malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 13:57:38

ياۋورپا لوڭقىسى توغرىسىدا پاراڭلاشمامدۇق





   ئالدىمىزدا يەنى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبولمۇسابىقىسى تۇرۇپتۇ ! ياۋروپا لوڭقىسىمۇ دۇنيا لوڭقىسىغا ئوخشاشلا 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان يۇقىرى تېخنىكىدا ئېلىپ بېرىلىرىغان دۇنيادىكى ئەڭ قىززىيدىغان مۇسابىقىلەرنىڭ بىرسى،شۇنداقلا بىرازىليە بىلەن ئارگىنتىنا بولمىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى ،شۇڭا بىزگە ۋە نورغۇن كۆرۈرمەنلەرگە ھاياجان ئىلىپ كىلىشى ئىنىق .


      ئاساسلىق ئادەملەردىن ئايرىلغان ھۇجۇمچلار ئىپادىسىنى تاپالمايۋاتقان ئىسپانىيە كوماندىسى داۋاملىق ياۋورپانىڭ شاھلىق ئورنىدا تۇرالامدۇ؟ لىف باشچىلىقىدىكى گىرمانلارنىڭ ياشلاردىن تۈزۈلگەن تانكىلىرى شاھلىق ئورنىغا تەھدىد ئىلىپ كىلەلەمدۇ؟ نىدىرلاندىيلىكلەر پۈتۈن ياۋورپانى ئاپلىسىن رەڭگە بويالامدۇ؟ ئىپادىسىنى تاپالماي كېلۋاتقان قىرانسىيە كوماندىسى،سەتچىلىككە ئارلىشىپ قالغان ئىتالىيە كوماندسى،ھالاكەت گۇرپىسىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى ئەزەلدىن داڭلىق چولپانلار ئۈزۈلمەي كىلۋاتقان ئنگىلاد كوماندىسىى قاتارلىقلارنىڭ ئاتلىرى قەيەرگىچە چاپالايدۇ ؟.


   ئەمدى نەق گەپكە كەلسە بۇ قىتىملىق مۇسابىقىنىڭ كۆرۈرمىنى سالاھىيىتىڭىز بىلەن سىز بۇ مۇسابىقىنىڭ قايسى تەرەپلىرىگە بەكرەك قىزىقىسىز؟ قايسى نۇقتىلىرى بىزنىڭ كۆرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ؟





گۇرپىغا ئايرىلىش ئەھۋالى



A:پولشا ،گىرىتسىيە ،رۇسىيە چېخ


B:گوللاندىيە،دانىيە،گىرمانىيە،پورتۇگالىيە


C: ئىسپانىيە،ئىتالىيە،كىرودىيە،ئىرلاندىيە


D:ئوكرائىنا،شېۋىتسىيە،ئىنگىلاد،فىرانسىيە



iksak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 14:56:10

يەنە شۇ ئىسپانلار سوراپ قويامدىكىن دەيمەن. ........توخىماي پاسلىشىپلا مۇسابىقە ۋەزىيىتىنى كونتىرول قىلىۋالىدۇ.رەقىبى بىلىپ-بىلمەي،ئۇلارنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ كىتىدۇ.خۇددى بارسىلوناغا ئوخشاش.

erkinqush يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 15:05:46

بۇ قېتىم تۈركىيە بارمۇ يوقمۇ ؟

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 15:07:45

2- قەۋەتتىكى erkinqushنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ قېتىم تۈركىيە بارمۇ يوقمۇ ؟


تۈركىيە يوق

taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 15:14:45

گىرمانىيە تانكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ قويامىكىن دەيمەنغۇ؟ ئالى مەكتەپتە ياتاق بىناسىنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ كۆرۈپ كەتكەن، ھازىر ئۇنچىلىك قىزىقىشلار قالمىدۇ جۇمۇ. تۈركىيە كىرگەن بولسىغۇ يانا قىزىقىشىمىزغا قايتىدىن ئوت تۇتىشاتتى، ئەپسۇس كرودىيەگە ئۆچ ئېلىش پۇرسىتى بېرىپ قويدى ئەمەسمۇ.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 15:26:33

مەن تۈركىيە كوماندىسىغا ئۇتۇق تىلەيمەن !

