گۈلنىساغا ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى!
ھايات ئەنە شۇنداق ، بۈگۈنى تايچاقتەك تاقلاپ يۈرگەن گۈدەكلەر بىر كۈن ، بىر سائەت ،ھەتتا بىر مىنۇت سەۋەبى بىلەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك ئېغىر كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ، كىسەل كارۋىتىدا غەيرەت بىلەن جان تالىشىدۇ .كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى ، بىر جاننىڭ ھايات-ماماتىغا تاقىلىپ تۇرغان مۇشۇنداق جىددى پەيتتە ، ئىقتىسادى ئەھۋالنىڭ يىتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلەشكە ئىلاجسىز قالىدۇ . شۇ سەۋەبلىك جەمئىيىتىمىزدىكى پەرىشتە سۈپەت ئاپاش، ئاچا-سىڭىللار ، خىزىر سۈپەت داداش ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇشىغا مۇھتاج بولىدۇ گۈلنىسا مەمەت ،17 ياش ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 69-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىق 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 08:30 لار ئەتراپىدا تۇيۇقسىز قاتتىق يۆتىلىپ ،قىززىغان ، ھەمدە زۇكامنىڭ ئالامىتى ئوخشايدۇ دەپ زۇكام دورىسى ئىچكەن ،ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ ،يەنى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى قىز يۆتىلىپ قان تۈكۈرگەن ، بۇنى كۆرگەن ياتاقداشلىرى قىزنى يۈدۈپ نەنخۇ 2-دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ، بىراق ياتاق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئېلىپ چىقىپ كىتىلىگەن . 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىداۋەن دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتىلگەن ، دوختۇرلار ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ،گۈلنىساغا ئۆپكىدە ئىششىق بار دەپ دىئاگىنوز قويغان . گۈلنىسانىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ ، گۈلنىسانىڭ ئاكىسى ، گۈلنىسا ، ۋە ئاپىسى ئۈچ جان بىللە تۇرىدۇ .ئاكىسى ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ ، ئاپىسى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ تاپقان ئازغىنە پۇل بىلەن ئۆينىڭ ئىقتىسادىنى قامداپ كەلگەن ، ئىككى ئاي بۇرۇن ئاپىسى ئىش داۋامىدا مەشكە يېقىلىپ كىتىپ قورساق ۋە پۇتى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن ، ئاپىسى داۋالىنىپ تولۇق ئەسلىگە كەلمەيلا قىزنىڭ كىسىلىنى بىلگەن ، ئانىلار ئەنە شۇنداق شەخسىيەتسىز ئىنسان ، قىزىنىڭ داۋالىنىشىنى كۆزدە تۇتقان بۇ ئانا تولۇق ئەسلىگە كەلمەيلا بالنىستتىن چىقىپ بار كۈچى بىلەن قىزىنى داۋالاتقان ، قىسقىغىنا ئون كۈن ئىچىدە پۇلغا يارىغۇدەك مۈلۈكلىرىنى ، ئۆيلىرىنى سېتىپ قىزىنىڭ داۋالىنىش راسخوتىنى تۆلىگەن بولسىمۇ ، شۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ئىقتىسادنىڭ يار بەرمەسلىگى تۈپەيلىدىن ، گۈلنىسانى بالنىستتىن ئېلىپ چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان. گۈلنىسا دوختۇرخاندىن چىققاندىن كىيىن ، ئاپىسى بار كۈچى بىلەن قىزنى ياخشى ئۇزۇقلاندۇرغان بولسىمۇ ، قىزنىڭ چىرايى كۈنسىرى سارغىيىپ ، نەپەس يىتىشمەسلىك ، يۈرەك سوقۇشى نۇرمالسىزلىشىش ، بۇرنى قاناش ، يۆتەلگەندە قان تۈكۈرۈش ئالامەتلىرى بارغانچە ئېغىرلىشىشقا باشلىغان . بىر ياخشىىلىق ئۇنتۇلماس ،بىر يامانلىق دېگەندەك ، جەمئىيىتىمىزدىكى ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن گۈلنىسا 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۆكرەك كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كىلىنگەن ، بالا كەلسە قوش كەپتۇ دېگەندەك ، بۇ ئوماق سىڭلىمىزنىڭ تەكشۈرۈشتىكى دىئاگىنوز نەتىجىسى كىشىنى چۆچۈتكەن . دوختۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە گۈلنىسانىڭ كىسىلى ئېغىرلىشىپ ، ئۆپكىسىنىڭ بىر تەرەپى پۈتۈنلەي كاردىن چىققان بولۇپ ، ئىششىق ھەتتا يەنە بىر تەرەپىگىمۇ ئۆتكەن ،ئۆپكىدە تۆشۈكچە شەكىللەنگەن .جىددى ئوپراتسىيە قىلمىسا قىزنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىدىكەن . مۇشۇ ۋەزىيەتتە گۈلنىسانى ئوپراتسىيە قىلىپ ئۆپكىسىنىڭ بىر تەرىپىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋەتمەكچى بولغان ،بىراق كىر-قات يۇيۇپ تاپقان ئازغىنە پۇل بىلەن ئائىلىسىنى قامداپ ، ئىككى بالىنى ئوقۇتۇۋاتقان بۇ كىسەلچان ئانا ئوپراتسىيە ھەققىنى تاپشۇرالماي كۆزلىر ئاچچىق ياشقا تولغان ، ، ئانا يىغلىسا دۇنيا يىغلايدۇ . ئەلۋەتتە ئانىنىڭ يىغلىشى ئورۇنسىز ئەمەس ، ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارىسىنىڭ ئۆلۈم بىلەن جان تالىشىپ ،كۈنسىرى ساماندەك سارغىيىۋاتقان چىرايى ، ئۈمۈدسىزلەنگەن كۆزلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە قانداق بىر ئانا چىداپ تۇرالىسۇن ؟! قانداق بىر ئانا ياش تۆكمەي تۇرالىسۇن؟!!! ئانا ئەمەس ،قىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەن،ئاڭلىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ يۈرىكى قانداقمۇ تىترىمەي ،قىزغا ھېسداشلىق قىلماي تۇرالىسۇن ؟!!! ساخاۋەتنىڭ چوڭى –كىچىكى بولمايدۇ ، ياخشىلىققا ياخشىلىق ، قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىغان شەخس،شىركەت، ئورگانلار بەس-بەس بىلەن قىزنى يوقلاپ كىلىپ ئۆزىنىڭ ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇشتى ،ئارىلىق يىراق بولۇش تۈپەيلىدىن كىلىشكە ئامالسىز قالغان ئاقسۇدىكى ھۆسنىگۈل شىركىتىمۇ ۋاستە ئارقىلىق قىزغا ساخاۋەتلىك قولىنى سۇندى. شۇڭا ھۆرمەتلىك ئاكا-ھەدە ، ئاچا-سىڭىل ،قېرىنداشلار ، كىسەل كارۋىتىدا ئەجەل بىلەن جان تالىشىۋاتقان بۇ سىڭلىمىز گۈلنىسانىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى..
كارتا گۈلنىسانىڭ ئاپىسىنىڭ نامىدا ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى:15099547675ــــ پاتىگۈل تۆمۈر帕提古丽·铁木尔 (گۈلنىسانىڭ ئاپىسى ) ئادرىسى: ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۆكرەك كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بالنىست بىناسى ب رايۇن ، 4- قەۋەت 12- كارىۋات.
يۇقارقى ئۇچۇرلارنىڭ راستلىقىغا رەسىم ۋە ئىسپاتلاردىن باشقا مىسرانىم تورى تولۇپ كېپىل بولالايدۇ! مەزكۇر مۇراجەتنامىنى كۆپرەك تورلاردا تەشۋىقات قىلىپ يوللاپ قويساڭلار. |
تەۋسىيەرىم :
goodluck قوشۇلىسا ، ئىزدىنشتكى بالىلار پۇلنى بىۋاسىتە شۇنىڭغلام ئۇرۇپ . بىللە بارالغۇدەكلەر بىللە بېرىپ كەلسە .
