ئېنگىلىزچە ئۆگۈنۈشىنى باشلىۋالدۇق
مەمۇرلىقنى قىلغىلى 7 ئاي بوپتۇ، يۇرتۇمددىن ئايرىلىپ، بۇ يەردە بىر ئۆمۈر ئىشلەۋېرىشنى لايىم تاپمىدىم، ئۆيدىكىلەر يۆتكەپ ئېلىپ كېتىمىز دېگەن بولمىسا، ئاتا-ئانامنىڭمۇ يۇرتۇمىزدا ئاز-تولا يولى بار ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ % 100 ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان بۇ ئىشقا قارىتا ساقلاپ ئولتۇرغۇچە، ئۆزۈم تىرىشىپ ئاسپىرانلىققا بېرىپ باقايمىكىن دەپ ئويلاپ ئۈلۈشكۈن كەچتىن باشلاپ ئېنگىلىزچە تەكرار قىلىشنى باشلىدىم، شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 12 كىگىچە تەكرار قىلىپ، ئەتىسى ئەتتىگەن سائەت 4 دە تۇرۇپ 7گىچە تەكرار قىلدىم، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق قىلىپ باقمىغاچقىمىكىن كۈندۈزى كاللام گارا گۇرۇڭ، ئىنكاسىم ئاستا، خىزمەتكە بەلگلىك دەرىجىدە تەسىر قىلدى، بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق تەكرار قىلىپتىمەن، لېكىن بېشىم ئاغرىپ بىئارامسىزلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن، شۇنداق بولسىمۇ ئۆگۈنۈش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن بولدىكەن، مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرساملا نەتىجە چىقىدىغاندەك ھېس قىلدىم.
1.ئىزدىنىشتىكى تىۋىپلاردىن سوراپ باقسام، داۋاملىق مۇشۇنداق ئۆگۈنۈپ ماڭسام، سالامەتلىكگە قانچىلىك تەسىر قىلدۇ؟ قانداق تەدبىرلەرنى قوللانسام سالامەتلىككە بولغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟ سالامەتلىكتىن چاتاق چىقىشتىن بەك ئەنسىرەيمەن ،چۈنكى بىر قېتىم چوڭ ئوپىراتسىيە بولغان.
2.ئېنگىلىزچە ئۆگۈنۈۋاتقان دوستلار ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ،بىر بىرىمىزگە ئىلھام بېرىپ، تەڭ ئۆگۈنۈپ ماڭساق، بولسا مۇناسىۋەتلىك كىيۇ-كىيۇ توپ نومۇرىنى ياكى نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويساڭلار، مېنى قوشىۋالساڭلارمۇ بولدۇ كىيۇ-كىيۇ نومۇرۇم 375369483
3.ئۇستازلارنىڭ ئۆگۈنۈش ئۈنۈمىنى يۇقۇرلىتىش توغرىسىدا ياخشى تەكلىپ پىكىرلىرى بولسا، ئوتتۇرغا تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلمەن.
سىز ئەگەر كومپىيوتېرنىڭ ياردىمىدە ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز مۇنۇ يۇمتالنى ئىشلىتىڭRosettaStone قېرىندىشىم ئەڭ ياخشىسى ئۈگۈنۈش ۋاقتىڭىزنى قايتا تەڭشىسىڭىز بولغۇدەك بۇنداق ئۈزىڭىزگە جاپا سالسىڭىز دەسلەپ ئۈنۈمى كۈرۈلگەندەك قىلسىمۇ كىيىن سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر يىتىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئۈگۈنۈش ئۈنۈمى ۋە سالامەتلىك بارا-بارا ئاجىزلاپ باردۇ ھەتتا سىزنىڭ رەئىسى ئەزالىرىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ .... ئىنگىلىستىلى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ كۈپۈنچىسى 130320010 مۇنۇ كوت كوت تۇپىدا مۇشۇيەرگە كىرىپ ئۇلاربىلەن پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز بۇلدۇ. ھەي،بىزلەرمۇ باشلىۋالساق بولىتى ئېنگىلىزچە ئۆگىنىشنى @lata رەھمەت سىزگە مەن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقاي Balman@ ، كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت، مەن چوقۇم دىققەت قىلىمەن، ئاۋۇ كىي-كىيۇ توپ نومۇرنى قوشۇۋالدىم. natonux@ باشلىۋىلىڭلار ئاغىنە، تەڭ ئۆگۈنەيلى