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 15:31:00

تۈركىيەنىڭ مەنمۇ كىرىشىنى شۇنداق ئۈمىد قىلغان، ئەپسۇس كىرودىيلىكلەر ئۆچىنى ئىلۋالدى ،گۇرپپا مۇسابىقسىدىمۇ ئاز قالغانتى ئۈچىنجى بولۇپ قالغىلى تۈرۈكلەر ،قازاقلار ۋە ئەزەربەيجانلار بىلەن ئوينىغاندا بەك ناچار ئوينىغان

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 15:46:28

كىم چىمپىيون بولىشىدىن قەتئى نەزەر،مەن گوللاندىيە پۇتبولىدىن ھوزۇرلىنىدىكەنمەن \"\"

بۇ قېتىم ئىتالىيە لوڭقا كۈتۈرىدىغاندەكلا بىلىنۋاتىدۇ

نىمىشقىكىن،بىلمىدىم

تۇيغۇم بولسا كېرەك

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 16:02:06

ماڭا گىرمانىيە لوڭقا كۆتۈرىدىغاندەك بېلىنىۋاتىدۇ.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 16:13:11

تېلېۋوزۇرۇمدا تەنتەربىيە قاناللىرى چىقمايدۇ، توردا بىۋاستە كۆرۈش ئادېرىسلىرى بولسا (سۈزۈك) قالدۇرمامسىلە، تورۇم 4 مىگابايتىلىق تور.

koragan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 16:42:36

ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،دەپ يىزىپ بولۇپ،لەمپارد نىڭ يارلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانلىقى ئىسىمگە كەلدى.

گوللاندىيە كوماندىسىنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 16:48:54

گېرمانىيە، ئېنگىلاند، گوللاندىيە، ئىسپانىيە مۇشۇ تۆتى سوراپ قويىدۇ يەنە. فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى ئەمەس. پورتۇگالىيەدە رونالدو بار بولغان بىلەن قالغان ئەزالارنىڭ تېخنىكىسىنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇ پىپى، كونتىروۋ، مېرىلىس قاتارلىق ئەزالار بىر ئاز ئىشەنچلىك. ئىتالىيە كوماندىسى ساختا پۇتبول سەتچىلىكىگە چىتىلىپ قېلىپ سۇئال-سوراق باشلىنىپ كەتتى. ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنچىنى قويمىدى بۇلار.

گىرمانىيەنىڭ ئاساسلىق ئەزالېرى بۇ يىل ئۈچ مۇسابىقىدە كۈمۈش مىدال ئالغان بايرىن كوماندىسىنىڭ ئەزالېرى. ئۈچ قىتىملىق چىمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ بەك ئەلەم بوپ كەتتى بۇلارغا...{:92:}

ئېنگىلاندتا لەمپارد بىلەن كاخل يارلاندى. رۇنى دەسلەپكى كىچىك گۇرۇپپىغا قاتنىشالمايدۇ. ئېنگىلاند گۇرۇپپدىن چىقىۋالسا ئىش تېرىيدۇ. ئېنگىلاند تېخى بۇ لوڭقىغا ئېرىشىپ باققىنى يوق. شۇڭا بۇ لوڭقىغا ئېرىىشش ئارزوسى بەك كۈچلۈك.

گوللاندىيە ئالدىنقى قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ ئىپادىسى بەك ياخشى بولغان. بۇلۇپمۇ ۋانپېرس، روبىن، سىنېيدېرنىڭ ئىپادىسى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولىۋاتىدۇ.

ئىسپانىيەدىن ۋېللا يارلاندى. توررېسنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر. لېكىن ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزالېرىنىڭ تېخنىكىسى ياخشى، ھەممىسى دىگۈدەك دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كۇلۇبلاردا توپ تىپىدۇ. ئىسپانلار لوڭقىنى يەنە بىر قىتىم ئېلىپ قىلىشى مۇمكىن.

ئېنگىلاندنىڭ يىڭىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئەنسىرمەڭ ۋەيرانى ۋاقتى كەلگەندە تەڭ كۆرىمىز...

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 16:57:23

10- قەۋەتتىكى koraganنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،دەپ يىزىپ بولۇپ،لەمپارد نىڭ يارلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانلىقى ئىسىمگە كەلدى.

گوللاندىيە كوماندىسىنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ


ئىنگىلاد كوماندىسى دەڭ ،لەمپارد يوق ،تۈنۈگۈن كاخىل يارلاندى ،رۇنى ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدۇ تېخى ما يىڭى تېرنىر لىۋىرپولنىڭ ئادەملىرنى ئىلىۋەردى كاغا كەلمەسلەر،گۇرپىدىن چىقىش مۈشكۈل


مەنغۇ پورتۇگالىيەنى لوڭقا كۆتەرسىكەن دەيمەن ،AQ چە ئويلاپ قالمىغاندىمەن ھە؟\"\"


ھازىرچە گۇرپىدىن چىقىشنى ئۈمىد قىلغاچ تۇراي




malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 17:04:27

2006-يلى تېلفۇن ۋەقەسىدىكى ئىتالىيە چېمپىيۇن بولغان ،بۇ يىلمۇ يالغان توپ ۋەقەسى يۈز بەردى، 82 يىلمۇ چېمپىيۇن بولغان ۋاقتىدا شۇنداق سەتچىلىك يۈز بىرىپتىكەن،شۇڭا ئىتالىيەنى ھەرگىز بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 17:08:18

پورتۇگالىيە تۈركىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئىپادىسى بەك بەكلا ناچار . ھالاكەت گۇرۇپپىسىدا گوللاندىيە، گېرمانىيە بىلەن بىر گۇرۇپپىدا. شۇنداقتىمۇ پورتۇگالىيەنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. پىپى، مېرىلېس، رونالدو پورتۇگالىيەنى ھالاكەت گۇرۇپپىسىدىن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 17:14:42

9- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېلېۋوزۇرۇمدا تەنتەربىيە قاناللىرى چىقمايدۇ، توردا بىۋاستە كۆرۈش ئادېرىسلىرى بولسا (سۈزۈك) قالدۇرمامسىلە، تورۇم 4 مىگابايتىلىق تور.

