Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 10:33:48

بىر ئايالنىڭ ئۇچۇر- تېخنىكا مۇلازىمەتچىسىگە يازغان خېتى[تەرجىمە]

ھۆرمەتلىك مۇلازىم،


ئۆتكەن يىلى مەن ئوغۇل دوست 5.0 پروگراممىسىنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاپ، ئەر 1.0 گە كۆتۈرگەن ئىدىم. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنلا پروگراممىنىڭ ئىجراسىدا ئېغىر دەرىجىدە ئاستىلاش كۆرۈلدى، بولۇپمۇ ئوغۇل دوست 5.0 نەشىرىدە ئىنتايىن ياخشى ئىشلەۋاتقانگۈل ۋە زېبۇ- زىننەت ئەپلىرىنى ئاساسەن قوزغاتقىلى بولمىدى.


بۇندىن باشقا، ئەر 1.0 دە رومانتىكا 9.5 ۋە قىياپەتكە ئەھمىيەت بېرىش 6.5 قاتارلىق مۇھىم بولغان پروگراممىلار قاچىلانماپتۇ. ئەكسىچە، كىشىنى بىزار قىلىدىغان خەۋەرلەر 5.0، پۇل 3.0، كالتەك توپ 4.1 قاتارلىقلار بىللە چۈشۈپتۇ.


سوقا- سۆھبەت 8.0 نىغۇ ھازىر زادىلا قوزغاتقىلى بولمايدۇ، ئۆي تازىلاش 2.6 بولسا سېستىمىنى قاتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.


مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كوتۇلداش 5.3 نى قوزغىتىپ سىناپ باقتىم، ئەمما ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى. ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟



جاۋاب خەت:



ھۆرمەتلىك خانىم،


ئالدى بىلەن شۇ نەرسە سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئوغۇل دوست 5.0 بولسا كۆڭۈل ئېچىش بولىقى، ئەمما ئەر 1.0- مۇستەقىل مەشغۇلات سېستىمىسى.  


شۇنىڭ ئۈچۈن: سېنى مېنى سۆيىدۇ دەپتىمەن. html دېگەن كوماندىنى كىرگۈزۈڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆز يېشى 6.2 نى يۈكلەڭ.


يېڭىلانغان نۇسخىدىكى پۇشايمان قىلىش 3.0 نى قوزغىتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەگەر بۇ پروگراممىلار ئەسلى لايىھەدىكى رولىنى نورمال جارى قىلدۇرسىلا، ئەر 1.0 ئاپتوماتىك ھالدا زېبۇ- زىننەت 2.0 ۋە گۈل 3.5 پروگراممىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ.


ئەمما، ئۇنتۇپ قالماڭكى، يۇقىرىقى ئەپلەرنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىۋەتسىڭىز، ئەر 1.0 سېستىمىسىنىڭ ئۆزلىكىدىنلا زۇۋان سۈرمەسلىك 2.5 ۋە پىۋا 6.1 ھالىتىگە تەڭشىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز. شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، پىۋا 6.1 ئىنتايىن ناچار پروگرامما بولۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا خورەك تارتىش بېتا نەشىرىنى سېستىمىغا بىللە قاچىلىۋالىدۇ.


ھەر نېمە قىلسىڭىزمۇ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ، قېيىنئانا 1.0 نى قوزغاتماڭ. (چۈنكى بۇ ئەپ ئارقا تەرەپتىن ۋىرۇسنى تەڭ قوزغىتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا سىستېما مەنبەسىنىڭ كونتروللىقىنى بويسۇندۇرىۋالىدۇ.)


قوشۇمچە قىلىدىغىنىم، ئوغۇل دوست 6.0 قايتا قاچىلاشقا ئۇرۇنماڭ، بۇ بىر قوللاشقا ئېرىشمىگەن پروگرامما بولۇپ، ئەر 1.0 سىستېمىسىنى بۇزىۋېتىدۇ.


