L شەكىللىك بىنا لاھىيسى
يېقىندا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ پىلان خەرىتىسىگىلا ئاساسەن بىنا لاھيىسى تاپشۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئادەتتە پىلان خەرىتىسىگە ئاساسەن بىنا لاھىيىلەش بىرقەدەر تەسرەك. ھېچ بولمىغاندا تەكشىلىكتىكى ياكى بىنانىڭ ئۆرە كەسمە خەرىتىسى بولسا لاھىيسى بولسا ئاسانراق. چۈنكى پىلان خەرىتسى بەك ئاددى بولۇپ پەقەت بىنانىڭ قانداق شەكىلدە قانداق يەرگە ئورۇن جايلىشىدىغانلىقنى بىلدۈرەلەيدۇ. قانداق پاسوندا بولىدۇ بۇلار تەمىنلەنمەيدۇ. ياۋروپا پاسونىدىراق لاھىيلەندىكەنمىشمەنتۇق شۇڭا مۇشۇنداقراق ياساپ قويدۇم. ھەركەتلىك رەسىم ھالىتىدە چىقىرىپ قويدۇم. بۇنداق بولغاندا بىر چالمىدا 3 پاختەكنى سوققىلى بولىدىكەن. بۇ 5 سىكونتلۇق ھەركەتلىك رەسىم. كەڭلىكى 1024 ھالىتدە . رەسىمنىڭ جىم تۇرغان ھالىتى تەمىنلەنمەيدۇ
ئۇيغۇرلارغا خاس بىرە چوڭراق بىنا لايىھىلەپ باققان بولسىڭىز ۋاقتىڭىز بولسا. بىلىمىڭىز تېخىمۇ ئاشقاي سىز قۇرۇلۇش لاھىلىگۈچىمۇ ؟ سىز قۇرۇلۇش لاھىلىگۈچىمۇ ؟ دىلرۇبا تېمىنى تەھرىرلىگەندىن كېيىن باغلاشمىغان ئارتۇق كەتكەن يەرلىرىنى ئوڭشاپ قويسىڭىز بولاركەن. بىلىكتە ھوقۇق يېتىدۇ تەھرىرلەشكە، ئەمما ئىزدىنشتا ھوقۇق يوق.
ئەسلىي تېما مانا ماۋۇيەردە
http://bbs.bilik.co/thread-25060-1-1.html نىمىشقىكى مۇشۇ بلىكت دائىمل يېڭى تېمىلارنى كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ، faith ئەپەندىم سىزمۇ مۇشۇ ئەھۋالغا يولۇققانمۇ؟ JasurBay @ مەندە ئۇنداق ئەمەس، كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىدىم. بۇ بىنا تىببى ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ بۇرۇنقى ئۇنىۋېرسال بىناسىغا ئوخشاپتۇ.
بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ. سىز ياۋۇرپادىمۇ ياكى؟
CADنى يىرتىۋىتىدىغاندەك قىلىسىز... تېخىمۇ تىرىشىپ ئىزدىنىش ئەھلىگە تېخىمۇ مول ئىجادىيەتلىرىڭزنى
سۇنغايسىز!
3- قەۋەتتىكى JasurBayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىمىشقىكى مۇشۇ بلىكت دائىمل يېڭى تېمىلارنى كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ، faith ئەپەندىم سىزمۇ مۇشۇ ئەھۋالغا يولۇققانمۇ؟
بىلىكنىڭ يېڭى تېمىلېرى مېنىڭكىدىمۇ كۆرۈنمەيدۇ.مەن تېخى بۇنى بىلىكنىڭ چاتىقى ھەممىمىزنىڭكىدە شۇنداق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
ئادەتتە كىرومنى ئىشلىتىمەن،ھازىر باشقا تور كۆرگىلەردە سىناپ باقساممۇ نەتىجە يەنىلا ئوخشاش.
ئاۋۇ ئۈچبۈرجەكنىڭ ئوتتۇردىكى جەمبەرنىڭ ئورنىغا كۆزدىن بىرنى سزىىپ قويغان بولسىڭىز داڭقىڭىزنى چىقىرۋىتەتتى {:92:}
ئالدىنى يۈزىنى ئاقسارايدىن ئىلھاملاندىڭىزمۇ ؟ بىلىكتىكى يېڭى تېمىنى كۆرەلمگەنلەر كومپىيۇتېرىڭلارنىڭ تور ئۇلىنىش خاسلىقىدىكى DNS نى 8.8.8.8 گە ئۆزگەرتىۋەتسەڭلار كۆرۈندۇ.
9- قەۋەتتىكى jappar826نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ. سىز ياۋۇرپادىمۇ ياكى؟
CADنى يىرتىۋىتىدىغاندەك قىلىسىز... تېخىمۇ تىرىشىپ ئىزدىنىش ئەھلىگە تېخىمۇ مول ئىجادىيەتلىرىڭزنى
سۇنغايسىز!
مەن ياۋروپادا ئەمەس، مەن جوڭگو دەيدىغان يەردە
11- قەۋەتتىكى petir mantaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋۇ ئۈچبۈرجەكنىڭ ئوتتۇردىكى جەمبەرنىڭ ئورنىغا كۆزدىن بىرنى سزىىپ قويغان بولسىڭىز داڭقىڭىزنى چىقىرۋىتەتتى
ئالدىنى يۈزىنى ئاقسارايدىن ئىلھاملاندىڭىزمۇ ؟
شۇنىڭ بىلەن مېنىمۇ ماسونكەنسىلەر دەپتۇرۋالساڭلار ھە!
توغرا دەپسىز، خىزمەتداشلىرىممۇ ئاقسارايغان ئوخشىتىپ قويۇپسەن دەيدۇ.
لاھىيە ئەمەس لايىھە. تېمىغا ئەلا كەتتى. تېما ئىگىسىنىڭ ھەققەتەن تاللانتى باركەن. بۇ غۇلجىدا سالىدىغان بىنادەك قىلىدۇ.ياخشىكەن، تەننەرقى ئۆرە بولسىمۇ تۇۋرۇكلۇك لاھىيە بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن. مەنمۇ مۇشۇ كەسىپكە قەۋەتلا قىزىقىمەن .سىز مۇشۇ بىناكارلىق كەسپىنى قەيەردىن ئۈگەنگەنتىڭىز.مەن بۇيىل ئالىي مەكتەپكە ئمتىھان بەرمەكچى بولسا ماڭابىر مەسلەھەت بەرسىڭىز .جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ قالدىم؟ @ataxan@ مەن بۇ كەسىپنى ئۆزلىكىمدىن ئۆگەنگەن. ئەگەر ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز 建筑学 دېگەن كەسىپنى تاللاڭ.土木工程 نى تاللىسىڭىز بۇنى ئۆگىنەلمەيسىز. قايسى مەكتەپنى تاللايسىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تاللىسڭىز بولىدۇ.