http://www.tilhumar.biz/ يادلاش،يادلاش،يادلاش يەنە بىريادلاش!!! يادلاش،يادلاش،يادلاش يەنە بىريادلاش!!! سىز ياپوندا ئوقۇپ كەلدىڭىزغۇ دەيمەن؟ joshua@ ياق، ياپونىيەدە ئوقۇغۇدەك مادار يوق، خاتا تونۇۋالغان ئوخشايسىز، مېنىڭ بۇ ئىسىمىمنى بۇرۇن باشقىلار ئىشلەتكەنمۇ ياكى قانداق ئىشكىن تاڭ، بىر قانچە تورداش سىزچە ئوخشاش سوئال سورىغانتى ھەي ، مەنمۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىمنى ئۆزگەرتىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلىسام ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بىرىشتىن باشقا مۇۋاپىقراق يول تاپالماي ، ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلىۋالغان. نۆلدىن باشلىدىم. ھازىر ئاساسلىقى « يېڭى ئوقۇم ئنگلىز تىلى» نى ئاساس قىلىپ ، كومپىيوتىر ، ئالمامدىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىۋاتىمەن.(ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك كومپىيوتىر ۋە ئالمام ئۈچۈن ئىككى دانە يۇمشاق دېتالنى 50 سومغا سېتىۋالدىم. ) تاشپاقىدەك بەكلا ئاستا . بىر ئايدا ئاران 10 دەرس ئۆگىنىپتىمەن.
سىز ھەققىي باشلاپسىز ، مەن كۈندە بىر سائەت ئۆگىنىشنى ئۆزۈمگە ئۆلچەم قىلغان. سىزگە قارىغاندا مەن« ئۆگەندىم » دەپ ئۆزۈمنى ئالداپ يۇرىۋاتقان ئوخشايمەن.
تىل ئۆگىنىش دېگەنگىغۇ زادى سىزدەك باشچىلاپ كىرمىسە بىرنېمە قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۆگىنىش جەھەتتىن سىزدىن ئۆگەنسەم بولىدىكەن. ئاشۇنداق كىرىشمىگىچە زادى بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەمما سالامەتلىككە دىققەت قىلىڭ ،گېپىڭىزگە قارىغاندا ،سىز كۈندە 4~ 5 سائەتلا ئوخلاۋاتقان چىراي ، ئارام ئېلىشمۇ مۇھىم، تەن ساق ، سالامەت بولغاندىلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بۇلدۇ.
سىزنىڭ جاسارىتىڭىزگە راستىنلا قايىل بولۇپ قالدىم. ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنەرمىز . كوت كوت نۇمۇرۇم : 184781160
مەندەك نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنگەنلەر ئۈچۈن بىر ياخشىراق ئۆگىنىش ئۇسۇلى تۇنۇشتۇرۇپ قويۇڭلار،زادى ! ئېنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بىر ياخشى دېتال 奇迹英语智能记忆系统، مەن ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، سۆزلۈك ئۆگۈنۈشكە بەك باپ كېلىدۇ. 2013 -يىلىقى ئاسپىرانلىققا ئىمتىھان بېردىغانلار ئۈچۈن بىر كىيۇ-كىيۇ توپىنى قۇردۇم، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغان بولساق ياخشى بولاتتى. نومۇرى :242475111 بۇنداق قىلسىڭىز ھېرىپ قالىسىز ، مىنىڭمۇ بىشىمدىن تولا ئۆتكەن ، تىل ئۈگىنىشتە ئالدىراقسانلىق ياخشى ئىش ئەمەس ، تىل ئۈگىنىش ئىنتايىن سەۋىرچانلىق ۋە ئىزچىللىق تەلەپ قىلىدىغان ئىش ... ياخشى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇڭ ،ئىككى ئاي ئۆتكەندە قالتىس ئىلگىرلەپ كەتكىنىڭىزنى بايقايسىز ،ئۇيقىغا چىدىغان بولسىڭىزلا بولىدۇ ،ياپونلارمۇشۇنداق ئاز ئۇخلاپ جىق ئىشلەپ يەنە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈرنى شۇلار كۆرىدىكەن،ماسلاشتۇرۇپ قىلىسىڭىزلا بولىۋېرىدۇ . بەلگە.