يىغىنچاقلىغاندا، ئەر 1.0 ئىنتايىن قالتىس پروگرامما، لېكىن ئۇنىڭ بوشلۇق ئىقتىدارى چەكلىك،  يېڭى ئەپلەرنى ئاسانلىقچە تونۇپ، ئۆگىنىپ كېتەلمەيدۇ.


پروگراممىنىڭ بوشلۇق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئىجرا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بەزى يۇمشاق دېتاللارنى سېتىۋېلىپ سەپلەشكە ئېھتىياجلىق بولۇشىڭىز مۇمكىن، تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: تاماق ئېتىش 3.0 ۋە جەلبكار قىياپەت 7.7.


سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.





xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 11:17:46

پەچەتكەن ماۋۇ  {:92:}

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 11:18:20

ئالامەت

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 11:41:10

پرۇگىراممىرلار  توي قىلسا ماشناق ئىش \"\"    {:92:}  



«قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالىنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن چىققان Bug



مەلۇم بىرەيلەن، باشقىلاردىن ھازىر بازاردا مودا بولىۋاتقان «خوتۇن1.0» پروگراممىسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپتۇ ۋە ئۆزىدە بار «قىز دوست7.0» پروگراممىسىنى «خوتۇن1.0» گە يۇقىرىلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر بويىچە پروگراممىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋاپتۇ، بىراق پروگراممىدىكى مەسىلىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ، «خوتۇن1.0» يۇمشاق دېتالىدىن بىر قىسىم Bug(خاتالىق)لار كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇياق تېخنىك مۇلازىمغا تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە خەت يېزىپتۇ.

ھۆرمەتلىك مۇلازىمەت تېخنىكى:

مەن سىزنىڭ جىددى ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم. مەن يېقىندا «قىز دوست7.0» نىڭ نەشىرىنى «خوتۇن1.0»گە كۆتۈرگەن ئىدىم، كېيىن بايقىشىمچە، بۇ پروگرامما تاساددىپىي ھالدا پەرزەنت كۆرۈش پروگراممىسىنى قوزغىتىپ سېلىپ، زور مىقداردىكى بوشلۇق ۋە سېستىما بايلىقىنى ئىگەللىۋاپتۇ، بۇ مەھسۇلات قوللانمىسىدا تىلغا ئېلىنمىغان ئىش ئىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، «خوتۇن1.0» ئۆزىنى ئاپتوماتىك ھالدا باشقا بارلىق پروگراممىلارنىڭ ئىچىگە قاچىلىۋاپتۇ، تېخى سېستىما بىلەن تەڭ قوزغىلىپ، پۈتكۈل سېستىمىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن، شۇ سەۋەپتىن «ئەرلەرنىڭ كېچىلىك تاماشىسى 2.5» ۋە «كېچىلەپ بلوگ يېزىش 3.0» پروگراممىلىرى قوزغىلىشقا ئامالسىز قالدى، بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ پروگراممىلارنى قوزغاتقان بولساممۇ، بىراق «خوتۇن1.0» پروگراممىسى بىراقلا پارتىلاپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى…«ھەپتە ئاخىرىدىكى شېرىن ئۇيقا6.3» نى قوزغىتىپ باقاي دېسەممۇ قوزغىلالماي قاراپ تۇردى، بۇنىڭ ئەكسىچە، «يەكشەنبىلىك بازار چۆرگىلەش7.1» پروگراممىسى ئۇنىڭ ئورنىغا قوزغىلىدىغان بولىۋاپتۇ! قارىغاندا مەن «خوتۇن1.0» پروگراممىسىنى داۋاملىق ئىشلىتەلمىگۈدەكمەن، چۈنكى بۇ پروگرامما مەن ياخشى كۆرىدىغان باشقا ھەرقانداق پروگرامما بىلەن پەقەت ياخشى سىغىشالمايدىكەن، مەن «قىز دوست7.0» سېستىمىسىغا ياناي دېگەن، بىراق بۇ «خوتۇن1.0» نى يۇيۇپ تاشلاش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن، ماڭا بىر ياردەم قىلىۋەتسەڭلار بوپتىكەن.