سەن ھېلىقى ۋەيرانىمۇ يا قايسى ۋەيرانى؟


www.zhibo8.com غا قارىغىن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 17:24:00

ئۇقتۇرۇش: http://www.zhibo8.cc/ نى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ http://www.zhibo8.com/تاساددىبى ئېچىلمىغاندا.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 17:36:39

پورتوگالىيەنىڭ بورتو كوماندىسىنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى بوپ قالىدۇ.شۇنىڭدىكى ياش ئەزالارنى ئىشلەتسە،نەتىجىسى سەل ياخشى بولىشى مومكىن.

ئەمما چىمپىيون بولالىغىدەك كوماندا ئەمەس.رونالدۇ بار بولسا بەلكىم بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئارتۇق ئۇتار.پىپى بولسا يەنە رونالدو بار بولۇپ ئارتۇق ئۇتقان يېرىنى يوق قىلىدۇ.

شۇنداق بولسا رونالدو بىلەن پىپى بارلا بولسا كوماندىنىڭ نەتجىسى يوق بىلەن ئانچە جىق پەرىقلەنمەيدۇ. \"\"



گوللاندىيەدىكى ۋانپېرىسقا ئىشەنچىم يوق

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 17:44:48

ئۇغۇ شۇ. پىپى قوپال ھەركەت ئىشلىمىسىلا مەيداندىكى ئورنىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كىتەلەيدۇ. بوسىڭۋانى ئالماپتۇغۇ بۇلار.

ۋان پېرس ئارسىنالدىكىدەك ئېچىلىپ ئوينىسا گوللاندىيە بوزەك بولمايدۇ باشقىلارغا.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-4 18:48:08

گوللاندىيە ھالاكەت گۇرۇپپسىنىڭ دائىملىق ئەزاسى، گوللاندىيە پۇتپولچىلىقىدىن ھۆزۇرلىنىمەن، ماڭا ئۇلارنىڭ لوڭقا كۆتۇرۇپ بىرىشى ئەمەس 2004-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى چىخ بىلەن گوللاندىيەنىڭ مۇسابىقىسدەك نادىر سەنئەت خاراكتىرلىك مۇسابىقىلەردىن قالدۇرۇپ كىتىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن،

مەن ئۇزۇم ئەڭ ياقتۇردىغان گوللاندىيە 10مۇسابىقىسىنى تىزىپ چىققان ، قىزىز يىرى كۆپىنىچىسدە ئۇلار ئۇتتۇرغان مۇسابىقە ئىكەن.



10. 2008-يىللىق ياۋۇرۇپا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابقىسىگوللاندىيە 0:3 ئىتالىيە

9. 96-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابقىسى گوللاندىيە 4:1 ئىنگىلاد

8. 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسى 8كۈچلۇك گوللاندىيە 1:2 بىرازىلىيە

7.2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 16كۇچلۇكگوللاندىيە 1:0 پورتىگالىيە

6. 98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 8كۇچلۇك گوللاندىيە 1:2 ئارگىنىتنا

5. 92-يىللىق ياۋۇرۇپا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابقىسى گوللاندىيە 1:3 گىرمانىيە

4. 2000-يىللىق ياۋۇرۇپا لوڭقىسى يىرىم ھەلقىلغۇچگوللاندىيە 0:0 ئىتالىيە   (3:1) نۇقتا توپ بىلەن شاللىندۇ

3. 98-يىللىق دۇنيالوڭقىسى يىرىم ھەلقىغۇچ گوللاندىيە 1:1بىرازىليە    4:2 نۇتقا توپ بىلەن شاللىنىدۇ.

2. 94-يىللىق دۇنيا لوڭقسى 8كۈچلۇك گوللاندىيە 3:2 بىرازىلىيە

1. 2004-يىللىق ياۋۇرۇپا لوڭقسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى گوللاندىيە 3:2 چىخ(ئامما لىكىن ماۋۇسى دەششەت مۇسابقە جۇمۇ ، نەيزە بىلەن نەيزە،پۇتۇن سەپ بۇيچە ھۇجۇم ، ھەگەر ئىككى تەرەپپنىڭ ۋاراتارلىرى ئىپادىسى قالتىس بولمىغان بولسا كىرگەن توپنىڭ سانىغا بىرنىمە دىگىلى بولمايتى.)


بەت: [1] 2 3
: ياۋورپا لوڭقىسى توغرىسىدا پاراڭلاشمامدۇق