپ ئوينىشىمنى توسۇيالمايدۇ