ھۆرمەت بىلەن: ئىخلاسمەن ئابونتىڭلار XQ

سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتچى XQ نىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە خەت قايتۇرۇپتۇ.

ھۆرمەتلىك XQ:

بۇ بىر ئىنتايىن ئادەتتىكى مەسىلە ئىكەن، سىزنىڭ بۇ پروگراممىنىڭ ئاساسى پرىنسىپىغا بولغان چۈشەنچىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى بۇ مەسىلە كېلىپ چىقىپتۇ. نۇرغۇن ئەرلەر «قىز دوست7.0» نى «خوتۇن1.0» گە كۆتۈرگەندىن كېيىن، خىيالىدا «خوتۇن1.0» دېگەن بۇ پروگراممىنى بىر قوللىنىشچان ۋە كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسى دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. «خوتۇن1.0» ئەمەلىيەتتە بىر مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ، باشقا بارلىق پروگراممىلارنى خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. سىز «خوتۇن1.0» نى يۇيىۋېتەلمەيسىز، ياكى «قىز دوست7.0» گىمۇ قايتالمايسىز، چۈنكى «خوتۇن1.0» نىڭ سېستىما يادروسىدا بۇ ئىقتىدار تەمىنلەنمىگەن.

ئىلگىرى بەزىلەر «قىز دوست8.1» ياكى «خوتۇن2.0» نى قاچىلاشقا ئۇرۇنۇپ باققان، ئاقىۋەت تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر كۆرۈلگەن(قوللانمىدىكى ئاجرىشىش تۆلىمى/بالىلارنى تەربىيلەش ھەققى/ئادۋوكات ھەققى قاتارلىق پارامېتىرلارغا دىققەت قىلىڭ). مەنمۇ «خوتۇن1.0»نى قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققان، تەۋسىيەم، سىز سېستىمىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى ساقلاڭ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلىڭ.

پروگراممىدا ھەرقانداق خاتالىق كۆرۈلگەن چاغدا، مەيلى قايسى سەۋەپتىن كۆرۈلگەن بولسۇن، چوقۇم C رايون ئىچىدىكى «exe.مېنىڭ كەچۈرۈمنامەم» پروگراممىسىنى قوزغىتىڭ، ھەمدە چېكىنىش كۇنۇپكىسىنىڭ بېسىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىڭ. زۆرۈر بولغاندا «exe.مېنىڭ كەچۈرۈمنامەم» پروگراممىسىنى تەكرار بىر قانچە قېتىم قوزغىتىپ سىناڭ، تاكى ئومۇمى مەشغۇلات سېستىمىسى نورمال ھالەتكە قايتقۇچە داۋاملاشتۇرۇڭ.

«خوتۇن1.0» پروگراممىسى گەرچە بىر تۈرلۈك يۇقىرى كۈتۈنۈش تەلىۋىگە ئىگە پروگرامما بولسىمۇ، ئەمما ئادەمگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن زور. بۇ پروگراممىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، يەنە بىر قىسىم قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، «ئەتىرگۈل2.0»، «يېڭى كىيىم6.0» ياكى «ئالتۇن زەنجىر 3.0» دېگەندەك…

ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى سەمىڭىزگە سالىمىزكى، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا «كاتىپ(كالتە يوپكا نەشىرى)» يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاپ سالماڭ، چۈنكى «خوتۇن1.0» بۇ پروگراممىنى قوللىمايدۇ، ئەكسىچە بۇ پروگرامما مەجبۇرى ئورنىتىلغان چاغدا، كۆپىنچە ئەھۋالدا سېستىمىدىن ئېغىر كاشىلا كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا سېستىما قايتا قوزغالماسلىقىمۇ مۇمكىن.

ئاخىرىدا سىزنىڭ تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز!