بۇ ھەم ئىزدىنشقمۇ ئېلان ... قېنى سىلەر بىر يىغىلىپ بېقىڭلار!مېنىڭمۇ ئاتىغىنىم بار،سىلەردىن خەۋەر بولسىلا مەن يەتكۈزۈپ بېرىمەن،گەرچە جىق بولمىسىمۇ تۇنجى نۆۋەتلىك قولۇمغا تىگىدىغان قەلەم ھەققىم ئىدى،مۇشۇنداق ساۋاپقا ئاتىسام ھاردۇقۇم چىقىدىغاندەك قىلىدۇ. يىغىلىپ يوقلايدىغان ئىش بولسا تەڭ بارايلى، بولمىسا ئاتىغىنىمىزنى كارتىغا ئۇرۇپ بەرسەكمۇ بولىدۇ @goodluck ماۋۇ تېمىغا قاراپ قويۇڭلا
تەڭ باساقمۇ بولىدۇ بولمىسا
يېزا ئىگلىك بانكىسىنىڭ كارتا نۇمرى بارمۇ دەپ بەرسەڭلار،ياكى goodluck قوشۇلىسا ئىزدىنشتكى بالىلار پۇلنى بىۋاسىتە شۇنىڭغلام ئۇرۇپ بەرسەك. بىللە بارالغۇدەكلەر بىللە بېرىپ يوقلاپ كەلسە 帕提古丽·铁木尔6222023002018519010
سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىغا موشۇ بويىچە تور بانكىسىدىن ئىككى قېتىم پۇل ئۇرسام مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى.
توردىن پۇل ئۇرماقچى بولغانلار موشۇنىڭدىن پايدىلىنىڭلار، چېكىت پەشلىرى ئۇيان-بۇيان بولۇپ قالسا پۇل كىرمەي خاپا قىلىدىكەن بولمىسا. ئالدىنقى قېتىم توردا مەشغۇلاتنى خاتا قىلىپ يوتكىيەلمىگەنتىم ، بىراق بۇ قېتىم غەلبىلىك بولدى . شۇنداق قىلىپ توردا پۇل يوتكەشنى ئۇگۇنىۋالدىم. سلەرگە قايسى خىل ئۇسۇل قولايلىقكىن؟ مەندە ئالىپاي، بانكا كارتىسى ۋە نەق پۇل قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئامال بار.
ئالىپاي: kainam12@163.com ئىسمى 安外尔.艾麦尔 دەپ چىقىدۇ.
بانكا كارتىسى، قۇرۇلۇش: 285 1715 3030 0045 6227 安外尔.艾麦尔
يېزا ئېگىلىك:817 5939 9067 4808 6228
سودا سانائەت: 0825 4667 2000 4270
پۇل سالغاندىن كېيىن 13579833315 نومۇرغا ئۇچۇر قىلىۋېتىشنى قەتئى ئۇنۇتمىغايسىزلەر!
بىللە يوقلاپ كېلىش نىيىتى بارلار ۋاقتىنى كېلىشىڭلار، بىللە بارايلى. مېنى يۇقاردىكى نومۇر بىلەن تاپالايسىلەر، تېلفوندا توكلا بولسا 24*7 سائەت ئوچۇق.
ئاخىردا پۇل سالماقچى بولغان بارلىق قېرىنداشلارغا شۇ ئاغىرىق سىڭلىمىز نامىدىن ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. كېسەلنىڭ دەردىنى كېسەل بۇپ باققان، پۇلنىڭ دەردىنى قەرز بۇپ باققانلار بىلىدۇ!!!! ئالاھ ئېگەمدىن بۇ ئوماق سىڭلىمىزڭنىڭ بالدۇرراق كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلۇپ ئوقۇش ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تېلەيمەن!!! قېنى دوستلار تاما-تاما كۆل بۇلار دەپكەن!! قانچىلىك ئاتىيالىساق شۇنچىلىكنڭ ئاتايلى ،بىر ئادەم 10 يۈەن ئىئانە قىلسا 1000 ئادەم 10000يۈەن 10000 ئادەم 100000 يۈەن.... مۇشۇ ئېنتېرنېتقا چىقىدىغان ئادەم كۆپ بولسىمۇ مانا مۇشۇنداق ئىشلارغا بەك بەك پايدىسى بۇلدىكەن....مۇشۇنداق خەۋەرنى كۆرگەن 10 ئادەمنىڭ 5 نەپىرى پۇل ئىئانە قىلسىمۇ ،مەزكۇر سىڭلىمىزنڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئازدۇر-كۆپتۇر يەڭگىللەيدۇ.......بۇنداق پۇرسەت كېلىۋەرمەيدۇ دوستلار قېنى ئاتلىنايلى ،ساۋاب ئىشنى ئىزدەپ قىلىش كېرەك ئالدىمىزغا ئۆزى كەلسىمۇ قاراپ تۇرساك بولماس!!!!
8- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سلەرگە قايسى خىل ئۇسۇل قولايلىقكىن؟ مەندە ئالىپاي، بانكا كارتىسى ۋە نەق پۇل قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئامال بار.
ئالىپاي: kainam12@163.com ئىسمى 安外尔.艾麦尔 دەپ چىقىدۇ.
بانكا كارتىسى، قۇرۇلۇش: 285 1715 3030 0045 6227 安外尔.艾麦尔
يېزا ئېگىلىك:817 5939 9067 4808 6228
سودا سانائەت: 0825 4667 2000 4270
پۇل سالغاندىن كېيىن 13579833315 نومۇرغا ئۇچۇر قىلىۋېتىشنى قەتئى ئۇنۇتمىغايسىزلەر!
بىللە يوقلاپ كېلىش نىيىتى بارلار ۋاقتىنى كېلىشىڭلار، بىللە بارايلى. مېنى يۇقاردىكى نومۇر بىلەن تاپالايسىلەر، تېلفوندا توكلا بولسا 24*7 سائەت ئوچۇق.
ئاخىردا پۇل سالماقچى بولغان بارلىق قېرىنداشلارغا شۇ ئاغىرىق سىڭلىمىز نامىدىن ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن.
ھىلى سىلىنىڭ كارتىغا 200 يۈئەن سىلىۋېتەي. ئاللاھ ھەممىمىزگە ساقلىق ئاتا قىلغاي، پەرزەنتلىرىمىزنى ئامان-ئېسەن چوڭ قىلغىلى نېسىپ ئەتسۇن!
8- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىلمېنىڭ بانكا كارتام ۋە ئالىپاي ھېسابىمغا پۇل ماڭغۇزغان قېرىنداشلارغا ھۆرمەت!
شۇنداق قىلىپ قاچان باردىغان بولىۋاتىمىز؟

@xahla91 شەنبە كۈنى بارساق بولامدىكىن، ئاڭغىچە پۇل سالىدىغانلار سېلىپ بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەچچە كۈندە مېنىڭ ئىشىم سەل جىق تۇرىدۇ.
12- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خوپ
12- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خوپ![]()
8- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سلەرگە قايسى خىل ئۇسۇل قولايلىقكىن؟ مەندە ئالىپاي، بانكا كارتىسى ۋە نەق پۇل قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئامال بار.
ئالىپاي: kainam12@163.com ئىسمى 安外尔.艾麦尔 دەپ چىقىدۇ.
بانكا كارتىسى، قۇرۇلۇش: 285 1715 3030 0045 6227 安外尔.艾麦尔
يېزا ئېگىلىك:817 5939 9067 4808 6228
سودا سانائەت: 0825 4667 2000 4270
پۇل سالغاندىن كېيىن 13579833315 نومۇرغا ئۇچۇر قىلىۋېتىشنى قەتئى ئۇنۇتمىغايسىزلەر!
بىللە يوقلاپ كېلىش نىيىتى بارلار ۋاقتىنى كېلىشىڭلار، بىللە بارايلى. مېنى يۇقاردىكى نومۇر بىلەن تاپالايسىلەر، تېلفوندا توكلا بولسا 24*7 سائەت ئوچۇق.
ئاخىردا پۇل سالماقچى بولغان بارلىق قېرىنداشلارغا شۇ ئاغىرىق سىڭلىمىز نامىدىن ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن.
سودا-سانائەت بانكا ھېساباتلىرىغا 200 يۈئەن خەلق پۇلى يوللاندى. ۋاقىپ بولۇپ قالغايلا!
@birzat سائەت 11 بىلەن 12 نىڭ ئارلىقىدا كەلگەن 200 كوينى سىلى سالغان بولسىلا، تاپشۇرىۋالدىم. ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.پايپال ئادرىس بولسا ياخشىتى بىزگە
16- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@birzat سائەت 11 بىلەن 12 نىڭ ئارلىقىدا كەلگەن 200 كوينى سىلى سالغان بولسىلا، تاپشۇرىۋالدىم.
نەخ شۇ. ئالىپپاي مۇنداق ئۇچۇر چىقىرىپ تۇرىۋالدى.
2012年6月7日1:00-4:00期间,快捷银行优惠活动暂时关闭,无法参与活动,给您带来的不便,敬请谅解!
ئەتە چوقۇم كۆڭلۈمنى ئىپادىلەيمەن...
بەت:
[1]
2