مەنبە:http://www.torhumar.com/gf-update-wife.html




UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 12:21:39

نەشىر تۆۋەن چاغدا نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتەرگۈسى كېلىدۇ، نەشىر يۇقۇرى كۆتۈرلگەندىن كىين «يەنىلا كونا نەشىرى بولامدۇ نىمە؟» دىگۈسى كېلىدۇ. ئىھتىياج نوقتىسىدىن چۇقۇم نەشىرنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك، بولمىسا كونا نەشىرى كونا پېتى قېلىۋەرسە ئاقىۋەت ھىچ نىمىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 12:40:02

\"\"  \"\"  \"\"  \"\"

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 12:43:03

دىلرابا بىلەن ئۇچقۇچى نىم دىيشۋاتسىلە ، سىللى باشقا تىلدا پاراڭلىشۋىتىپسلەر ھە ،

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 12:55:57

\"\"  \"\" پەچەت

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 13:59:19

تويدىن كېيىنكى مۇھەببەتمۇ پەرۋىشكە مۇھتاج





مىش.  {:90:}

DILYAR717 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 14:43:24

ياخشى چىقىپتۇ ،مەيلى ئەر 1.0 گە كۆتۇرۇڭ ۋەياكى خوتۇن 1.0 گە كوتۇرۇڭ  ئەخلاق 3.0 ،ساداقەت 4.5 ،ئىشەنچ 5.0 ئانتىۋىروسلىرىنى ئىشلەتمىسە  سېستىمىدا يەنە ئېغىر كاشىلا كۆرۇلىشى مۇمكىن   {:92:}

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 18:32:43

ئايالىمغا كۆرسىتىپ قويسام ئوقۇپ چۈشۈنەلەرمۇ؟؟...

TUZCHI يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 21:17:23

تەسەۋۋۇر دىگەن با يەردە باكەن جۇما!

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-6-7 22:34:29

«قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالىنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن نىمە ئۈچۈن يۇقۇرقىدەك مەسىلىلەر كۆرىلىدۇ ؟ دىگەندە ،  بىز «قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالىنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن ،  «قىز دوست7.0» يۇمشاق دىتالىدىكى دائىمى مەشغۇلاتلارنى ( مەسىلەن ؛  «ئەتىرگۈل2.0»، « سىردىشىش 6.0» ياكى « كۆيۈنۈش 3.0» ... دېگەندەك ) «خوتۇن1.0» نەشرىدە دائىم قوزغىتىپ تۇرمىغانلىغىمىزدىندۇر .

قانداقلا بولمىسۇن ،  «قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالىنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە مۇۋەپپىقىيەتلىك كۆتۈرگەنلىگىڭىز ، سىزنىڭ بۇ يۇمشاق دىتالغا بولغان سەمىمىييىتىڭىزدۇر .

  «خوتۇن1.0»  قانداقتۇر يېڭىچە بىر يۇمشاق دىتال بولماستىن ، بەلكى ، «قىز دوست7.0»  نىڭ ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ مۈكەممەل نەشرىدۇر . شۇڭا سىز  «خوتۇن1.0»  گە  چوقۇم  «قىز دوست7.0»  گە ئوخشاش ( بەلكى ، ئۇنىڭدىنمۇ قىزغىن ) مۇئامىلىدە بولىشىڭىز كېرەك .

    {:90:}

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-8 00:22:28

خوتۇن 1.0 نۇسخسى   ----  ھەققىقى شەخسى نۇسخىسى ( ھەقلىق  دىتال  )

خوتۇن 2.0 ------------ ئاممىباپ ئىچىۋىتلگەن نۇسىخىسى ( ھەقلىق دىتال )

قىز دوست 1.0 ----------ئەڭ دەسلەپكى ئېسىل نۇسخىسى ( خوتۇن 1.0 گە كۆتۈرسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق ) (ھەقسىز دىتال )

قىز دوست 6.0 --------ھەمىبىرلەنگەن نۇسىخىسى  (ھەقسىز دىتال ).
بەت: [1]
: بىر ئايالنىڭ ئۇچۇر- تېخنىكا مۇلازىمەتچىسىگە يازغان خېتى[تەرجىمە]